ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ساقلىق ساقلاش بۇيۇمى بولماستىن بەلكى ئۇيقۇ . ساغلاملىق تەلىم – تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيقۇ بىر خىل ئارام ئېلىش، شۇنداقلا ئېنېرگىيە توپلاش بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىرىن ئۇيقۇ بەدەننىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن . ئەگەر ئۇيقۇ تەرتىپسىز بولسا ، ئادەمنى كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن.
ئۇيقۇ يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، قېنىپ ئۇخلىسا، زېھنىنى ئۇرغۇتىدۇ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇيقۇ ئەڭ ئەرزان، تېجەشلىك ھۆسىن تۈزەش ئۇسۇلىدۇر.
مۇۋاپىق ‹‹كۆپ ئۇخلاش›› كېسەل داۋالاشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ . دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلارنىڭ بىمارغا ياخشى ئارام ئېلىشنى تاپىلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. قەدىمدىن‹‹7ئۈلۈش كۈتۈنۈش، 3ئۈلۈش داۋالاش›› دەيدىغان گەپ بار . ئۇيقۇ مۇشۇ 7 ئۈلۈش كۈتۈنۈش ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ .
جۇڭگو ئۇيقۇ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ جىڭشىڭنىڭ دېيىشىچە ، شېرىن ئۇيقۇ بەدەننىڭ ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەر بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىشى تۇرۇشىدىكى مۇھىم قورال ھېسابلىنىدىكەن. تاتلىق ئوخلاۋاتقاندا ، بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاشىدىكەن ، شۇڭا، ئادەتتە زۇكامداپ ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىپ
قىزىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇيقۇ ناھايىتى ياخشى قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.