ئاساسىي تېما : باشقىلارنىڭ كىيمىنى مەينەت قىلۋەتمەڭئاۋاتلىقى:114ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2706
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2730 نوقتا
پۇل : 27300 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2809(سائەت)

 باشقىلارنىڭ كىيمىنى مەينەت قىلۋەتمەڭ


      ئامېرىكىلىق پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى شەھىرىمىزگە كەلدى مەكتەپ دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۇنى لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ  قىلدى، مەن بىر خىزمەتدىشىم بىلەن ماشىنىلىق بېرىپ، ئۇنى ئەكەلمەكچى بولدۇم، ئۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ۋايت ئىسىملىك بۇ مۇتەخەسىسى تولىمۇ  مۇلايىم كىشى ئىكەن، ماشىنىدا يول بويى بىزگە خەنزۇ تىلىدا يېرىم-ياتا گەپ قىلىپ چاقچاقلاشتى.
      شەھەردىن ناھىيگە بارىدىغان يولنىڭ مەلۇم بۆلىكى چوڭ رېمونت قىلىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشـتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولغانچا، ئادەم كۆپ ئىدى، پاتقاچىلىقتا ۋېلىسپىت ۋە كىچىك ماشىنىلارنىڭ چاقىدىن قالدۇرلغان ئازگاللارغا سۇ يىغىىپ قالغانچقا ، ماشىنلار تېز ماڭسا، پىيادىلەرنڭ كىيىم -كېچىكى ، ھەتتا يۈزلىرىگىچە چاچىراپ كېتەتتى، يول تەكشى بولمىغاچقا، بىزنىڭ ۋايت ئەپەندىنى چىك ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدۇق، ئۇ دەسلەپتە سۆزىمىزگە ئانچە ئېرەن قىلماي كۈلۈپ ئولتۇردى، خىزمەتدىشىمىنىڭ توختىماي سىگنال بېرۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىلا، ئاندىن دېرىزە سىرتتىغا قاراپ، يولنىڭ رېمونت قىلىنۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە دەرھال قولنى  پۇلاڭلىتىپ،<< NO>> دەپ ۋارقىراپ كەتتى، خىزمەتدىشىم دەرھال ماشىننى تورمۇزلىدى. ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى سەل خاپا بولۇپ :<<ۋايت ئەپەندى سەل تەخىر قىلىڭ، ئاز قالدۇق، بۇ يولنى رېمونىت قىلۋېتىپتۇ>> دېدى.
     -- تەخىر قىلالمايۋاتقان يېرىم يوق-- دېدى ۋايت ئەپەندى بېشىنى چايقاپ ، بىر ھازادىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ماشىنىنى تېز ھەيدىسەك، باشقىلارغا لاي- پاتقاق چاچىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى چۈشەندۇق، ئۇ بىزگە ئىككى تەلەپ قويدى بىرى ،بۇ يولدا سگنال بېرىپ پىيادىلەر ۋە ماشىنىلارنى يول بوشىتىقا بۇيرۇشقا بولمايدۇ، يەنە بىرى سۇ ئازگىلى بار يەرلەردە پىيادىلەر ئاۋۋال ئۆتۈۋېلىشى كىرەك.
نىمە ئۈچۇن؟ ---دەپ سورىدى خىزمەتدىشىم.
---سەۋەبى تولىمۇ ئاددى: بىز ئۇلاردىن راھەت كېتىۋاتىمىز-دە دېدى ۋايت ئەپەندى.
      كېيىن ئۇ لېكىىيە سۆزلەۋېتىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش توغرۇلۇق تۇختالدى ۋە بىر مىسال كەلتۇرۇپ:
     -- << ھۆرمەتلەش >> باشقىلارنىڭ كىيىمىنى مەينەت قىلىۋەتمەسلىك دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ مەينەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئەپە سوراش ياكى كىيىمىنى تازىلاپ بېرىش دېگەنلىك ئەمەس--دېدى
<< باشقىلارنىڭ كىيمىنى مەينەت قىىلىۋەتمەسلىك>> دېگەن سۆزنى كېيىن گېرمانىيدىن كەلگەن بېقىن ئاغىنەمدىن ئاڭلىدىم، ئۇ مېنى سەھىرا مەنزىرسىنى تاماشا قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق، بىراق سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى، مەن تەنھەرىكەت كىيىملىرىمىنى ئالماشتۇرۇۋاتسام ، ئاغىنەمدىن تۇيۇقسىز تېلېفۇن كېلىپ ، بارالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى ، سەۋەبىنى سورسام، ئۇ ماشىنا ھەيدىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    --- مېنىڭ پراۋام بار، ماشىنىنى مەن ھەيدەي-- دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ،
--- ماشىنىنىڭ ، ئادەمىنڭ مەسىلىسى ئەمەس، شامال چىقىۋاتىدۇ،--دېدى ئۇ،
     ---قۇيۇنلۇق بوران ياكى تەيفېڭ بورىنى چىقىۋاتمىسا--- دەپ سورىدىم ھېچنېمىنى چۈشەنمەي.
   ئۇ دەرھال چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
--- ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا 4-5 بال شامال چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سەھراغا باردىغان يول قۇم-شېغىللىق ، ماشىنا ماڭسىلا توپا-چاڭ ئۆرلەپ، پىيادىلەرنىڭ  يول يۈرۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ، باشقىلارنىڭ كىيىمىنى مەينەت قىلۋەېتىشكە بولمايدۇ...
       82مىليۇن ئادەم 50 مىليۇن ماشىنا ئىشلىتىدىغان، ماشىنا پادشاھى دۆلىتى دەپ نام ئالغان گېرمانىيىدە، قاتناشنىڭ نېمە ئۈچۇن تەرتىپىلىك بولدىغانلىقىنى شۈ چاغدا چۈشەندىم، چۈنكى ئۇلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشكە ماھىر ئەمەسكەن، چۈنكى ئۇلار ئاق-سېرىق قاتناش بەلگىسىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانكەن، چۈنكى ئۇلار پىيادە كېتىۋاتقان ناتونۇش كىشلەرنىڭ كىيىمى ۋە كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز كۆپ تەكىتلەيدىغان، ئەمەلىيتىمىزدە كۆرستەلەيمەيدىغان << ھۆرمەتلەش>> سۆزىگە ئەمەل قىلىدىكەن، خالاس .

مەنبە:ماتىريال

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-22 11:23 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation