ئاساسىي تېما : مىكرو‹‹ ماشىنا ئادەم دوختۇر›› دۇنياغا كەلدىئاۋاتلىقى:89ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 60
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 60 نوقتا
پۇل : 600 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 مىكرو‹‹ ماشىنا ئادەم دوختۇر›› دۇنياغا كەلدى

    ‹‹ئاجايىپ سەپەر››ناملىق فانتازىيىلىك فىلىمدە بىر قانچە دوختۇرنىڭ بىر ئالىمنىڭ بەدىنىگە كىرىپ قان تومۇر ئوپېراتسىيىسى ئىشلەيدىغان كۆرۈنۈش بار . ئاۋستىرالىيە ئالىملىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى فىلىمىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بەردى . ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتى نامى فىزىكا تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىم جامېس فراندنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ مىكرو ‹‹ماشىنا ئادەم دوختۇر›› نىڭ مودېلىغا پىئېزوئېلېكرىك ئېففېكت قائىدىسى قوللىنىلغان، ئۇ بەدەن سىرتىدىكى كونتروللىغۇچ بىلەن تىزگىنلىنىدۇ.
    ماشىنا ئادەمنىڭ ئىچىگە بوتۇلكا ئاچقۇچقا ئوخشايدىغان مىكرو قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ قۇرۇلما تەۋرىنىپ يۇمشاق قىل ئاياغدىن ياسالغان ‹‹پىرقىرىغۇچ›› نى ھەرىكەتلەندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماشىنا ئادەم ئادەمنىڭ قان تومۇرىدا قان ئېقىمىغا قارشى ماڭىدۇ.
   فراند مۇنداق دېدى: مىكرو ‹‹ماشىنا ئادەم دوختۇر›› چارەك مىللىمېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، ئىككى – ئۈچ تال چاچنىڭ كەڭلىكىچىلىك كېلىدۇ. ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغاندىن كېيىن سېزىم تارقاتقۇچنى ئېلىپ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ سۈرەت تارتىدۇ، ھەتتا دوختۇرنىڭ ئورنىدا قان تومۇرى ئوپېراتسىيسىى ئىشلەيدۇ، بۇزۇلۇپ قالسا، قان ئېقىمى بىلەن ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئادەم بەدىنىدىن چىقىرىۋېلىنىدۇ.
    فراند: تەتقىقات ھازىر كۆزىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىكرو‹‹ ماشىنا ئادەم دوختۇر›› ئارقىلىق ئوپېراتسىيە ئىشلەشكە يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئىمكانيەت يارىتېلىشى مۇمكىن. دېدى.

Posted: 2009-02-25 17:15 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation