كېرەكلىكنى ئېلىش
بىر سەرگەردان يېپيېڭى بىر پىكاپنى ھەيدەپ كېتىۋاتسا ،بىر قانچە دوستلىرى توسىۋېلىپ،پىكاپنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى
سوراپتۇ.
__بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتسام،__دەپتۇ سەرگەردان،__بىر چىرايلىق قىز يېنىمغا كېلىپ پىكاپنى توختىتىپ:«ماشىنامغا
چۈشىۋالامسىز؟»دەپ سورىدى. مەن پىكاپقا چىقتىم. پىكاپ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىققاندا ،ئۇ مېنىڭدىن سۆيۈپ قويۇشۇمنى
ئۆتۈندى،ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىپ ،كالتە ئىشتان بىلەنلا قالدى،ئۇ غۇلىچىنى كېرىپ تۇرۇپ :«ئەمدى سىز كۆڭلىڭىز خالىغان
ھەر قانداق نەرسەمنى ئالسىڭىز بولىدۇ .»دېدى. قاراپ باقسام ،ئۇنىڭ كىيىملىرى ماڭا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن، شۇڭا مەن
پىكاپنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم.
ئاڭقىرالماسلىق
ئا: مەن بىر تەھدىت خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم.خەت يازغۇچى ماڭا،ئايالىم بىلەن ئالاقە قىلما، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن دەپتۇ.
ب: بۇ ئەسلىدىنلا بىر سەت ئىش،ئەڭ ياخشىسى سەن تېزراق ئالاقەڭنى ئۈز.
ئا: مېنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم بار،بىراق خەتتە ئىمزاسى بولمىغاچقا ،قايسى ئايال بىلەن ئالاقەمنى ئۈزۈشنى بىلەلمەي قالدىم.
كەچ كېلىپ ئەتىگەن تۇرۇش
__پېتىر،بۈگۈن چىرايىڭ ئەجەپ سولغۇنغۇ،نېمە بولدۇڭ؟ ئۇيقۇڭ قانمىغاندەكلا..؟
__كېچە قىمار ئويناپ ،تاڭ يورۇي دەپ قالغاندا ئۆيگە كەلگەن ئىدىم، كىيىملىرىمنى سېلىۋاتسام، ئايالىم ئويغىنىپ، ئەجەپ بالدۇر
تۇرىۋاپسىزغۇ، دېدى.شۇنىڭ بىلەن باشقىدىن كىيىنىپ ئىشقا كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئادەم ئازايتىشنى تەلەپ قىلىش
بىر قىز ساقچى ئىدارىسىگە تېلىفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىپتۇ:
__ساقچى باشلىقى ئەپەندى،ئىشىك ئالدىمدا ئىككى ئەر كىشى كەتمەي تۇرىۋالدى.سىز ئادەم ئەۋەتىپ،ئۇلارنىڭ بىرىنى تۇتۇپ
كەتسىڭىز قانداق؟
سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ
ئېكراندا قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپ كۆرۈنۈپتۇ.
ئايال: قارىغىنا ئۇلارغا!سەن بىرەر قېتىممۇ ماڭا ئاشۇنداق قىزغىن بولۇپ باقمىدىڭ.
ئەر: ھەي،ئۇنىڭغا سېلشتۇرغىلى بولامدۇ؟ئۇ ئەر دېگەن ئارتىس،ئۇنىڭ رول ئېلىش ئۈچۈن قانچە پۇل ئالىدىغىنىنى بىلەمسەن؟
كۈتۈلمىگەن جاۋاب
جوھانسىن خانىم ئۆيىدىكى چىرايلىق ئايال خىزمەتكارنى ئىككى ئوغلۇمنىڭ بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ گۇمان قىلىدىكەن.
بىراق قايسى ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.بىر كۈنى ئۇ خىزمەتكارىدىن سوراپتۇ:
__ئېيتىڭا، ئېلىزا،ئەگەر ئوغۇللىرىم سىز بىلەن سىرتقا ئوينىغىلى چىقماقچى بولسا،سىز قايسىسىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟
__بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس،خانىم،مەن ئىككىلا ئوغلىڭىز بىلەن سىرتقا چىقىپ باققان،ھەر قېتىمدىلا كۆڭۈللۈك بولغانىدى.
بىراق،راست گەپنى قىلسام،يەنىلا جوھانسىن ئەپەندىم بىلەن بىللە چىققانغا يەتمەيدىكەن.
ئەرنىڭ جاۋابى
بىر ئايال نۇتۇق سۆزلەۋېتپ مۇنداق دەپتۇ:
__نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان،ئاياللار ئەرلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكى ۋە كەمسىتىشىنى يەتكۈچە تارتتى، تارتمىغان ئازابى قالمىدى.
ئېيتىڭلارچۇ؟ ئاياللار قانداق دەردنى تارتىپ باقمىدى؟
بىر ئەر ئېغىز ئېچىپتۇ:
__ئەرلەر تارتقان دەردنى تارتىپ باقمىدى.
كولومبو ھەققىدە پاراڭ
ئەر: مېنىڭچە كولومبونىڭ چوقۇم خوتۇنى يوق،بولمىسا، ئۇ ھېچقانداق چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپالمىغان بولاتتى.
ئايال: نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟
ئەر: ئەگەر خوتۇنى بار بولغان بولسا،كولومبو دېڭىز سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن،خوتۇنى ئۇنىڭدىن،نەگە بارىسەن؟ نېمە ئۈچۈن
بارىسەن؟ قانداق ئىشىڭ بار؟كىم بىلەن بىللە بارىسەن؟قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كېلىسەن؟...دېگەنلەرنى سوراپ ئاۋارە قىلغان بولاتتى.
ئايال: كولومبو بۇ سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك،ئەلۋەتتە!
[ مەزكۇر پۈتۈك دەلتە تەرىپىدىن 2009-03-02 18:26 دە تەھرېرلەندى. ]