ئاساسىي تېما : 12. ئىراق مۇقامى(كۈندە بىر مۇقام)ئاۋاتلىقى:232ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 12. ئىراق مۇقامى(كۈندە بىر مۇقام)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-04)

12. ئىراق مۇقامى

چوڭ نەغمە

مۇقەددىمە


كىرمەگەيمەن جەننەتۇل مەئۋاغە دىلبەر بولماسا،
شىشەپۇشى تۈشمەگەي دەرياغا گەۋھەر بولماسا.
يېشىمى: دىلبەر بولمىسا، جەننەتتەك جايغىمۇ كىرمەيمەن، گۆھەر بولمىغان دەرياغا غەۋۋاسمۇ چۇشمەيدۇغۇ.

خالۇ خەتتىنىڭ سىپاھىدىن جەھانگىر ئولدى يار،
ۋەرنە، شاھ ئىقلىمنى ئالغايمۇ لەشكەر بولماسا.
يېشىمى: يار ئۆزىنىڭ خال ۋە مىيىق لەشكەرلىرى بىلەن جاھانگىر بولدى، لەشكىرى بولمىغان شاھ بىرەر مەملىكەتنى قانداقمۇ ئالالىسۇن؟

بولمادى مەئلۇم ھىكمەت ئەھلىغە سەيرى قەمەر،
ئاسمانى نىلگۇن سەھنىدە ئەختەر بولماسا.

يېشىمى: نىل رەڭ ئاسمان سەھنىسىدە يۇلتۇزلار بولمىغىنىدا ئىدى، ئاينىڭ دەۋر قىلىپ ئايلىنىشىنى دانىشمەنلەر بىلەلمىگەن بولاتتى.

تاپماغاي ئەردى رەۋاجى قىسسەئى ئابىھەيات،
زۇلمەت ئىچرە نەچە يىل خىزرۇ سكەندەر بولماسا.

يېشىمى: ئەگەر خىزىر پەيغەمبەر بىلەن ئىسكەندەر ئابىھايات ئىستەپ، زۇلمەتتە نەچچە يىللاپ يۈرمىگەن بولسا، ئابىھايات توغرىسدىكى قىسسە بۇ قەدەر تەسىرلىك بولۇپ تارقالمىغان بولاتتى.

سوھبەتى ساھىبدىلان گەرم ئولدى، زاھىد تۇرماغىل،
خىرمەنى ئاتەشكە كىم كىرگەي سەمەندەر بولماسا،

يېشىمى: زاھىت ئاقكۆڭۈللەرنىڭ سۆھبىتى قىزىپ كەتتى، بىر چەتتە قاراپ تۇرما، ئەگەر سەمەندەر بولمىسا، ئوتنىڭ ئىچىگە كىم كىرەلەيدۇ؟

ھۇبى بۇ ژۇلىدە مولاردىن چۇ دىلگىر ئولماڭىز،
زاھىر ئولماس زىينەتى شەھرى قەلەندەر بولماسا،

يېشىمى: چېچى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغانلارنىڭ «ھۇ ئاللاھ» سېلىشلىرىدىن خاپا بولماڭ، چۈنكى قەلەندەر بولمىسا، شەھەرنىڭ زىننىتى گەۋدىلەنمەيدۇ.

نەقىشبەندىيلەرگە نەقشى بورىيايى بەسدۇرۇر،
ئەتلەسى گەردۇن ئەگەر بالىنۇ بىستەر بولماسا.
يېشىمى: نەقىشىبەدىيلەرگە ئاسماننىڭ كۆرپە – ياستۇقلىرى بولمىسىمۇ، بىر پارچە بورا بولسىلا كۇپايە.

ئەژدەھايى بىيشەنى ھەيبەتدە كىم قىلغاي خەراب،
دۇلدۇل ئۈزرە نەئرەئى ئاۋازى ھەيدەر بولماسا.

يېشىمى: ئەگەر دۇلدۇل ئۈستىدە ھەيۋەت بىلەن نەرە تارتىپ تۇرغان شىرى ھەيدەر بولمىغىنىدا، جاڭگالدىكى ئەجدىھانى كىم خاراب قىلالايتتى؟

ئەي زەلىلىي، كەچەيۈ گۈندۈز ئىشىم دىيۋانەلىك،
تا جۇنۇن ئىقلىمدىن مۇلكى مۇسەخخەر بولماسا.
يېشىمى: ئەي زەلىلىي، تاكى جۇنۇن ئىقلىمدىن بىرەر مەملىكەتنى ئىشغال قىلغىمىچە، مەجنۇنلۇق دائىمىي ئىشىم بولىدۇ.

تەئەززە

ئوتمۇ ھەم بار، گۇلمۇ ھەم بار يارنىڭ رۇخسارىدا،
يارمۇ ھەم بار، ئوقمۇ ھەم بار ئول كۆزى خۇنخارىدا.

يېشىمى: يارنىڭ رۇخسارىدا، ئوتمۇ بار ھەم گۈلمۇ بار، قانخور كۆزىدە يامۇ بار ھەم ئوقمۇ بار.

زەئفەران ھەم، مۇشىك ھەم، ئەنبەرمۇ ھەم، سۇنبۇلمۇ ھەم،
جانمۇ ھەم، ئىيمانمۇ ھەم ئول لەئلى شەكەر بارىدا.
يېشىمى: ئاشۇ شېكەر تۆكۈلۈپ تۇرغان لېۋىدە، زەپەرمۇ، ئىپارمۇ، ئەنبەرمۇ، سۇنبۇلمۇ، جانمۇ، ئىمانمۇ ھەممىسى بار.

زۇلمى ھەم، رەھمەتمۇ ھەم، فۇرقەتمۇ ھەم، ئىششرەتمۇ ھەم،
زەھر ھەم، شەكەرمۇ ھەم، ئول ۋەسل ئىشرەتزارىدا.

يېشىمى: ۋەسلىنىڭ ئىشرەتزارىدا، زۇلۇممۇ، شەپقەتمۇ، پىراقمۇ، ئىشرەتمۇ، زەھەرمۇ، شېكەرمۇ تېپىلىدۇ.

مەن ئەرۈرمەن ئىشقىدا ھەيران، تۈمەن ھەسرەت بىلە،
بىئەدەد ئاسىغلىق زۇلغىنىڭ ھەر تارىدا.
يېشىمى: مەن ئۇنىڭ ئىشق – مۇھەببىتىنىڭ دەردىدە، تۈمەن ھەسرەت چېكىمەن، لېكىن چېچىنىڭ ھەربىر تېلىغا بىھبساب دەردسىزلىكىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغىنىغا ھەيرانمەن.

سەرنىۋىشتىمدۇر مەنىڭ ئوتىدا كۆيمەك سۇبھۇ شام،
گۇللارى ئەل ئىلكىدە، جانۇ دىلىمدۇر خارىدا.

يېشىمى: مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگىنى كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈشتۈر؛ ئۇنىڭ گۇلى باشقىلارنىڭ قولىدا – يۇ، جېنىم بىلەن دىلىم بولسا، ئۇنىڭ تىكىنىدە.

زەئفەران يۈز مەندەدۇر، ئەلنىڭ دىماغى تازەدۇر،
مۇشكۇ ئەنبەر سۇنبۇلىدىن بىخەبەر ھەر سارىدا.

يېشىمى: مېنىڭ يۈزۈم دەرد – ئەلەمدىن زەپىران، ئەمما، ئۇنىڭ ئىپار – ئەنبەر چېچىدىن خەۋرىدىمۇ بولمىغان باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى بولسا، خوشالدۇر.

ئەلگە راھەت، نازۇ نىئمەتدۇر ئەزەل قەسسامىدىن،
كۆيمەكۇ ئۆلمەك ساڭاكىم بولماغاچ گۇل نارىدا.

يېشىمى: راھەت بىلەن نازۇ نېمەت ئەزەل تەقسىماتچىسى تەرىپىدىن باشقىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ دوزىخىدا گۈل بولمىغانلقىتىن، كۆيۈپ ئۆلۈش ساڭا نېسىپ قىلىنغاندۇر.

كۈلغە پاتتىم، ئوتغا تۈشتۈم، بىلمەدىم نە نەۋئ مەن،
غەرق ئولۇپ بولدۇم فەنا ئىكى كۆزۈم خۇنخارىدا.

يېشىمى: مەن زادى نېمە بولدۇم ھېچ بىلمىدىم؛ كۈلگە مىلەندىم، ئوتقا چۈشتۈم، ئىككى كۆزۈمدىن ئاققان قانلىق ياشقا غەرق بولۇپ كەتتىم.

مۇلمۇ ھەم، ساغەرمۇ ھەم بار، ھەم نەباتۇ لەئلىدە،
تازە گۇلدەك ماھى بەدرى مىھرى پۇر ئەنۋارىدا.

يېشىمى: ئۇنىڭ لېۋىدە مەيمۇ، قەدەھمۇ ھەم ناۋاتمۇ بار؛ گۈلدەك پاك يۈزىدە، تولۇن ئاي بىلەن قوياشنىڭ نۇرى بار.

بۇ مەنىڭ كۆڭلۈم مۇسەلسەل زۇلفىنىڭ تارىغا بەند،
بەلكى چىرماشتى تەنىمگە ئىشق ئوتى ھەر سارىدا.

يېشىمى: كۆڭلۈم ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ زەنجىردەك تالالىرىغا باغلىنىپ قالدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىشق ئوتى تەرەپ – تەرەپتىن تېنىمگە چىرماشتى.

ئەيشى راھەت ئەلگە، دەردىن جانغا ئال، گۇمنامكىم،
مۇئتەبەردۇر دەردۇ مىھنەت ئىشقنىڭ بازارىدا.
يېشىمى: ئەي گۇمنام، راھەتلىك ياشام ئەلگە بولسۇن، ئۇنىڭ دەردىنى جېنىڭغا سېتىۋالغىنكى، ئىشق – مۇھەببەت بازارىدا، دەرد – ئەلەم دېگەن ئەتىۋارلىق نەرسىدۇر.

تەئەززە چۈشۈرگىسى

ئەيشى راھەت ئەلگە، دەردىن جانغا ئال، گۇمنامكىم،
مۇئتەبەردۇر دەردۇ مىھنەت ئىشىقنىڭ بازارىدا.

يېشىمى: راھەتلىك ياشام ئەلگە بولسۇن، ئەي گۇمنام، ئۇنىڭ دەردىنى جېنىڭغا سېتىۋالغىنكى، ئىشق – مۇھەببەتنىڭ بازارىدا، دەرد – ئەلەم دېگەن ئەتىۋارلىق نەرسىدۇر.

نۇسخە

نىگارا، ئىشتىياقىڭدا زەئىفۇ ناتەۋان بولدۇم،
ھەمىشە دەر – بەدەر ئالەم ئارا بىخانۇمان بولدۇم.

يېشىمى: ئەي نىگار، ئىشتىياقىڭدا زەئىپ ۋە كۈچسىز بولۇپ قالدىم؛ جاھاندا ھەمىشە ئىشىكمۇ – ئىشىك يۈرىدىغان، ئۆي – ماكانسىز بىر ئاققۇن بولۇپ قالدىم.

نەتەي ئاۋارە بولماي بىر سەنىڭدەك غەمگۇزارىم يوق،
كۆيۈپ فۇرقەت ئوتىدا مۇبتەلائى لامەكان بولدۇم.

يېشىمى: سەندىن باشقا غەمگۇزارىم بولمىسا، پىراق ئوتىدا كۆيۈپ، ماكانسىزغا ئايلىنىپ قالغان تۇرسام، سەرگەردان بولماي قانداق قىلاتتىم، ئەمىسە؟

قادالدى كىرفىكىڭنىڭ نەشتەرى بۇ خەستە جانىمغا،
غەمۇ مىھنەت ئىچىدە دەرد تارتىپ زەئفەران بولدۇم.

يېشىمى: كىرپىكىڭنىڭ نەشتىرى خەستە جېنىمغا سانچىلدى، غەم ۋە جاپا ئىچىدە دەرد تارتىپ، يۈزۈم زەپىران بولدى.

خىرامان ناز ئىلەكىم تازە گۇلدەك ئاچىلىپ چىقساڭ،
جەمالىڭ شەۋقىنى ئول دەم كۆرۈپۇ شادمان بولدۇم.

يېشىمى: يېڭىلا پورەكلىگەن گۈلدەك ئېچىلىپ، ناز – ئىستىغىنا بىلەن لەرزان يۈرۈپ چىققىنىڭدا، جامالىڭنىڭ پەيزىنى كۆرۈپ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم.

ساڭا بۇ ئەرزى ھالىمنى بەيان ئەيلەرگە يوق تاقەت،
تۇتۇپ غەم لەشكەرى قويماس ياقامنى، بىزەبان بولدۇم.
يېشىمى: غەم لەشكەرى ياقامنى مەھكەم بوغۇۋالغاچقا، ئۈن چىقىرالماي قالدىم. شۇ تاپتا، ساڭا بۇ ئەرز – ئەھۋالىمنى بايان قىلغىدەك كۈچمۇ قالمىدى.

نەتەي، بىچارەئى غەمگىن قىلىپدۇر دەرد ئىلە ھىجران،
سارىخ رۇخسارە ھەجرىڭ ئوتىدىن بەرگى خەزان بولدم.

يېشىمى: ھىجران بىلەن دەرد مېنى غەمكىن، بىچارە قىلىپ قويدى. جۇدالىقنىڭ ئوتىدىن چىرايىم سارغىيىپ، كۈزدىكى غازاڭ بولۇپ قالدىم، قانداق قىلارمەن؟

جەمالىڭ ھەسرەتىدە ئۆرتەنۈر شامۇ سەھەر جانىم،
بولۇپ مەجنۇن كەبى ئالەمدە رۇسۋايى جەھان بولدۇم.

يېشىمى: جامالىڭنىڭ ھەسرىتىدە جېنىم تۈندىن تاڭغىچە ئۆرتىنىدۇ؛ بۇ ئالەمدە مەجنۇنغا ئوخشاش جاھاننىڭ رەسۋاسىغا ئايلىنىپ قالدىم.

فىراقىي، خەستەدىل ئاشۇفتە بولدى ئايرىلىپ سەندىن،
فىراقىڭ دەردىگە مەھرەم، جەفاغا ھەمزەبان بولدۇم.
يېشىمى: فىراقىي سەندىن ئايرىلىپ قالغانىدن كېيىن، دىلى سۇندى، پەرىشان بولدى؛ پىراقىڭ دەردى بىلەن سىرداش، جاپايىڭ بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ قالدى.

نۇسخە چۈشۈرگىسى

فىراقىي، خەستە دىل ئاشۇفتە بولدى ئايرىلىپ سەندىن،
فىراقىڭ دەردىگە مەھرەم، جەفاغا ھەمزەبان بولدۇم،

يېشىمى: فىراقىي سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، دىلى سۇندى، پەرىشان بولدى؛ پىراقىڭ دەردى بىلەن سىرداش، جاپايىڭ بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ قالدى.

مۇستەھزاد

ساقىيا، جامىمنى ساف ئەيلە مەيى ئەنۋاردىن،
ئەيلەگىل كۆڭلۈمنى خالىي جۇملەئى ئەغياردن.
يېشىمى: ئەي ساقىي، قەدىھىمنى نۇر شارابى بىلەن پاك قىلغىن، كۆڭلۈمنى پۈتكۈل رەقىبلەردىن خالىي قىلغىن.

مەست ئەيلەپ ھۇشۇم ئال، قىلغىل خۇمارىدى خەلاس،
ھەم خۇمارى ئۆزلۈكىدىن ئىت ھەم پەردەئى پىنداردىن.
يېشىمى: مەست قىلىپ ھۇشۇمنى يوقات، خۇماردىن خالاس قىل. ھەم ئۆزلۈك خۇمارىدىن ھەم كىبىر پەردىسىدىن قۇتۇلدۇرغىن.

ھەجرنىڭ ئەندۇھىدىن بولدى كۆزۈم يىغلاپ بەسىر،
كاشكى بولغاي ئەدى بىينا كۆزۈم دىيداردىن.

يېشىمى: ھىجران قايغۇسىدا كۆپ يىغلاپ، كۆزۈم تۇتۇلدى؛ كاشكى ئۇنىڭ دىدارىغا مۇيەسسەر بولسام، بۇ ھالدا، كۆزۈم روشەنلەشكەن بولاتتى.

گەر بەھار ئۆتكەچ تولا سارغارسا يافراقلار نە تاڭ،
سارغارىپ يۈز غەم بىلەن بولسە جۇدا غەمخاردىن.

يېشىمى: باھار ئۆتكەندىن كېيىن، ياپراقلارنىڭ سارغىيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى غەمخورىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭمۇ چىرايى غەم بىلەن سارغىيىپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟

ۋەسل قەردىن بىلمەگەنگە ھەجر ئوتى پاداش ئەمىش،
بولما نەۋمىد، ئەي زۇھۇرىي، بۇرنا سۆيگەن ياردىن.

يېشىمى: ئەي زۇھۇرىي، ھىجران ئوتى ئازابى ۋىسالنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن مۇكاپاتمىش. شۇڭا سۆيگەن يارىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمە.

جۇلا

ئەي پەرى رۇخسارلار، بىزگە نىگاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ،
بىر نەزەر بىرلە گەدانى پادىشاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.

يېشىمى: ئەي پۈرى يۈزلۈك، ماڭىمۇ نەزەر سېلىپ ئۆتۈڭ؛ «لەپپىدە» بىر قاراپ قويۇش بىلەن، مەن گاداينى پادىشاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.

گەرچە ئۆتكەندە كىرەرسىز كۆپ كىشىنىڭ قانىنا،
بۇ گەدا كۆڭلى ئۈچۈن مۇنچە گۇناھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.

يېشىمى: دەرۋەقە ھەر ئۆتكىنىڭىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قېنىغا كىرىسىز (خەقلەر نامەھرەم كۆزى بىلەن سىزگە قارايدۇ)، مەن گاداينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، مۇنچىلىك گۇناھنى قىلىپ ئۆتۈڭ.

خارلىق ھەددىن ئاشۇرماڭ، چۈنكى ئىززەت يولدادۇر،
ئاتىڭىز نەئىلىندە بىزنى خاكى راھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.

يېشىمى: خارلاشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەڭ، چۈنكى قاتتىقلىق دېگەنمۇ ئۆز يولىدا بولغىنى تۈزۈك. مېنى ھېچ بولمىسا، ئېتىڭىزنىڭ تۇۋىقى ئاستىدىكى يول توپسىچىلىك كۆرۈپ ئۆتۈڭ.

ھەر قاچان جان بەرسەم ئول قەددۇ ئاغىز يادى بىلە،
ئەي مۇھىبلار، تۇربەتىم ئۈستىدە ئاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
يېشىمى: ئەي دوستلار، ناۋادا ئۇنىڭ قەددى – قامىتى ۋە لېۋىنى ئەسلەش بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، قەبرەم يېنىدىن ئۆتكەندە، بىر «ئاھ» ئۇرۇپ قويۇڭلار.

ھەر نەچەكىم، سىزگە زەھمەتتۇر، زەكاتى ھۇسىن ئۈچۈن،
ئىلتىفاتى لۇتفىي سارى گاھى گاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
يېشىمى: سىزگە ھەرقانچە زەخمەت يەتسىمۇ، ھۆسنىڭىزنىڭ زاكىتى ئۈچۈن، لۇتفىيغا ئاا – سىرا تاشلاپ ئۆتۈڭ.

سەنەم

بىرىنچى ئاھاڭ

باغدا بىر گۇل بار ئەدى، شاخىدا بۇلبۇل سايرادى،
ئەجەب خۇدانىڭ تەقدىرى يارنى مەندىن ئايرىدى.
يېشىمى: باغدا بىرگۈل بار ئىدى، شېخىدا بۇلبۇل سايرىدى، ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئەجەبمۇ يارنى مەندىن ئايرىۋەتتى.

بۇلبۇل دەگەن بىر قۇشتۇر، سايراسا ئۇنى خۇشتۇر،
بەش گۇنلۈك شۇ ئالەمدە يار بىلەن كۆڭۈل خۇشتۇر.

يېشىمى: «بۇلبۇل» دېگەن بىر قۇشتۇر، سايرىسا ئۈنى خۇشتۇر، تۆت كۈنلۈك شۇ ئالەمدە يار بىلەن كۆڭۈل خۇشتۇر.

ئىزدەمەس كۆڭلۈم مەنىڭ بار ئىزلەگەننىڭ يارى بول،
كىم سەنى يارىم دەسە، بارىب شۇنىڭ گۇلزارى بول.

يېشىمى: مېنىڭ كۆڭلۈم يار ئىزدىمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ يارىم بار؛ سەن ئىزدىگەن، كۆيگەن ئادەمنىڭ يارى بول، كىم سېنى «يارىم» دېسە، سۆيسە، ئاندىن بېرىپ شۇنىڭ گۈلزارى بولساڭ بولىدۇ.

خۇش بەخىت – سەئادەتتۇر، كىشى جانانىغا يەتسە،
چەكىپ جەۋرۇ – جافالارنى كۆزى مەستانەغە يەتسە،

يېشىمى: ئىنسان جەبىر – جاپالارنى چەكسىمۇ، كۆزى سۆيگەن يارىنى كۆرسە، ئاخىردا ئۇ جانانىنىڭ ۋىسالىغا يەتسە، بۇ – خۇش بەخت – سەئادەتتۇر.

ئىككىنچى ئاھاڭ

ئەي يۈزى نەسرىن، قامەتى شەمشاد،
نەچە قىلۇرسەن جانىمە بىيداد.
يېشىمى: ئەي يۈزى نەسرىن، قامىتى شەمشادقا ئوخشايدىغان يار، جېنىمغا نېمانچە زۇلۇم سالىسەن؟

سەن كەبى پۇركار، شىۋەسى بىسيار،
بىلمەدى، ئەي يار، ھىچبىر كىشى ياد.
يېشىمى: ئەي يار، سەندەك تەجرىبىلىك، خۇلقلۇق ۋە ناز – ئىستىغنالىق ئىنساننى تېخى ھېچ كىشى بىلىپ يەتمىدى.

جەۋرىدە نادىر، زۇلۇمدا ماھىر،
ئىشۋەدە قادىر، غەمزەدە ئۇستاد.
يېشىمى: جاپا سېلىشتا نادىر، زۇلۇم قىلىشقا ماھىر، ناز – خۇلق قىلىشقا قادىر، غەمزىگە ئۇستا.

يارنىڭ غەمىدىن، ھەجر ئەلەمىدىن،
سەبر كەمىدىن نالەيۇ فەرياد.

يېشىمى: يارنىڭ غېمىدىن ئايرىلىش ئازابىدىن، سەۋر – تاقەتنىڭ كەملىكىدىن داد – پەرياد!

بابۇرى بىدىل، ئەي بۇتى قاتىل،
جەۋرۇڭغا مايىل، زۇلمۇڭغا مۇئتاد.

يېشىمى: ئەي مۇتلەق گۈزەل سەنەم، شەيدا ئاشىنىڭ بابۇر جەبرىڭگە خۇشتار، زۇلمۇڭغا كۆنۈك.

چوڭ سەلىقە

بۇ ئەلدە باردۇر ئىكى مەھىپەيكەر،
بىرى قەندۇ بىرىسى شەھدۇ شەكەر.

يېشىمى: بۇ ئەلدە ئىككى ئاي يۈزلۈك بار: بىرى قەندەك، يەنە بىرى ھەسەل بىلەن شېكەردەك.

بىرىنىڭ ئارەزى خۇرشىدى تابان،
بىرىنىڭ كۆزلەرى كۇففارى خەيبەر.

يېشىمى: بىرىنىڭ رۇخسارى نۇرلۇق قۇياشتەك؛ يەنە بىرىنىڭ كۆزلىرى خەيبەر كۇپپارلىرىنىڭكىدەك قاپقارا.

بىرىنىڭ زۇلفۇ خالى دانەيۇ دام،
بىرىنىڭ قامەتى سەرۋۇ سەنەۋبەر.

يېشىمى: بىرىنىڭ چېچى گوياكى توزاق، مېڭى نوقۇت دانىسىدەك چوڭ؛ يەنە بىرىنىڭ قامىتى سەرۋى بىلەن سەنەۋبەردەك گۈزەل.

بىرىنىڭ لەبلەرى ياقۇتى سىيراپ،
بىرىنىڭ تىشلارى پاكىزە گەۋھەر.

يېشىمى: بىرىنىڭ لېۋى سۈزۈك ياقۇت؛ يەنە بىرىنىڭ چىشلىرى پاكىزە گۆھەر.

بىرىنىڭ غەبغەبىدۇر سىيبى سىيمىن،
بىرىنىڭ ئىكى بادامى مۇقەششەر.

يېشىمى: بىرىنىڭ مەڭزى ئاق ئالمىدەك چىرايلىق؛ يەنە بىرىنىڭ ئىككى قاپىقى بادەمدەك يارىشىملىق.

بىرى سۇلتانى ئىقلىمى مەلاھەت،
بىرى ھۇسىن ئەلىدە خاقانى قەيسەر.
يېشىمى: بىرى گۈزەللىك ئىقلىمىنىڭ سۇلتانى؛ يەنە بىرى ھۆسىن ئېلىنىڭ بۈيۈك خاقانى.

بىرىنىڭ غەمزەسى جەرراھى ئۇستاد،
بىرىنىڭ كىرفىكى ئالماسۇ خەنجەر.
يېشىمى: بىرىنىڭ غەمزىسى ئۇستا جەرراھنىڭ پىچىقىدەك ئۆتكۈر؛ يەنە بىرىنىڭ كىرپىكى ئالماس ۋە خەنجەردەك كەسكۈر.

بىرىنىڭ ئىكى قاشىدۇر ياڭى ئاي،
بىرىنىڭ تەلئەتىدۇر ئەيدى ئەكبەر.

يېشىمى: بىرىنىڭ ئىككى قېشى خۇددى يېڭى چىققان ئاي؛ يەنە بىرىنىڭ رۇخسارى – تەلەتى بايرام چىراي.

بىرىگە چاكارۇ بەندە ئاتايى،
بىرىگە خادىمۇ دائىمىي كەمتەر.
يېشىمى: ئاتايى بىرىگە چاكار ۋە قۇل؛ يەنە بىرىگە ھەمىشە بولىدۇ پۇت – قول.

كىچىك سەلىقە

بىرىنچى ئاھاڭ


دەھرنىڭ شەكلىنى كۆركىم، بولدى ھالى ئۆزگەچە،
بىلمان، ئايا، بارمۇدۇر ئانىڭ خەيالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: جاھاننىڭ قىياپىتىگە قارا، ئەھۋالى ئۆزگىرىپ كەتتى؛ يا ئۇنىڭ باشقىچە خىيالى بارمىدۇ، بۇنى بىلەلمىدىم.

تەقۋا ئەيلەپ دەير ئارا يول تاپمادۇق، كەل، ئەي رەفىق،
مەست ئولۇپ مەيخارەلەر يەڭلىغ بارالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: تەقۋادارلىق قىلىوپ، مەيخانىغا يېقىن بولمىدۇق. ئەي دوست، كەل، مەست بولۇپ، مەيخورلاردەك باشقىچە يول تۇتايلى.

ئەي مۇسەۋۋىر، سەھۋ ئەيلەپ قىلما تەسۋىردىن خەيال،
كۆزۇ قاشى ئۆزگە ئانىڭ، خەتتۇ خالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: ئەي رەسسام، ئۇنىڭ كۆز – قاشلىرى باشقىچە، مىيىق ۋە مېڭى ئۆزگىچە، سەۋەنلىك قىلىپ، سۈرىتىنى خاتا سىزىپ قويمىغىن.

بۇلھەۋەسلەر غەمىنى ئەيلەپ كەلىڭ، ئەھبابكىم،
تەلمۈرۈپ ئوترۇسىدا ئانىڭ تۇرالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: ئەي دوستلار، ھەۋاسكارلارغا خاس ئوي – پىكىر بىلەن كېلىڭلاركى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا باشقىدىن تەلمۈرۈپ تۇرايلى.

تاب كەلتۈرمەس نەزەر ھۆسنى جەھان ئاراسىغا،
ياشۇرۇن كۆپ پەردە كەينىدىن قارالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: جاھاننى چاقناتقۇچى ھۆسىن – جامالىغا بىۋاستە قارىساق، كۆز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇكى، جىق پەردىلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، يوشۇرۇنچە قارايلى.

سارغارىپ گاھى قىزارىپ مىھرۇ مەھ بىر ھال ئەمەس،
ئەيلەمىش ئانى ئىزارى ئىنفىئالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: قۇياش بىلەن ئاي بەزىدە سارغىيىپ، بەزىدە قىزىرىپ، بىر خىل تۇرمايدۇكى، يار رۇخسارىنىڭ گۈزەللىكى كەلتۈرگەن خىجىللىق ئۇلارنى ئاشۇنداق قىلىپ قويغانمىش.

ئىشق ئارا قەدر ئىستەسەڭ بىباك بولكىم، ئۆزگەدۇر،
ئەھلى تەۋا ئاندا، رىندى لا ئۇبالى ئۆزگەچە،

يېشىمى: ئاشىقلىقتا قەدىر – قىممەت تاپاي دېسەڭ، قورقماس بولكى، ئۇ يەردە تەقۋادارلار باشقىچە، جېنىدىن تويغانلار باشقىچە بولىدۇ.

قىلسا كۆز غارەت كۆڭۈلنى، يۈز قىلۇر ئۆرتەرگە جەھد،
زۇلف ئاڭا تەقۋىييە ئەيلەپ جىسمى دالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: كۆز كۆڭۈلنى ئوۋلىۋالسا، يۈز ئۇنى ئۆرتەشكە تىرىشىدۇ، چاچ ئۇلار (كۆز بىلەن يۈز)نى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ– دە، نەتىجىدە، ئاشىقنىڭ گەۋدىسىنى دال (د) ھەرپىدەك ئېگىۋېتىدۇ.

دەھر ھەر چەند كۈلسە، ئەرشىي، سەن سارى بىل زەھرخەند،
بارمۇ جان قەسدىن قىلۇردىن ئىھتىمالى ئۆزگەچە.

يېشىمى: ئەي ئەرشىي، زامان ھەرقانچە كۈلگەن بىلەن ساڭا كەلگەندە زەھەرخەندىلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ جاننى قەستلەشتىن باشقىچە ئېھتىمالىمۇ بارمۇ؟ بۇنى بىلىپ باق.

ئىككىنچى ئاھاڭ

يۈزۈڭنى كۆردۈم، ئەي، خۇرشىدى تابان،
دەمەن خۇرشىدى تابان، نۇرى ئىيمان.

يېشىمى: ئەي، سېنىڭ يۈزۈڭ نۇرلۇق قۇياشتۇر، قۇياشلا ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ نۇرىدۇر.

مۇسۇلمانزادە بولساڭ رەھم قىلغىن،
يۇتارمەن فۇرقەتىڭدىن ھەر زەمان قان.

يېشىمى: پىراقىڭدا دائىم قان يۇتۇۋاتىمەن، مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ، ماڭا رەھىم قىلغىن.

قىلۇر ھەسرەت بىلەن يۈز ئافەرىنلەر،
ئەگەر كۆرسە يۈزۈڭنى ماھى كەنئان.

يېشىمى: ئەگەر كەنئاننىڭ ئېيى («كەنئاننىڭ ئېيى» ئاتالغان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام) سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرسە، ھەسرەت چەككەن ھالدا، يۈزلەپ ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

بىرەر سورساڭ نە بولۇر ئاغرىقىمنى،
سەنىڭدەك يوقتۇرۇر دەردىمگە دەرمان.

يېشىمى: ئاغرىقىمغا سېنىڭدەك شىپالىق يوقكى، مېنى يوقلاپ، ئاغرىقىمنى بىرەر قېتىم سوراپ قويساڭ نېمە بولار؟

ئەگەر ھەجرىڭدە ئۆلسەم، ئاي پەرىزاد،
ئىچىڭ ئاغىرپ بولۇرسەن سەن پۇشەيمان.

يېشىمى: ئەي پەرىزات، ئەگەر سېنىڭ جۇدالىقىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم، ئىچىڭ ئاغرىپ پۇشايمانغا قالىسەن.

سەنىڭدەك ياخشىلىقدا يوق جەھاندا،
يامانلىقدا مەنىڭدەك يوقتۇر، ئەي جان.

يېشىمى: ئەي جان، جاھاندا سېنىڭدەك ياخشى يوق، مېنىڭدەك يامان يوق.

ئوشۇل گۇندىنكى كۆردسۈم ئارەزىڭنى،
بولۇپمەن قۇللارىڭغا بەندە فەرمان.

يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، قۇللىرىڭنىڭ پەرمانىنى تۇتۇپ كېلىۋاتىمەن.

ئالىپسەن تاقەتۇ سەبرۇ قەرارىم،
يۈرەككە تاكى قويدۇڭ داغى ھىجران.
يېشىمى: يۈرىكىمنى قاچان ھىجران دېغىدا قويدۇڭ، شۇندىن باشلاپلا، مەندىن سەۋر، تاقەت ۋە تىنچىلىق دېگەنلەرنى ئېلىپ كەتتىڭ.

قەلەندەر تا تىرىكدۇر بۇ جەھاندە،
قىلۇر ۋەسفىڭ سەنىڭ، ئەي ماھى دەۋران.

يېشىمى: ئەي دەۋراننىڭ ئېيى، قەلەندەر بۇ جاھاندا ھاياتلا بولىدىكەن، سېنىڭ تەۋسىپ – تەرىپىڭنى قىلىدۇ.

كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى

دەھر ھەر چەند كۈلسە، ئەرشىي، سەن سارى بىل زەھر خەند،
بارمۇ جان قەسدىن قىلۇردىن ئىھتىمالى ئۆزگەچە.
يېشىمى: ئەي ئەرشىي، جاھان ھەرقانچە كۈلگەن بىلەن، ساڭا كەلگەندە زەھەرخەندىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ جاننى قەستلەشتىن باشقىچە ئېھتىمالىمۇ بارمۇ؟ بۇنى بىلىپ باققىن.

پىشرەۋ

بىرىنچى ئاھاڭ


باغدا ئاچىلدى بىر تۇپ قىزىلگۇل،
سايرادى شاختا مەستانە بۇلبۇل.

يېشىمى: باغدا بىر تۇپ قىزىلگۇل ئېچىلدى، شېخىدا مەستانە بۇلبۇل سايرىدى.

باغدا قىزىلگۇل ھەرجايدا بولماس،
ھەرجايدا بولسا سەنىڭچە بولماس.

يېشىمى: قىزىلگۇل دېگەن باغنىڭ ھەممە يېرىدە بولىۋەرمەيدۇ، قەيەردە بولمىسۇن، ساڭا يەتمەيدۇ.

كۆردۈم يۈزۈڭنى ھەيرانە بولدۇم،
ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم.

يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆرۈپلا، سېنىڭ ھەيرانىڭ بولدۇم، ئەقىل – ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم.

ھەيرانە قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر،
مەستانە قىلغان شىرىن سۆزۈڭدۇر.

يېشىمى: ھەيرانىڭ قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر، مەستانە قىلغان شېرىن سۆزۈڭدۇر.

ئىككىنچى ئاھاڭ

مەرۋايىت ئەسىل نەرسە ئىنجۇ – مارجان ئىىدە،
يارىم ماڭا گۇل تۇتتى خەلقى ئالەم ئىچىدە.

يېشىمى: ئۈنچە – مارجان ئىچىدە، مەرۋايىت ئېسىل نەرسىدۇر. يارىم ماڭا خەلقىئالەم ئالدىدا گۈل تۇتتى.

ئەي خۇشتارمەن – ئۇ، خۇشتارمەن.
يارىم ماڭا گۇل تۇتتى خەلقى ئالەم ئىچىدە.
يېشىمى: يارىمنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدىلا ماڭا گۈل تۇتقىنىغا بەك خۇش بولدۇم.

گۇلنى مەن ئالاي دەسەم گۇل تىكەننىڭ ئىچىدە،
گۇلگە مەيلىم بار ئەدى گۇل بەدەننىڭ ئىچىدە،.
يېشىمى: گۇلنى مەن ئۈزىۋالاي دېسەم، گۇل تىكەننىڭ ئارىسىدا تۇرۇپتۇ. گۈلبەدەنلەرنىڭ ئىچىدە، گۈلگە مەيلىم بار ئىدى.

ئەي خۇشتارمەن– ئۇ، خۇشتارمەن،
گۇلگە مەيلىم بار ئەدى گۇل بەدەننى ئىچىدە.

يېشىمى: گۈلبەدەنلەرنىڭ ئىچىدە، گۈلگە مەيلىم بار ئىدى، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بەك خۇشتار ئىدىم.

ئۈچىنچى ئاھاڭ

گۇل كۆرۈپ گۇلزاردا مەن ساڭا ھىچ ئوخشاتمادىم،
تاللاپ سۆيگەن يارىمسەن باشقاغا قاش ئاتمادىم.
يېشىمى: گۈلزاردا گۈللەرنى كۆرۈپ، ھېچقايسىسىنى ساڭا ئوخشاتمىدىم. تاللاپ سۆيگەن يارىمسەن، باشقىغا قاش ئاتمادىم.

يارنى يار دەمدۇر كىشى، ياماننى يار دەمدۇر كىشى،
ياخشى يار ياندا تۇتۇپ، ياماننى خاھلامدۇر كىشى.
يېشىمى: ئىنسان يارنى يار دەمدۇ؟ ياكى ياماننى يار دەمدۇ؟ ياخشى يار ياندىلا تۇرغان يەردە، ياماننى خاھلامدۇ؟

ئاتخانەنىڭ ئالدىدا ئالا ئاتنىڭ تۇياقى،
بىزنىڭ قاراقاش يارنىڭ مەخمەل تاشتۇر تۇماقى.

يېشىمى: ئاتخانىنىڭ ئالدىدا ئالا ئاتنىڭ تۇياق ئىزى تۇرىدۇ. مېنىڭ قاراقاش يارىم مەخمەل تاشلىق تۇماق كىيىپتۇ.

مەخمەل تاش تۇماقىڭنى قىستۇرۇپ بۇزۇپ ئەتمە،
بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئۈمىدنى ئۈزۈپ ئەتمە.

يېشىمى: مەخمەل تاشلىق تۇمىقىڭنى قىستۇرۇپ كىيىپ بۇزۇۋەتمە، بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمە.

قاشىڭنى قارا دەيدۇر قەلەمدىن ئايرىيالمايمەن،
باغلانغان ساڭا رىشتىم، سەندىن ئايرىلالمەيمەن.
يېشىمى: قېشىڭ شۇ قەدەر قارا ئىكەنكى، قەلەم سىياھىدىن ئايرىيالمايمەن؛ رىشتىم ساڭا باغلانغان، سەندىن ئايرىلالمايمەن.

يارنىڭ كىيگەن كۆينەكى قىزىل دۇردۇن تاۋاردۇر،
شۇ يارىدمدىن ئايرىلسا، ئۆلمەك ماڭا رەۋادۇر.
يېشىمى: يارنىڭ كىيگەن كۆينىكى قىزىل دۇردۇن – تاۋاردۇر، شۇ يارىدىمدىن ئايرىلسام، ئۆلمەك ماڭا راۋادۇر.

تەئكىد

ئەي نەسىمى سۇبھىدەم، مەندىن نىگارىمغا سەلام،
ئول ساچى سۇنبۇل، يۈزى گۇل، نەۋ بەھارىمغا سەلام.

يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، ئۇ سۇمبۇل چاچلىق، گۈل يۈزلۈك، باش باھاردەك يېقىملىق نىگارىمغا مەندىن سالام.

لەبلەرى قەندۇ گۇلابۇ سۆزلەرى شەھدۇ شەراب،
غەمزەسى مەستانە، ئول كۆزى خۇمارىمغا سەلام.

يېشىمى: لەۋلىرى قەنت بىلەن گۇلاب، سۆزلىرى ھەسەل بىلەن شاراب، غەمزىسى مەست قىلغۇچى ئۇ خۇمار كۆزلۈكۈمگە سالام.

جان نىسار ئەتسەم كەرەك بادى سەھەر، دىك ئاللىدا،
بەندەدىن ھەر گاھكى ئەلىتۈر بولسا يارىمغا سەلام.

يېشىمى: قاچانىكى تاڭ شامىلى مەن قۇلدىن يارىمغا سالام يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ، جېنىمنى پىدا قىلسام ئەرزىيدۇ.

بوستانى ھۇسنۇ لۇتفى خۇلق ئىچىندە سەۋىناز،
ئول سەۋەر جاندەك، ئەزىزىم، ئىختىيارىمغا سەلام.

يېشىمى: ھۆسىن بوستانى، مەرھىمىتى ۋە خۇلقى بويىچە ئاجايىپ يېتىشكەن ۋە كېلىشكەن ئۇ جاندەك سۆيۈملۈك، ئىختىيارىمنى ئالغۇچى ئەزىزىمگە سالام.

تابۇغۇڭدا نەچەكىم ئەرز ئەيلەدى ھالىن گەدا،
دەمەدىڭ بىرگۈنكى، مىسكىن خاسارىمغا سەلام.

يېشىمى: گەدائىي ھۇزۇرۇڭدا قانچە قېتىملاپ ئۆز ھالىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىرەر قېتىم «بىچارە خاكسارىمغا سالام» دېمىدىڭ.

داستان

بىرىنچى داستان


سۆيۈملۈك ھەمدەمىم، ئەي ۋەفادارىم،
تازە نەۋ جەۋانىم، ھالىڭ نە بولدى؟
رەفىقىم، مۇنىسىم، ئەيشىم، مەدارىم،
كۆز نۇرۇم، غەمخارىم، ھالىڭ نە بولدى؟

يېشىمى: ئى سۆيۈملۈك ھەمنەپەس ۋاپادارىم، غەيۇر سۇباتلىق يارىم، مەسلەكدىشىم، سىرداش دوستۇم، ھاياتىم، كۆز نۇرۇم، غەمگۇزارىم ئەھۋالىڭ قانداق؟

كۆزۈڭدۇر ئوت كەبى، جىسمىڭدۇر بىمار،
ۋۇجۇدۇڭ سىمابتەك تىترەر بىقەرار،
ئەي يارى ۋەفادار، ئەيلەگىل ئىزھار،
كۆزلەرى مەستانىم ھالىڭ نە بولدى؟

يېشىمى: كۆزۈڭدىن ئوت چاقناپ تۇرىدۇ، تېنىڭ كېسەلچان، ۋۇجۇدۇڭ سىماپتەك ئىختيارسىز تىترەپ تۇرىدۇ. ئى مەستانە كۆزلۈك ۋاپادار يارىم، ئەھۋالىڭنى ئىزھار قىلغىن، زادى نېمە بولدۇڭ؟

فىدا بولسۇن ساڭا بۇ شىرىن جانىم،
بىر زەمان كۆرمەسەم ئۆرلەر فىغانىم،
ياشىمدا تاجىمسەن، روھى رەۋانىم،
يارى مىھرىبانىم ھالىڭ نە بولدى؟

يېشىمى: بۇ شېرىن جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن، بىردەم كۆرمىسەم پىغانىم ئۆرلەپ قالىدۇ. سەن مېنىڭ بېشىمدىكى تاجىمسەن، ۋۇجۇدۇمدىكى جانلىق روھىمسەنكى، ئى مېھرىبان يارىم، ساڭا نېمە بولدى؟

ئەۋۋەلدە ئاتامدىن قالماغان بولسام،
غەرىبلىق كويىدا يۈرمەگەن بولسام.
سەنى بۇ ھەسرەتتە كۆرمەگەن بولسام،
خەتەرلىك كارۋانىم ھالىڭ نە بولدى؟

يېشىمى: باشتا ئاتامدىن يېتىم قالمىغان بولسا، مۇساپىرلىق كوچىسىدا يۈرمىگەن بولسام، سېنى بۇ ھەسرەتلىك ھالدا كۆرمىگەن بولسام، كاشكى. ئى، خەتەردە قالغان كارۋىنىم ساڭا نېمە بولدى؟

شاھ سەنەۋبەر دەرلەر: باغرىم ئەزىلدى،
ماڭا ھەقدىن مۇنداق قىسمەت يازىلدى،
ۋاقتىم يەتىپ جان تەنىمدىن ئۈزۈلدى،
يۇسۇفى كەنئانىم ھالىڭ نە بولدى؟

يېشىمى: شاھ سەنەۋبەر ئېيتىدۇ: مېنىڭ ھەقىقەتەن يۈرىكىم ئېزىلدى؛ ئاللاھتىن ماڭا مۇشۇنداق قىسمەت پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ؛ گويا ئەجىلىم توشۇپ، جان تەندىن چىقتىكى، ئى، كەنئانلىق يۇسۇفۇم، ئەۋالىڭ قانداق؟

نىگارىم ئىشقىدا ئۆرتەندى جانىم،
دىلىم كۆيدى، تىلىم كەلدى نەۋاغا.
ئۇنى كۆرگەنچە مەن، يوقتۇر مەجالىم.
نەۋا ئەيلەپ تۆكەي ياشىم خۇداغا.

يېشىمى: نىگارىمنىڭ مۇھەببىتىدە جېنىم ئۆرتەندى؛ يۈرىكىم كۆيۈپ، تىلىم زارلاشقا باشلىدى؛ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكىچە بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمەن، ئەمدى، نالە – ناۋا قىلىپ ياش تۆكۈپ، ئاللاھقا يىغلاي.

ئۇنىڭ ئىشقى مەنى قىلدى خەرابە،
يۈرەك – باغرىم كۆيۈپ بولدى كەبابە.
ساڭا قۇربان قىلاي بۇ تەندە جانە،
بۇ ئەرزىمنى دەگىل قاشى قاراغا.

يېشىمى: ئۇنىڭ مۇھەببىتى مېنى خاراپ قىلدى، يۈرىكىم كۆيۈپ كاۋاپ بولدى؛ بۇ تېىنمدىكى جېنىمنى ساڭا قۇربان قىلاي، بۇ ئەرزىمنى قاراقاش يارىمغا قويغىن.

سەبا يەتكۈز مەنىڭ يۈتكەن كىشىمنى،
خۇداغە يىغلاسام ئوڭلار باشىمنى.
ساماندەك سارغارىپ تۆكتۈم ياشىمنى،
سەبا يەتكۈز سۆزۈم ئول دىلرەباغا.

يېشىمى: ئى تاڭ شامىلى، مېنىڭ جۇدا بولغان كىشىمنى كەلتۈر؛ ئاللاھقا يىغلاسام، بېشىمنى ئوڭلاپ قويار؛ ساماندەك سارغىيىپ، يىغلاپ ياش تۆكتۈم. ئى تاڭ شامىلى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئۇ دىلرەباغا يەتكۈزۈپ قوي.

جاناندىن ئايرىلىپ مەستانە بولدۇم،
ئۇنىڭ ئىشقىدا مەن دىۋانە بولدۇم.
كۆيۈپ مەن شامىدا پەرۋانە بولدۇم،
غەرىبلىقتا دەدىم ئەرزىم سەباغا.

يېشىمى: جاناندىن ئايرىلىپ مەستانە بولدۇم، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ساراڭ بولۇپ قالدىم؛ مەن ئۇنىڭ مۇھەببەت شامىنىڭ پەرۋانىسمەن؛ مۇساپىرچىلىقتا، بۇ ئەرزىمنى تاڭ شامىلىغا ئېيتتىم.

غەرىبلەرنىڭ يەتىملىكدە خەيالى،
نەچۈك بولغاي فەررۇخنىڭ ئەمدى ھالى.
كۆڭۈلنى يارۇتار مەھبۇب ۋىسالى،
غەرىبلىقتا ئەجەب قالدىم بەلاغا.

يېشىمى: غېرىپ – مۇساپىرلار يېتىمچىلىكتە خىيال بىلەنلا ياشايدۇ، غەررۇخنىڭ ئەھۋالى ئاقىبەتتە قانداق بولار؟ كۆڭۈلنى سۆيگەن يارنىڭ ۋىسالى يورۇتىدۇ؛ ھەي، مۇساپىرچىلىقتا، ئەجەب بىر مۇھەببەت بالاسىغا قالدىم.

ئۈچىنچى داستان

شاھىم بىزنىڭ ئەلۇ يۇرتنىڭ،
خۇش ئۆتەدۇر ياز – قىشلارى.
خۇشال ئۆتەر ھەبىرى چاغى،
ئويناپ كۈلۈشتۈر ئىشلارى.

يېشىمى: ئى پادىشاھىم، بىزنىڭ ئەل – يۇترنىڭ ياز – قىش پەسىللىرى تولىمۇ ياخشى ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ كەيپى چاغ، قىلىدىغان ئىشلىرى ئويناپ كۈلۈشتۈر، خالاس.

باغدا پىشار تاغاچلارى،
مەيۋەلىكدۇر ياغاچلارى.
بىزنىڭ ئەلدە يوق ئاچلارى،
فەراۋاندۇر يەمىشلەرى.

يېشىمى: باغلاردا شاپتۇل – توغاچلار پىشىپ تۇرىدۇ، دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋىلىك دەرەخلەردۇر، بىزنىڭ ئاچ – زار قالغان ئادەم بولمايدۇ، يەل – يىمىشلىرى بەك مول.

يىگىتلەرنىڭ يۈرۈشلەرى،
رۇستەمچە بار ئۇرۇشلارى،
ئىسفەھانچە قىلىچلارى،
چاقىن كەبى چاپىشلارى.

يېشىمى: بىزنىڭ ئەل – يۇرت يىگىتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يۈرۈش – تۇرۇشلىرى بار: مۇشت ئېتىشلىرى رۇستەمگە ئوخشايدۇ، يېنىدا ئىسفاھانچە قىلىچلىرى بار، ئۇنى چېپىشلىرى چاقماقتەك چەبدەس.

قەرىلەردى ئۆيدە ياتۇر،
قىزلارى شوخ قوشاق قاتۇر،
يىگىتلەرى ئوقيا ئاتۇر.
مەردانەدۇر چالىشلارى.

يېشىمى: ياشانغانلار ئۆيدە ئارام ئېلىپ ياتىدۇ؛ قىزلىرى شوخ – شوخ قوشاقلارنى قاتىدۇ؛ يىگىتلىرى ئوقيا ئاتىدۇ، مەردانە چېلىش مۇسابىقلىرىنى قىلىپ تۇرىدۇ.

پەرى قىزلار جەۋلان قىلىپ،
يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىن ئالىپ،
باغ قە كىرەر قولىن سالىپ،
جەيرەن كەبى ماڭىشلارى.

يېشىمى: پەرىدەك گۈزەل يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلايدۇ؛ باغقا كىرگەندە، قوللىرىنى سېلىپ مېڭىشلىرى جەرەنگە ئوخشايدۇ.

كۆرگەننىڭ جانىن داغلاغان،
گويا پەرى دەپ چاغلاغان،
تىللا كەمەرلەر باغلاغان،
ئاياغىدا كەفىشلەردى.

يېشىمى: كۆرگەنلەر ئۇلارنى «بەجاديىكى پەرى» دەپ چاغلاپ، جانلىرى داغدا قالىدۇ؛ ئۇ قىزلار بەللىرىگە ئالتۇن كەمەر باغلىۋالغان بولۇپ، ئايىغىدا كەشلىرى بار.

بەدۇ ئاتلار شوخ ئويناقلار،
ھەر چاپقاندا كۆكتىن ئاشار،
دۇبال قاقىپ ئۆردەك ئۇچار،
بۇلەند پەرۋازدۇر قۇشلارى.
يېشىمى: بىزنىڭ ئەل – يۇرتتا، ئاتلار جۈپ – جۈپتى بىلەن ئويناقلاپ چېپىپ يۈرىشىدۇ، چاپقاندا، دۇلدۇلدەك كۆكتىن ئاشىدۇ؛ ياۋا ئۆدەكلەر قانات قېقىپ (ئىككى قانىتى دەستەك ئۇرۇپ) ئۇچىدۇ، باشقا ئۇچار قۇشلارمۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ يۈرىدۇ.

ئاپئاق قاردۇر تاغ باشلارى،
ياقۇت – مەرجاندۇر تاشلارى،
باغ، ئەتىزدۇر ھەم قاشلارى،
ئابىھەيات ئاقىشلارى.

يېشىمى: بىزنىڭ يۇرتنىڭ تاغ چوققىلىرى قىش – ياز ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن؛ تاغلىرى تاش بىلەن ئەمەس؛ ياقۇت – مارجان بىلەن قاپلانغان؛ ئەتراپلىرى باغلار ۋە ئېتىزلىقلار بىلەن ئورالغان؛ ئۆستەڭ – ئېقىنلىرىدا، ئابىھايات (تىرىكلىك سۈيى) ئېقىپ تۇرىدۇ.

بۇغداي نانى، قوي گوشتلرى،
سۈت گۇرۇنجدۇر ئاشلارى.
تەييار سەكىز بىھىشتلەرى،
دۇئا قىلۇر دەرۋىشلەرى.
يېشىمى: خەلقنىڭ يەيدىغىنى بۇغداي نېنى، قوي گۆشى، سۈت بىلەن گۈرۈچ ئاساسلىق ئېشى؛ بۇ يەردە، گويا جەننەتلەرنىڭ ھەممىسى تەخ – تەيياركى، ئەۋلىيا – دەرۋىشلىرى دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ، تېخى.

مەشرەب

بىرىنچى مەشرەب

مە مەۋا ساز ئەيلەگەي بۇلبۇل گۇلىستاندىن جۇدا،
ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەكەرىستاندىن جۇدا.

يېشىمى: گۈلىستاندىن ئايرىلغان بۇلبۇل قانداقمۇ ناۋا قىلىپ سايرىسۇن؟ ھەمىشە شېكەر بېرىپ تۇرىدىغان جايدىن ئايرىلغان تۇتىمۇ سۆزلىمەيدىغۇ.

ئول قۇياش ھەجرىندە قورقارمەن فەلەكنى ئۆرتەگەي،
ھەر شەرارىكىم بولۇر ئول ئوتلۇغ ئەففاندىن جۇدا.

يېشىمى: ئۇ قۇياشنىڭ پىراقىدا چەككەن ئوتلۇق پىغانىمدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلارنىڭ پەلەكنىڭ ئۆرتەپ قويىشىدىن قورقىمەن.

دەمە ھىجرانىمدا چەكمەيسەن فىغانۇ نالە كۆپ،
جىسىم ئەيلەرمۇ فىغان بولغان نەفەس جاندىن جۇدا.

يېشىمى: «مېنىڭ ھىجرانىمدا كۆپرەك نالە – پىغان چەكمەيسەنغۇ» دېمە، نەپەس ۋ جاندىن ئايرىلغان تەن پىغان چېكەلەمدۇ؟

ھەجر ئۆلۈمدىن تەلخ ئەمىش، مۇندىن سوڭ، ئەي گەردۇن، مەنى
ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا.

يېشىمى: جۇدالىق ئۆلۈمدىنمۇ ئازاپلىق ئىكەن. بۇندىن كېيىن، جاناندىن جۇدا قىلغىچە جاندىن جۇدا قىلىۋەتكىن.

بولسا يۈز مىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجر، لەكىن قىلماغىل
يارنى مەندىن جۇدا، يا خۇد مەنى ئاندىن جۇدا.

يېشىمى: ئەي ھىجران، يۈزمىڭ جېنىم بولسىمۇ ئالغىن، لېكىن يارنى مەندىن، ياكى مېنى ئۇنىڭدىن جۇدا قىلمىغىن.

ۋەسل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى، ھەمانا بىلدىكىم،
قىلغۇدەكدۇر سۇبھ ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا.

يېشىمى: پەرۋانە ۋىسال پەيتىدە كۆيۈۋالدى، چۈنكى تاڭ ئۇنى كېچىنىڭ چىرىغىدىن ھامان ئايرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغانىدى.

بىر ئىيەسىز ئىت بولۇپ ئەردى نەۋائىي يارسىز،
بولماسۇن، يا رەبكى، ھەرگىز بەندە سۇلاندىن جۇدا.
يارسىز نەۋائىي خۇددى بىر ئىگىسىز ئىتقا ئوخشاپ قالغانىدى؛ ئەي پەرۋەدىگار، قۇل دېگەن ھەرگىزمۇ سۇلتانىدىن ئايرىلىپ قالمىسا بولىدىكەن جۇمۇ.

گۇل – گۇل ئاچىلدى نەزاكەت، نازەنىن ئىچكەچ شەراب،
سارغارۇر گۇللار ھەمە كۆرگەچ جەمالى ئافتاب،
يېشىمى: نازىنىن شاراب ئىچىۋېدى، گۈللەر نازاكەت بىلەن ئېچىلىپ كەتتى. ئەمما قۇياشنىڭ جامالىنى كۆرگەندە ھەممە گۈللەر سارغىيىدۇ.

مۇنچە لەئلىڭنى كۆرۈپ پىنھان بولۇر بەرگ ئىچرەكىم،
سارغارىپ گۇل ئۆزرلەر قىلغاي جەمالىدىن ھىجاب،

يېشىمى: غۇنچە لېۋىڭنى كۆرگەندە، گۈللەر ياپراقلار ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالىدۇ – دە، سارغايغان ھالدا، يۈزىگە پەردە تارتىپ چىقىپ، ساڭا ئۆزرە ئېيتىدۇ.

رەنگ بەرۈر مەيغە قىزىل تەگسە لەئلدەك لەبلەرى،
ماڭا گەر بولسا بەھەم ئول مەينى مەن ئىچسەم شوراپ.

يېشىمى: ئۇنىڭ ياقۇت لېۋى مەيگە تەگسە، مەينى قىزارتىدۇ. ئەگەر ماڭا نېسىپ بولسا، ئۇ مەينى شوراپ – شوراپ ئىچسەم دەيمەن.

لەئلىدىن مەي تاپتى رەنگ، رەنگ تاپسا مەندىن نە ئەجەپ،
رەنگ بەرەنگ مەستانە بولغۇم مەي ئىچىپ مەستى خەراب.
يېشىمى: مەي ئۇنىڭ لېۋىدىن رەڭ ئالدى، ئەمدى مەندىن رەڭ ئالسا نېمە بوپتۇ؟ مەن ئۇنى ئىچىپ، غەرق مەست بولۇپ، رەڭمۇرەڭ مەستانە بولىمەن.

جامنى جانىڭ ئۈچۈن بىر قەتلە بەر، ئەي ساقىيا،
ئارزۇمدۇر يارغا مەي بىرلە گۇل تۇتسام ياساپ.

يېشىمى: ئەي ساقىي، جامنى جېنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بەر، مەيدىن گۈل يساساپ، ئۇنى يارغا تۇتۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم.

مەن تۇتارمەن، ئۆزگەلەر قىلسا تەمەئ جانانە كۆز،
ئىشقىڭ ئوتى ئەيلەگەن بۇ باغرى بىرىياندىنكەباب.

يېشىمى: باشقىلار جانانغا تەمە بىلەن كۆز تاشلىسا، مەن ئۇنىڭغا ئىشق ئوتى كۆيدۈرگەن يۈرىكىمدىن قىلىنغان كاۋاپنى تۇتىمەن.

ئىشق دەردىدىن نىيازىي ئاھۇ ئەفغان ئەيلەسە،
ئويغانۇر فۇرقەت بىلە بۇلبۇلغا تۈشكەي ئىزتىراب.
يېشىمى: نىيازىي ئىشق دەردىدىن ئاھ – پىغان چەكسە، پىراق ئازابىدىكى بۇلبۇلمۇ ئويغىنىپ، ئىزتىراپلىققا چۈشىدۇ.

ئىككىنچى مەشرەب

بىر كىچىك دىلبەر كۆرۈپمەن قامەتى نازۇككىنە،
غۇنچەلەپ، پەيۋەستە ئەبرۇ، قىپقىزىل ئۆڭلۈككىنە.

يېشىمى: قامىتى نازۇككىنە كەلگەن بىر كىچىك دىلبەرنى كۆردۈم. ئۇ غۇنچە لەۋ، قوشۇلماد قاش، قىزىل نۇرانە ئۆڭلۈك ئىدى.

گەرچە ياشىدۇر كىچىك، شىرىن لەبى ئەسرۇ سۈچۈك،
ھەر باقىشىدا كۆزىنىڭ ئىيماسى بىر تۈرلۈككىنە.

يېشىمى: گەرچە ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، تىلى تولىمۇ چۈچۈك ئىدى؛ ھەر بېقىشىدا، كۆزى ئۆزىگە خاس بىر خىل ئۇقۇمغا ئىما قىلاتتى.

ئەشىكدەك بىر يەردە تىنماس جىلۋە ئەيلەپ ھەر تەرەف،
قىرمىزى كۆڭلەك ئىچىدە تور تۆشۈك بۆركلۈككىنە.

يېشىمى: تور تۆشۈكلۈك لىپتىك كىيدۈرۈلگەن كۆكسى قىزىل كۆينەك ئىچىدە، خۇددى لىغىلداپ تۇرغان كۆزى يېشىدەك تىنىمسىز جىلۋە قىلاتتى.

كۈلمۈسۈپ بىر گۈن ماڭا دەدى: «ساڭا رەھىم ئەيلەگۇم»،
كۆزىدىن بىلدىمكى ئەرمىش ۋەئدەسى ئۆترۈككىنە،

يېشىمى: ئۇ بىر كۈنى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇتۇپ: «ساڭا رەھىم قىلىمەن» دېدى. كۆزىدىن بىلدىمكى، ۋەدىسى خېلى – خوپ يالغان ئىدى.

نائۈمىد ئەردىم بۇ يالغان ۋەئدسىدىن ئەسرۇ كۆپ،
ياش بالالار ئىچرە كۆردۈم ناگەھان ئەسرۈكككىنە،
يېشىمى: ئۇنىڭ بۇ يالغان ۋەدىسىدىن بەكلا ئۈمىدسىز ئىدىم، توساتتىن ئۇنى ياش بالىلار ئارىسىدا، مەستخۇش ھالدا كۆرۈپ قالدىم.

ئىختىيار ئەتتىم ئاياغىن ئۆپكەلى، قىلماي قەبۇل،
سەسكەنىپ قاچتى سەمەندىن سەكرەتىپ چابۇككىنە.

يېشىمى: ئايىغىنى سۆيۈشكە تەمشىلىۋېدىم، ئۇ قوبۇل قىلماي، سەسكىنىپ قاچتى ۋە ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە تېزلا كېتىپ قالدى.

چۈنكى كۆردۈم مۇنچە مەكرۇھ شىيۋەلەر ئاندىن دەدىم:
ئەي فۇتۇھىي، ئۈن چىقارماي ئەمدى بولغىل شۇككىنە.

يېشىمى: ئۇنىڭدىكى مۇنچىۋالا بولمىغۇر قىلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن: «ئەي فۇتۇھىي، ئەمدى ئۈنۈڭنى چىقارما، جىم بولغىن» دېدىم.

ئۈچىنچى مەشرەب

قەددىڭدەك باغ ئارا سەرۋى رەۋان يوق،
رۇخۇمدەك گۇلشەن ئىچرە زەئفران يوق.
يېشىمى: باغلاردا، قەددىڭدەك گۈزەل ئۆسكەن سەۋرى دەرىخى يوق؛ گۈلشەندە چىرايىمدەك سارغايغان زەپىران يوق.

لەبىڭدەك ھىچ يوقتۇر لەئلى سىيراب،
كۆزۈڭدەك شوخى ئاشۇبى جەھان يوق.
يېشىمى: لېۋىڭدەك سۈزۈك ياقۇت، جاھانغا ئوت ياقىدىغان سېنىڭكىدەك شوخ كۆز ھېچ يەردە يوق.

قاشىڭدەك يوق جەھاندا تىير ئەنداز،
ئاتارغا بىر مەنىڭدەك ناتەۋان يوق.
يېشىمى: جاھاندا قېشىڭدەك مەرگەن يوق، ئوقۇڭغا نىشان بولۇشقا يارايدىغان مېنىڭدەك بىر ناتىۋان يوق.

نە ھەدد ئاغزىڭنى بارۇ يوق دەمەككە،
ئانىڭ رەمزىن بىلۈرگە نۇكتەدان يوق.
يېشىمى: ئاغزىڭنىڭ كىچىكلىكىدىن ئۇنى «بار» ياكى «يوق» دېيىشكە كىمنىڭ ھەددى؟ ئۇنىڭ ئىزناسىنى بىلىپ ئايرىيالايدىغان دانىشمەن يوق.

نە ئىمكاندۇر كىشى باغ ئىچرە كىرمەك،
ئاڭا يول كۆرسەتۈرگە باغبان يوق.

يېشىمى: يول كۆرسىتىدىغان باغۋەن بولمىسا، كىشىنىڭ باغقا كىرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟

مەنىڭ سايراماغىم گۇلرۇخ ئۈچۈندۈر،
قىلۇرمۇ نالە بۇلبۇل گۇلىستان يوق.
يېشىمى: مېنىڭ سايرىشىم گۈل يۈزلۈك يار ئۈچۈندۈر؛ گۈلىستان بولمىسا، بۇلبۇل نالە – ناۋا قىلۇرمۇ؟

ھەمە ياخشى خۇيۇڭنى سەرف ئەتۈرگە،
جەھان ئىچرە مەنىڭدەك بىر يامان يوق.
يېشىمى: ھەممە ياخشى خۇيلۇرۇڭنى ئىشلىتىشكە، جاھاندا مەندەك بىر يامان يوق.

بولۇپمەن خەلق ئىچىدە ئانچە بەدنام،
مەنىڭدەك يەنە رۇسۋايى زەمان يوق.
يېشىمى: خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن بەدنامغا قالدىم، زاماننىڭ مەندەك يەنە بىر رەسۋاسى يوق.

زۇھۇرىي كۆڭلىدۇر كىم بەس پەرىشان،
ئىلاھا، رەھم قىل، بىر دىلىستان يوق.
يېشىمى: ئى ئاللاھ، رەھىم قىلغىن، مەن زۇھۇرىينىڭ كۆڭلى بەكمۇ پەرىشانكى، دىلىمنى شاد قىلغۇچى بىر يار يوق.

12– موقام چۆل ئىراق مۇقامىنىڭ تېكسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 186 مىسرا، ئۈچ داستان 76 مىسرا، ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 322 مىسرا شېئىردىن تەشكىل تاپقان.

يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. ئۆز قولۇم بىلەن بىر بىرلەپ ئۇرۇپ چىقان!!!

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-04 15:09 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 

第十二套木卡姆:依拉克

大乃额曼部分

序曲

命运使我在爱的长途上孤苦不堪
无穷无尽的相思像箭簇射碎我的心

痴情人爱上了那美貌的少女
相思之苦时时折磨着不幸的魂灵

我失去一切人智成了癫狂的流浪汉
一切灾难就若暴雨朝我浇个不停

情人霞光四射的容颜摄去我的魂魄
我舍弃了一切四处飘泊把她找寻

胡达赐人是幸运,而对我却是灾难
我虽已在花丛中却又将我向荆丛抛扔

我纯洁的心上只有斑斑的血痕
命运之路漆黑一团没有一缕光明

在这世间不分善恶
恶运时时都会降临

这个世道是残忍的世道
我的心已在血中呻吟

(阿·纳扎尔)

太孜

情人啊,你的美貌堪为天下之冠
回眸一笑便攫走我所有爱恋

月神啊,你俘获我的心却毫不爱怜
你是玉石,是花芯,还是珠玑冰盘

天使啊,你用离愁之火焚烧我,戕害我,折磨我
你可是厉鬼魔顽

你已用爱情把我周身点燃
你是挚友,是凶敌,还是美貌天仙

面对你我品尝着夜莺的悲苦哀怨
你是玫瑰,是紫苏,还是毒菌黄连

你置身花坛能羞闭象片富贵的牡丹
我不堪以泪眼相对你花蕾初绽的红颜

你秀目传情能征服寒空的北斗
你那天赋的姿色可是溪水中明月一弯

啊,你这人间罕有的美人啊
究竟是神,是人,还是天仙

可怜的比拉勒迷恋着你呀
你如玫瑰,紫苏吸引百灵飞旋

(毛拉·比拉勒)

太孜尾声

情人啊,你的美貌堪为天下之冠
回眸一笑便攫走我所有的爱恋

(毛拉·比拉勒)

怒斯赫

看见你秀发卷卷,那心儿便会哀叹
像鸟儿看见游蛇便唧唧喳喳呼喊

我的血泪已告诉人们我心中的创伤
看见河水泛红,人们便知鱼儿伤残

我泪眼血涌,怎能将心中伤痕掩藏
猎人们察看血迹,便能把猎物寻见

离愁别恨将生命的帷帐染满鲜血
好似秋风劲吹枯萎了心灵的花园

我用泪水洗 抚你那箭伤中的苦难
好似孩童看见鸟巢便去掏那鸟蛋

披上面纱是为了掠夺心灵的宝藏
像强盗看见商队便会把面孔蒙严

你秀发环绕中的艳容,可望不可得
黑夜中,我不能将八方的火花顾盼

荣华是过眼烟云,善名才流芳万年
在你有权时,快把世人的疾苦分担

(纳瓦依)

怒斯赫尾声

啊,纳瓦依,你撰写的诗文精美绝伦
聪颖的君王看见,定会给你把金粉撒遍

(纳瓦依)

朱拉

啊,仙女般的美人哟,看我一眼再走
哎呀呀,看我一眼再走

请看我一眼吧,让痴情汉高贵的像个国王
哎呀呀,看我一眼再走

纵然你娉婷而来,走入众人爱的血中
哎呀呀,你走入众人爱的血中哟

请给我这痴情汉的心里,播下一层悲伤再走
哎呀呀,播下悲伤再走

莫一味地欺凌羞辱吧
哎呀呀,途中也应有荣耀的时候

请把我变成你马蹄下的
哎呀哎,一撮尘土再走

即使献出我的生命
哎呀呀,也要将美姿和樱唇寻求

朋友,只请你在我的坟头
哎呀呀,留下几许叹息再走

不管你有什么烦恼
哎呀呀,为了你那娇容的温柔

请多少看看鲁菲提吧
哎呀呀,恩赐他几眼再走

(鲁菲提)

赛乃姆

爱的愁云涌上了心头
不知怎么办才好

我们早就见面了,(哎哟,我的生命……)
我一直想着你。(我的情人)

我心里想着情人你
你却是匹骑不着的马

你若是能骑着的马,那你就睡吧
(哎哟,我的生命……)

我会到你的身边。(我的情人)

(维吾尔民歌)

你的美容像彩霞
无数小伙要你嫁给他

我就藏在秀眉间
就是要我死亡也不怕

(毛拉·比拉勒)

大赛勒克

有两个花容月貌
在这个世上

一个人柔声似蜜
哎呀呀,另一个细语如糖

一个人的面容
如斑斓的朝阳

另一人的身姿
哎呀呀,似垂柳迎风飘扬

一个人的樱唇
如宝石闪烁光芒

另一人的皓齿
哎呀呀,似洁白的珍珠一样

一个人的娇艳
让人心旌摇荡

另一人的睫羽
哎呀呀,似剑穿心房

一个人的黛眉
如两轮弯月一样

另一人的脸蛋
哎呀呀,似十五的月亮

阿塔依是一个人的
奴仆小童

又是另一人的
哎呀呀,卑贱的随从

(阿塔依)

小赛勒克

1

你的美容不是火苗晃动的灯,为什么总把灯蛾躲避
你的秀容如太阳熠熠闪耀,为什么我不能承受光辉

你说保护我的这所宝库要比毁坏它好千倍
可你又将这块宝地肆意毁坏,丝毫不留

在丰盛宴席上,你如想馈赠我以欢乐的美酒
首先将我投入地狱,考验我能否忍受爱的熬煎

你杀了我,再用爱情的烈火千百万次地灼烧
我的身躯变成灰烬,化做缕缕轻烟飞去

你是刽子手,却未俘获过像我这样的俘虏
你将我的心肝烤成肉串,将我的血变做酒

我要大声发问,为什么要将我赶出情人的行列
难道我所犯下的十恶不赦的大罪,就是因为爱你

为什么单单让我失去爱情,却让陌生人独得
乡亲们,你们说有什么比这更令人悲痛至极

为了捆住我这样的乞丐,没必要动用这铁锁链
只要拉紧你缠在我脖子上的青丝,就能达到目的

因为要杀掉古木纳姆,你心头异常惊恐不安
他为你的爱情而死,其忠诚有什么可以怀疑

(古木纳姆)

2

月亮的后代,太阳的后代,爱情会给你带来熬煎
尽情的玩耍,梦境无边际,大地上一层白碱,那是恋人的泪水

我在高山平地将你寻找,四周我都找遍了就是不见你
靴底磨穿了,我的心没有弯,我什么时候能在路边碰上你

我的脚下是高高的山峰,我的心里堆满了失恋的血迹
爱情的悲伤留在了我心里,我到哪里去诉说这些怨气

安拉保佑,安拉保佑,让我的“都瓦”帮助你达到目的
愿你一生幸福平安,终身的爱情更加如意

(维吾尔民歌)
 

小赛勒克尾声

在情杀古木纳姆的刑场上你担惊受怕
教我怎能不对爱情和死亡忠心赤胆

(古木纳姆)

帕西鲁

花园中盛开,红玫瑰一朵
枝头树梢上,百灵鸟欢歌

园中的玫瑰,并非处处可见
即便到处都有,哪能同你一般

一眼瞅见你,我蓦然吃惊
理性和智慧,对我变陌生

令我惊讶的,是如月的容颜
令我陶醉的,是那蜜语甜言

珍珠是个好东西,颗颗穿在项链里
情人送我一枝花,大庭广众人群里

怎不教我喜疯狂,怎不教我疯狂喜
情人送我一枝花,大庭广众人群里

我欲将花来采撷,花儿开在荆棘里
我对花儿有情意,花儿藏在身体里

怎不教我喜疯狂,怎不教我疯狂喜
我对花儿有情意,花儿藏在身体里

鲜花盛开花园中,美丽怎能与你同
中意情人有你在,不对别人把眼弄

情人只有情人恋,恶人何人来眷恋
意中人儿在身边,谁把恶人来顾盼

花马足蹄深深印,马厩前面落一片
婀娜情人黑眼睛,头戴平绒乡花冠

莫将花帽来搓揉,弄皱绒面无亮光
世界本是无界世,莫将希望抛一旁

人们赞你蛾眉细,如月弯弯我难弃
一片钟情魂系你,今生今世不分离

情人穿的长衫裙,鲜红绸缎缝制成
旦有寸步离情人,无疑死神降我身

(维吾尔民歌)

太喀特

哎,天边的彩霞不敢和你比美
天堂里的仙鹊也羞的把你躲避

你的眼睛像星星又像一眼泉水
你的眼眉像利剑,草原上的人都怕你

你的脸蛋像熟透的苹果,又像红石榴
红石榴长在果园里,草原上红石榴就是你

倘若有个酒店,你像杯中的红玫瑰,无价之宝
哪里去找,像你这样的少女在哪里

哎,热西提,你穿着裕袢来了卡布尔城

人们都不前来向你问候
可怜虫再有谁还像你

(热西提)


达斯坦部分

第一达斯坦

哎,请你走出家门,你胜过旭日东升,太阳也会羞愧地躲进云层
你唇若红玛瑙,皓齿赛白玉,身段好苗条,婀娜更娉婷

我的心跳在口中,快进来取吧,死神也惊诧我这落魄的神情
不要折磨我逼我斩断对你的情丝,让我斩断对你的爱恋,那怎么可能

哎,仙女般的美人儿,我干了什么?值得你让我心中流血痛不欲生
我时时刻刻遥祝你安康富有,啊,我岂敢去毁灭你的生命

寻到你的欢快,便是苦痛开始,不必奇怪,他将永世痛彻心灵
即使我用死支博得付佳人一顾,那代价对我来讲也实在太轻

见过你的人都说你举世无双,不知怎么去将你赞美颂诵
凯兰代尔是垂死的痴情汉,请你帮他摆脱这悲惨的绝境

(凯兰代尔)


第二达斯坦

快给我这贱民一隅立身之地
快给我这奴仆一张草席

人们祈盼那香醇的美酒
我只求让人揪心的别离

命运注定我要横遭箭伤
啊,追求者,为什么要回避

倘若花丛中有百花争放
我也只将披红的花儿寻觅

当那大火把我点燃焚烧
美人哟,为何不瞧个仔细

吃尽千辛万苦只为见你
见到你哟,令人难舍难离

啊,那爱和恨总是相掺杂
所以我们会这么争吵不息

虽说天堂里仙女万千
人间只有一个美人佳丽

艾尔西,快奏起千歌万曲
艾尔西,快奏起千歌万曲

用纳瓦依的乐调高奏一曲
用纳瓦依的乐调高奏一曲

(艾尔西)


第三达斯坦

国王臣民 体健心宽
一年四季 歌舞蹁跹

天下太平 丰衣足食
斗转星移 笑声不断

姑娘纵情 放声歌唱
小伙善骑 弯弓射箭

女子妩媚 娇声细语
女中奥秘 互诉交谈

娇颜羞面 回眸一视
小伙魂丢 心中怦然

垂手轻移 步入园中
娉婷袅娜 彩霞一般

壮哉少年 人见人爱
英俊倜傥 神降人间

嵌金腰带 倍增精神
足蹬马靴 有声铮然

神马良驹 欢蹦乱跳
苍穹太空 驰骋电闪

天鹅夜鸭 振翅飞游
百鸟齐鸣 翱翔蓝天

山巅白雪 银光耀眼
玉石珍奇 镶满峰峦

田垄阡陌 果园丘壑
瓜果飘香 谷麦芊芊

《尤素甫一艾合默德》


麦西热甫部分

1

未见过你这般月貌美人
未听过美人的细语娇音

啊,你就像仙女,举世无双
戴上凤冠霞帔,多么艳丽娇嫩

你对我的如水柔情何时方休
快让那芳唇对奴仆一诉怨愤

哎,凯兰代尔,你若是悲伤的恋人
就去像百灵鸟一样将花儿高歌低吟

(凯兰代尔)

2

我时时都想见你,但总教我惊诧哀叹
你恩情的利刃使我双眼没入血海之间

你的花容月貌,日夜闪烁在我的眼前
啊,你像王彩的晨晖一隐一现

你看那花儿,仿佛开放在荆棘丛中
黑睫羽环抱的是朝阳般的双眼

啊,教古木纳姆怎能不往你脚下抛珍掷玉
你仁慈的目光所及之地就是珍宝的矿源

(古木纳姆)

3

去悲痛的哀鸣声中把多情人寻找
去禅房的念珠声中把修行者寻找

爱火是那焦灼和忧郁的日夜燃烧
火花不会自落你身,快去苦苦寻找

它总在你身边萦绕,不会离去太远
快撕掉愚昧的眼罩,去光明中寻找

要追寻荣光,先在情人面前乞讨
要想求鲜花为伴,快去晨风中寻找

(古木纳姆)

4

只听说过你是花容月貌
眼见你却比传说更好

芳唇一点红,皓齿洁如玉
朝阳看见你也羞躲云霄

啊,莫奇怪,碧勒克丝家族的人
命中注定你要遭受别离的焦燎

你的芳唇艳如红色玛瑙
搅得人心为你苦受煎熬

倘若你能解除我的痛苦
便会在朝觐中得到回报

若你不展示相会的花园
离别的恨火将把我烧焦

我若得到你丁点儿恩赐
会捧出心儿来把衷情表

死神将至,你仍不露真容
凯兰代尔陷入无限的烦恼

(凯兰代尔)


  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-04 15:24 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 620
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 620 نوقتا
پۇل : 6200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1158(سائەت)

 

نۇرانەنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ئاغزىغا كەلگەننى دىمەك ناداننىڭ ئىشى،
ئالدىغا كەلگەننى يىمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.

Posted: 2009-02-04 19:16 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 153
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 153 نوقتا
پۇل : 1530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1062(سائەت)

 

مۇشۇ نۇرانە ھەدەم شۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدى جۇمۇ.
كىيىنكى كۈنلەردىمۇ12مۇقامنى ئاڭلاشقا ۋە ئىزدەشكە ئاسانلىق يارتىپ بەردى.
رەھمەت نۇرانە ھەدە.بىزدىن يانمىسا باشقىلاردىن يانار.ئەجىرىڭىزنىڭ مىۋىسىنى كۈرەسىز.
Posted: 2009-02-05 15:01 | 3 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

كۆپ رەھمەت  سىزگە  نۇرانە  ھەدە.....
                                       
                                           

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-05 15:28 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئەلنەغمە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation