ئاساسىي تېما : خوش_خەۋەر ....شىنجاڭغا 1،200،000 ئىشلەمچى دىھقان كىرمەكچى...ئاۋاتلىقى:409ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يىڭىلمەس روھ ، مەڭگۈلۈك  تالانت  .
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 29 نوقتا
پۇل : 290 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:603(سائەت)

 خوش_خەۋەر ....شىنجاڭغا 1،200،000 ئىشلەمچى دىھقان كىرمەكچى...

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك بابۇر تەرىپىدىن رەڭلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-10)
شىنجاڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك ئىشچىلار قوشۇنىنى كۈتىۋالماقتا.


دىخانلار ئىقتىسادى كىرزىس دەۋرىدە:  يۆتكىلىپ تۇرۇپ بايلىق ياراتماقتا.
ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 3-فېۋرال خەۋىرى، 45 ياشلىق خېنەنلىك جاڭجۈنيى  قۇلىقىنى قولى بىلەن ئوراپ،پۇتلىرى بىلەن يەرلىرىنى تېپىپ ئىسىتىپ،ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ يات شەھەرگە تەلمۈرمەكتە ئىدى.ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە يۈرگەن بولۇپ،بۇ يىل «نۆۋەت»شىنجاڭغا كەلگەن ئىدى.

شىنجاڭ ئىشلەمچى دىخانلارنى كىرگۈزىدىغان چوڭ ئۆلكە،ئۇ ھەر يىلى ئىچكىرىدىن نۇرغۇن ئىشلەمچى دىخانلارنى قوبۇل قىلىدۇ،مانا بۇ يىل بايرام تۈگىمەي تۇرۇپلا،ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىغا ئادەم يېغىپ كەتتى.بۇ يىلقى ئادەم بالدۇرقى يىللاردىن تولىمۇ كۆپ ئىدى،رايونلۇق ئەمگەك ئورگانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،بۇ يىل رايونىمىزغا كەلگەن ئىشلەمچىلەر تارىخ بويىچە يېڭى رىكورت ياراتقان.ئۇنداقتا بۇنچە كۆپ ئەمگەكچىلەر شىنجاڭغا كەلسە،بىزنىڭ ئەمگەك تارماقلىرىمىز ئۇلارنى سىڭدۈرەلەرمۇ؟بۇ رايونىمىزدىكى يەرلىك ھاللىق ئەمگەك كۈچلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟!

ئۇلار بۇ يىل شىنجاڭدا «جەڭ»قىلماقچى.

شۇ كۈنى چوڭ -كىچىكبوپىلىرىنى كۆتۈرۈشكەن يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن چىقىپ،ئالدىغا چىققانلارنىڭ رېتىگە تىزىلماقتا ئىدى،بۇ 24 كىشىلىك قوشۇننىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 20 ياشتىن 50 ياشقىچە بولۇپ،جاڭجۈنيى دەل شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.

جاڭجۈنيىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە،ئۇلار ئولتۇرغان بۇ 1563-قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىز بولۇپ،ئاساسلىق سىچۇەن،يۇننەن ۋە خېنەنلەردى كىلىدىكەن.ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا تۈنجى كىلىشى بولۇپ،ئىلگىرى شەندۇڭدىكى بىر كانچىلىق كارخانىسىدا ئىشلىگەن ئىكەن.
مۇخبىر ئۇلاردىن :
«نىمىشقا شىنجاڭغا كەلدىڭلار؟ئىچكىرىدە ئايلىق شىنجاڭدىن يۇقۇرى ئەمەسمۇ؟!»دەپ سورىغاندا ،جاڭجۈنيى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئۇكام،بۇنى بىلمەيدىكەنسىز،سۇ سايغا،پۇل بايغا ئاقىدۇ،ئىچكىرىدىكى ئايلىق ھەقىقەتەن يۇقۇرى،ئەمما ئۆتكەن يىلى كىيىنكى يېرىم يىلدىن كىيىنلا بولالماي قالدى،خوجايىننىڭ بىزگە بەرگەن كۈندىلىك ئايلىقى 100 يۇەنگە چۈشۈپ قالدى،ئويلاپ بېقىڭە،بىر ئايدا ئاران 3000 سومغا ئىشلىسەك،ئۆيىمىزنى قانداق باقىمىز؟!»
«ئۇنداقتا شىنجاڭدا قانچە پۇلغا ئىشلەيسىلەر؟»دىدى مۇخبىر يەنە.جاڭجۈنيى ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ:
«كۈنىگە 200 يۇەنگە ئىشلەيمىز،بۇنى بىز كېلىشتىن ئىلگىرىلا دىيىشىپ بولغان،شىنجاڭدىكى بىر كان خوجايىنى بىز بىلەن بۇنى دىيىشىپ بولغان،بولمىسا بىز شۇنچە يىراق يەردىن كىلەتتۇقمۇ؟!»
بۇ چاغدا پاكارراق بىر سىچۇەنلىك گەپ قىستۇرۇپ:
«بىز ھەممىمىز كەسپى ھۆنەرۋەن،ھەممىمىزنىڭ ھۆنىرىمىز بار،مەن ماشىنا،تىراكتور،توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ھەيدىيەلەيمەن،توك رىمونت قىلالايمەن،ئارىمىزدا يەنە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە كان ئىشچىلىرى،بىخەتەرلىك ئۇستىلىرى قاتارلىق ھەرخىل ئادەملەر بار،ئويلاپ بېقىڭە،بىزنى يەنە قانداق خوجايىن ياقتۇرمىغىدەك؟!بىزگە كۈندە 200 يۇەنلىك ئىش ھەققى ھەرگىزمۇ يۇقۇرى ھىساپلانمايدۇ» دىدى.

37 ياشلىق لۇجىخۇا ئىلگىرى گۇڭدوڭدىكى دۇڭۋەن شەھىرىنىڭ بىر ئېلىكتىر بۇيۇم زاۋۇتىدا ئىشلىگەن،باھار بايرىمى مەزگىلىدە،ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇاڭدۇڭلۇق ۋە فۇجىيەنلىك تونۇشلىرى ئۇنىڭغا  ئۇ يەردىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ تاقالغىنىنى،ئىشچىلارنى قىسقارتقىنىنى ئېيتقان،بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن،لۇجىخۇا دەرھال دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە پۇل تېپىش نىيىتىدىن يانغان.
«تېلىۋىزوردىكى مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە،ئىقتىسادى كىرزىس ئەڭ بالدۇر دىگەندىمۇ بۇ يىلنىڭ كىينكى يېرىمىدا ياخشىلىنىدىكەن،ئەمما بىزگە ئوخشاش ئىشچىلار بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايمىز، بۇيەرگە كىلىپ قاراپ باقىمىز،بولسا قالىمىز،ئىش قاملاشمىسا بۇ يەردىنمۇ كىتىمىز،مېنىڭ پۇتۇم ۋە تېخنىكام بار،نەرگە بارسام ئاچ قالمايمەن» دىدى لۇجىخۇا.

چۈشتىن كىيىن،ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر سېرىق مىنبۇسنى ئەكىلىپ ۋوگزالدا ئادەم سالدى،ئۆزىنى خوجايىن دەپ ئاتىۋالغان بۇكىشى ئۆزىنىڭ پەقەتلا كان ئاچىدىغىنىنى،بۇ ئىشچىلارنى قىلچە تەربىيىلىمەيلا بىۋاستە ئىشلىتىدىغىنىنى ئېيتقان.
جاڭجۈنيىغا سېلىشتۇرغاندا، 36 ياشلىق ۋۇجىگاڭنىڭ تەلىيى كاج بولۇپ،ئۇ گەنسۇلۇق،ئۆتكەن يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن،ئۇ ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا ئۇ ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنى پەسىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشنى توختاتقان بولۇپ،ئۇ ئۆيىگە قايتالماي ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان.
خۇددى كۈندىلىك ئىشقا چىققانغا ئوخشاش ئۇ كندە ۋوگزالنىڭ يېنىدىكى ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن  ئەمەەك بازارلىرغا بارىدىكەن،ھەر كۈنى بۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر ئىش تاپالايدىكەن.
مانا بۇنداق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن لۇجىخۇانىڭ ئېيتىشىچە«بۇ يىل چوقۇم نۇرغۇن ئىچكىرىدىكى ئىشلەمچىلەر رايونىمىزغا كىلىدۇ،ئىش تالىشىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ،سىز ھەرگىزمۇ بۇ يەردىكى ئادەملەرنى ئاز دەپ قالماڭ،ئىچكىرىدىكىلەر ئادەتتە قائىدىسى بۇيىچە چاغاننىڭ 15- كۈنىنى تۈگىتىپ ئاندىن سەپەرگە چىقىشىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ جەنۇپلارغا قارىغاندا كىچىكىپ ئىللىيدۇ،پەرىزىمچە بۇ يىل 6- ئايدا بۇ يەرگە كەلگەن ئادەم ئەڭ كۆپ بولىدۇ.»

ئادەم سانى ئۆتكەن يىللاردىن ئاشقان.

ئاپتۇنۇ رايونلۇق،بىڭتۇەن ۋە ئۈرۈمچى ئەمەەك نازارەت ئورگانلىرىنىڭ  مەسئوللىرىنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ خىل ۋەزىيەتتە شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىللاردىن كۆپ بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە،بۇ بىر نەچچە يىللاردىن بېرى،ھەر يىلى شىنجاڭغا كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى مىلىيوندىن ئاشىدىكەن،بۇنداق نوپوسلار كۆچمە نوپوس بولغاچقا ئۇلارنى ئېنىق سىتاتىستىكا قىلغىلى بولمايدىكەن.تكمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىل 1،400،000 شا يىتىشى مۇمكىن ئىكەن،جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە 1،200،000 غا يىتىدىكەن.

بالدۇرقى يىللاردىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،شىجاڭغا كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشلەيدىكەن.قالغىنى كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە بارىدىكەن.بۇنىڭدىن سىرت پاختىچىلىق،پەمىدۇر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات پەسلىدىمۇ زور كۆلەمدە ئىشلەمچىلەرگە مۇھتاجلىق بار ئىكەن.بىڭتۇەن تەرەپلا،ئۆتكەن يىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەمچى قۇبۇل قىلغان.ئۈرۈمچىمۇ ئىشلەمچىلەر ئەڭ ككپ رايون بولۇپ ،ھەر يىلى 600،000 ئىشلەمچى قۇبۇل قىلىدىكەن.

بۇ يىل بۇنچە كۆپ ئادەم كىلىشنىڭ سەۋەبى،مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،كارخانىلار تاقالغان،بۇنىڭ بىلەن شۇ رايوندىكى ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلىگەن،يەنە بىر جەھەتتىن،يېقىنقى يىللاردىن بېرى رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى كۈچى شىدەت بىلەن ئاشقاچقا،نۇرغۇن تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىنغان،شارائىت ئەۋزەل،بېرىلىدىغان ئايلىق سوممىسىمۇ ئاشقان.

رايونلۇق ئەمگەك تارمىقىنىڭ باشلىقى ۋۇيۇنخۇانىڭ ئېيتىشىچە«شىنجاڭغا ئۆزى كىرگەن ئىشچىلارنىڭ كاللىسىدا ئۇقۇم يوق ياكى ئېنىق ئەمەس،كۆپىنچىسى تەلىيىنى سىنىماقچى بولىدۇ،ئۇلار شىنجاڭنىڭ قانچىلىك ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ،قايسى تارماقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ،»دىگەن.

ئەمما بۇ يىل رايونىمىزدا بىر خىل غەلىتە ئەھۋال يۈز بەرمەكتە،يەنى ئادەم ياللاش قىيىن بولماقتا.ئۈرۈمچى شىخۇڭيولىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكىگە ئادەم ياللاش ئېلانى چاپلانغان بولۇپ،ئايىغا 1000 يۇەن بېرىش يېزىلغان،ئۇ يەرنىڭ خوجايىنى ۋاڭ خوجايىننىڭ ئېيتىشىچە،بۇ ئېلان چاپلانغىنىغا بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ،لايىق ئادەم كەلمىگەن.«ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا،ھازىر تەلەپ قىلىدىغان ئايلىق ئاشتى،3 كۈندە ئاران 5 ئادەم كەلدى،ھەممىسىلا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار،ئۇلار مال يەتكۈزۈشكە ماس كەلمەيدىكەن».

ئۇلار ئىش تاپالايدۇ.

تاشقى ئەمەەك كۈچلىرىنى قۇبۇل قىلىش بىر تۈرلۈك دىخانچىلىقنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدۇر،رايونىمىز زادى قانچىلىك ئادەم قۇبۇل قىلالايدۇ؟ئۇلارنىڭيەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟

ۋۇيۇنخۇانىڭ ئېيتىشىچە:«ئاۋال،مەركەز ۋە رايونىمىزنىڭ ئىگىلىك قۇرۇلما تەڭشىشىگە نۇرغۇن ئىشچى كىتىدۇ،شىنجاڭغا ئوخشاش بۇنداق نۇرغۇن نىفىت خېمىيە،كانچىلىق ۋە تۆمۈر يول،ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە نۇرغۇن ئادەم لازىم بولىدۇ،مەسىلەن،بۇ يىل پىچاندىكى كانغىلا 10،000 ئادەم لازىم بولىدۇ،بۇنىڭدىن سىرت يەنە،رايونىمىزدا پاختا ،شوخلا تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ،ئۇلار پەسىل خاراكتىرلىق بولسىمۇ،ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىگە مۇھتاج بولىدۇ.»
شىنقاڭ قۇرۇلۇش گوروھى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش باش كارخانىسى،شۇنداقلا سىرتتىن ئادەم قۇبۇل قىدىلىغان زور كارىانا،مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە،2008-يىلى،بۇ گوروھ 15،000 ئىشچى قۇبۇل قىلغان،بۇ يىلقى ئادەم  ئېھتىياجىمۇ ئۆتكەن يىلدىن كەم بولمايدىكەن.

ۋۇيۇنخۇانىڭ ئېيتىشىچە،بۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ رايونىمىزدىكى يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىگىمۇ تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن،ئاپتونۇم رايوننىڭ 2008-يىلى چۈشۈرگەن«دىخانچىلىق ئېشىنچە كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قارارى» دە كۆسىتىلىشىچە،بۇ تەرەپلەردىكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

بۇ ئىشلەمچىلەرگە نىسبەتەن،ئىككى خىل سىياسەت قوللىنىلىدىكەن،بىرى ئۇلارغا سىياسىەت جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىلىدىكەن،يەنە بىر جەھەتتىن، يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتى  خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدىكەن،2008- يىلى 12- ئايدىكى سىتاتىتىكىغا ئاساسلانغاندا،رايونىمىزدا يۆتكەلگەن  ئىشچىلار سانى 1،870،000 غا يەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە يازا بازارلارغا يۆتكگىنى 747،200 نەپەر،رايون سىرتىغا يۆتكەلگىنى 162،500 نەپەربولۇپ،686،100 ئادەم يۆتكىلىپ،ئەمگەك تارماقلىرى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان.





http://news.qq.com/a/20090209/000965.htm
Posted: 2009-02-09 23:18 | [پۈتۈكچى]


ئىشىڭنى قىلە ۋاي.....
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 23
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 23 نوقتا
پۇل : 230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:123(سائەت)

 

پاھ-پاھ، بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي....

كۈلۈمسىرەشمۇ باشقىلارنى ياراتماسلىقنىڭ بىر خىل گۈزەل ئىپادىسى.

Posted: 2009-02-10 05:50 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 970
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 970 نوقتا
پۇل : 9700 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:375(سائەت)

 

ئىچكىردىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىكەندە؟

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-02-10 08:43 | 2 -قەۋەت


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 26

پۈتۈك سانى: 2078
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2130 نوقتا
پۇل : 21300 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1393(سائەت)

 

    نېمە ئىشكى بىلمىدىم، مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنى پەقەتلا چۈشۈنەلمەيمەن، بەلكىم چۈشەنگەن بولسام باشلىق بولۇپمۇ قالاتتىم. مۇشۇ خەۋەردە دېيىلگەن ئىشنىمۇ چۈشۈنەلمىدىم، مەسىلەن: قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك، نېمىشقا ئىچكىرىدىكى ئىشلەمچىلەرنى شىنجاڭغا، شىنجاڭدىكى ئىشلەمچىلەرنى مەجبۇرى ھالدا ئىچكىرىگە يۆتكەيدىغاندۇ؟ نېمىشقا شىنجاڭنىڭ ئىشلەمچىللىرى ئىچكىرگە بارسا بىر كۈنلىكى جىق بولسا 60 - 70 يۈەن ئەتراپىدا، ئىچكىرنىڭ ئىشلەمچىللىرى شىنجاڭغا كەلسە 200 - 300 يۈەن بولىدىغاندۇ؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بايمۇ ياكى شىنجاڭ بايمۇ؟ شىنجاڭدا كۈنىگە ئىشلەمچى بولۇپ 200 - 300 يۈەن پۇل تاپقىلى بولسا، مەنمۇ خىزمىتىمنى تاشلاپ ئىشلەمچى بولايمىكى دەپ ئويلاۋاتىمەن.

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-02-10 14:15 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 95
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 95 نوقتا
پۇل : 950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:86(سائەت)

 

مەن نەچچە ئايدا ئىشتىن سىرىت ئىشلەپ ئاران تاپىدىغان نەچچە يۈز يۈەننى بۇ كەلگۈندىلەر ئىككى كۈندىلا تاپىدىكەنغۇ.
Posted: 2009-02-10 14:56 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 80
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 80 نوقتا
پۇل : 800 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 

بىزنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىمىزنى 10 كۈندە تېپىپ بولغىدەك
Posted: 2009-02-10 15:06 | 5 -قەۋەت


ئىشىڭنى قىلە ۋاي.....
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 23
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 23 نوقتا
پۇل : 230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:123(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بەگزادە نىڭ 2009-02-10 14:15 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
    نېمە ئىشكى بىلمىدىم، مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنى پەقەتلا چۈشۈنەلمەيمەن، بەلكىم چۈشەنگەن بولسام باشلىق بولۇپمۇ قالاتتىم. مۇشۇ خەۋەردە دېيىلگەن ئىشنىمۇ چۈشۈنەلمىدىم، مەسىلەن: قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك، نېمىشقا ئىچكىرىدىكى ئىشلەمچىلەرنى شىنجاڭغا، شىنجاڭدىكى ئىشلەمچىلەرنى مەجبۇرى ھالدا ئىچكىرىگە يۆتكەيدىغاندۇ؟ نېمىشقا شىنجاڭنىڭ ئىشلەمچىللىرى ئىچكىرگە بارسا بىر كۈنلىكى جىق بولسا 60 - 70 يۈەن ئەتراپىدا، ئىچكىرنىڭ ئىشلەمچىللىرى شىنجاڭغا كەلسە 200 - 300 يۈەن بولىدىغاندۇ؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بايمۇ ياكى شىنجاڭ بايمۇ؟ شىنجاڭدا كۈنىگە ئىشلەمچى بولۇپ 200 - 300 يۈەن پۇل تاپقىلى بولسا، مەنمۇ خىزمىتىمنى تاشلاپ ئىشلەمچى بولايمىكى دەپ ئويلاۋاتىمەن.

بىر يەردە تۇرىۋېرىپ سېسىپ كەتمىسۇن،چىشلىشىپ ياتلىشىپ كەتمەي، يىراقتا تۇرۇپ كىشنەشسۇن دەپمىكى يا؟

كۈلۈمسىرەشمۇ باشقىلارنى ياراتماسلىقنىڭ بىر خىل گۈزەل ئىپادىسى.

Posted: 2009-02-10 20:54 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 713
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 715 نوقتا
پۇل : 7150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:833(سائەت)

 

سىياسەتلىرىمىز ياخشى . ئويدە ئولتۇرىۋەرمىسون يۇرت كۆرسۈن دەيدۇ .



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-02-10 21:19 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

غەرىپنى گۈللەندۈرگىلى كەلگەن بۇ پىدائىيلارنى پويىز ئىستانىسىسىدىلا مەيدىسىگە گۈل تاقاپ، بوينىغا ئوتقاشتەك قىزىل چەمبىرەكلەرنى ئېسىپ تەبرىكلىسەك بولىتى.
Posted: 2009-02-10 21:48 | 8 -قەۋەت


خۇدايىم  توۋا !توۋا !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 940
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 940 نوقتا
پۇل : 9400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1714(سائەت)

 

بۇ بۇەۇن ئاڭلىغان ئەڭ يېقىشلىق (خوشخەۋەر)بولدى. (خوشاللىق)ىمدىم ئاغزىم قۇلۇقىمغا يەتتى دىسە...........

ئادەم ھاياتلا بولسا ......!

Posted: 2009-02-10 22:59 | 9 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

خۇشاللىقىمدىن دەرخنىڭ ئۇچىغا چىقىپ سەكرىۋالغىدەك خۇش بۇلۇپ كىتۋاتىمەن.دىسە

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-10 23:21 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

ئىچكىرگە  يۇتكەلگەن  بىزنىڭ  ئىشلەمچىلىرىمىز.  كۇپ  بۇلغاندا    20-يۇئەندىن 50  يۇئەنگىچە  ئىشلەيدۇ... 
Posted: 2009-02-11 17:51 | 11 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 175
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 177 نوقتا
پۇل : 1770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:58(سائەت)

 

    بۇرۇن قۇرۇلۇش ساھەسىدىلا ئىشلەيتى بۇلار، ئەمدى باشقا ساھەلەرنىڭمۇ ۋەت ۋەرىكىنى چىقىرىۋىتىدىغان بولدى.
  بۇلار شىنجاڭدىكى ئۆينىڭ باھاسىنى يەنىمۇ ئۆرلىتىۋىتىشى بىلەن باشقا ساھەلەرنىڭ مال - باھاسىنى ئۆرلىتىۋىتىشى تۇرغانلار گەپ. جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىشى ئېنىق.
Posted: 2009-02-12 17:37 | 12 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> بۈگۈنكى دۇنيا

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation