ئاساسىي تېما : ئايال كىم ؟ ئەر كىم ؟ئاۋاتلىقى:87ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2641
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2665 نوقتا
پۇل : 26650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2644(سائەت)

 ئايال كىم ؟ ئەر كىم ؟

     ئايال يۇسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك يولدىشىدۇر .ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا خوجا بولۇپ تۇرغۇچىدۇر .ئېرىنىڭ كۆڭۇلسىز ۋە ھەسرەتلىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۇرگۇچى،قانداقلا بولسۇن خوشال قىلىشقا تىرىشقۇچىدۇر.

     ئايال ئېرىنىڭ مال مۇلكىنى ساقلىغۇچى ، پۇلىنى ئاز خىراجەت قىلىشقا تىرىشقۇچىدۇر.ئېرىنىڭ ، بالىلىرىنىڭ تەن ۋە كۆڭۇللىرىنى ئاسراپ ئۆستۇرگۇچى ، ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت ، بۇزۇق مىجەزلەرنى تۇگىتىشكە سەۋەپ بولغۇچىدۇر.
     ئايال ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى ،پۇتۇن ئائىلىنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرغۇچى ،بۇزۇپ-چىچىشتىن ساقلىنىپ كەلگۇسى ئۇچۇن مال يىغقۇچىدۇر.
    ئايال پات-پات ئويناپ تۇرىدىغان قورچاق ئەمەس ،ئايال بۇگۇنى كىيىپ ،ئەتىسى سالىدىغان كىيىم ئەمەس ،ئايال ھايۋان ئەمەسكى ياقسا بىقىپ،ياقمىسا بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىلىدىغان،ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى ،ياخشى ئىشلىمىسە ساقلاپ قىلىپ ،ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان ،بەلكى ئۇ ئۆمۇرلۇك بىر يولداشتۇر.

ئەر كىم؟
      ئەر يۇسۇن بويىچە ئايالنى ئۆزىگە يولداش بولۇشقا قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئاتا-ئانىسىدىن ،ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن ،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە يار بولغان ئايالنى ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىدۇر.ئەر ئايالنى مۇشەققەتلەردىن ،زىيان-زەخمەتلەردىن ئاسرىغۇچىدۇر .ئايالىنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۇرۇپ ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئايالىنى شەپقەت قاناتلىرى ئاستىدا تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
       ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئايالىنى كۇچى يەتمىگەن خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە زورلىماسلىقى كېرەك. ئايالىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۇل بولۇشتىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكەنلىگىنى بىلدۇرمەي يۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئەر ئۆزىنى خوجايىن بىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆز مۇرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماستىن ،بەلكى يۇسۇن ۋە ئەقىلگە خىلاپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاياللارنىڭ ئارزۇ -ئۇمۇدلىرىنىمۇ بەجا كەلتۇرۇش كىرەك ، بار-يوق نەرسىلەر ھەققىدە ئايالىنى تەڭلىكتە قويماسلىقى كېرەك .

مەنبە: تاللانما

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-12 13:48 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation