ئاساسىي تېما : ھىيىتگاھ 100 يىل بۇرۇن ۋە كىيىن ( سۈرەت )ئاۋاتلىقى:264ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



غولام
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 358
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 359 نوقتا
پۇل : 3590 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:273(سائەت)

 ھىيىتگاھ 100 يىل بۇرۇن ۋە كىيىن ( سۈرەت )

 
   

 
 


 





 

 
 


 



 
 
 
 


  
   
 
ماۋۇ جايغا چۈشۈپ كىم ئويناپ باققان

 

 
 

 
 


مانا بۇ بۈگۈنكى تەنھا ھىيىتگاھ
   
  
قەشقەر ھىتگاھ جامەسى
قەشقەر ھىتگاھ جامەسى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھىيتگاھ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ جۇڭگۈ بويىچە كۆلىمى چوڭ ۋە كۆركەم ياسالغان قەدىمكى مەسجىد .  
ھىيتگاھ جامەسىنىڭ ھەزىرقى ئورنى ئەسلىدە بىر ساسلىق بولۇپ كىينچە كىشىلەردىن ۋاپات بولغانلىرى مۇشۇ يەرگە دەپنى قىلىنغان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە مازار شەكىللىنىپ كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان جايغا ئايلانغان .كىيىنچە ،ئوردا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلاتلىرى دەپنە قىلىنىدىغان شەھەر سىرتى قەبرىستانلىغى بولۇپ ،قەبرىستانلىقتا ئېلىپ بىرىلىدىغان دىنى پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ھىجرىيە 846-يىلى (مىلادى1442-يىلى)بۇ يەرگە كىچىك مەسجىد سىلىنغان.ھىجرىيە 946-يىلى (مىلادى1539-يىلى)شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ھاكىمى ئوبۇل ھادى بەگ تۇنجى قىتىم كىڭەيتىپ بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەيدىغان مەسجىددىن جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامەگە ئۆزگەرتكەن ،ھىجرىيە 1201-يىلى (مىلادى1786-يىلى)يىڭى شەھەر ناھىيسىگە قاراشلىق خان ئېرىق يىزىسىدىن زۇلپىيە خىنىم ھەج قىلىش نىسىپ بولماي ھەرەمگە ئاتىغان پۇلىغا بۇ جامەنى كىڭەيتىپ ياساتقان ،ھىجرىيە 1224-يىلى (مىلادىيە1809-يىلى )ئىسكەندەر ۋاڭ ئومۇم يۈزلۈك قايتا رىمۇنت قىلدۇرغان ،ۋە كۆل كولىتىپ جىرىم قويدۇرۇپ رەتلىگەن ،ھىجرىيە 1225-يىلى (مىلادى 1839-يىلى )زوردىن ھاكىم بەگ قەشقەر شەھرىنى كىڭەيتىپ ياساتقاندىن كىيىن ھىېتگاھ مەسجىدى شەھەر ئىچىدىكى مەركىزى مەسجىدگە ئايلانغان ۋە يەنە بىر قىتىم چوڭ رىمۇنت قىلىنىپ ھىتگاھ جامەسى دەپ ئاتالغان .ھىجرىيە 1290-ىيلى (مىلادى 1873-ىيلى )بەدۆلەت (ياقۇپبەك )دەۋرىدە ئۈچىنچى قىتىم كىڭەيتىلىپ غەرىپ تەرىپى مەسجىد شەرىق تەرىپى مەدرىس قىلىنپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ،مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال شەرىق جەنۇپ تەرەپلىرىگە يەتمىش ئىككى ئىغىز ھوجرا ،شەرقى شىمال تەرىپىگە بىرلا ۋاقىتتا يۈزدىن كىشى يۇيىنالايدىغان ھاممام سالدۇرغان ،شەرىق تەرىپىگە پەشتاقلىق دەرۋازا ۋە مۇنارلار ياسىتىلغان ،شۇنىڭدىن كىيىن ھىيتگاھ جامەسى كۆپ قىتىم رىمۇنىت قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاساسى كۆلىمى ۋە ياسىلىش شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى . ھىيگاھ جامەسى چوڭ دەرۋازا مەدرىس مەسجىد قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان ،ئومومى يەر مەيدان 16000كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ ،چوڭ دەرۋازا پەشتىغى خىش بىلەن ئېگىز ھەم كۆركەم قىلىپ ياسالغان بولۇپ ئېگىزلىگى 18مېتىردىن ئاشىدىغان ئىككى پەشتاق مۇنار بىلەن قوشۇلۇپ پۈتۈن جامەنىڭ گۈزەل ئالدىنقى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان ،جامەنىڭ ئىچكى قىسمى مەسجىد ۋە مەدرىس دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ،ۋە شالاسۇن ياغاچ رېشاتكىلىق تام بىلەن ئايرىلغان ،مەدرىس جامەنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ شىمال ۋە جەنۇپتىن ئېبارەت ئىككى تەرىپىى بىر-بىرىگە قارىتىپ سىلىنغان ھوجرا ۋە دەرسخانىلاردىن تەشكىل تاپقان.مەدرىس ھويلىسى ئچىدە ئىككى كۆل بولۇپ كۆل ئەتراپىدا دەل-دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن .ئۇ جامەگە پاكىز ئازادىلىق تۈسى بىرىپ تۇرۇدۇ،مەسجىد جامەنىڭ غەربى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ئىچكىركى مەسجىد تاشقىرىقى مەسجىد ۋە كايۋان دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن .مەسجىدنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140مىتىر ،كەڭلىگى 16مىتىر بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا 4200 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ ،پۈتۈن مەسجىد 158دانە تۈۋرۈك بىلەن تۇرغۇزۇلغان ،ۋە يۈز ئاراشقا بۆلۈنگەن بولۇپ ،ياغاچ قۇرۇلما ،ۋاسا جۇپ ،تۈز تورۇسلۇق ياسالغان ،ئىچكىرىكى مەسجىدنىڭ غەرىپ تەرىپىگە ئەگمە مېھراپ ۋە ياغاچ بىلەن ئىشلەنگەن نەپىس مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.  
ئىككى يان تەرىپى ۋە ئالدى تەرىپىگە ياغاچ پەنجىرىلىك دەرىزە ۋە ئىشىك ئىچىلغان ،تاشقىرقى مەسجىدنىڭ ئالدى تەرىپى ئوچۇق ياسالغان بولۇپ كەڭ ئۇزۇن پىشايۋان ۋە كايۋاندىن تەشكىل تاپقان ،توققۇز ئارا تورۇسقا چاسا خار ئويۇقچە چىقىرىلغان ،ۋە رەڭلىك سىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن پۈتۈن جاماە ئورۇنلاشۇرلشى ،ياسىلىش شەكلى قۇرۇلمىسى نەقىش بىزەكلىرى جەھەتتە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللى تۈسكە ئىگە بولۇپ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ۋەمىللىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتقادىنىڭ سىمۇلى ھىساپلىندۇ،سىز ھەر قاچان قەشقەرگە بارسىڭىز توپ توپ بولۇپ مەسجىدگە كىرىپ ئىخلاس بىلەن ناماز ئۆتەۋەتقان ياش قىرى مۇسۇلمانلارنى كۆرسىز .ئۇ بىر مىللى بىناكارلىقنىڭ سىمۇلى بولۇپلا قالماستىن ئىسلام دېنىنىڭ رايۇنىمىزدىكى مۇستەھكەم قۇزۇقى ھىساپلىنىدۇ.   

      سەلكىندىن يۆتكەلدى  .
Posted: 2009-03-01 19:07 | [پۈتۈكچى]


تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىمەن، سەنئەتكە قىزىقىمەن.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 117
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 117 نوقتا
پۇل : 1170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:41(سائەت)

 

ئۈزگىرىش راس بەك چوڭكەن... لىكىن ساياھەت قىلغانلاردا ھېيىتكاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسام شۇنداق خوش بۇلۇپ كېتىمەن......  مۇقەددەس جاي دە.. ھەي......
Posted: 2009-03-01 21:56 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

ھېيىتگاھ ۋېجىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ.
Posted: 2009-03-01 22:59 | 2 -قەۋەت


چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس ،سۆيگەن چىرايلىق ...
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 42
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 44 نوقتا
پۇل : 440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:49(سائەت)

 

ھېيتكاھ ھەقىقەتتەن ئۇلۇغ يەر جۇمۇ ... خۇدايمنىڭ قۇدىرىتى بىلەن مۇشۇ كۇنگىچە مەزمۇت تۇرۇپ كەلدى ...

  

Posted: 2009-03-02 01:50 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 138
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 144 نوقتا
پۇل : 1440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:929(سائەت)

 

100 يىل بۇرۇن رەڭسىز ئىكەن ھازىر رەڭلىك بولۇپ قاپتۇ . بەك چوڭ ئۆزگۈرۈش كۆرمىدىم، ئەلۋەتتە ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن چېغى.
Posted: 2009-03-02 04:27 | 4 -قەۋەت


قارا يىلان...........
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 861
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:554(سائەت)

 

ھەجەپ  سىغىندىم  .بۇ0998نى

بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە  يۇرىكىڭ دەرت تارتماس.

Posted: 2009-03-02 14:41 | 5 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2762
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2788 نوقتا
پۇل : 27880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 



بۇ ئۆيلەر ھازىرمۇ بارمۇ ؟

Posted: 2009-03-03 04:00 | 6 -قەۋەت


غولام
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 358
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 359 نوقتا
پۇل : 3590 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:273(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باغرىم نىڭ 2009-03-03 04:00 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
[attachment=20676]

بۇ ئۆيلەر ھازىرمۇ بارمۇ ؟

بۇ ئۆيلەر ھازىرمۇ بار  ....  لىكىن پات ئارىدا چېقىلماقچى ياكى رەتلەپ يەر تەۋرەشكە
چىداملىق كىلىپ ئۆزگەرتىلمەكچى.........
Posted: 2009-03-03 19:09 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 22
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 24 نوقتا
پۇل : 240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ئۇ ئۆيلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارىدا قوغدالسا بولاتتى.
Posted: 2009-03-03 19:20 | 8 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2762
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2788 نوقتا
پۇل : 27880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

Quote:
7 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى غولام نىڭ 2009-03-03 19:09 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :

بۇ ئۆيلەر ھازىرمۇ بار  ....  لىكىن پات ئارىدا چېقىلماقچى ياكى رەتلەپ يەر تەۋرەشكە
چىداملىق كىلىپ ئۆزگەرتىلمەكچى.........


مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىدارىسى بۇ ئۆيلەرنى چېقىۋېتىشكە ماقۇل بوپتىمۇ ؟

Posted: 2009-03-03 20:06 | 9 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مەدەنىيەت - تارىخ

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation