ئاساسىي تېما : ئاجراشمىسام بولمىدىئاۋاتلىقى:150ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 46
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 50 نوقتا
پۇل : 500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 ئاجراشمىسام بولمىدى


 
كۈن ئۆتكۈزمەك تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
خوتۇن بەكلا پەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
نىگارىدىن بىتەلەي كەلگەن ئەرلەر بىچارە،
ئىكەن ماڭا نەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

كۆيدۈم دېسە، كۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
سۆيدۇم دېسە، سۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
ئۇنىڭ ھەربىر سۆزلىرى يالغان ئىكەن، ۋاي ئىسىت...
بىلگەن چاغدا تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

مال - دۇنيارىم كۆپ بولغاچ، كۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
ھاتەم كەبى مەرد بولغاچ،  سۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
توي بىلەنلا تۈگىدى تەئەللۇقات، مال - بىسات،
ئەمدى دىلغا غەش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى.

خۇي - مىجەزى كۈنسېرى ياقماي قالدى دىلىمغا،
چوغنى ياقتىم مەن مۇشۇ سۆڭىكى يوق تىلىمغا،
مەقسىتىنى بىلگەندە پۇشايمانغا قالدىممەن،
ئاپەت دېگەن قۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

كۈندۈزلىرى بازارغا يورغىلايدۇ توختىماي،
كېچىلىرى ئۆتمەيدۇ رېستوراننى يوقلىماي،
مەن ساقلايمەن ئەنسىرەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي،
نەچچە قېتىم مەست كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

قوزغاتماقتا زەردەمنى ئۇنىڭ قىلغان پەردىزى،
قاراپ باقسا، تۇرقى بىر غەيرىي مەخلۇق ئەندىزى،
يامان كۆزدىن ئەيمىنىپ خىجىل بولار دېگەنتىم،
لېكىن كەيپى خوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

كىيگەن كىيىم سۆڭگەچنى تۈزۈككىنە ياپالماس،
نەچچە دېدىم ئۇنىڭغا، ياخشى ئامال تاپالماس،
تاپا - تەنە كۆپ بولدى، ئوڭشالمىدى پەقەتلا،
چىڭ تاياقمۇ بوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

ئۆي ئىشىغا پۇت - قولى قولاشمايدۇ، ئوڭ كەلمەس،
ھەتتا بىر ۋاخ تاماقنى قاملاشتۇرۇپ ئېتەلمەس،
ھەممىسىنى ئاخىرى ئۆزۈم قىلدىم، ئۇخلايدۇ،
دائىم خورەك - پۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

بىكار بولسا، تۆت خوتۇن غەيۋەت قىلار كۈنبويى،
غاجىلاشتىن نېمىكىن ئۇنىڭ مەقسەت ھەم ئويى؟
شۇ سەۋەبلىك تۆت توخۇ، ئالتە توشقان ياداڭغۇ،
غەزەپ تۇشمۇتۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

ئۆزى شۇنداق بولغاچقا دوستلار ئارا گەپ بولدى،
خىجىل بولۇپ سۆزىدىن زەردەم تېشىپ «خەپ!...» بولدى،
سالسام ئاڭا بىر تەستەك، ياقام دەرھال يىرتىلىپ،
زاڭىقىمغا مۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

ئادەم سالدىم ئارىغا، ئاڭلىمىدى گېپىنى،
يامان قىلدى ھەتتاكى ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى،
نەدە يۈرەي دەرد تۆكۈپ، بېرەي دېدىم خېتىنى،
ئەجەپ يامان چۈش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

بىلىپ چوڭلار ھەممىنى، ئاڭا شۇنچە سۆزلىدى،
ئىلىك ئالماي گېپىنى، مال - دۇنيانى كۆزلىدى،
بىز بىر ئۆيگە پاتمىدۇق، ئاجرىشىپلا قۇتۇلاي،
قىستالجۇقتا «پوش!» كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!

ئاپتور: مۇختەر يۈسۈپ
ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە

سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2009-02-12 16:23 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

شئېرغا  قىززىقىدىكەنسىز      ھە  نازىگۇل.... 
Posted: 2009-02-12 18:10 | 1 -قەۋەت


مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 46
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 50 نوقتا
پۇل : 500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 

شۇنداق ، ئۆزۈم يازالمىغاچقا قىزىقىپ قويىمەنغۇ ! 

سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2009-02-12 18:35 | 2 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 266
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 266 نوقتا
پۇل : 2660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:57(سائەت)

 

ناۋادا ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز قانچىلىك يازغان بولاتىڭىز ھە!  

ئەنقا

Posted: 2009-02-12 18:37 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

ئۇزىڭىزمۇ  خىلى  يىزىپ  قۇيىسىز  ھە..
Posted: 2009-02-12 18:48 | 4 -قەۋەت


مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 46
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 50 نوقتا
پۇل : 500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 

مەنغۇ ئالامەت يازاتتىم ، لىكىن مۇنبەردە مەندىنمۇ كارامەت يازدىغانلار باركەن ، شۇڭا سەل ئۆزەمنى بېسىۋالاي دېدىم 

سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2009-02-12 18:53 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 175
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 177 نوقتا
پۇل : 1770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:58(سائەت)

 

بايىلا بىر دوستۇم ئاجراشتىم دەپ خەۋەر بەرگەنتى تېخى.
Posted: 2009-02-12 19:16 | 6 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2641
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2665 نوقتا
پۇل : 26650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2644(سائەت)

 

ئاشۇ ئاجراشقان دوستىڭىز شۇ ئەمەستۇ ھە ! 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-12 19:25 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 699
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 701 نوقتا
پۇل : 7010 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:242(سائەت)

 

ئاڭلىسام قادىخان بىرىپ ئاجىرىششقا گۇۋاھچى بۇلۇپتۇغۇ..

ئۇيغۇردەك ياشا ئۇيغۇر

Posted: 2009-02-13 01:35 | 8 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2641
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2665 نوقتا
پۇل : 26650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2644(سائەت)

 

خاتا ئاڭلاپ قاپسەن ، مەن بارمىغان ، ئۆزلىرى ئالدىمغا كەپتىكەن 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-13 10:48 | 9 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation