ئاساسىي تېما : <<غىلاپ بەندىسى>> سېغىندىمئاۋاتلىقى:144ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 22
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 22 نوقتا
پۇل : 220 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 <<غىلاپ بەندىسى>> سېغىندىم


       ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ، ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتابىمىزدا "غىلاپ بەندىسى"ماۋزۇلۇق بىر ئەسەر بولىدىغان.  بىر قارا كۆزەينەك تاقىغان ، ئۇزۇن پەلتۇسىنىڭ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۋالغان ، قولىدا كۈنلۈك تۇتقان ، پۇتىدا ئېگىز قونچىلىق ئۆتۈك كىيگەن ، قۇلىقىغا پاختا تىقىۋالىدىغۇ دەيمەن تېخى . قىسقىىسى يۈزىنىڭ كىچىككىنە قىسمىلا ئۇچۇق قالغاندىن باشقا پۈتۈن بەدىنى "غىلاپ " ئىچىگە سۇلانغان بىر كىشىنىڭ سۈرىتى كىرىشتۈرۈلگەنلىكى  ئېسىمدە .  ئەسەرنى تەھلىل قىلغاندا ، ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز " بىلكوف، يېڭىلىقنى چەتكە قاقىدىغان ، كونىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ، يېڭى شەيئىنىڭ ھامان كونا شەيئىنىڭ ئورنىنى ئالدىغانلىقىدەك بىر قانۇنىيەتنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، جان -جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغان ، ئۆزىنى غىلاپ ئىچىگە يۇشۇرغان ،يېڭىلىقتىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان  كونسىرۋاتىپ كىشى "دەپ پىرسۇناژ خاراكتىرىنى تەھلىل قىلىپ بەرگەن ئىدى.  
     يېقىندىن بۇيان ئاشۇ ئەسەردىكى باش قەھىرمان بىلكوف توغرىسدا كۆپرەك ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم .ئەتىراپىمدىن  "بىلكوف"نى  ئۇچىرتىپ قېلىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلساممۇ ، ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتنىڭ كىشىلەر قوبۇلىدىكى غالىپلىقى سەۋەبىدىنمىكىن، ھەممە نەرسە ئېچىۋېتىلگەن بۈگۈنكى جەمىئىيەتتە، "غىلاپ" ئىچىگە ئۆزىنى بەند قىلالايدىغان "بىلكوف"نى ئۇچىرتىش ماڭا ئەسلا  نىسىپ  بولمىدى.
      ئەتىراپىمغا نەزەر سالدىم.....نەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولغان بىزنىڭ بۈگۈنىمىزدىن شۇ شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى تېپىشىمىز مۈشكۈلكەن، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىلىۋاتقان قولايلىق شارائىتلىرى تۈپەيلىدىن ،شۇ ماددىي ئۇقۇملارغا قېتىلىپ تەشۋىق قىلىنىش نەتىجىسىدە،بىزنىڭ ئېڭىمىزدا پەرۋىشسىز قالغان مەنىۋى جەھەتنىڭ ئورنىنى شۇنداق تىزلا ئىگەللىگەن  تۈرلۈك مەدىنىيەتلەر بۇلغانمىللىرىنىڭ تۆھپىسىدە ،خۇددى ھەممە نەرسىلەرنىڭ تەرەققىياتى  مۇقەررەر شۇنداق بۇلۇشى كېرەكتەك ھېس قىلىپ ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا ، رەت قىلىشقا ئىنتايىن ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارلاپ تۇرۇپتۇ....قارىسام، بىرەر يېڭى شەيئىنىڭ پەيدا بۇلۇشى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا، روھىمىزغا، ئىتقادىمىزغا تەسىر كۆرسەتكىدەك بولسا، "ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەكتى"دەپ ئېغىزىمىزدا ئازراق نارازلىقىمىزنى ئپادىلەپتۇق-يۇ ،  لېكىن يەنىلا شۇنى قۇبۇل قىلىپ كېتىۋېتىپتىمىز .بىلكوف"تەك ئۆزىنى "غىلاپ "ئىچىگە بەند قىلىپ، شۇنى قۇبۇل قىلماسلىققا تىرىشالايدىغان، ئەمەليىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان روھ ،خۇراپاتلىق،قالاقلىق بىلەن سۈپەتلىنىپ، بىزدىن بەك يىراقلاپ كېتىپتۇ............
      زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشى،پەن-تېخنىكىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەمىلىي كۈچىنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۇرۈپ،ئىنسانلار تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.بىزدە ئەسلىدىنلا،پەرۋىشسىز قېلىۋاتقان "مەدىنىيەت" ئېڭىمىزدىكى چۈشكۈنلۈك تەسىرىدە قەلىبلەردىكى"چاك كەتكەن مۇكەممەللىك"تۇيغۇلىرىمىزغا سىياسى-ئىژتىماھى تۇرمۇشىمىزدىكى مەغلۇپ ئورنىمىز،يات مەدەنىيەتلەرنىڭ تەۋەلىگىمىزدىكى غالىپلىقىنىڭ ئىدارە قىلىشى،....قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىرلىشىپ،"ياتلار"نىڭ تۇرمۇشىدىكى كۆزلەرنى ئالاچەكمەن قىلغۇدەك "پەن -تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىلەن بىزەلگەن"تۇرمۇش كارتىنىللىرىغا قاراپ لەۋ تامشىتىپ تۇرۇپ ھەۋەس قىلىدىغان ساددا قىزىقىش كەيپىياتى يىتىلدۈرۈپ چىقىپتۇ،مانا بۇ خىل قىزىقىش "ماددىي مەدەنىيەت"بىلەن "مەنىۋىي مەدەنىيەت"نى پەرىقلەندۈرۈش پالەچلىكىدىكى بىزنىڭ ئېڭىمىزدا پەن-تېخنىكا بىلەن بىرلىكتە ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىنىش ۋە تارقىتىش قولايلىقىدىكى يات مەدىنىيەتلەرگە توسالغۇسىز ئاينىش پۇرسىتى بولۇپ ،شۇنچە يىللىق شەرەپلىك تارىخ نەچچە ئون يىل ئىچىدىلا تونىيالمىغۇدەك تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشى ياساپ،يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قاپتۇ.......
غەيرى مەدىنىيەت ئامىللىرىدىكى "ئەركىنلىك""جىنسىيەت"ئۇقۇملىرى ئىنسان تەبىئىتىدىكى "نەپسى"ئاۋارىگەرچىلىكلىرىنى ئۆز خائىشلىرى بىلەن تەرتىپلىمەكنى خالايدىغان ياۋايىلىقىغا "خوش"يېقىپ،ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ھايۋانىي ئىستەكلىرىنىڭ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئاسانلا ئۆزلىشىپ،"بىز"ئىڭىمىزغا ئورۇنلىشىپ،بىزنى "ھەق-ناھاق"نى ئايرىشتىن تېخىمۇ توستى.... شۇڭا بۇرۇنلاردا ئاڭلاپمۇ باقمىغان يېڭى ساھەلەر ، يېڭى نەزەريىلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، يېڭى بىر ئىلىم سۈپتىدە مەيدانغا چىقىپ ،ئىنساننىڭ بىلىم دائىرسىنى زور دەرىجىدە "بېيتتى" .  ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى ، شەخسىيەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ كەمچىلىك  "ئىنسان تەبىئىتى"  دېگەن چىرايلىق ئاتالغۇ ئاستىدا قەد كۆتەردى. شۇنىڭ بىلەن ، ئىنسان بۇ قالپاق ئاستىدا يۇرەكلىك ھالدا ئەسلى تەبىئىتىنى نامايەن قىلىپ ، خالىيلاردا قىلغان خىيانەتلىرىنى ، يوغىناۋاتقان نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى بۇ ئاتالغۇ ئاستىغا يۇشۇردى. جىنسىيەت ئىلمى بارلىققا كېلىپ ، ئىنساننىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرى ئاشكارە سازايى قىلىندى.  ھايا ،نۇمۇس ئۇقۇمى "ئىلىم" دىن ئىبارەت كاتتا ئاتالغۇ ئاستىدا كۈمۈلۈپ قېلىپ ،ئانا بىلەن ئوغۇل ، ئاتا بىلەن قىز بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ، جىنسىيەت ھەققىدە ئەركىن پاراڭلىشىدىغان ھالەت تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى.كوچا-كويلاردا نايناقشىپ،بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كېتىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنى كۆرۈش ھازىر ئەڭ ئادەتتكى ئۇمۇمى ھادىسە بۇلۇپ قۇبۇل قىلىندى..... 
  بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلدۇق. تۇرمۇشىمىز موللاشتى . ئىنساننىڭ  كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلغان بۇ يېڭىلىقلار ،  بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپ ، بىزنى نۇرمال ئادەم ھېس قىلدۇرالىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ يوقىلىشىغا سۈكۈت قىلدۇق. 
    يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ ئورننى ئالىدۇ ، بۇ ھەقىقەتەن بىر قانۇنىيەت . لېكىن ،ئاشۇ كونا شەيئى يوقىلىشى بىلەن نىمىلەرنى يوقىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىنىپ باقساق ، بۇ يوقىلىشنىڭ بىزنى ھالاكەت بۇسۇغىسىغا سۆرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بۇلاتتۇق. 
  ئۇ پىرسۇناژ خاراكتىرىنى ياراتقان مۇئەللىپ ھازىر ھايات بولسا ئىدى،ئۇمۇ چۇقۇم مەندەك "بىلكوف"سېغىنىپ قالغان بۇلاتتى.
  قېنى قايسىمىز قۇياشتىن بۇلغىنىشسىز كېلىپ ، ئادەملەر سەۋەبىدىن ھەرخىل رادىئاتسىيەلەرگە تۇلۇپ كەتكەن قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭالايمىز؟! كۆزنى ئاچسىڭىزلا قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان بىر غېرىچ يوپكىغا پاتماي قالغان ساغرىلارغا ، يېرىم ئېچىلغان كۆكسىلەرگە ، ھەممە نەرسىنى ئىلغىماي قۇبۇل قىلىشقا كۆنگەن بىچارە چىرايلارغا قاراپ سېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆزەينەك تاقاپ ماڭالايمىز ؟! ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاكەت قىلىش بەدىلىگە سېتىۋالغان ئازاپلارنى ، ئېچىنىشلىق يىغىلارنى ئاڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن قۇلىقىمىزغا پاختا تىقىپ يۈرەلەيمىز ؟! نۇرغۇن قۇبۇل قىلىنشلار بىلەن بۇلغانغان مەنىۋىيىتىمىزنى ،روھىيىتىمىزنى تازىلاش ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىىپ، بىلكوفتەك مەردانە تۇرۇپ"قۇبۇل قىلمايمەن"دەپ ۋارقىرىيالايمىز ؟! ....

ھەيھات، گەپنى يىغسام، "غىلاپ بەندىسى"نى سېغىندىم...

Posted: 2009-02-23 15:51 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 197
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 197 نوقتا
پۇل : 1970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:90(سائەت)

 

بىلكوف!

ئۇنتۇپ كەت!!!

Posted: 2009-02-24 12:36 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 175
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 175 نوقتا
پۇل : 1750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2066(سائەت)

 

مۇشۇ جاھان كېيىنچە ئىپتىدائى ھالاتكە قايتامۇ.(كىيىم-كىچەكلىرىمىز)
Posted: 2009-02-24 13:01 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation