ئاساسىي تېما : [دىققەت] شىنجاڭدا يەر تەۋرەش كۆپىيىپ قالدى.ئاۋاتلىقى:186ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 [دىققەت] شىنجاڭدا يەر تەۋرەش كۆپىيىپ قالدى.

      بايا كەلپىندىن تاپشۇرىۋالغان خەۋەردىن قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەلپىن ناھىيە تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەندىن باشلاپ، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 غىچە 171 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. بۇ قېتىم يەر تەۋرىگەن كۆلىمى كەڭ، بەش يېزا بازارغىچە تەسىر كۆرسەتكەچكە يەرلىك دېھقان چارۋىچىلارغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن. 4000 دىن ئارتۇق ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان.
      ئارقىدىنلا كەلگەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 11 غىچە 13365 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 605 ئادەمنى جىددىي يۆتكىگەن، ئىشقىلىپ ئىقتىسادىي زىيان 60 مىليونغا يېتىپتۇ.

      يەنە توقسۇندىن كەلگەن خەۋەردىمۇ بۈگۈن توقسۇندىمۇ ئۈرۈمچى ۋاقتى 4 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە 3.0 بال يەر تەۋرىگەن، بۇلاردىن باشقا ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە، چاپچال، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئاقتۇ، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلىرىدىمۇ كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەن.

    شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى بۇ ھادىسىلەرنى يەر شەكلىنىڭ تەبئىي، نورمال ھەركەتلىشى، چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئاۋامنىڭ قورقۇشى ھاجەتسىز، - دەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا تورداشلارنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتىمۇ مۇتەخەسىسلەر ئاۋامنى قورقۇپ كەتمەڭلەر دەپ تەسەللىي بېرىپ كەلگەنتى.


  
Posted: 2009-02-21 20:11 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

    ھازىر تاپشۇرىۋالغان ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان مىليون يۈەندىن ئاشقان.
   
Posted: 2009-02-21 21:17 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 171
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 173 نوقتا
پۇل : 1730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:61(سائەت)

 

شىنجاڭدا ئىككى كۈن ئىچىدە 4 قېتىم يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 4.3 بالغا يەتتى

شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ يەر تەۋرەش خەرىتىسى (شىنجاڭ يەر تەۋرەش خەۋەر تورى)



    ياشىن تورىنىڭ 28- فېۋرالدىن 1- مارتقىچە  شىنجاڭدا يۈز بەرگەن 4 قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن بەرگەن خەۋىرى 
    28-فېۋرال، شىزاڭ رىتۇ ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ چىرا ناھىيىسى چىگىرالىرىدا 4.3 بال يەر تەۋرىدى . چىرا ناھىيىسىدە 3.0 بال ، كىرىيە ناھىيىسى بىلەن شىزاڭ رىتۇ ناھىيىسى چىگرىسىدا 4.0 بال يەر تەۋرىدى . 1-مارت بېيجىڭ ۋاقتى 13 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 4.0 بال يەر تەۋرىدى . بۇ دەرىجىسى تۆۋەن 4 قېتىملىق يەر تەۋرەش كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مال _ مۈلكىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمىدى .
    شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىستانسىنىڭ دەسلەپكى ئۆلچەشتىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، 28-فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16 دىن 43 مىنۇت 34.7 سىكونت ئۆتكەندە شىزاڭ ئالىي ۋىلايىتىىنىڭ رىتۇ ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسىنىڭ چىگرىسىدا 4.3 بال يەر تەۋرىگەن . 
    تەۋرەش نوقتىسى : شىمالىي كەڭلىك 35.3° ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.3° تا بولۇپ ، ئاساسىي تەۋرەش مەركىزى  كوئىنلۇن تاغلىق رايۇنى .
تەۋرەش مەركىزىي چىرا ناھىيە بازىرىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتا .
    بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش توختاپ 5 مىنۇتتىن كىيىن ، بېيجىڭ ۋاقتى 16 دىن 49 مىنۇت 16.2 سىكۇنت ئۆتكەندە چىرا ناھىيىسىدە يەنە 3.0 بال يەر تەۋرىدى . 
    تەۋرەش نوقتىسى شىمالىي كەڭلىك 35.4° ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.3° تا .
يەنە شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 17دىن 02 مىنۇت 48.1 سىكۇنت ئۆتكەندە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى  كىرىيە ناھىيىسى بىلەن شىزاڭ ئالىي ۋىلايىتىىنىڭ رىتۇ ناھىيىسى چىگرىسىدا 4.0 بال يەر تەۋرىدى . 
    تەۋرەش نوقتىسى  شىمالىي كەڭلىك 35.3° ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.5° تا .
    1- مارت بېيجىڭ ۋاقتى 13 دىن 32 مىنۇت 52.5 سىكۇنت ئۆتكەندە ، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 4.0 بال يەر تەۋرىدى . 
    تەۋرەش نوقتىسى : شىمالىي كەڭلىك 39.6° ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 74.2° تا .
    بۇنىڭغا قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ، شىنجاڭ بولسا يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بىرىدىغان رايۇن ئىكەنلىكىنى ، تەۋرەش دائىرسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرىتتى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر يىلى شىنجاڭ تەۋەسىدە 4.0 بالدىن يۇقۇرى يەر تەۋرەشنىڭ 100 قېتىمدىن ئاشىدىغانلىقىنى ، كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كىرەكلىكىنى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىش بىلەن بىرگە ، يەنە كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئالاقىزادە بولماسلىقىنى ، بۇنداق دەرىجىسى تۆۋەن يەر تەۋرەشنىڭ كۆپلەپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرىتتى .
Posted: 2009-03-02 15:14 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> بۈگۈنكى دۇنيا

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation