مەن جاھاننىڭ كەينىدە قالدىممۇ ياكى ئىددىيەسى ئىلغار قىز - يىگىتلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالدى؟! بىر ئۇيغۇر قىزى 25 ياشقا كىرگىچە جايلاپ بىرنەچچە تاماقنى ئىتەلمىسە، ئۇنىڭ مىللىتىنى ئۇيغۇر دېيىشتىن باشقا يەنە نەرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغۇلى بولىدۇ؟! مۇشۇ ياشقىچە كىرگىچە ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ قازان بېشىنى قولىغا ئالماي، ئاتا - ئانىسىنىڭ تەييارلاپ بەرگىنىگە قاراپ ئولتۇرغان قىز، كېيىنچە بىرەر ئوغۇل بالىغا كۆيۈنەرمۇ؟ ئۇنىڭ كېيىنچە تەربىيەلەپ چىققان پەرزەنتى قانداق بىر مەخلۇۇق بولۇپ چىقىدۇ؟!
مەن ئىنكاس قايتۇرغان تورداشلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ، ئوغۇللىرمىزنىڭ ئوغۇلدەك ئەمەس، قىزلىرىمىزنىڭ بولسا ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس بولغان ئېسىل ئادەتلىرىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتكەندەك بولدۇم!
مەن بۈگۈن بۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شۇ نىيەتكەم كەلدىمكى، بىر ئۆمۈر
بويتاق ئۆتۈپ كەتسەممۇ مەيلى، ئاشۇ قىزنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا بولسىمۇ تەسىر قىلىشى ئۈچۈن، ئەتىلا ئۇ قىزنى تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى جايىغا يولغا سېلىپ قويۇمەن!