ئاساسىي تېما : چىڭگىزخاننىڭ بەش مەشھۇر سۆزىئاۋاتلىقى:172ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 624
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 626 نوقتا
پۇل : 6260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:173(سائەت)

 چىڭگىزخاننىڭ بەش مەشھۇر سۆزى

    چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا قىلغان بەش مەشھۇر سۆزى دۇنيادا كەڭ تارقالغان،بۇ سۆزلەرگە بۇ تەڭرى ئەركىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت
قازىنىشتىكى بەش تۈرلۈك سىرى يوشۇرۇنغان.
    بىرىنچى مەشھۇر سۆزى: ئوت_چۆپ ئۈنگەنلىكى جاي ئات باقىدىغان جايىم بولسۇن.
    چىڭگىزخاننىڭ نىشانى يايلاق شاھى بولۇش،موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئوت_چۆپ ئۈنگەنلىكى جايلارنى ئات باقىدىغان جاي
قىلىش ئىدى. ئۇلۇغۋار غايە بۈيۈك شەخسنى يارىتىدۇ، گەرچە ھەممىلا ئادەم شاھ بولالمىسىمۇ ،لېكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ
غايىسى ۋە ياشاش نىشانى بولۇشى كېرەك.
    ئىككىنچى مەشھۇر سۆزى: دانىشمەنلەر ياكى قابىللارغا ئېرىشسەملا ئۇلارنى كەتكۈزمەي ،ماڭا ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن.
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلالىشى ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ ،لېكىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى،بۇنى چوقۇم
ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىشى كېرەك.
    ئۈچىنچى مەشھۇر سۆزى: دۈشمەننى يېڭىپ ،ئولجا ئالغان بايلىقلارنى تەڭ تەقسىم قىلىمىز.
    بۇ چىڭگىزخاننىڭ ئولجىلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدۇر.ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان يەككە
ئېلىشىدىغان شەخسىي قەھرىمانلىق دەۋرىدە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە مۇكاپاتلاش،ئەترەت ئەزالىرىنىڭ
ئىناۋەت ۋە ئابرويىنى ئۆستۈرىدۇ.
    تۆتىنچى مەشھۇر سۆزى: پولاتتەك ئىنتىزام بولمىسا ،جەڭ ھارۋىسىنى يىراققا ھەيدىگىلى بولمايدۇ.
    ئۇرۇش ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىڭگىزخاننىڭ ياسىقى ئېلان قىلىنىپ،ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالاندى.
ئۇنىڭ ئۈچ تۇغقىنى ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ،ئۇرۇش ياسىقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن،چىڭگىزخاننىڭ جازالىشىغا ئۇچرىدى.ياساقنىڭ
قاتتىق بولۇشى،تۇغقانلار بىلەن ياتلارغا باراۋەر تەدبىقلىنىشى ئۇنى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ زور ھىمايىسىگە ئېرىشتۈردى.
    بەشىنچى مەشھۇر سۆزى: كۆكسى_قارنىڭ قانچە كەڭ بولسا،ئېتىڭ شۇنچە يىراققا چاپالايدۇ.
    كۆكسى_قارنى باشقىلارنىڭكىدىن كەڭ بولغاندىلا ،جاھاننى سىغدۇرۇپ،ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئادەم
ئىشلىتىشتە مىللىتى،كېلىپ چىقىشى،تارىخىنى سۈرۈشتە قىلمايتتى،ھەتتا ئۇ ئىلگىرىكى دۈشمەنلىرىنىمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ
ئىشلەتكەنىدى.

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-02 18:45 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 203
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 203 نوقتا
پۇل : 2030 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1574(سائەت)

 

مىنىڭ بەش مەشھۇر سۈزۈم:
1.پەقەت ئادەم ياشىيالىغانكى يەردە مەنمۇ ياشىيالايمەن.
2.پەقەت ئۆزۈم ياخشى كۈرىدىغان ئادەمنى تاپساملا ئۇنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتىمەن.
3.دۈشمەنلىرىمنى يېڭىپ،ھەممە ئىشتا ياخشى نەتىجە قازنىشقا تىرشىمەن.
4.ئۆزۈمگە پۇلاتتەك ئىنتىزام ئورنۇتۇپ، ئۇيغۇرنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى،مۇسۇلمان قىزى ئىكەنلىكىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق.
5.ھەر ۋاقىت كەمتەر،خۇش پېئىل بۇلۇپ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.
Posted: 2009-03-02 21:18 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 177
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 179 نوقتا
پۇل : 1790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:68(سائەت)

 

ئۈچىنچى مەشھور سۆزىدىن نۇرغۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر غۇلاپ چۈشكەن. ھەر قېتىملىق غەلبە جېڭىدىن كېيىن بۇلاڭچى، باسقۇنچىلا بولىدىكەنتۇق.
Posted: 2009-03-02 21:29 | 2 -قەۋەت


ئىزدىسەڭ تاپارسەن...
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 309
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 309 نوقتا
پۇل : 3090 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4645(سائەت)

 

ئادەمنىڭ روھى چۈشسە، ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ.

بۇ چىڭگىزخاننىڭ سۆزىمۇ ياكى «چىڭگىزخان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋ.گ.ياننىڭ سۆزىمۇ ئېسىمدە يوق.





Posted: 2009-03-02 23:14 | 3 -قەۋەت


ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 624
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 626 نوقتا
پۇل : 6260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:173(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئىزباس نىڭ 2009-03-02 23:14 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
ئادەمنىڭ روھى چۈشسە، ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ.

بۇ چىڭگىزخاننىڭ سۆزىمۇ ياكى «چىڭگىزخان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋ.گ.ياننىڭ سۆزىمۇ ئېسىمدە يوق.


    بۇنداق دېسەڭ ۋ.گ.ياننىڭ «چىڭگىزخان» «باتۇخان»دېگەن كىتابلىرىدىكى ئادەمنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالالايدىغان بەزى
سۆزلىرى يادىمدىن كېچىۋاتىدۇ:
    __بىلەمسىز تەقسىر،زال رۇستەمگە«دۈشمەننى ئاز ۋە ئاجىز دەپ بولمايدۇ»دېگەن._...
        **********
    سېنى قوغلىغان يەردىن دەررۇ كەت،چاقىرغان يەرگە خۇشاللىق بىلەن بارغىن._«چىڭگىزخان»دىن
        **********
    قولۇڭلاردىكى خېنە ئەمەس،قىپقىزىل قان._«چىڭگىزخان»دىن
        **********
    كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىدۇ._«باتۇخان»دىن
        **********
    كىمىكى ئۆز قورۇقىنى باتۇرلارچە ھىمايە قىلمىسا ،قۇل بولىدۇ._«باتۇخان»دىن
        **********
    بەخت ئىلاھەسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ،چاچلىرىدىن تولغان تۇتۇپ ،ئاياق ئاستىڭغا بەنت قىلىۋال._«باتۇخان»دىن

يۇقارقىلار ۋ.گ يان نىڭ سۆزلىرىمۇ ياكى چىڭگىزخاننىڭمۇ ياكى باتۇخاننىڭمۇ ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن...
لېكىن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر ئۇچرىسا غىل_پاللا كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ شۇ قۇرلار.....ئىگىسى ئېسىمدە يوق.
   

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-02 23:46 | 4 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2092
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2126 نوقتا
پۇل : 21260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4817(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-03-02 23:46 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


    بۇنداق دېسەڭ ۋ.گ.ياننىڭ «چىڭگىزخان» «باتۇخان»دېگەن كىتابلىرىدىكى ئادەمنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالالايدىغان بەزى
سۆزلىرى يادىمدىن كېچىۋاتىدۇ:
    __بىلەمسىز تەقسىر،زال رۇستەمگە«دۈشمەننى ئاز ۋە ئاجىز دەپ بولمايدۇ»دېگەن._...
.......


مېنىڭچە بۇ سۆزلەر ھاجى رەھىمنىڭ ...

To be or not to be

Posted: 2009-03-03 00:38 | 5 -قەۋەت


ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 624
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 626 نوقتا
پۇل : 6260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:173(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-03-03 00:38 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


مېنىڭچە بۇ سۆزلەر ھاجى رەھىمنىڭ ...

بۇنى نەدە كۆرگىنىم يادىمدا يوق.
ۋ.گ.ياننىڭ دەپلا ئېسىمدە باركەن...بەلكىم خاتا ئەسلىۋالغاندىمەن...
مېنىڭچە ۋ.گ ياننىڭغۇ دەيمەن.

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-03 00:54 | 6 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2092
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2126 نوقتا
پۇل : 21260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4817(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-03-03 00:54 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

بۇنى نەدە كۆرگىنىم يادىمدا يوق.
ۋ.گ.ياننىڭ دەپلا ئېسىمدە باركەن...بەلكىم خاتا ئەسلىۋالغاندىمەن...
مېنىڭچە ۋ.گ ياننىڭغۇ دەيمەن.


يولداش ۋ.گ. يان دەل ئاشۇ يولداش ھاجى رەھىمنىڭ سەپەر خاتىرىسىنى ئاساس قىلىپ يازغانغۇ دەيمەن ئۈچ كىتاۋىنى ؟؟؟

To be or not to be

Posted: 2009-03-03 18:12 | 7 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تارىخقا نەزەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation