ئاساسىي تېما : بۇ شەھەردە ھاجەتخانا يوقمۇ؟ئاۋاتلىقى:138ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 125
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 135 نوقتا
پۇل : 1350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:64(سائەت)

 بۇ شەھەردە ھاجەتخانا يوقمۇ؟

     — ئۇكام، بۇ شەھەردە ھاجەتخانا يوقمۇ؟
      ئاتۇش شەھىرىنىڭ ‹‹20 ياش››قا كىرگەنلىكى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، يەنى 2006 – يىل 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كەچقۇرۇن خەلق مەيدانىدا ئايلىنىۋاتسام، گەپ – سۆزىدىن سىرتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇرغان سالاپەتلىك بىر كىشىنىڭ تۇيۇقسىز يولۇمنى توسۇپ سورىغان بۇ سوئالىنى ھازىرغىچە پات – پات ئېسىمگە ئالىمەن ھەم كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ سوئالى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان رېئاللىق ئىدى. شۇڭا بۇ رېئاللىقنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىش زۆرۈر، دەپ قارىدىم.
       ئىگىلىشىمچە، ئاتۇش تېخى ياش شەھەر ئىدى. ياشلىقتا سەۋەنلىكتىن خالىي بولغىلى بولمىغاندەك، بۇ شەھەرمۇ ھاجەتخانا مەسىلىسىدە سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمىدى. ئىلگىرى بۇ شەھەرنىڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان كۆلەملىك ھاجەتخانىلار بار ئىدى. بۇ ھاجەتخانىلار شەھەر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ يىراق – يېقىندىن كەلگەن سەيلى – ساياھەتچى، دېھقان – تىجارەتچى، سائىل – ئۆتكۈنچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن كېچە – كۈندۈز چىقالايتتى. ئەمما، ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى. چۈنكى شەھەر تەرەققىي قىلغانسېرى، كۆلەملىك ھاجەتخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېگىز بىنالار ئىگىلىدى. بۇ بىنالارنى سالدۇرغان خۇجايىنلار دەسلەپتە تەشكىلنىڭ يۈرۈشلەشكەن، زامانىۋى ھاجەتخانا قۇرۇش شەرتىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، بىنا پۈتكەندىن كېيىن بۇ شەرتنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بەزىلەر يول بويلىرىدىكى قۇلايلىق ھاجەتخانىلارنى كۆزدىن يىراق ئىچكىرى – چەت جايلارغا ئاپىرىۋەتكەن بولسا، بەزىلەر ‹‹چوڭنى كىچىكلىتىش، كىچىكنى يوق قىلىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھاجەتخانا قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھاجەتخانىلار ھەقلىق ھەم قاراڭغۇ چۈشكەن ھامان تاقىلىدىغان بولغاچقا، شەھەر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ يىراق – يېقىندىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىدى. شۇڭا ھېلىقىدەك تەنە سوئاللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردى.
        مەن بۇ مەسىلە ئاتۇشتىلا مەۋجۇت بولسا كېرەك، دەپ، ئويلىغانىدىم. بۇلتۇر 11 – ئايدا تەكلىماكان بويلاپ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ئۇنداقمۇ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى قەدىمىم يەتكەن كورلىدىن باشقا لوپنۇر، چاقىلىق، چەرچەن، چىرا، خوتەن، قاراقاش، يەكەن، قەشقەر، پەيزاۋات، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. قەشقەرگە كەلگەن كۈنۈم كەچقۇرۇن شەھەر ئايلىنىپ، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. بۇ يەردە بىر ھاجەتخانا بار ئىكەن. قاراپ تۇرسام ھاجەتخانا خۇپتەن بولماي تۇرۇپلا تاقالدى. ھاجەتخانىغا كەلگەنلەر بىر – بىرلەپ كەينىگە يېنىپ، تۈمەن دەرياسى تەرەپكە كېتىشتى. مەن ھاجەتخانا ئىگىسىگە ‹‹بۇ يەردە ئادەم شۇنچە كۆپ تۇرسا، ھاجەتخانىنى نېمىشقا بالدۇر تاقايسىلەر؟ تۈمەن دەرياسىغا ئىچىڭلار ئاغرىمامدۇ›› دېۋىدىم، ئۇ بىر ئالىيىۋېتىپ ‹‹تۈمەن دەرياسى بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم›› دېدى. قەشقەردەك مەركىزىي شەھەردە، يەنە كېلىپ بىر تازىلىق خادىمىدىن ئاڭلىغان بۇ گەپ مېنى تېخىمۇ ئويلاندۇردى.
     ھەممىگە مەلۇم، ھاجەتخانا بولمىسا پاكىزلىق، پاكىزلىق بولمىسا مەدەنىيلىك بولمايدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك ‹‹نۇرلۇق›› كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مەلۇم كادىرى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنگە، يەنى كەچكە مەركەزلەشكەنلىكىنى، كەچتە شەھەردىكى ئەسلىدىن قىس ھاجەتخانىلار ئاساسەن تاقىلىپ كەتكەچكە، كىشىلەر خاس كەلگەن يەرلەرنى ھاجەتخانا قىلىۋېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئورمان بەلبېغى، چىملىق، بۇلۇڭ – پۇچقاقلار؛ ئىدارە – ئورگان، جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ئالدى – ئارقىلىرى بەتبۇي چىقىرىندىلاردا بۇلغىنىدىغانلىقىنى، بۇ بۇلغىنىش مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ قىلمىش شەھەر مۇھىتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ تەسىرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھاجەتخانا قىسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. بۇنداق گەپلەر باشقا ناھىيە(شەھەر)لەردە يوقمىدۇ؟ ھالبۇكى، يوق دېگىلى بولمايدۇ. ‹‹ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك››، مەۋجۇت مەسىلىلەر ئەلنىڭ نەزىرىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاتۇش شەھىرىدىكى ھاجەتخانا قىسلىق مەسىلىسى بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋېدى، ئۇلار بۇلتۇر ھۆكۈمەتكە يۈرۈشلەشكەن زامانىۋى ھاجەتخانىلارنى كۆپەيتىش ھەققىدە دادىل تەكلىپ – پىكىر بەردى. بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرگە جاۋابەن شەھەر باشلىقى قۇربانجان ھەسەن يېقىندا چاقىرىلغان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا ۋەكىل، ئەزالارغا بۇ يىل ئاممىغا قىلىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىشلار قاتارىدا يېڭىدىن ئالتە يۈرۈش ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىپ، ھاجەتخانا قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
     دەرۋەقە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دەۋرنىڭ تەقەززاسى. كونىلار ‹‹ھاجەتخانا – راھەتخانا›› دەپ بىكار ئېيتمىغان. چۈنكى بۇ ‹‹راھەتخانا›› كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش، جەمئىيەتكە پاكىزلىق تەقدىم قىلىش، كوچا – رەستە، مەھەللىلەرنىڭ مەدەنىيلىكىگە ھەسسە قوشۇش، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. جايلار ھاجەتخانا مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى، ئاندىن شەھەر – بازار ھەتتا مەھەللە قۇرۇلۇشى قىلغاندا، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر – بازارلار ‹‹تەڭرىتاغ لوڭقىسى››نى تالىشىش مۇھىت سېلىشتۇرمىسىغا قاتناشقاندا يۈرۈشلەشكەن، زامانىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ بار – يوقلۇقى ۋە ئاز – كۆپلۈكىنى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىشى كېرەك. ئىشقىلىپ، شەھەر – بازارلار پاكىز، رەتلىك بولسۇن، دېسەك، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ھېلىقىدەك ‹‹بۇ شەھەردە ھاجەتخانا يوقمۇ؟›› دېگەندەك سوئاللارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز زۆرۈر.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى.
Posted: 2009-02-25 16:50 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation