ئاساسىي تېما : لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭئاۋاتلىقى:343ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 123
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 123 نوقتا
پۇل : 1230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:86(سائەت)

 لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ

بۇ ھېكايە بۇرۇنقى شىنجاڭ لىنىيىسى مۇنبىرىدە چاپلانغان بولسىمۇ، بۈگۈن ئوقۇپ بەك قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتى، قايتىدىن ھوزۇرلىنايلى.


   تەيۋەننىڭ لامپۇچكىسى ئەنگىلىيەنىڭكىگە  ئوخشامدۇ ئۇقمىدىم، ئەنگىلىيەنىڭ لامپۇچكىسىنىڭ سىرتقى ئورالمىسدا Do not put that object into your mouth.مەنىسى :« لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ » دىگەن ئەسكەرتىش بار.  
    نەدىمۇ بۇ نەرسىنى ئاغزىغا سالىدىغان ئادەم بولسۇن ؟ ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ  كاللىسى ئىششىپ  قالغان ئوخشايدۇ.
    دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.
    بىر كۈنى مەن بىر ھېندىستانلىق بىر دوستۇم بىلەن ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ ماڭا  باشلانغۇچ دەرسلىك كىتاپىدا لامپۇچكىنى ئاغزىغا سالسا كەپلىشىپ  قىلىپ قانداق قىلسىمۇ چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق مەزموننىڭ بارلىقىنى قەتئىي قىلىپ سۆزلەپ بەردى. 
    لېكىن مەن :« لامپۇچكىنىڭ سىرتقى قىسىمى شۇنداق  سىللىق تۇرسا، ئېغىزغا  سالغاندىكىن شۇنچە چوڭ بوشلۇقتا ئەلۋەتتە چىقارغىلى بولىدۇ -دە، نەزىرىيەدىمۇ شۇنداق بۇلۇشى كېرەك » دەپ گۇمان قىلدىم. لىكىن ھېلىقى گومۇش ھېنىدستانلىق :« كىتاپتا شۇنداق يىزىلغاندىكىن چوقۇم توغرا »دەپ تۇرۋالدى.
    مەن ئۇنىڭ بىرنەرسىنى چوڭقۇر چۈشەنمەيدىغان پوزىتسىيىسىدىن قاتتىق غەزەبلىنىپ ئۇنى « دۆت »دەپ تىللىدىم، ئۇ مىنى «سەن ئىنگىلىسچە  بىلمەيسەن، شۇڭا كىتاپ كۆرمەيسەن » دەپ ئۆز - ئارا ۋاقىرىشىپ كەتتۇق.
    شۇ قورساق كۆپىكىدە ئۆيگە كىلىپ ئادەتتكى بىر لامپۇچكىنى ئىلىپ كارۋاتتا ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئۆزەمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھېندىستانلىق دوستۇمنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن پەن تېخنىكىغا ئاساسلىنىپ دادىل ھالدا پەرەز قىلىپ، ئىنچىكە ھالدا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم، ئەلۋەتتە مەنمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ بىر بوتولكا قىچا مىيى سىتىۋالدىم، ھەممە نەرسە تەخ بولغاندا لامپۇچكىنى ئىككىلەنمەستىنلا ئاغزىمغا سالدىم، سىلىشىمغىلا ئاغزىمغا سىللىقلا كىرىپ كەتتى، مىدىرلىتىشمۇ ئاسان ئىدى، مۇشۇنداق بولسا ئىلىپ چىقىشتا چاتاق يوق. 
    ئىچىمدە :« قاپاقباش ھېندىستانلىق، بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى بىلەن جۈرئەتلىكىنى كۆرۈپ قوي! ساڭا ئوخشاش كىتاپپەرەس ئەمەس. جۇڭگولۇقلار ھىندىستانلىقلارنى يەڭدى » دەپ ئويلىدىمدە ئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم، ھا ھا ھا ھا ھا !!!!!!!
    شۇنىڭ بىلەن مەن لامپۇچكىنى ئاستا تارتتىم، ........ ياخشى، سەل كۈچەپرەك تارتتىم .......... o.k، مەن ئاغزىمنى يەنە يوغانراق ئاچتىم، قورقما، مەن يەنە ئاغزىمنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ  يەنە كۈچەپ تارتتىم، ( ئېھتىيات بىلەن تارتقاندا لامپۇچكىنىڭ چىقىلىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى )، كاساپەت، راستىنلا ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدىغۇ، ھەنىم بولسا قىچا  مىيى بار.  

(يىرىم سائەتتىن كىيىن )

    مەن 3 - 4 بوتۇلكا قىچا مىيىنى تۆكۈپ بولدۇم، يىرىمى دىگۈدەك قورسۇقۇمغا كىرىپ كەتتى، مىدىرلاپمۇ قويمايدا ...........  
    بۇ ۋاقىتتا مەن تېلېفۇن بىرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئويلىدىم ..........................
    نومۇرنىڭ يىرىمىنى بىسىپ بولۇپ :« ئاغزىمدا لامپۇچكا  تۇرسا قانداق گەپ قىلىمەن » دىگەننى ئىسىمگە ئالدىم.
    شۇنىڭ بىلەن خوشنامدىن ياردەم تەلەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە باغاقچىگە خەت يىزىپ ياشانغان خوشنامنىڭ قىشىغا كىردىم.  
    ئۇنىڭغا قاراپ قۇتقۇزۋىلىڭ دىدىم ۋە قۇلۇمدىكى باغاقچىگە يىزىلغان: 
    please call me a taxi and tell the driver to take me hospital. مەنىسى ماڭا بىر تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ، ئۇنىڭغا مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېتىپ قۇيۇڭ ) دىگەن خەتنى كۆرسەتتىم. 
    ئۇ مەن بەرگەن خەتنى  بىر مېنۇت ئەتىراپىدا كۆرۈپ بولۇپ ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    15مىنۇتتىن كىيىن تاكسى كەلدى، شوپۇر مىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى (ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈلۈپ توختىمىدى).
    ماشىنىدا ئۇ مەندىن توختىماي :« نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن » دەپ سوراپلا كەتتى، مەن قانداقمۇ جاۋاب بىرەلەي ؟ 
    ئۇ يەنە تېخى توختىماي مىنىڭ ئاغزىمنىڭ كىچىكلىكىنى، ئەگەر ئۆزىنىڭ بولسا چاتاق يوقلىقىنى دەپ ئولتۇردى، قارسام ئۇنىڭ ئاغزى شۇنداق چوڭ ئىكەن، لىكىن مەن ئۇنىڭغا قانداقلا بولمىسۇن ھەرگىز سىناپ سالمىغىن دىگۈم كەلدىم ..... لىكىن مەن گەپ قىلالمىسام!
    مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قارسام خۇددى ئاغزىمغا بىر ئالتۇن بىلىق سىلىۋالغاندەكلا ................. 
    دوختۇرخانىدا سېستىرا مىنى «ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلدىڭ » دەپ ئون نەچچە مىنۇت قاقشاپلا كەتتى ۋە مىنى ئۇزۇن سەپكە تىزىلدۇرۇپ قويدى. شۇنچە كىشىلەرنىڭ ئارىسدا مەن ئىككى يىرىم سائەت ساقلىدىم، ئىككى يىرىم سائەت.
    شۇنچە ئاغرىق دەستىدىن ئازاپ چېكىۋاتقان بىمارلار مىنى كۆرۈپلا ئاغرىقىنى ھېس قىلمىدى بولغاي  ھەممىسى ئوغۇرلۇقچە كۈلىشەتتى .
دوختۇر ئاغزىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە پاختا تىقىپ ئاندىن لامپۇچكىنى چېقىپ پارچىلىرىنى ئاستا ئىلىپ چىقتى .....
    ئاغزىم شۇنداق ئىشىپ كەتكەن ئىدى،ئۇ ئاخىرى ماڭا ئەمدى ھەرگىز بۇنداق قىلما، باشقىلارغىمۇ بۇ تەجىربەڭنى سۆزلەپ ئەسكەرتىپ قوي دىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن دىدىم. دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ :« دۇنيادا مەندەك ئەخمەقتىن ئىككىنچى  بىرسى يوقتۇر » دەپ ئويلىدىم. ئىشىكىنى شۇنداق  ئىچىپ تۇرىشىمغا بىرسى كىرىپ كەلدى، قارسام ھېلىقى شوپۇر ............
    ئاغزىدا لامپۇچكا تۇراتتى ...

Posted: 2009-02-28 18:02 | [پۈتۈكچى]


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2761
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2787 نوقتا
پۇل : 27870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 

شىنجاڭ لىنىيەسى بىلەن باسباسنى بىرلەشتۈرىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق ، شىنجاڭ لىنىيەسىنىڭ تېمىلىرىنى نەدىن كۆرگىلى بولىدۇ ؟ 

Posted: 2009-02-28 22:36 | 1 -قەۋەت


  يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ  ....
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 142
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 142 نوقتا
پۇل : 1420 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:182(سائەت)

 

مىنىڭ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، 

ئازاپ ،،،،
سەن گوياكى غايەت زور گۈلخان ، مەن سىنىڭدە كۆيگەن ئاجىز شاخ .ساراڭ بولدۇم ئوڭ سۆزلەيدىغان ، سەن تاش كەبى مىنى ئەزگەن چاغ .

Posted: 2009-03-01 02:17 | 2 -قەۋەت


ئانا تۇپراق ئۈچۈن جنىم پىدا!!!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 42
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 42 نوقتا
پۇل : 420 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:23(سائەت)

 

     

بۇ تۇپراق مېنى ئۈز قۇينىدا ئۈستۈردى،بۇ ماكاننى قۇغداش مىنىڭ مۇقەدەس بۇرچۇم!!!

Posted: 2009-03-01 05:38 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

يېنىمدا شۇنداق لامپۇچكا بولغان راستلا سىنىغان بولاتتىم.
Posted: 2009-03-01 17:35 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation