Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئوغرى نىڭ 2009-02-13 18:11 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
ھازىر تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ جەمئىيەتتە رولى بەك مۇھىم بولۇپ كەتتى، توردا يەنى خەنزۇچە تورلاردا پۈتۈنلەي شۇ بايرامنىڭ گېپى، كوچىغا چىقسا چوڭ كىچىك سودىگەرلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چىقارغان ھەر خىل پائالىيەتلىرى بىلەن كۆپنى بەك ئىنچىكىلەپ ئويلاپ كەتمەيدىغان ياش بالىلار بۇنى كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدىلا قاراپ، خاراكتىرىگە ئانچە پىسەنت قىلماي ئۆز - ئارا سوۋغاتلارنى ئالماشتۇرۇپ تەبرىكلىشىدۇ.
تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر دورامچىلىق بايرىمى. خەنزۇلار ياۋرۇپالىقتىن دورىغان، چۈنكى ياۋرۇپالىقلار ھامىنى ئىلغار. ئۇيغۇر ياشلىرى ئەتراپتىكى خەنزۇلار كۆپ جەمئىيەت مۇھىتىدىن دورىغان.
بۇنداق ۋاقىتلاردا تىجارەتچىلەرنىڭ كاللىسى شۇنداق ئېچىلىپ كېتدىكىن ئەيھاناس
مەن ئىدارىنىڭ بىر پائالىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۇمارىسقا تىلىفۇن قىلىپ تاللا تامىقىنىڭ باھاسىنى سورىسام (2-ئاينىڭ 14-كۈنى بايرام مۇناسىۋېتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئىتىبار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق ئۇقۇپ باقامسىز دىدى-دە مۇنداق چۈشەندۈردى .
158يۈەنلىك :بۇنىڭدا نەچچە تاللىقى ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ ئىشقىلىپ بىر نەچچە تال ئەتتىرىگۈل ،بىر كۇرۇپكا شاكىلات ۋە ئىككى كىشلىك تاللار تامىقى .
358يۈەنلىك :يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئكلچەملىك ياتاقتىن بىرنى بىر كېچىلىك ئېچىپ بېرىمىز ،دىدى ،ئويلاپ قالدىم دىمەك جەمىيتىمىزدىكى بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتلار ھەر -خىل بايراملارغا قولايلىقلارنى ئەكىلىپ بېرۋېتىپتۇ ،