ئاساسىي تېما : يىغىپ ساقــــــلاپ قويغان يۇمـــۇرلــۇرۇم (6)ئاۋاتلىقى:106ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2727
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2751 نوقتا
پۇل : 27510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2888(سائەت)

 يىغىپ ساقــــــلاپ قويغان يۇمـــۇرلــۇرۇم (6)


نىشاننى تېپىۋېلىش

بىر ئەمە كىشى ئاپشاركىسىنى يېتىلەپ تۆت كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئەمما يېشىل چىراغ يانسىمۇ ئاپشاركا ئېگىسىگە يول باشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۇنىڭ شىمىغا سىيىپ قويۇپتۇ. ئەجەپلىنەرلىكى، ھېلىقى ئەما قىلچە رەنجىمەستىن ئاپشاركىسىغا پىرەنىك بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىرەيلەن ھەيرانلىق بىلەن:
- ناۋادا ئۇ مېنىڭ ئاپشاركام بولغان بولسا، كۆتىگە راسا تەپكەن بولاتتىم، - دەپتۇ.
ئەما كىشى ئىزاھلاپ:
- مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ بېشىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ.


خوتۇنىنى كۈتۈۋالغىلى بېرىش

ئېرى ئايرودرومغا كاماندوروپكىدىن قايتىپ كەلگەن خوتۇنىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. خوتۇنى ئېرىنىڭ سۆرۈن تەلەتىنى كۆرۈپ:
- چىرايىڭىز نېمانچە سۇلغۇن؟ قاراڭ ئاۋۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا، نېمىدېگەن قىزغىن، نېمىدىگەن خۇشال-ھە! - دەپتۇ.
- چۈنكى، ئۇ كىشى خوتۇنىنى ئۇزىتىپ قويغىلى چىقىپتۇ! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئېرى.


ئۆز قەرەلىدە

بىر بىمار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئۈچىيىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.
دوختۇر:
- چوڭ تەرىتىڭىزنىڭ قەرەلى بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بار، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت دەپ يەتتىدە چوڭ تەرەت قىلىمەن.
- ئۇنداقتا سىزدە يەنە قانداق مەسىلە بار؟ - دەپ سوراپتۇ دوختۇر چۈشىنەلمەي.
- مەسىلە شۇكى، مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئاران ئورنۇمدىن تۇرىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىمار ئوڭايسىزلانغان ھالدا.


كۈنلۈك قانچە ياش

- شاكىچىك، قانچە ياشقا كىردىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي ئەكبەردىن.
- ئالتە ياشقا كىردىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەكبەر پەخىرلەنگەن ھالدا. بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەمما سېنىڭ بويۇڭ مېنىڭ قولۇمدىكى كۈنلۈكچىلىكمۇ كەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ، - دەپتۇ.
- ئۇنداقتا كۈنلۈكىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ - دەپ سوراپتۇ ئەكبەر كۈنلۈككە تىكىلگىنىچە قايىل بولمىغان ھالدا.


زۇكام

ئا:
- ئۆيۈمدىكىلەر ماڭا بىر ئازمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ب:
نېمانداق گەپ قىلىسەن، ئۆتكەندە قاتتىق زۇكام بولۇپ قىزىپ كەتكەندە، ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىگەندىن-كەچكىچە كارۋېتىڭنىڭ يېنىدىن كەتمىدىغۇ؟
ئا:
- ۋاي، ئۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ھۇجرىلىرىدىكى ئوچاق بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، شۇڭا يېنىمغا كىرىپ ئىسسىنىۋالدى!


ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش

  لاۋۋاڭ ئەر خوتۇن ئارمىيدىن چىكىنگەن ھەربىيلەر بولۇپ ، ئەتىۋارلىق قىزى ئۇلارغا بىر ئەجنەبي كۇيئوغۇل تىپىپ بىرىپتۇ . كۇيئوغۇل ئۆيگە كىرىپ تاماق يەۋاتقاندا ، قىيىنئانىسى ھەدەپ كۇيئوغۇلنىڭ قاچىسىغا گۆش قىسىپ سىلىۋەرسە ، قىزى كۆڭلىدە خوش بولسىمۇ ، قىزارغاندەك قىلىپ :
--ئانا، سىز نىمشقا گۆشنى ئۇنىڭ قاچىسىغلا سىلىپ ، مىنىڭ قاچامغا سالمايسىز ؟-دىگەنكەن لاۋۋاڭ :
--ئاناڭ ئارمىيمىزنىڭ ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئاملە قىلىشتەك ئىسل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلۋاتىدۇ . دىگۇدەك ...


كىمىنى ئەڭ ياخشى كۆرۇش

  دادىسى ئوغلىدىن :
--سەن كىمىنى ياخشى كۆرسەن ؟ مىنىمۇ ياكى ئاناڭنمۇ ؟-دەپ سورىغانكەن . ئوغلى
--ھەر ئىككىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .دادىسى :
--ئەگەر مەن نىيۇرۇكقا ، ئاناڭ پارىژغا بارسا قەيەرگە بارىسەن ؟- دەپ سورىغانكەن ئوغلى :
--پارىژغا بارىمەن -دەپ جاۋاب بىرىپتۇ دادىسى نىمشقا دەپ سورىغانكەن ئوغلى :
پارىژ چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بولمامدۇ - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .دادىسى يەنە ئۇنداقتا مەن پارىژغا ئاناڭ نىيۇرۇكقا بارساقچۇ ؟- دەپ سورىغانكەن ئوغلى :
--ئەلۋەتتە نىيۇرۇكقا بارىمەن ،دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .دادىسى مەيۇسلىنىپ :
-- نىمشقا ھە دىسە ئاناڭغا ئەگىشىپ ماڭىسەن؟- دەپ سورىغانكەن ،ئوغلى :
--چۈنكى مەن ھىلىلا پارىژغا بارغان ئەمەسمۇ -دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.


ئېتىلىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ

ياقۇپ بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ،كەيپى تۇشقاندا غەيۋەتكە چۇشۇپ قاپتۇ.ئارىدىن بىر قوپۇپ:
 - ئاغىنىلەر ،مۇشۇ ھوكىمەتمۇ قىزىقكەن،قىسقا يوپكا كىيگەن ئاياللارنى تېىرپ ئەكىلىپ سولىۋەتسە بولىدۇ ،-دەپتۇ. - مەنچە بولسا،_ دەپتۇ يەنە بىرسى،ئاتمىش سانتا كىيگەنلەرنى ئون بەش يىلدىن يىگرىمە يىلغىچە كېسىپلاۋەتسە._ بۇ دىگىنىڭمۇ توغرا دەپتۇ ياقۇپ _ قىرىق سانتا كىيگەنلارنى ئومۇرلۇك قاماق جازاسىغا بۇيرىۋەتسە،_شۇ ئارىدا بىرسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مىچىلداپ يىغلاپ كىتىپتۇ._نىمە بولدۇڭ ئادىشوي،_ دەپ سوراپتۇ ياقۇپ_ سىلەر دىگەندەك بولسا،_ دەپتۇ ئاغىنىسى چۇشەندۇرۇپ،_ بىزنىڭ خوتۇن گەپ _ سۆز يوق ئېتىلىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.


كەلتۇرۇش

ياقۇپقا ياش ۋاقتىدا ئىككى قىز كۆيۇپ قالغان ئىكەن.توي قىلدىغان چاغدا قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئادىل ،ھەققانى بىر ئۇسۇلىنى يەنى تاماق ئەتكۇزۇش شەكلى بىلەن سىناپ بىقىش،قايسىنىڭ قولىنىڭ تۇز _ تەمى ياخشى بولسا شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارارغا كەپتۇ.ئارسىدا بىرسىنىڭ ئەتكەن لەغمىنى ،ياقۇپقا بەكلە تېتىپ كىتىپتۇ.ۋەدە بۇيچە شۇ قىز بىلەن نىكاھ قىپتۇ.خىلى يىللاردىن كىيىن يەنە بىر قىز بىلەن كوچىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ.ياقۇپنىڭ ئاغزى قىچىشىپ ئۇ قىزغا بىر كوبلىت شېئىريى چاخچاق قىپتۇ:

قېرىپ قالدىم دىسەممەن،
ساقىلىم يوق ئىڭەكتە.
سېنىڭ ئوتوڭ كۆيمەكتە،
ھازىرغىچە يۇرەكتە.

قىزمۇ بوش كەلمەپتۇ،ئۇلاپلا توۋەندىكىدەك جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
كۆيىۋاتقان ئاشۇ ئوت،
كۇكۇم ئەمەس مەڭگەندۇر.
ئىككىمىزنى ئايرىغان،
تەقدىر ئەمەس لەڭمەندۇر.


ناچار خوشنا

بىر ئەر ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ قوشنىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدى:
--- بىزنىڭ بىرەر نەرسىمىز قوشنامنىڭ ھويلىسىغا چۈشۇپ كەتسە، قوشنام زورلۇق بىلەن ئۆزنىڭ قىلىۋالىدۇ.تام قوشنا بولغاندىكىن بەزىدە يېيپ قويغان كىيىم - كىچەك ، پاسىلدىكى ئالما دەرىخنىىڭ مىۋىسى ئۇياققا چۈشۇپ كېتىدىغان، توخۇ - تۇمانلار ئۆتۇپ كېتىدىغان ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدىكەن،لېكىن قوشنام بىرىنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.
---- بۇ ئادەتتىكى ماجىراغا كىرىدۇ، دىلو تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ،-دىدى ساقچى،--قوشنىلار ئۆز - ئارا كېلىشىۋالساڭلار بولىدۇ.
---- بۇلارنىڭ كىچىك ئىش ئىكەنلىگى راست،-- دىدى ئۇ ئەر،---لىكىن چاتاقنىڭ چوڭى ، بۈگۈن ئەتىگەن خوتۇنۇم ئالما كۆچىتىنى پۇتاۋىتىپ ، ئېتىياتسىزلىقتىن قوشنامنىڭ ھويلىسىغا چۈشۇپ كەتتى .


                                        قەبىرە ئابىدىسى

بىر ئايالنىڭ ئېرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى .ئۇ ئېرىنىڭ قەبرىسىگە ئابىدە تىكلەپ ، مۇنداق سۆزنى يېزىپ قويدى:
<< مىنىڭ ھايات چىرىغىم ئۆچتى>>
ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇ يەنە بىر ئەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم ئۇنىڭغا ياتلىق بولدى.
ئۇ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن ، قەبىرە تېشىدىكى ئەسلىدىكى سۆزنىڭ ئارقىسىغا يەنە بىر جۈملە سۆز قۇشۇپ قويدى:
<< مىنىڭ ھايات چىرىغىم ئۆچتى. لېكىن مەن بىر تال سەرەڭگە تېپىۋالدىم.>>


 تېتىپ بېقىش

دورىگەر قۇشۇنسى ئاچقان كىتاپخانىغا كىرىپ ،كىتاپ جازىسىدىن بىر كىتاپنى ئېلىپ سوراپتۇ:
_بۇ كىتاپ قىزىقارلىقمۇ؟
_ئۇقۇپ باقمىدىم ،بىلمەيدىكەنمەن.
_ئۆزىڭىز كىتاپ ئۇقىمىسېڭېز ،نىمىشقا كىتاپ ساتسىز دەپتۇ ؟
_سىزمۇ دورىلېرىڭىزنى تىتىپ باقمايلا <ئاچىق ئەمەس >دەپ ساتسىزغۇ!


ئاز سۆزلەش

جون:ئايالىڭىز قانداق چاغدا ئاز -سۆزلەيدۇ؟
ھېنرى:2-ئايدا .
جون:نىمىشقا؟
ھېنرى:2ئاي 28كۈنلۈك ئەمەسمۇ؟


ئوغۇل بالا

بىر پىخسىق ئەر ئايالىنى چىش دۇختۇرخانىسىغا ئەكەپتۇ -دە دۇختۇردىن سوراپتۇ:
_دۇختۇر ،بىر تال چىشنى تارتىشقا قانچە پۇل ئالىسىز؟
_ناركوز ئىشلەتكەن باھا بىلەن ئىشلەتمىگەن باھا ئوخشىمايدۇ ،سىز ناركوز ئىشىلتەمسىز ؟
_ناركوزنىڭ كېىرىگى يوق ،بىزنىڭ خۇتۇن دىگەن <ئوغۇل بالا >.


گۇناھ

بىر كىشى پوپقا :
_ پوپ ، مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم ،_ دەپتۇ . پوپ :
_ بالام ، گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ، ئېيتىڭچۇ ، سىز قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدىڭىز ؟ _ دەپ سوراپتۇ . ئۇ كىشى :
_ مەن بىر كالا ئوغىرلىغان .ئىدىم ، ئەمدى قانداق قىلسام بولار ؟ ئەڭ ياخشىسى ، بۇ كالىنى سىزگە بېرىۋىتەيچۇ ! _ دەپتۇ . پوپ :
_ ماڭا كالا لازىم ئەمەس ، سىز ئۇ كالىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىنىڭىز تۈزۈكمىكىن ، _ دەپتۇ . ھېلىقى كىشى :
_ لېكىن ئۇ كالىنىڭ ئىگىسى كالىنى لازىم ئەمەس دەيدۇ ، _ دەپتۇ . پوپ :
_ ئۇنداقتا ئۇ كالىنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتسىڭىز بولغىدەك ، _ دەپتۇ . كەچتە پوپ ئۆيىگە كېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، بىر كالىسى يوق تۇرغۇدەك .


ئىستىپا بېرىش

مايىك ھەربى قۇرال - ياراغ زاۋۇتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ يەنە ئىشسىز قاپتۇ . كۆپچىلىك ھەيران بولۇشۇپ ئۇنىڭدىن :
_ مايىك ، نىمىشقا بىر ئوبدان خىزمىتىڭدىن ئىستىپا بەردىڭ ؟ _ دەپ سوراپتۇ :
_ ھەي ، خوجايىننىڭ كۆزى بەك كىچىك ئىكەن . ئالدىنقى قېتىم پارتلاتقۇچ دورا قاچىلاۋاتقاندا پارتىلاش يۈز بېرىپ ، پارتىلاش زەربىسىدە ھاۋاغا قاڭقىپ كەتكەنىدىم ، ئاي ئاخىرىدا خوجايىن ئىش ھەققىمدىن تۇتۇۋاپتۇ . سەۋەبى ، مەن ھاۋاغا قاڭقىپ يەرگە چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ئالتە سىكىنۇت ئىش قىلمىغان ئىكەنمىن ، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .

ئەپەندىم بىر قوينى بازارغا ساتقىلىئىلىپ چىقىپتۇ،
بىر خېرىدار كېلىپ ئەپەندىمدىن:"ئەپەندىم قوينى قانچىگە ساتىسىز؟" دەپ سوراپتۇ.
ئەپەندىم:"بۇ قوي ئۆزۈمگە ئالتە تەڭگىگە توختىغان، يەتتە تەڭگىگە ساتايمىكىن دەپ تۇرىمەن، بەلكىم خېرىدار چىقىپ قالسا يەتتە تەڭگىگە ساتارمەن، قويۇمغۇ سەككىز تەڭگىگىلىك، ئەگەر قويۇمغا كۆزىڭىز چۈشكەن بولسا، توققۇز تەڭگە قىلىڭ-دە، ئون تەڭگىگەساتاي." دەپتۇ.

قىرىق يىل كېچىكىپ قېلىش


بىر يىگىت ئۆزىنىڭ ياتىقىغا كىرىمەن دەپ بىر موماينىڭ ياتىقىغا كىرىپ قاپتۇۋە قاتتىق خىجىل بولۇپ ئەپۇ سوراپ:
-كەچۈرۈڭ سەت ئىش بولدى،مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن،-دەپتۇ.
-ئۇنداق بولىشى ناتايىن،-دەپتۇ موماي،-بىراق سىز قىرىق يىل كېچىكىپ كىردىڭىز.



ئەجرى بىكارغا كېتىش
ئاپتۇبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بىر-بىرىگە يېپىشىپ كېتىپتۇ.بىر نەچچە بىكەت ماڭغاندىن كىيىن يىگىت ئاپتۇبۇستىن چۈشمەكچى بولغان ئىكەن، قىز ئۇنىڭ ئايقىغا قاتتىق دەسسەپتۇ.
-ۋايجان!نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟!
-كېلەر قېتىمدا،-دەپتۇ قىز زدردە بىلەن پىچىرلاپ،-تۈگىتەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلغۇچى بولماڭ!


ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بار

پادىشاھ ئوردىنىڭ پەشتىقىدا تۇرۇپ خالايىققا قول پۇلاڭلىتۋاقتقانداتۇيۇقسىز كىشلەر ئارسىدا ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قەلەندەرنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىپتۇ ۋە:
--ئېيىتقىنا،بۇرۇن سېنىڭ ئاناڭ ئوردىدا كېنىزەك بولغانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
---يوقسۇ ئالىيلىرى،-دەپتۇ قەلەندەر،-بىراق دادام بۇرۇن ئوردىدا خىزمەت قىلغان.
بىر ساختا پۇل باسىدىغان ئادەم ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر قەغىزى 15يۈ ەنلىك پۇل بىسىپ قويدى ! ئۇ بۇ پۇلنى چەترەك بىرەر تاغلىق يىزىدا خەجلىۋەتمەكچى بولۇپ ، شۇنداق چەت بىر يىزىغا كەلدى -دە بىر يايمىچىدىن بىر يۈ ەنلىك مال ئىلىپ ھىلىقى پۇلنى بەردى . ئۇ قايتۇرۇلغان پۇلغا قاراپ ھەيران قالدى ! ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغىنى يەتتە يۈ ەنلىكتىن ئىككى قەغەز ئىدى !
*************************************
- ئاخشام توي كىچىسىنى قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭ ؟
- توي كىچىسىنىغۇ ياخشى ئۆتكۈزدۈم ، لىكىن شاللاق ئاياللار بىلەن تولا ئارلىشىۋىرىپ، ئاخشام يادىمدا يوقلا ياستۇقنىڭ ئاستىغا پۇل قويۇپ قويۇپتىمەن .
- بوپتىلا ، ئايالىڭ بۇنى خاتا چۈشىنىپمۇ كەتمەس !
- لىكىن ئۇمۇ ئەتىگەن ئۇيقىچىلىقتا ياستۇقنىڭ ئاستىنى سىپاشتۇرۇپ يۈرىيدۇ !
*************************************
بىر كىشى ئۇزۇن سەپەرگە كىتىۋىتىپ يولدا ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ . ئۇ شۇ يەردىكى بىر يالغۇز ئۆيگە كىرىپ پاناھلانماقچى بولۇپ ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ . ئۆيدىن ناھايتى چىرايلىق بىر ئايال چىقىپ ،ئۇنى قارشى ئاپتۇ . ئەر بۇ ئۆيدە ئۇ ئايالنىڭ يالغۇز تۇرىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ . ئايال ئۇنى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. لىكىن ئەر، ئايالنىڭ چىرايىنى ئويلاپ پەقەتلا ئۇيقىسى كەلمەپتۇ . دەل شۇ چاغدا ئىشىك چىكىلىپ ، ئايال كىرىپتۇ ۋە ئەرگە دەپتۇ :
- زىرىكتىڭىزمۇ ؟
-ئامال يوقتە!
- بىرسىنىڭ سىزگە ھەمرا بولۇشىنى خالامسىز ؟
- ۋاي خالىمامدىغان !
- ئۇنداقتا ياخشى ! يەنە بىر ئەپەندىنىڭمۇ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن . ئىككىڭلار مۇشۇ ئۆيدە بىرگە يىتىڭلار !

ئاخىرقى ئارزۇ

-- سەن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىسەن، ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇڭنى ئېيت -دېدى سوتچى.
جىنايەتچى ئۆتۈندى:
-- ماڭا ئوق ئۆتمەس كىيىم كەيگۈزۈپ قويغان بولساڭلار.

ئاجايىپ ئىشلىگەن كاللا

چار پادىشاھ دەۋرىدە سۇ ئۇزۈشنى بىلمەيدىغان بىر ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتتى.
-- قۇتۇلدۇرۇڭلار! -- ئۇ جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.
نىرراقتا كىتىۋاتقان ئىككى ساقچى كارى بولماي كىتىۋەردى.
ئۇ ئادەم كاللىسىنى دەرھال ئىشلىتىپ ۋارقىرىدى:
-- يوقالسۇن چار پادىشاھ!
ئىككى ساقچى ئوقتەك ئىتىلىپ كىلىپ ئۆزلىرىنى دەرياغا تەڭلا ئاتتى،
ئۇنى سۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ سولاقخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

***********************************************
بىر كۇنى بىر ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىللىرىغا «تېپىش ۋە ئىجات قىلىش » دىگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ،
«تېپش»دىگەن ئەمەلىيەتتە بار نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ چىقىش.
«ئىجات قىلىش» دىگەن ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇش ئىجات قىلىش دىگەنلىكتۇر.
سىلەر مۇشۇ سۆزلەرگە جۇملە تۇزۈڭلار دەپتۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا بىر ئوقۇغۇچى ئويناپ ئولتۇرغانىكەن، مۇئەللىم
ئۇ ئۇقۇغۇچىنى چاقىرىپ ،سەن جۇملە تۈزۈپ باققىن دىگەنىكەن، ئۇ ئۇقۇغۇچى بىردەم تۇرۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ.
دادام بولسا ئاپامنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، ئىككىسى بىرلىشىپ مىنى ئىجات قىلىپ چىقىپتۇ.
************************************************************
بىر باي ئۈيىگە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىىلىپ يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئاغان ۋاقتىدا ئۇلارنى ئۇبۇرنىغا كىرىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ، 1- سى چىقپ قولنى يۇماپتۇ،2-سىمۇ چىقىپ قولىنى يۇماپتۇ،3-سى چىقىپ قولىنى يۇيۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باي ئۇنى ئەپ قاپتۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن دىققەت قىلسا چىقىپ ئۇمۇ قولنى يۇيماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي ئۇنىڭدىن سوراپتۇ سەن خىزمەتكە چۈشىدىغان ۋاقتىڭدا چىقىپ قولۇڭنى يۇغان ئىدىڭ ئەمدى ئەجەپ يۇمىدڭىغۇ؟ ئۇ دەپتۇ <ئالدىنقى قېتىم قەغەز ئېلۋالماپتىكەنمەن>
************************************************************
ئېرى ھەر كۇنى غەرق مەست ھالەتتە ئويگە قايتىپ كېلىدىغان بولۇۋاپتۇ.ئايالى ئۇنىڭ نىمە ئۇچۇن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى زادىلا چۇشىنەلمەي:
-ھاراقنى كوپ ئىچكەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟-دەپ سوراپتۇ.
ئېرى:
-ھاراقنى كوپ ئىچسە،سەت نەرسىەرمۇ چىرايلىق كورۇنىدۇ،-دەپتۇ.
ئايالى:
-نىمېگە ئاساسەن شۇنداق دەيسىز؟
ئېرى:
-ئۇنتۇپ قالغىنىڭنى قارا ،مەن ساڭا مەست بولۇپ قېلىپ توي تەلىپى قويغان ئەمەسمۇ....
***************************************************************
ئىككى كىشى بىر ياتاققا ئورۇنلىشىپتۇ.كېچە سائەت ئۇچ بولغان بولسىمۇ،ئۇلاردىن بىرى توختىماي گەپ قېلىۋېرىپتۇ.بىر چاغدا ھېلىقى ئادەم يەنە گەپ باشلاپ :
-ھازىر سىز بىر چىرايلىق قىزغا يولۇقسىڭىز نېمىلەرنى دەيسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
-يەنە نىمە دەيسەن؟ئۇخلا دەيمەن،-دەپتۇ ئۇخلىيالمىغىنى.

ئاسانغا توختىمىدى

جاۋاپكار ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتقا ۋەدە بىرىپتۇ : بىڭسىڭىزنى ئىشلىتىپ مىنى تۈرمىدە پەقەت يىرىم يىللا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز ، نورمىدىن سىرت يەنە مىڭ سومغا ئىرىشسىز دەپتۇ . جاۋاپكار ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپتۇ ، ئادۋۇكات پۇلنى ساناۋىتىپ ، جاۋاپكارغا : بۇئىش تازا تەسكە چۈشتى ، ئەسلىدە سودىيە سىزنى گۇناھسىز دەپ قويىۋەتمەكچىكەن دەپتۇ.

ئۆزگەرتەلمىگەن ئادەت

شوپۇرلۇق پىراۋىسى تارقىتىش خىزمىتى بىلەن يىگىرمە يىل شۇغۇللانغان بىر خادىم توي خىتى بىجىردىغان يەرگە يۆتكىلىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاۋارچىلىققا يولۇقۇپتۇ . توي ختى ئالغىلى كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن ئاچچىقلىنىپ قايتىدىكەن . باشلىق كىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ . ئۇ كىشى:
- پەقەت ئۆزگەرتەلمىدىم، دەپتۇ پەس ئاۋازدا، كونا ئادىتىمنى تاشلىيالمايۋاتىمەن ، ھەدىسىلا ، توي ختى ئالغىلى كەلگەنلەردىن ، خەت ئىلىشتىكى مەقستىڭىز تىجارەت قىلىشمۇ ياكى كۆڭۈل ئىچىشمۇ دەپ سوراپ قالىدىكەنمەن.


ئاشقان پۇلغا ئىلىپ يە.....

بىر دارازا بىلەن بىر پاكىنەك ساياھەتكە چىقىپتۇ ، ئۇلار مىڭىپ مىڭىپ شاخلىرى ناھايتى زىچ ئۆسكەن بىر ئورمالىققا يىتىپ كەپتۇ . بۇ ئورمانلىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆمىلەپ مىڭىشقا توغرا كىلىپ بۇ جەرياندا دارازا ناھايتى قىيلىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پاكىنەك ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ، بويى ئىگىز بولغاننىڭ نەرى ياخشى، تۈپتۈز يولدىمۇ ئىڭىشىپ ماڭالمىغان ، كىيىم كىيسىمۇ ئارتۇقچە چىقىم قارا سىنىڭ بىر قىتىم كىيگەن ئىشتىنىڭنى مەن ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ئۈچ قىتىم كىيىمەن دىمەك ئىككى ئىشتاننىڭ پۇلىنى تىجەپ قالدىم دىگەن گەپ يەنىلا پاكا بولغان ياخشى دەپتۇ. دارازا بۇنى ئاڭلىماسقا سىلىپ مىڭىۋىرىپتۇ ،يولدا ئۇلارغا ئالمىلىق بىر باغ ئۇچراپتۇ. دارازا پىشقان ئالمىلاردىن ئۈزۈپ يەپ مىڭىپتۇ ، بۇنى كۆرگەن پاكىنەك ماڭىمۇ بىر ئىككىتال ئۈزۈپ بەرمەمسەن دەپتىكەن، ئىشتاندىن ئاشقان پۇلغا ئىلىپ يىمەمسەن دەپتۇ دارازا.

يولدىشىمنىڭ كىلىدىغان ۋاقتى بولدى

بىر ئەر دائىم كەچلىكى ئىشلەيدىكەن ، بىر كۈنى خىزمەتتىن ناھايتى كەچ چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۆيگە كەلسە ئايالى ناھايتى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان، ئايالىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئورنىغا ئاستا كىلىپ يىتىۋاپتۇ، بىر چاغدا ئايالى ئويغۇنۇپ ئىرىنى نوقۇپ ئۇيقۇچىلىقتا ۋاي سىز تىخى چىقىپ كەتمىدىڭىزما: ئىرىمنىڭ كىلىدىغان ۋاقتى بولدى...............
*****************************************************
بوۋاي: يېڭى ئالغان ئايالىم ھامىلدار بولدى !
دوختۇر: بۇ مۇمكىن ئەمەس!
بوۋاي : راست ،ئىشەنمىسىڭز تەكشۈرۈپ بېقىڭ
دوختۇر: بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، سىز دىگەن ئەللىكتىن ئاشقان تۇرسىڭىز ،مەن سىزنى تەكشۇردۇم ،بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !
مەن شۇنداق بولسىمۇ ئايالىڭىزنى تەكشۇرۇپ باقاي،
تەكشۇرۇشتىن كېيىن:
دوختۇر: مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، بۇرۇن بىر بوۋاي بار ئىكەن ،ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا چىقىمەن دەپ ،مىلتىق ئالدىم دەپ ئويلاپ كۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇ بىر بۇغىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىلتىقىنى ( ئەمىليەتتە كۈنلۈك) قولغا ئېلىپ قارغا ئېلىپ بىر ئېتىپتىكەن
بۇغا گۇپپىدە چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ !
بوۋاي : بۇ مۇمكن ئەمەس ، قانداقمۇ كۈنلۈكتە بۇغا ئاتقىلى بولسۇن ،كۈنلۈكتىن ئوق چىقمىسا يا ؟!
دوختۇر: توغرا ،ئۇ بۇغىنى ئەسلى باشقا بىرسى قارغا ئېلىپ ئېتىپتىكەن !

*******************************************************
بىر كۈنى مەسچىدتە جامائەت ئىمامدىن سوراپتۇ :
ئىمام ! ئاڭلىساق شەيتان ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا دوزاختا جازالىنىدكەن، ئىنساننى دوزاختا كۆيدۇرسە ئازابلىندۇ،
ئەمما شەيتان دىگەن ئەسلى ئوتتىن بولغان نەرسە تۇرسا ،قانداقسىگە دوزاقتا كۆيدۈرگىلى بولدۇ؟
ئىمام ھىچنىمە دىمەستىن سۆزىنى تۈگىتىپ ،دۇئا قىلىپ ،نامازدىن يېنىپتۇ، سىرتقا چىقىپ ئىمام قولىغا يوغان كېسەكتىن بىرنى ئېلىپ
ھېلىقى سۇئال سورىغان ئادەمنىڭ بىېشىغا بىرنى قويۇپ دەپتۇ : سىزمۇ تۇپراقتىن يارتىلغان ،تۇپراق بىلەن ئۇرسا ئاغرامدىكەن .

********************************************************
بىر ئادەم ئەرلەر كېسلگە گرىپتار بوپتۇ ، دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى بېرىپ ،بۇنىڭغا ئىسپىرمىڭىزدىن ئازراق چىقىرپ ئەتە ئېلىپ كېلىڭ ،تەكشۈرمىز دەپتۇ ئۇ ئەتىسى قۇتىنى قۇرۇق ئېلىپ كەپتۇ نىمە بولدى ؟ قۇرۇق ئەكەپسىزغۇ ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر. 
بىمار: مەن ئۆيگە بېرىپ قولۇم بىلەن ئىككى سائەت جېدەللەشتىم ،چىقمىدى ئايالىم كىرىپ ئۇمۇ جېدەللەشكەنتى ،چىقىرالمىدى قىزىم كىرىپ قىلىپ باقتى ،يەنىلا چىقرالمىدى،ئاپام ،ھەدەم ۋە ئۆيدىكەرنىڭ ھەممىسى قىپ باقتى بەقەت چىقمىدى - دەپتۇ .
دوختۇر: بۇ قانداق گەپ ،مۇشۇ ئىشقا قىزىڭىز ۋە ئۆيڭىزدىكەلرنى ئىشقا سالدىڭىزما ،سىز قانداق ئادەم ؟
بىمار : قانداق قىلىمەن ،چىقمايۋاتسا ؟
دوختۇر: نىمە چىقمىدى؟
بىمار: قۇتىنىڭ ئاغزى

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-02 10:49 | [پۈتۈكچى]


قارا يىلان...........
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 861
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:554(سائەت)

 

ئالامەتكەن  ...      

بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە  يۇرىكىڭ دەرت تارتماس.

Posted: 2009-03-02 13:12 | 1 -قەۋەت


  يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ  ....
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 142
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 142 نوقتا
پۇل : 1420 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:182(سائەت)

 

ئازاپ ،،،،
سەن گوياكى غايەت زور گۈلخان ، مەن سىنىڭدە كۆيگەن ئاجىز شاخ .ساراڭ بولدۇم ئوڭ سۆزلەيدىغان ، سەن تاش كەبى مىنى ئەزگەن چاغ .

Posted: 2009-03-02 18:08 | 2 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2762
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2788 نوقتا
پۇل : 27880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

قادىخان يۇمۇرنى ئاز - ئازدىن يوللىسىڭىز بولمامدۇ ، ئوقۇپ بولالمايدىكەنمەن ~~~ 

Posted: 2009-03-03 04:15 | 3 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2727
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2751 نوقتا
پۇل : 27510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2888(سائەت)

 

مۇنداق دەڭ ، بۇندىن كىيىن ئاز-ئازدىن يوللاي ! 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-03 11:54 | 4 -قەۋەت


تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىمەن، سەنئەتكە قىزىقىمەن.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 117
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 117 نوقتا
پۇل : 1170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:41(سائەت)

 

خا خا... رەھمەت قادىخان...
Posted: 2009-03-03 15:21 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يۇمۇر، تېپىشماق ۋە ئويۇنلار

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation