ئەتە 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، بۇ بىر ئەجنەبىلەرنىڭ بايرىمى بولسىمۇ، لېكىن جەمىئىيەت تەرەققى قىلىپ ھەممە ئادەم ئۆتكۈزدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. تۇرمۇش ۋە مۇناسىۋەتلەردە، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان 5 - 6 دەك قىزلار ۋە چوكانلار بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم، ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتېمىزمۇ يامان ئەمەس ئىدى. لېكىن مۇشۇ «ئاشنىلار بايرىمى» نىڭ كىلىشى بىلەن، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مېنىڭ بېشىمنى قاتۇردى. ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ بۈگۈن چۈشكىچە ئۈچەيلەن تېلىفۇن ۋە
ئۇچۇر قىلىپ، 14 - چىسلا كۈنى كەچتە بىرگە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى، ھەم ماڭا سوغات ئېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىرسىلا دېگەن بولسا ئىش ئاسان بولاتتى، ئەمما ھازىر مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى. چوكان - قىزلار بىلەن تونۇشماي دىسە تېخى، تونۇشسا مۇشۇنداق قىيىنچىلىققا قالىدىغان ئىشكەن. بۇنى ياخشىراق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بارمىدۇ؟