ئارقا كۆرۈنۈش:
بىر نەچچە كۈندىن بېرى، رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىللىرىدا، بىر قاراشقا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان، يەنە بىر قاراشقا كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان، تولىمۇ ئاددىي بىر
خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىدا ئەكېلىنگەن سۇنى توشىماقتا
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى گۈلباغ يېزىسىدىكى بىر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇدۇقى 5 - فېۋرال گۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، شۇ جايدىكى 11 - ، 12 - ، 13 - كەنت بىر مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ يولى ئۈزۈلۈپ قالغان. يەرلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرىشىچە، قۇدۇقنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇزۇن مەزگىل رېمىنوت قىلىنمىغانلىقىدا ئىكەن. شۇ كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى سەككىز كوماندىر - جەڭچى توققۇز سائەتتە يۇقىرىقى كەنت ئاھالىلىرىگە 50 توننىدىن ئارتۇق سۇ ئاپىرىپ بەرگەن. تەسىرلەنگەن كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ سۇ توختاپ قالغان ئىدى، سۇ ئىشلەتمەكچى بولساق ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشقا كەنتلەرگە بېرىپ سۇ سېتىۋالاتتۇق، قاتناش قوراللىرىمىز قالاق ھەم كەمچىل، سۇ يۆتكەش تولىمۇ تەس بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆپلىگەن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىللىرىنىڭ بىزگە سۇ ئەكىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ يېزىدا بولغان ۋەقە مانا مۇشۇنداق ئاددىي ھەم تەسىرلىك. دەرۋەقە، خەلق ئاممىسى بىلەن خەلقنىڭ كوماندىر - جەڭچىللىرى بىر ئائىلە كىشىللىرى، خەلقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، بىزنىڭ خەلق ئەسكەرلىرىمىز ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولۇشقا تەييار. بۇ پەقەت بۇ تەسىرلىك
خەۋەردە ئېنىق ئىپادىلەنگەن بىر تەرەپ. لېكىن يەنە بىر تەرىپى بۇ
خەۋەردىكى
رەسىم ۋە مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان.
ئالدى بىلەن
رەسىم توغرۇلۇق سۆزلەپ باقاي. بۇ
رەسىمدىن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
1.
رەسىمدە ئۈچ ئىشەك ھارۋىسى بار، ئۈچ ئىشەك ھارۋىسىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ تۇڭ بار. دېمەك، بۇ كەنتتە بۇنداق سۇ توختاش ئەھۋالى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئائىلىدە بۇ خىلدىكى سۇ توشۇش ئەسۋاپلىرى تەييارلانغان.
2.
رەسىمدە ئۈچ ئىشەك ھارۋىسى بار، ئالدىنقى ئىككى ھارۋىدىكى تۇڭغا سۇ قاچىلىنىپ بولغان، 3 - ھارۋىغا سۇ قاچىلىنىۋاتقان. بۇ قاراشقا شۇنداق نورمال، لېكىن مېنىڭ تەجرىبەم بويىچە ئېيتقاندا بۇ نورمالسىز. سەۋەبى، سۇ قاچىلىنىپ بولغان ھارۋىلار 3 - ھارۋىدىكى تۇڭغا سۇ قاچىلىنىپ بولىشىنى ساقلاپ تۇرىۋاتامدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا سۇنى قاچىلاپ بولاپ يەنە نېمىشقا ئۆيلىرىگە قايتمايدۇ؟ چۈنكى، مەلۇم بىر تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىر بۇ ئىشقا رېجىسسورلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار
رەسىمگە چۈشۈشنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.
رەسىم توغرۇلۇق مۇشىنچىلىكلا توختىلاي. ئەمدى
خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىكى بىرنەچچە جۈملىلەرنى ئايرىپ يېزىپ قاراپ چىقايلى:
1. 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىدا ئەكېلىنگەن سۇنى توشىماقتا 2. بىر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇدۇقى 5 - فېۋرال گۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، شۇ جايدىكى 11 - ، 12 - ، 13 - كەنت بىر مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ يولى ئۈزۈلۈپ قالغان. 3. قۇدۇقنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇزۇن مەزگىل رېمىنوت قىلىنمىغانلىقىدا ئىكەن. 4. شۇ كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ئوت مۇداپىئە - ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى سەككىز كوماندىر - جەڭچى توققۇز سائەتتە يۇقىرىقى كەنت ئاھالىلىرىگە 50 توننىدىن ئارتۇق سۇ ئاپىرىپ بەرگەن. 5. سۇ ئىشلەتمەكچى بولساق ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشقا كەنتلەرگە بېرىپ سۇ سېتىۋالاتتۇق. تەھلىل ۋە سوئال: دېمەك، بۇ كەنتتە 5 - فېۋرال سۇ توختىغان، 10 - فېۋرال كۈنى كوماندىر - جەڭچىلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇلارغا سۇ يەتكۈزگەن، ئارىلىقتىكى بەش كۈندە ئۇلار باشقا كەنتلەرگە بېرىپ سۇ توشۇپ يۈرگەن. ئۇنداق بولسا بۇ بەش كۈن ئىچىدە شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت نېمە ئىش قىلدى؟ كۈندە يىغىن ئىچىپ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشتىمۇ ياكى يۇقىرىغا بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن دوكىلات سۇندىمۇ؟ بىر مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى مۇشۇ بىرلا قۇدۇقتىن سۇ ئىچەمدۇ؟ يۇقۇرىدىكى ئايرىپ چىققان 3 - ۋە 5 - جۈملىلەرگە قاراپ باقايلى. دېھقانلار بۇ ئۈچ كەنتتىكى بىردىن - بىر قۇدۇقتىن سۇ ئىچكەندە ھەق تۆلەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلار باشقا كەنتتىن سۇ سېتىۋالمىغان بولاتتى. ئەمىسە ھەق ئالغان ھۆكۈمەت نېمىشقا قۇدۇقنى ۋاقتىدا رېمىنوت قىلىپ تۇرمايدۇ؟ ئېلىنغان ھەق قەيەرگە كەتتى؟ شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ قۇدۇقتىن مەسىلە چىقسا بىر مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ
خەۋەردە كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ پەزىلىتىنى مەدىيلىنىپتۇ - يۇ، نېمىشقا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلمىغان «خەلق چاكارلىرى» نىڭ مەسئۇلىيىتى تەنقىد قىلىنمايدۇ؟ ئاخبارات ئورۇنلىرى نېمىشقا ياخشى تەرىپىنى تەشۋىق قىلىدۇ - يۇ، نېمىشقا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ناچار ئىللەتلارنى قامچىلىمايدۇ؟ ۋاھاكازا...........
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا:
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ‹‹ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا ئىجتىمائىي ئىشلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش لازىم››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان يېڭىچە تونۇشى بولۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى،پارتىيىمىزنىڭ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە ئامانلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە. شۇڭا پارتىيىمىز ئىزچىل تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ۋە بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېلىمىزنىڭ پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىزچىل تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ كەلگەنلىكى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 يىلدىن كېيىن، بىز نۇرغۇنلىغان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى يەكۈنلىدۇق، يىتەرسىزلىكلەرنىمۇ خۇلاسىلىدۇق. مانا مۇشۇنداق غەلىبە ئىچىدە خوشاللىنىۋاتقان كۈندە، قانچىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى گۈلباغ يېزىسىدەك ناچار تۇرمۇش شارايىتىدا تۇرىۋاتقان، تېخىچە تۇرمۇشنىڭ ئاساسى كاپالىتىمۇ تولۇق بولمىغان يەرلىرىمىزنىڭ تېخى نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل ئويلايدۇ؟ يەنە قانچىلىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، خەلققە نەپ بېرىدىغان ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ھەقىقى كۈچىنى چىقىرىۋاتىدۇ؟
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش چېتىلىش دائىرىسى كەڭ چوڭ ئىش. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەم كىشىلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىلا ئەمەس، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مۇۋاپىق كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، سۇغۇرتا، قاتناش،
ئۇچۇر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۇل مۇئەسسەسە، مەدەنىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ بۇ
خەۋەردىكى
رەسىمگە بىر قاراپ باقايلى، بۇنىڭدىن «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» نىڭ ھەقىقى مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
قىسقىسى، پارتىيە - ھۆكۈمەت خادىملىرى چوقۇم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يادرولۇق ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتىشى، تەرەققىيات مەقسىتىنى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلق مەنپەئىتىنى رېئاللاشتۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشى لازىم. ھەرگۈزمۇ گۈلباغ يېزىسىكى بىر قىسىم باشلىقلارغا ئوخشاش، خەلقنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىمەيدىغان، تۆۋەندىكىلەرنى ئالداپ، سوقۇپ، يۇقۇردىكىلەرنىڭ كۆزىنى بويايدىغان نائەھلىلەردىن بولماسلىقى لازىم. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلمىغان ھەرقانداق ئادەمنى پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا بىر دەقىقىمۇ تۇرغۇزماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇلار پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ھەقىقى كۈشەندىسىدۇر.