ئاساسىي تېما : خاتىرە كومپيۇتېرغا سۇ كىرىپ كەتسەئاۋاتلىقى:72ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 81
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:51(سائەت)

 خاتىرە كومپيۇتېرغا سۇ كىرىپ كەتسە

    1. ئەڭ تېز سۈرئەتتە توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، توك سىمى ۋە باتارىيىنى ئېلىۋېتىش كېرەك . بۇنىڭدا ھەرگىز ئادەتتىكىدەك كومپيۇتېرنى ئېتىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ . جۈنكى بۇنداق قىلغاندا باش تاختىغا سۇ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
    2. ئەڭ تېز سۈرئەتتە خاتىرلىگۈچىنىڭ سۇيۇق كرىستال ئېكرانىنى ئەڭ چوڭ بۇلۇڭ قىلىپ ئېچىپ، دەرھال تەتۈر قىلىپ قويۇپ، كونۇپكا تاختىسىنىڭ سۈيىنى ئىمكانقەدەر تېز چىقىرىۋېتىش بىلەن بىللە، سۇنى كۆرۈنۈش ئېكرانىغا ئېقىتىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك .
    3. قولى ئەپلىك ئابونتلار ۋاقتىدا ئىچكى دېتاللارنى ئاجرىتىپ قۇرۇتسا بولىدۇ . ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسا ئادەتتە باش ئاپپاراتنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇ كىرەلمەيدۇ ، چۈنكى كونۇپكا تاختىسى بىلەن باش تاختا ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە بىر قەۋەت پەردە بار بولۇپ، سۇيۇقلۇقنىڭ كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتىغا كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايدۇ ، كېيىن يەنە سوغۇق شاماللىق قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتۇش كېرەك. چوقۇم ئەڭ تۆۋەن خوتتىكى سوغۇق شامال بولۇشىغا ھەمدە قۇرۇتقان ۋاقىتتىكى سۇنىڭ يۆلىنىشىگە دىققەت قىلىپ باش ئاپپاراتقا ياكى باشقا جايلارغا سۇ كىرگۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر باشقا شىلىمشىق ئىچىملىك بولسا پاختىنى پاكىز سۇغا چىلاپ سۈرتۈپ تازىلاش كېرەك.
    4. تەبىئىي قۇرۇغاندىن كېيىن، ئېچىپ سىناپ كۆرسە بولىدۇ. قۇرۇشتىن ئىلگىرى، كومپىيۇتېرنى ھەرگىز ئاچماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
    5. توك ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلغان –  ئېچىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك ، ئەگەر ئېچىلسا ،كونۇپكا تاختىسى قاتارلىق زاپچاسلارنى ئىشلەتسە بولامدۇ – يوق، تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ، ئەگەر ئېچىلمىسا بۇ باش ئاپپاراتقا سۇ كىرىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال مەخسۇس كومپيۇتېر رېمونت قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىش كېرەك.

Posted: 2009-02-25 17:11 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> كومپىيۇتېر ۋە تور

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation