ئىچكىردىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى
14- فېۋرالدىن باشلاپ جۇڭگو ئۆيى مۇنازىرىسى، تېشۇئې، تيەن يا، سىنا، جۇڭگو رېن تور بېكىتى، قاتارلىق جۇڭگۇچە داڭلىق تور بەتلەردىن تارتىپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ مۇنازىرە بەتلىرىگىچە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭمېن كۆرۋۈكىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدىكى سۆرەت ھەم مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.بىر نەچچە كۈندىن بۇيان جۇڭگۇچە مۇنازىرە تور بەتلىرىنى " سۇ جۇ ئۇنىۋېرستېتى شىياڭ مېن كۆۋرۈكىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى" دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرە قاپلىدى. مەزكۇر مۇنازىرىگە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونىدىكى شاڭمېن كۆۋرۈكىدە يەردە جان تالىشىۋاتقان بىر ياشنىڭ يانفون كامىراسىدا تارتىلغان سۈرەتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتلەردىن ئۇنىڭ بېشىدىن ناھايىتى كۆپ قان چىقىۋاتقانلىقى، ئەتراپتىكى ساقچى ھەم كىشىلەرنىڭ بولسا ئۇنى قۇتقۇزۇش ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئەمەس بەلكى ھاڭۋېقىپ قاراپ، بەزىلىرىنىڭ پەرۋاسىز ئۆز يولىغا ئۆز ئىشى بىلەن كېتىۋاتقانلىقىدەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئىدى،شۇنداقلا مۇنازىرىلەردە جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ھەممىگە پەرۋاسىز ھالىتىنى ئەيىپلىمەكتە. مۇنازىرىلەردە بۇ ئېچىنىشلىق قانلىق ۋەقەدىكى باش قەھرىماننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئادەملەر رەھىم قىلىڭلار
بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ھەمدە ئۇچۇرلاردىكى تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونىغا جايلاشقان شىئاڭمېن كۆۋرۈكىدە 14 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەنى دەسلەپ تور بەتلەرگە يانفون ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىپ قويغۇچىنىڭ يېزىشىچە، شۇ كۈنى ئۇ شاڭمېن كۆۋرۈكىدە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ كەتكىنى كۆرگەن، بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، ئىنتايىن ياش بىر ئۇيغۇر قانغا مىلىنىپ ياتقۇدەك، ئۇنىڭ بېشىدىن توختىماي قان چىقىۋاتقان، جان تالىشىپ ئارانلا مىدىرلاۋاتقان بولسىمۇ ئەتراپتىكى ئولاشقان كىشىلەر بىردە كۆپىيىپ بىردە ئازىيىپ بىرەر سائەتكىچە ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولمىغان. !
گەرچە يېقىن ئەتراپتا بىر ساقچى قاراپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇمۇ بۇ بالىنى قۇتقۇزۇشقا قىلچە ھەرىكەت قىلماي قاراپ تۇرغان ئەمما ئەتراپتىكىلەرنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىنى بولسا قارشىلىق بىلدۈرۈپ توسقان. بۇ قانلىق ۋەقەنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى، ئىنسانىي مېھرى شەپقەتتىن ئەسەر يوق مورىغا ئوخشاش قاراپ تۇرۇشلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان شۇ سەۋەبتىن بۇ سۈرەتلەرنى تارتىپ تور بەتكە يوللىغان ھەمدە " ئادەملەر رەھىم قىلىڭلار" دەپ نىدا قىلغان.
ئەمدى بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانىغا كەلسەك، ئۆزىنى شۇ ۋەقەنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى دەپ ئاتىغان، جۇڭگۇچە تور بەتلەرگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغان يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14 - فېۋرال كۈنى سۇجۇدىكى پۇخىرالارمۇ غەربلىكلەرنىڭ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىۋاتقان بولغاچقا كوچىلاردا كىشىلەرمۇ كۆپ جۈپ - جۈپ ئوقۇغۇچىلارمۇ بايرام تەبرىكلەش ئۈچۈن سىرتقا چىققان، كوچىلار جۈملىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن كۆۋرۈكمۇ ئادەتتىكىدىن ئاۋات بىر كۈن بولغان.
شىئاڭمېن كۆۋرۈكىدىكى ئۇ ياشنىڭ، بىر قانچە سائەتلەپ جان تالاشسىمۇ كىشىلەرنىڭ كارى بولمىغانلىقى، شۇنچە قانسىراپ قىينىلىپ ياتسىمۇ بىرەر كىشىنىڭمۇ ئىنسانپەرۋەرلىكىگە ياكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە ياكى ئاممىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغان ساقچى ۋە ياكى "ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر" نىڭ كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇشىغىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىدىكى سەۋەب،
ئۇ ياش ئەسلى بىر ئۇيغۇر يانچۇقچى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ كىشىلەرنىڭ رەھىمىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر، داۋاملىق مۇشۇ ئەتراپتا ئوقۇغۇچى ھەم ئاممىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەت گۇرۇھىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ شېرىكلىرى بىلەن يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ كوچىدىكىلەردىن قاتتىق تاياق يەپ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ ئاتالمىش يانچۇقچى ئۇيغۇر بالىنىڭ جان تالىشىۋاتقان مەيداندا بىر سائەتكىچە تۇرغان يەنە بىرى، كىشىلەرنىڭ 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر سائەتكىچە كەلمىگەنلىكىنى ساقچىلارنىڭمۇ ئىنتايىن كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن بىر دوختۇر ماشىنىسىنىڭ كېلىپ ئۇ بالىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى يازغان. ئەتراپتا قاراپ تۇرغۇچىلار ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، يانچۇقچى ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى ئەيدىز كېسىلى بولىشى مۇمكىن دەپ غۇلغۇلا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما ھېچكىم ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ھەتتا بەزىلىرى
"يانچۇقچى بولغان بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك،" " ئۆلگەن بولسا ياخشى، باشقا ئوغرىلارمۇ ساۋاق ئالسۇن،" دېگەندەك قەبىھ سۆزلەرنى قىلىشقان. ئۆلۈك جانلار ...
سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئالىي مەلۇماتلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان بىلىم يۇرتى ئەتراپىدا، كۈپ كۈندۈزدە مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىر ئىنساننىڭ جان تالىشىشنى كىشىلەرگە پەرۋاسىز قاراپ قويىدىغان بىر مەنزىرە بولۇپ قالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ھادىسە، بۇ قانلىق ۋەقە ئۆزىدىنمۇ ئېچىنارلىق بىر مەسىلە سۈپىتىدە مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە بايان قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ لۇشۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بەئەينى ئۆلۈك جانلارغىلا ئوخشاپ قالغانلىقى، ئىنسانلاردىكى بۇ خىل بىخوتلوقنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن قورقۇنچلۇق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن كۈچلۈك تەنقىد قىلماقتا.
17 - فېۋرال بۇ ھەقتەخەنزۇچە تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇ قانلىق ۋەقەدىكى ياشنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان بولسىمۇ سۇجۇ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىدى.
مەنبە:ئۇيغۇر تورى.
سۈيۈملۈك باشقۇرغۇچىلار بۇ تىما پۈتۈن جۇڭگۇ توربەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىلان قىلىندى..........بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر بولغاندىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن -بىر ئىجتىمائى توربەتلىرىدىن ھىساپلانغان سەلكىندىمۇ تەستىقلانسۇن.بۇ تىمىدا ھىچقانداق (ئىش)يوق! تىمام تەستىقلانمىسا مىنى قايىل قىلغۇدەك سەۋەبىنى
ئۇچۇر قىلىپ يۇللاڭلار
ئىنكاس: .........
دەرۋەقە جۇڭگۇ جەمئىيىتىدە "شىنجاڭلىق ئوغرى، يانچۇقچى ئاتالغۇسى" ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر تېما. بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۈرلۈك يوللاپ بىلەن ئالدىنىپ سېتىلىپ بارغان نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى ۋە ياكى جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن روھىي ھەم جىسمانىي جازالار ئارقىلىق ئوغرى يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقان بولسا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىمۇ ھەممىنىڭ ھاقارەتلەش، خورلاش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرى ھەم ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىق. شۇنداقلا ئوغرى دەپ كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ يارىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن ھادىسىلەر مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.
بۇ نۆۋەت جۇڭگۇلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ، مىللىي خاراكتېرى ھەم ئىنسانىي ئەخلاقى، مەسئۇلىيەتلىرى، دۇنيا قاراشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا قان بەدىلى ئورنىغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆلكىلىرىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلارچە، ئونمىڭلارچە ئوغرى يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە يۈز بەرگەن ھەم يۈز بەرمەكتە.
كۈچۈرۈلمە
خەۋەر مەنبەسى:ئۇلىنىش تۇرى
مەنبەسى :
http://bbs.news.163.com/bbs/society/119713785.html http://bbs.news.163.com/bbs/society/119613148.html