كاۋاپچى
ئوت كوچىسىدا،
بىر ئۇيغۇر
ئىككى ئۇيغۇر
كاۋاپداننى قويۇپ قۇياشقا
گۆش،قارامۇچ،زىرە،تۇخۇمدىن
قىيما قىلىپ سېلىپ بىر داسقا،
تەييارلاندى شاھانە ئاشقا.
توپ_توپ ئاقار يۇلتۇزدەك
گۆشكە ئۇچۇپ كەلگەن چىۋىنلەر
باشلىدى خور گىژىلداپ ئاستا.
بازاردا مىڭ ئادەم
تىرىكچىلىك يولى باشقا،
ئۆز سودىسى،ئۆز غېمى بىلەن
ھەركىم مەجبۇر تەنھا ياشاشقا.
كاۋاپچى
قولى ئىشتا،مەيلى ياز، قىشتا
كاۋاپ قىلار تەرلەپ پىخىلداپ،
ئوخشار تېگىپ تۇرغىنى باشقا
ھاۋا ئەمەس سۈپسۈزۈك تاشقا.
چوغداندا
باشلىدى ياشاشقا
قاننىڭ رەڭگى
ئوتنىڭ ئۆلۈكى.
قىز كالپۇكىدەك
چوغ كۈلگەن.
تۈگۈلگەن
قىزىل گۈلنىڭ مۇشتۇمى.
يۈگۈرگەن
قان ۋە ھاياجان.
سۈزۈك قەتلىئام،
قۇشخانا قايناق
ئالدىراش ئاۋام.
مەن بىر قويدىن سورىدىم:
__يېقىنىڭ كىم؟ماشايىخىڭ كىم؟
قوي كاللىسى كىردى زۇۋانغا:
__مېنى بوغۇزلىغان ئادىمىم.
ھەيران بولدۇم ئۇشبۇ جاۋابقا،
قويدىن دائىم ئەپۇ سورىدىم
قول سوزغاندا تونۇر كاۋاپقا.
شۇ تاپتا
زىختا ئەمەس شاختا
گۆش مېۋىسى پىشماقتا.
گۈپۈلدەيدۇ كۆيگەن ياغ ئىسى،
ۋىژىلدايدۇ گۆش مۇزىكىسى،
ئۇرغۇپ ھەۋىسى،تاقىلداپ نەپسى
كىممۇ تۇرسۇن كەلمەي يېگۈسى.
كاۋاپ پىشتى،مېزىلىك كاۋاپ
ئاتەشپەرەسمۇ ياكى ئاچ ئەرۋاھ
چوغ يېنىدا قىلماقتا تاۋاپ،
بۇ يېيىش مۇراسىمى.
ئەييۇھانناس،ئەي باتۇرلار!
تاغدا يولۋاس ئاتۇرلار!
ناغرا_سۇناي تاتۇرلار!
مۇراسىمنى باشلايلى.
قىزىق كوچا،
بىر زىخ ئادەم
ئىككى زىخ ئادەم...
_ئادىل تۇنىياز