ئاساسىي تېما : يىمەك – ئىچمەك كەسپىگە بىر نەزەرئاۋاتلىقى:514ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



تەپەككۈردە ھاللىق سەۋىيىگە يىتەيلى!
دەرىجىسى:پەخرى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3 نوقتا
پۇل : 30 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 يىمەك – ئىچمەك كەسپىگە بىر نەزەر

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-26)
يىمەك – ئىچمەك كەسپىگە بىر نەزەر
ئوغۇزخان
قەدىرلىك تورداشلار، مەن يەنە كەلدىم. ئەمدى مەن سىلەر يەنە بىرنىمىلەرنى دەپ بېرىمەن. بۇ تېمامدا دىگەنلىرىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بەلكىم بۇ تېمىنى كۆرۈشى ناتايىن. سىلەر بولساڭلار ئەلۋەتتە قىزىقمايسىلەر. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى – بۇنى دەپ ئولتۇرمامدۇق، قانداق دىمىدىم.
يىقىندا بىرنەچچە ئاشخانىلارنى چارىلاپ تەكشۈرۈپ چىقتىم. بۇ ئاساسلىقى بىر ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە مەن مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئامالسىزلىقتىن تاماق يەپ قىلىشىم سەۋەپلىك بۇ خىل تەكشۈرۈش قىلىش كاللامدىن كەچتى. مەن كىرگەن بۇ ئاشخانىنىڭ نامى خەنزۇچە «يى گەن چى» پولو مەخسوس سېتىش زەنجىرسىمان دوكىنى بولۇپ، بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا «بىر تال خادىلىق بايراق، بىر بايراق، بايراق» دىگەندەك مەنالار كىلىپ چىقىدىكەن. بۇ پولوخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلاردىن ئىگەنلىشىمچە بۇ پولوخانىنىڭ باش دوكىنى ئاقسۇ كۇچا ناھىيىسىدە بولۇپ(ئېسىمدە قالغىنى خاتامۇ توغرا ئۇقمىدىم، ئەيتاۋۇر مۇشۇندىقاراق بىر جەنوبىي شىنجاڭ ناھىيىسىدە)، خوجايىنى بىر خەنزۇ يولداش ئىكەن، شىنجاڭ چوڭ شەھەر ۋە ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە جەمى 10 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان دوكان بولۇپ تاماق تۈرى ۋە بىزىلىشى بىر خىل ئۇسلۇپتا ئىكەن. مەن بۇ يەردە پولونىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، قوۋۇرغا گوشلۇك، بەل گوشلۈك، پاچاق گۆشلۈك، يەنە نىمە گۆشلۈك ئىشقىلىپ 10 خىلغا يىقىن. باھاسىمۇ 10 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە ھەرخىل ئىكەن. مەن ئاران 10 يۈەنلىك پولوغا چىقىش قىلدىم، تەمى يامان ئەمەس ئىكەن. ئاشخانىنىڭ تېمىغا يوغان ئەينەك ئورنىتىلغان بولۇپ ئىچىدىكى پولو ئېتىشقا ئىشلىتىلىدىغان 4 دانە يوغان – يوغان داش قازاننى تولۇق كۆرگىلى بولاتتى. تاماق بىر دانە پەتنۇستا كەلتۈرۈلدى، پەتنۇستا جەمىي بىر تەخسە گۆش پولودىن باشقا بىر كىچىك تەخسە سوغۇق سەي، بىر قاپ تازلىق قەغىزى(دۇكاننىڭ ماركىسى چۈشۈرۈلگەن)، ۋىلكا، ئارا، چىش كولىغۇچ قاتارلىق بۇيۇملار بولۇپ ھەممىسى بىر كىشىلىك تەييارلانغان ئىدى. پولو يامان ئەمەس ئېتىلىپتۇ(بۇ تاماقنى يىيىشىمنىڭ شەرىئەتتە بولمايدىغانلىقى ماڭا ئەلۋەتتە ئايان، ئەمما يەپ سالدىم، خوددى ھاراقكەش ئەر گىپىدە تۇرمىغاندەك). ئاشخانىنىڭ ئىچىمۇ سىپتا، يارىشىملىق بىزەلگەن بولۇپ كىشىگە ئازادىلىك بەخش ئېتەتتى. بۇ ئاشخانىغا بىردەمنىڭ ئىچىدە نىفىت سېستىمىسىدا، تۆمۈريول سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان مىھمانلار بىلەن تۇلۇپ كەتتى...
مەن يەنە تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە بىر پولو مەخسوس سېتىش دۇكىنى«كې كې» زەنجىرسىمان پولوخانىسىنى كۆردۈم، بۇ ناممۇ تىزىمغا ئېلىنغان زەنجىرسىمان دۇكان بولۇپ باش دوكىنى ئۈرۈمچىدە ئىكەن، خوجايىنى بىر خەنزۇ يولداش ئىكەن. پولونىڭ تۈرلىرىمۇ خېلى كۆپكەن.
مانا بۇ مېنىڭ ئەمىلىي كۆرگەنلىرىم. يوقۇرقى پولوخانىلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ يۈزلۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتى«ئەرنىڭ يىمى» دەپ ئەتىۋارلاپ ياقتۇرۇپ يەيدىغان پولودىن ئىبارەت بۇ تائامنى بازار ئېچىش ئېڭى كۈچلۈك، يىراقنى كۆرەر مۇنەۋۋەر قېرىنداش مىللەت كارخانىچىلىرى كەسىپلەشتۈرۈش، كارخانىلاشتۇرۇش، سەرخىللاشتۇرۇش يولىغا باشلاپتۇ، ئەمدى نۆۋەت لەغمەن بىلەن چۆچۈرىگە كىلۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىش. بىز كەشىپ قىلدۇق دەيدىغان پولونى قانچە كۆپ كىشى ئەتىۋارلاپ يىسە بىز ئەلۋەتتە مالخىيمىزنى ئاسمانغا ئېتىپ خوش بولىمىز!
ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىگە(ئەلۋەتتە يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ بار بىر قىسمەنلىرى) ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەشھەرگاھى(بۇ گىپىمدىن رەنجىمىگەيسىلەر)، ئاشخانىلارنىڭ گۈلتاجىسى بولغان جەۋھەر، ئۇدۇن، مىراج، ئوردا، مۇقام قاتارلىق تېز تاماقخانىلار، ئوردا سۈپەت ئاشپۇزۇللار ئورۇنلاشقان بولۇپ، كىرسىڭىز سىز بىر رۇمانتىك باغچىغا كىرگەندەك بولۇپ قالىسىز. بىزىلىشىنىڭ كۆركەملىكى ھەم ساھىپجاماللىقى، تائاملىرىنىڭ موللىقى ھەم لەززەتلىكى سىزگە شاھ ھۇزورى بېرىدۇ. شۇنىسى ئانىڭىزنىڭ تەلىيىگە سىز مۇشۇ شەھەرلەردە بولۇپ قالسىڭىز. بولمىسا قارا ئىس چىقىپ تۇرىدىغان ئاشپۇزۇلاردا ئوخشىمىغان لەغمەننى يەيسىز، ھا~~~~~~~~~~~خوددى ئۈرۈمچىنىڭ سەندۇنبىيدىكى ئاشخانىلىرىدەك. گىپىمىزگە قايتىپ كىلەيلى. ئەمدى بۇنداق ئاشخانىلار شۇ شەھەردە كۆپ بولسا بىر – ئىككى، ئىشىپ كەتسە ئۈچ يەردە بار. باشقا شىنجاڭنىڭ چوڭ شەھەر – ناھىيىلىرىدە كەمدىن كەم تارماق ئاچمىغاننى دىمىگەندە يوق ھىساپ. مۇشۇنداق نامى بار ئاشخانىلارنىڭ مەبلىغى ئالدى 5-6 مىليوندىن كەينى بىرەر مىليونغىچە بولۇپ(بەلكىم كىچىك مۆلچەرلىگەندىمەن)، بەك ئازمۇ ئەمەس. بۇ بۇپ بىلەن سىپتا بىزەلگەن، ئازادە، يارىشىملىق، تاماقلىرى سەرخىل زەنجىرسىمان ئاشخانىدىن شىنجاڭ رايونىغا 20-10نى ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ قىلچىلىك پو، سىمىز گەپ ئەمەس! ھەر بىر چوڭ شەھەرگە بىرنى، ناھىيە بازىرىغا بىرنى(بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭ بازارلىرىغا‹جەنوبىي شىنجاڭدا يىمەك ئىچمەك ئىشلىرى راۋاج تىپىپ كەتتىغۇ›) ئېچىش ئەڭ مۇۋاپىق. بىزىلىشى جەھەتتە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ بىلەن جوڭگوچە ئۇسلۇپنى بىرلەشتۈرۈپ بىزەش، ئاشخانا سايمانلىرى، بىزىلىشى، مۇلازىملارنىڭ كىيىمى، سىرىتقى ماركىسى، كۆرىنىشى قاتارلىقلارنى بىردەك قىلىش كېرەك. سەۋەبى، دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ھەم ئىقتىسادنىڭ بۆلۈنۈش شەكلى ئالاھىدىلىكى بۇيىچە لايھىلەش بەك مۇۋاپىق. بىر كارخانىچى بولغان كىشى ئۆز مىللى ھىسىياتىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشتا يەنە تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈرەكلىك يۈزلىنەلىشى كېرەك. بولۇپمۇ تېخىمۇ كەڭ خىرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كىلىدىغان تائام ئۇسلۇبى ياراتقاندا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ كۆپ ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلىنىشكە ئىقتىسادى ئۈنۈم ھەم ئىجتىمائى مۇھىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەقىقى بازارغا يۈزلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئۇسول باشقا مىللىي كارخانىلارغىمۇ ئوخشاش. ئۇيغۇرلارنىڭ بازار ئىستىمال سەۋىيىسى چەكلىك بولۇپ، تېخىمۇ زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ كىتەلمەيدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز بىلەن ساھىپجاماللىرىمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئېچىلغان تۈرلۈك ئاشخانىلارنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ، يىمەك – ئىچمەك ساھەسى بۇيىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يىتىشتىن تېخى كۆپ يىراق. شۇڭا بۇ يەردىكىلەر ناھىيىلەرنى نىشانغا ئېلىشى كېرەك.
خولاسە كالام. ئۆز ئىچىمىزدىكى ئېھتىياجنى قامداش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز بولۋاتقان رايونلار، قېرىنداش مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بولغان مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىش مېنىڭچە ئويلۇشۇپ باقىدىغان ئىشمىكىن دەيمەنغۇ ئاغىينىلەر، قانداق بۇ تەكلىپىم يارىدىمۇ سىلەرگە. چۈنكى تۆمەنى يەنىلا تۆمەچى، ئالتۇننى يەنىلا زەگەچى سوقسا بەكەرەك كاتتا ئىش بولىدۇ چۇ. قۇچقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەپتىغۇ بىر كىشىلەر. ئۆز نەرسىمىزنى ئۆزىمىز تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە قىلالايمىز، ۋايىغا يەتكۈزەلەيمىز چوقۇم. ئەمما، لىكىن، ۋە بىراق باشقىلار قىلۋالغاندا ماۋۇ مېنىڭ نىمەمتى، ما خەق ئىلۋاپتا دەپ تەگەشنىڭ نىمە ھاجىتى دەيمىنا، بۇ تەكلىپىم قولقۇڭلارغا ياقماس ئاغىينىلەر، چۈنكى سىلەر ئاشخانا ئاچمايسىلەر، ئاچساڭلارمۇ مەھەلەڭلەرگە ئاچىسىلەر ئەمەسمۇ. ئەمما سىلەر بۇ گىپىمنى ئېرىنمەستىن، ئېقىتماستىن تىمىتماستىن پۇلدار ئاشخانىچىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار. كەڭ بازارغا يۈزلۈنۈش تەرەققىيات پۇرسىتى.

ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش دەخلىسىزدۇر!

Posted: 2009-02-26 23:30 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 26
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 34 نوقتا
پۇل : 340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:385(سائەت)

 

بىزنىڭ ما تەرەپلەردە  نان بىلەن كاۋاپمۇ تۇڭگاننىڭ بولۇپ كەتتى ھازىر...بېشىغا ئاق دوپپىنى كىيىۋالسا شىنجاڭرېن..
ئەتكەن لەغمەنلىرىدىن (新疆拌面) لىرىدىن ئۆرگىلەي... تاس قالدىم نەچچىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى، ئېتىشنى بىلمىگەندىكىن ئەتمىسەڭ بولمامدۇ دەپ... لېكىن نان، كاۋاپلىرى خېلى بولۇپ قويىدۇ..مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاخىرى نىمىمىز قالاركىن تاڭ؟؟؟ تاماق مەدەنىيىتىمىزگىمۇ ئېگە بولالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم...
Posted: 2009-02-26 23:50 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 84
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 94 نوقتا
پۇل : 940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:73(سائەت)

 

ناۋايلىق كەسپىنىمۇ ئىگىلەپ بولۇپتىما؟! مەن تېخى جاپاسى كۆپ، شۇڭا شۇنىلا قىلالمايۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.
Posted: 2009-02-26 23:53 | 2 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2092
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2126 نوقتا
پۇل : 21260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4817(سائەت)

 

زاڭزۇلارمۇ بار تېخى ~~~
شى ئەن شەھرىدە شۇنداق بىرنى كۆردۈم ---«شىزاڭ مۇسۇلمانچە كالا گۆشى ئۈگرەخانىسى»...

To be or not to be

Posted: 2009-02-27 19:36 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

    مېنىڭچە يەنىلا شۇ ئاشخانا ئېچىۋاتقان خوجايىنلارنىڭ ساپاسى، ئىدىيسى ۋە سودا ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى دەرىجىسى يۇقىرىراق ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ياخشى بازار قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئاشخانىغا كىرىشتىكى مەقسەت قوساق تويغۇزۇشلا بولۇپ، مۇھىت، تازلىق،سۈپەتكە ئانچە ئېتىبار قىلمايتى، ئۇنداق ئاشخانىلار يىلبويى شۇ پېتىلا ئۆتكەن. سودا ئېڭى يۇقىرىراق خوجايىنلار چوڭراق مەبلەغ سېلىپ، تاماقنىڭ باھاسىنى كۆتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا بازىرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
Posted: 2009-02-27 20:45 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 177
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 179 نوقتا
پۇل : 1790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:68(سائەت)

 

    مۇشۇ ۋەلى ئاتۇش ئاشخانىسى بەك ياخشى مىسال بولالايدۇ، ئاتۇش نارىنى دىگەننى ئۈرۈمچىدىكى ئاشخانىلار ئىچىدە يامان ئوخشىتىۋىتىدۇ. ئەممازە، ئىچىگە كىرسە قاچانلا قارىسا ئىس، ماي پۇراپ تۇرغان.
Posted: 2009-02-27 20:53 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 6
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 6 نوقتا
پۇل : 60 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

تەكلىۋىڭىز ئورۇنلۇق ئوغۇزخان . ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ، قوساقتىكىنى چىقىرىشقا جۇرەت يوق دەپ يۇرىۋەمەي ، ئوزئارا دەرماللىشىپ ، ئوز ئارا قوللاشساق مىنىڭچە مىزلىك لەغمەنلەرنى ، پىشقان پولو پەزلەنى ساقلاپ قىلىپ ، ھەقىقى شىنجاڭ تائاملىرىنىڭ نامىنى مەملىكەتنىڭ ھەريەرلىرىدە  تەرەققى قىلغۇزالايمىز .تەكلىۋىڭىزنى قوللايمەن.
Posted: 2009-03-03 18:34 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation