دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ۋەتەنسىز مىللەتنىڭ بىرسى يەھۇدى يەنە بىرسى مۇشۇ سىگانلار.بۇ ئىككى مىللەت دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارىلىپ كەتكەن .يەھۇدىلار ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ بولدى ئەمما سىگانلانىڭ تېخى يوق.بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ ئۇلار ئەڭ دەسلىۋىدە ھىندىستاندا ياشىغان.15-ئەسىرلەردە ياۋروپادا پەيدا بولغان.ۋەتىنى بولمىغاچقا دۇنيادىكى تۈرلۈك تىللاردا بۇلارنىڭ مىللەت نامىمۇ تۈرلۈك ئاتىلىدۇ.ئىسپانىيىدە«كارمىن»ئوتتۇرا ياۋروپادا«بوخىمىيىلىك»غەرىبى ياۋروپادا«گىپسىي»شەرقىي ياۋروپادا«سىگان»
دىيىلىدۇ.سىگانلارئاساسەن
ناخشا ئېيتىپ،ئويۇن قويۇپ،پال ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ.سىگان پالچىلارنىڭ ئاچقان پاللىرى ئادەتتە ئاساسەن توغرا چىقىدۇ.سىگانلارھايات سەنئەت ئۈچۈن،تەن مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان دەپ قارايدۇ.شۇڭا ئۇلار بىرەر مۇقىم ماكاندا چۈشىلىپ ياشاشنى خالىمىغاچقا دۆلەتنى كېرەك قىلمىغان بولسا كېرەك.
«سىگان»دىگەن ئىسىم ئۇيغۇرلارغا رۇسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن. گىتار دەل ئەشۇ سىگانلارنىڭ سازى،سىگانلار گىتارنى دۇنياغا تاراتتى.
يەھۇدىلار بىلەن سىگانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىسىت گېرمانىيىسى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ قىرىلغان ئىككى مىللەت.
بىز داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان«سىگانوچكا»دىگەن
ناخشا ئەسلىدە روسسىيىلىك يەھۇدىلارنىڭ ناخشىسى.بۇ
ناخشا تەدرىجى رۇسلارغا تارقاپ،رۇسلاردىن تاتارلارغا،تاتارلاردىن قازاقلارغا،قازاقلاردىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغان.ھازىر بۇ ناخشىنى ئايتۇلان،ئەسقەرقاتارلىق ناخشىچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەھنىسىدە توۋلاپ ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە تاراتتى.ئەينى ئەھۋالنى بىلمىگەن خەنزۇلار(يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق چۈشىنىدۇ) «سىگانوچكا»دىگەن بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسى دەپ چۈشىنىدۇ.
[ مەزكۇر پۈتۈك نارات تەرىپىدىن 2009-02-27 17:48 دە تەھرېرلەندى. ]