مىكرو فېلىيەتۇنلار
يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان تەرجىمىسى
بىر ئائىلىدىكىلەر تاپتىن چىقسا،تەربىيە ئاجىز ئەمەس،بەلكى ئىجتىمائىي كەيپىيات ناچار.
بىر كارخانا تاقالسا،كارخانىچىلار جاۋاپكار ئەمەس،بەلكى،بازار رىقابىتى كەسكىن.
بىر جاينىڭ ئامانلىقى ناچارلىشىپ كەتسە،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش قۇربى ئاجىز ئەمەس،بەلكى جىنايەتچىلەر غالجىرلاشقان.
بۇ ئىختىيارسىز ھالدا «جەنۇب شىمال ئۇرۇشى »كىنوسىدىكى بىر دۈشمەن ئوفتسىرىنىڭ مۇنۇ گىپىنى ئىسىمىزگە سالدى:
«... بىز يارىماس ئەمەس،بەلكى بىرلەشمە ئارمىيە بەك ھىلىگەر ئىكەن.»
ھەقىقەتەن چۈشىنەلمەسلىك
دۆلەت بايرىمىدا يېزىغا بىرىۋىدىم،80نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي مەندىن بىر نەچچە ئىشنى سورىدى.مەن جاۋاب بېرەلمەي كىتاب ۋە باشقىلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
1. بەزى ئەمەلدارلار بۇتقا چوقۇنۇپ،ئىلاھلارغا سېغىنىدىكەن،راھىپ كالانلارغا ئىخلاس بىلەن ئىشىنىدىكەنۇ،ئەجىبا كومپارتىيىگە ئىشەنسە بولمامدىكەن؟
بەزى ئەمەلدارلار پارە ئالسا نەچچە مىليون،نەچچە ئون مىليون ئالىدىكەن،ھازىر پۇل ئامانەت قويسا ھەقىقى ئىسىم ئىشلىتىدىغان تۇرسا شۇنچە پۇل نەگە كېتىدۇ؟
2.بەزى ئەمەلدارلار ئىش چىقىرىپ قويسىلا چەتئەلگە قاچىدىكەن،كېتىمەن دەپلا كېتىدىغان گەپمۇ؟ ئىنتىزام دېگەن نەرسە يوقمىكەن؟
كەينىمدىكى غەيۋەتلەر ھۆججەت سومكىسىنى قولتىقىمغا قىستۇرۇپ: دىن چۈشسەم :چوقۇم پارىخور ئەمەلدار.
سوت فورمىسىنى كەيسەم:ئۇ نەچچە جاۋابكار ۋە دەۋاگەرنى شۈلىۋالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
كاستيۇم كىيىپ سىڭلىم بىلەن كاتتا پىكاپتا تاللا بازارلارنى ئايلانسام:بۇ ئۇنىڭ نەچچىنچى ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
قاپقارا كۆز ئەينەك تاقاپ ئاكا-ئۇكا بۇرادەرلەر بىلەن مەيخانىدا تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىسەم:قارا كۆز ئەينەك تاقىۋالغىنى چوقۇم قارا جەمىئىيەتنىڭ كاتىبېشى.
قىڭراقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ،تاماق ئىتىپ مېھمان كۈتكىلى پالاقلاپ ئۆيگە چاپسام:قاتىل! دەرھال 110غا تېلىفون ئۇرايلى.
قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئۈچ چاقلىق رىكشا مىنسەم:بۇقىدەك قاۋۇل تۇرۇپ كۆپرەك پۇل تاپالمىغىنىنى،ھۇ يارىماس!