زارلاپ-قاقشاپ كەتكۈدەك ھىچبىر غەيرىلىك يوققۇ،بىرتۈركۈم شوخ قىزلار بىرەر پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۇسۇل ئويناۋېتىپتۇ شۇ،ئەمدى ئۇلارنى نىمىشكە ئۇسۇلنى بىزنىڭ كۆزىمىزگە ياقىدىغان شەكىل بىلەن ئويناشمىدىڭەي،بۇ ئۇسۇللۇرۇڭ بىزنىڭ ئىېستېتىك چۈشەنچىمىزگە ماس كەلمىدىيەي،ئەسلى ئۇسۇل دىگەن مۇنداق بولىتىيەي....دىگەندەك چويلىدا توختىمايدىغان تەلەپلەرنى قويۇشنىڭ زۆرۈرىيى بولمىسا كېرەك،ئۇسۇلدا ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ مەردانە،قىزغىن،جۇشقۇن،كۆتىرەڭگۈ روھى ئىپادىلىنىپتۇ.بەزىبىر يېتەرسىز تەرەپلىرى بولسا ئۇنچىلىك كەمچىللىكنى ھەممىمىز سادىر قىلىمىز،بۇنى كەچۈرۈشكە بولدۇ.مەن بۇ ئۇسۇلنى باشقا بىر تور پۇنكىتىنىڭ
ناخشا -
مۇزىكا سەھىپىسىدە كۆرگەن،ھەمدە ئۇيەردە قالدۇرۇلغان ئنكاسلارنىڭ ھاقارەت بىلەن توشۇپ كەتكىنىگە قاراپ «توۋا جاھاندا مۇشۇنداقمۇ كاللىسى ئاددى ئادەملەر بولىدىكەن،بۇ ئىنكاسنى يازغانلار كوچىدىكى خولىگەن-لۈكچەكلەر بولسا كېرەك»دەپ ھەيران قالغان.ھەرھالدا باس باس تورىدا ئۇنداق ساراڭدەك ئالىجوقا سوزلەيدىغانلار يوقكەن.بۇ تەرىپى يارايدۇ.