<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : مۇنبەردە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟ئاۋاتلىقى:553ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 26

پۈتۈك سانى: 2078
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2130 نوقتا
پۇل : 21300 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1393(سائەت)

 مۇنبەردە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-07)
    باس - باس مۇنبىرىمىز رەسمىي قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولاي دەپ قالدى،  مۇنبىرىمىزدىكى ھەر بىر تورداشقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇنبەر بەرپا قىلىش، مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغاندا ئەتراپلىق مۇلازىمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ مۇقىم، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئىتتىپاق مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ ئۇلۇغ نىشانىمىز. بىز تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئىككىلەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، باس -باسچە مۇنبەر قۇرۇش يولىدا ئېغىشماي ماڭىدىغانلا بولساق، بۇ ئۇلۇغ پىلاننى جەزمەن غەلىبىلىك ئورۇندىيالايمىز، بۇ ئۇلۇغ كۈرەش نىشانىغا جەزمەن غەلىبىلىك يېتەلەيمىز. بۇ ئۇلۇغ نىشانغا يېتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى  باس - باسچە مۇنبەر قۇرۇش يولىدا ‹‹تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئىككىلەنمەي مېڭىش››.
     چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بۇ ‹‹ئۈچ سۆز››گە بىزنىڭ بايراق، يول مەسىلىسىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىمىز، جۈملىدىن تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى چوڭقۇر يەكۈنىمىز مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىمىز ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ‹‹ئۈچ سۆز›› مۇنبىرىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، باس - باسچە مۇنبەر قۇرۇش يولىدا قىلچە تەۋرەنمەي مېڭىشتىكى قەيسەر ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
     بۇ بىر يىلغا يەتمىگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باس - باس مۇنبىرىنى پۈتۈن مۇنبەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى، باس - باستىكى مۇنبەرداشلار مەزمۇت قەدەم بىلەن دەۋر ئېقىمىغا يېتىشىۋالدى.
‹‹تەۋرەنمەسلىك، بوشاشماسلىق، ئىككىلەنمەسلىك›› بىر يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى بولۇپ، مۇنبىرىمىزنىڭ  ئۇنۋىرساللىشىش قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بايراق ۋە يولدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش؛ تەرەققىيات، مۇقىملىقتا چىڭ تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى.

     باس - باس مۇنبىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تىزىملاتقان تورداشلار ئاز، ئاساسى ئاجىز، تەرەققىياتى تەكشىسىز چوڭ مۇنبەر  بولغاچقا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنۋىرساللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زىممىمىزگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە ئېغىرلىقى مىسلىسىز؛ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا دۈچ كەلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كۆلىمى ۋە مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز؛ ئىلگىرىلەش جەريانىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خېيىم - خەتەرلەر مىسلىسىز بولۇپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىمىز شەرت.
     تارىخقا نەزەر سالساق، ئىلگىرى كۆپ پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق، ناۋادا بىز تەۋرىنىپ، بوشىشىپ، ئىككىلىنىپ، دەۋر ئاتا قىلغان پۇرسەتنى قولدىن يەنە بېرىپ قويساق ئەجدادلار، ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلمەيمىز. مەيلى پۇرسەت بولسۇن ياكى خىرىس بولسۇن، مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى، مۇنبەر تەرەققىياتىنى، ئەڭ كۆپ مۇنبەرداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئىككىلەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ باس - باسچە مۇنبەر قۇرۇش يولىدا قىلچە ئېغىشماي مېڭىشىمىز، ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز زۆرۈر.

باس - باس ئاگېنتلىقى، 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-02-07 18:05 | [پۈتۈكچى]


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

قىزىل باشلىق ھۆججەتكەنغۇ بۇ ... ئەزەلدىن ئوقىمايتىم ! بۇ قېتىم تەپسىلى كۆردۈم ۋە خاتىرە قالدۇردۇم ...
ئەمدى قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاۋامغا يەتكۈزىمەن ھەمدە گوروپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىمىز، ئاندىن بۇ «ئۈچ  سۆز»نى يىللىق خىزمەت پىلانىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قەتئىي ئەمەلىلەشتۈرىمىز ! يىل ئاخرىدىكى خىزمەت خۇلاسىسىدە مۇشۇ «ئۈچ سۆز» ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغۋار يېڭىلىق ۋە زور ئىلگىرلەشلەرنى  ياخشى خۇلاسىلاپ، «ئۈچ سۆز» نى ئۆگۈنشتىكى  ئىلغار شەخس، كوللېكتىپلارنى باھالايمىز ۋە يەنە «ئۈچ سۆز»نى ئەمەلىلەشتۈرۈش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار شەخىس ۋە كوللېكتىپلاردىن ھال سورايمىز !
«ئۈچ سۆز» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىشىشى ۋە توغرا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن «باس-باس ئۈچ سۆز قوماندانلىق مەركىزى»نى قۇرۇمىز ۋە بۇ مەركەزگە يولداش بابۇرجاننى جۈرىنلىككە، يولداش نىجات نەجمىدىننى پەخىرى رەئىسلىككە تەكلىپ قىلىمىز !
يولداش خەندان بىلەن باغرىمنى باش كاتىپلىققا، جانانىمنى ئاياللار خىزمىتى ئىشخانىسىغا ، ئانارىمنى «ئۈچ سۆز»كومنىڭ سېكىرتارلىقىغا تەكلىپ قىلىمىز !
بۇ قارار بۇگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ قاراپ ئۆتىشىگە قويۇلىدۇ ! ئەگەر يوقارقى يولداشلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىپ كېتەلىشىگە ئىشەنسەڭلار بىز ئېغىزدىن «ھە» دەيسىلەر ! ئەگەر باشقا پىكىردە بولساڭلار، مۇۋاققەت جۈرىن بابۇرجان بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ ھەل قىلسڭلار بولىدۇ !
ھۆرمەت بىلەن : باس-باس تور بېكىتى «ئۈچ سۆز»  قوماندانلىق مەركىزى .

To be or not to be

Posted: 2009-02-07 21:12 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 26
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 26 نوقتا
پۇل : 260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:29(سائەت)

 

ئەمدى بىر يول بولدىما ،مەن تېخى 5~6 يىل بولغان تور بېكەت ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،تەرەققىيات نىمانداق تىز! تەشنا ئەپەندىم ماڭا ئەمەل يۇقما ؟
Posted: 2009-02-07 21:28 | 2 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 626
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 626 نوقتا
پۇل : 6260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:356(سائەت)

 

    ئۈچ كۈنلۈك مۆھلىتىدىن قالماستا مەن ئىپادەمنى بىلدۈرۋېتەي !~~~~  يوقۇرقى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن  مۇۋاققەت جۇرېن بابۇرجانىڭ قىزىل بايرىغى ئاستىدا ، تەۋرەنمەي بوشاشماي ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ باسباسنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشقا تىرىشىمەن دەپ ۋەدە بېرىمەن  !~~~

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-02-07 21:57 | 3 -قەۋەت


ھەددىنى بىلگەنلەر مەڭگۈلۈك دانا!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 547
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 547 نوقتا
پۇل : 5470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:172(سائەت)

 

كوللېكتىپ دېگىنىڭلار نېمە؟؟؟

مۇلايىملىق قانچە بولسا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ،ئادالەت ۋە ھېسداشلىق قانچە بولسا ئوخشاشلا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

Posted: 2009-02-07 22:10 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 970
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 970 نوقتا
پۇل : 9700 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:375(سائەت)

 

كۈندە سىياسى ئۆگۈنىش قىلىدىغان بوپتۇقتە. ۋاي-ۋۇيييييييييييييي.... تەسىرات يازىدىغانغا يامان ئۆچتۈم...

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-02-07 23:27 | 5 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-02-07 22:10 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
كوللېكتىپ دېگىنىڭلار نېمە؟؟؟


بىر دەلتە شەخس دەلتە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دەلتە كوللېكتىپ دەلتە دىگەندەك ... ھى ھى ھى

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 12:07 | 6 -قەۋەت


ھەددىنى بىلگەنلەر مەڭگۈلۈك دانا!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 547
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 547 نوقتا
پۇل : 5470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:172(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-02-08 12:07 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


بىر دەلتە شەخس دەلتە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دەلتە كوللېكتىپ دەلتە دىگەندەك ... ھى ھى ھى


كوللىكتىپ دېگەن نېمە دەپ سۇئال سورىمىدىم.
بۇ باس باستىكى كوللىكتىپ (مەسىلەن ئىلغار كوللىكتىپ دېگەندەك گەپلەر باركەن)
نېمىنى كۆرسىتىدۇ دېمەكچىمەن؟
شەخسقۇ ئېنىق...
ئەرلەر بىر كوللىكتىپ، ئاياللار بىر كوللىكتىپمۇ؟
رەھبەرلەر بىر كوللىكتىپ،پۇقرالار بىر كوللىكتىپمۇ؟
تېمىنى كۆپ يوللايدىغانلار بىر كوللىكتىپ،ئىنكاسنى كۆپ يوللايدىغانلار بىر كوللىكتىپمۇ؟
دەلتىلەر بىر كوللىكتىپ،ئەقىللىقلەر بىر كوللىكتىپمۇ؟
ياكى قېرىلار بىر ،ياشلار بىرمۇ ؟ دېگەندەك؟؟؟
يا شۇنداق مەلۇم شەرت بىلەن كوللىكتىپلار ئايرىقلىق بولسا مەن ھازىرغىچە بىلمىدىممۇ؟
يا ئەمدى خالىغان نەچچىمىز كوللىكتىپ بولىۋالساقمۇ بولامدۇ؟؟؟؟

مۇلايىملىق قانچە بولسا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ،ئادالەت ۋە ھېسداشلىق قانچە بولسا ئوخشاشلا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

Posted: 2009-02-08 17:26 | 7 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

بۇنى بابۇرجان جۈرىدىن سوراڭ ...

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 17:29 | 8 -قەۋەت


ھەددىنى بىلگەنلەر مەڭگۈلۈك دانا!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 547
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 547 نوقتا
پۇل : 5470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:172(سائەت)

 

Quote:
8 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-02-08 17:29 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
بۇنى بابۇرجان جۈرىدىن سوراڭ ...


ئىلغار كوللىكتىپتىن ھال سورايمىز دېگەن گەپنى سىز يېزىپسىز..
قارشى پىكىردىكىلەر بولسا بابۇر جۈرېن دىن سوراڭلار دەپسىز..
مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس...
شۇڭا سىزدىن سورايمەن.....

مۇلايىملىق قانچە بولسا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ،ئادالەت ۋە ھېسداشلىق قانچە بولسا ئوخشاشلا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

Posted: 2009-02-08 17:33 | 9 -قەۋەت


Miss  R____love.*
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:33(سائەت)

 

ھال -ئەھۋال سوراپ  پۇل بېرەمسىلەر بىزدەك كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ...........

مەن  يەنىلا مەن  o(∩_∩)o...

Posted: 2009-02-08 17:38 | 10 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
9 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-02-08 17:33 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


ئىلغار كوللىكتىپتىن ھال سورايمىز دېگەن گەپنى سىز يېزىپسىز..
قارشى پىكىردىكىلەر بولسا بابۇر جۈرېن دىن سوراڭلار دەپسىز..
مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس...
.......


مەن پەقەت شۇ «قوماندانلىق مەركىزى»گە ۋاكالىتەن يازغان ...

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 17:39 | 11 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
10 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۈشۈك نىڭ 2009-02-08 17:38 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ھال -ئەھۋال سوراپ  پۇل بېرەمسىلەر بىزدەك كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ...........


«ئىلغار» سايلانسىڭىز چاتاق يوق !

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 17:41 | 12 -قەۋەت


ھەددىنى بىلگەنلەر مەڭگۈلۈك دانا!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 547
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 547 نوقتا
پۇل : 5470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:172(سائەت)

 

<قوماندانلىق مەركىزى>ڭلار نېمىدېگەن تاقا_تۇقا....    

مۇلايىملىق قانچە بولسا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ،ئادالەت ۋە ھېسداشلىق قانچە بولسا ئوخشاشلا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

Posted: 2009-02-08 17:43 | 13 -قەۋەت


Miss  R____love.*
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:33(سائەت)

 

Quote:
12 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-02-08 17:41 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


«ئىلغار» سايلانسىڭىز چاتاق يوق !



قانداق سايلىنىدۇ؟      مەن خېلى كۈچ چىقاردىمغۇ!!!!!!!o(∩_∩)o...

مەن  يەنىلا مەن  o(∩_∩)o...

Posted: 2009-02-08 17:43 | 14 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 620
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 620 نوقتا
پۇل : 6200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1158(سائەت)

 

بەگزادىنىڭ «ئۈچ سۈزى»ھەقىقەتەنمۇ ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ،مەنمۇ يۇقۇرىدىكىلەر بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ يەرلىكتىكىلەر بىلەن مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ باس-باستىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ رەھبەرلىگىدە دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ ئاۋات بولغان مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

ئاغزىغا كەلگەننى دىمەك ناداننىڭ ئىشى،
ئالدىغا كەلگەننى يىمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.

Posted: 2009-02-08 17:45 | 15 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
13 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-02-08 17:43 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
<قوماندانلىق مەركىزى>ڭلار نېمىدېگەن تاقا_تۇقا....    


باشلىق قايدا بولسا ئەسكەرمۇ شۇنداقتە ...ھى ھى ھى

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 17:46 | 16 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

Quote:
16 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-02-08 17:46 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


باشلىق قايدا بولسا ئەسكەرمۇ شۇنداقتە ...ھى ھى ھى


ھا  ھا  ھا.....تەشناكام ئەسلىدە باشلىق قانداق بۇلسا ئەسكەرمۇ شۇنداق بۇلدۇ دىمكچى ئىدى
ھى ھى ھى

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-08 17:51 | 17 -قەۋەت


ھەددىنى بىلگەنلەر مەڭگۈلۈك دانا!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 547
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 547 نوقتا
پۇل : 5470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:172(سائەت)

 

Quote:
16 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-02-08 17:46 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


باشلىق قايدا بولسا ئەسكەرمۇ شۇنداقتە ...ھى ھى ھى


ئەمىسە ماڭا ۋاكالىتەن مەركەزگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسۇن....
مەن ئۇقمۇدۇم بۇ يەرنىڭ كوللىكتىپىنى؟؟؟
چۈشەندۈرۈش قايىل قىلارلىق بولمىسا ،ھۈججەتنىڭ ئېنىقسىز يوللانغىنى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورالسۇن.

مۇلايىملىق قانچە بولسا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ،ئادالەت ۋە ھېسداشلىق قانچە بولسا ئوخشاشلا ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

Posted: 2009-02-08 17:53 | 18 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
18 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى دەلتە نىڭ 2009-02-08 17:53 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :


ئەمىسە ماڭا ۋاكالىتەن مەركەزگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسۇن....
مەن ئۇقمۇدۇم بۇ يەرنىڭ كوللىكتىپىنى؟؟؟
.......


يا-پاناھ !!!
ماۋۇ ئېزىقىپ كەتكەن ساقچى ھەجەپ ئېسىلىۋالدى ئادەمگە ...
يەتكۈزۈپ قوياي ئەتىكى ھەيئەتلەر يىغىنىدا ...

To be or not to be

Posted: 2009-02-08 18:03 | 19 -قەۋەت
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation