ئاساسىي تېما : 11. مۇشاۋەرەك مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)ئاۋاتلىقى:140ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 11. مۇشاۋەرەك مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-04)

11. مۇشاۋەرەك مۇقامى

چوڭ نەغمە

مۇقەددىمە

مۇزەھھەب ئەيلەگەن پەيكانلارنىڭ جىسمىم ئارا ھەريان،
دەمە باش چەكتىم، چەكتى زەبانە شۇئلەئى ھىجران.

يېشىمى: ئالتۇن ھەل بېرىلگەن كىرپىك ئوقلىرىڭ تەرەپ – تەرەپتىن جىسمىمغا قالدالغانىدى. ئەمدى ئۇ ئوقلار ۋوجۇدۇمدىن ھىجران ئوتىنىڭ يالقۇنى بولۇپ باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

قاچان پەيكان كۆرەنگەي، ھەجر ئوتىنىڭ شۇئلەسى بولسا،
ئانى تارتىپ چىقارماق زەخم ئىچىدىن بارمۇدۇر ئىمكان.

يېشىمى: ھىجران ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان ئەھۋالدا، ئوق قاچان كۆرۈنەر؟ ئۇنى يارا ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟

نە تاش ئاتىپ تەنىمنى رەخم قىلساڭ، غەمگە قالۇرمەن،
مۇڭا نە باغلاي ئانى، قايدا باغلاي، دەپ مەنى ئۇريان.

يېشىمى: تاش ئېتىپ تېنىمنى زەخىملەندۈرسەڭ، مەن يالىڭاچ:«ئۇنىڭغا نېمە تاڭاي، قەيەردىن تاڭاي» دەپ نېمە غەم قىلىمەن؟

بەلا دەشتىدە كۆرگەن ۋەھشىي مەجنۇننى، مەنى داغى،
خىرەد ئەھلى قاشىندا تەلبە كۆرگەندەك، قالۇر ھەيران.

يېشىمى: بالايىئاپەت دەشتىدە، مەجنۇن بىلەن مېنى كۆرگەن ۋەھشىي ھايۋانلار ھۇشى بار ئادەمنىڭ قېشىدا ساراڭنى كۆرگەن ئادەملەردەك ھەيران قالىدۇ.

سۆڭەڭلەرنىڭ تەنىمدىن بىر بىر ئايىردى غەمى ھەجرىڭ،
مەھەلدۇر ئىتلارىڭنى ئەيلەسەم كۇلبەم ئارا مىھمان.
يېشىمى: جۇدالىقىڭنىڭ غېمى سۆڭەڭلىرىمنى تېىنمدىن بىر – بىرلەپ ئاجرىتىۋەتتى، مۇشۇ پۇرسەتتە ئىتلىرىڭنى ئۆيۈمدە مېھمان قىلىۋالسام بولغىدەك.

نە مەن قالغۇن، نە سەن باقىي، زەمانى كەلگىل، ئەي ساقىي،
قەدەھ دەۋرىنى خۇش تۇتكىم، ۋەفاسىزدۇر بەسى دەۋران.

يېشىمى: ئەي ساقىي، مەنمۇ ئالەمدىن كېتىمەن، سەنمۇ مەڭگۈ قالمايسەن، دۇنيا بەك ۋاپاسىز، بىر دەم بولسىمۇ كەل، قەدەھنى ئايلاندۇرۇپ تۇرغىنىمىز غەنىمەت.

ۋەفاسىزدۇر زەمان ئەھلى، زەماندا نە ۋەفا بولغاي،
ۋەفا ئەھلى بۇلاردىن گەر ۋەفا ئىستە، ئەرۈر نادان،
يېشىمى: زامان ئەھلى ۋاپاسىز تۇرسا، بۇ زاماندا ۋاپا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ۋاپا ئەھلى ئەگەر بۇلاردىن ئۈمىد قىلسا، نادانلىق قىلغان بولىدۇ.

خۇشا، دەير ئىچرە مەيخانە، تولا ئىلكىمدە پەيمانە،
مەنۇ ئەھلى فەنا ئاغزىدا :«كۇللۇ مەن ئالەيھە فان».

يېشىمى: جاھان ئۆزى بىر مەيخانا، قولۇمدا مەيگە تولغان قەدەھ، مەن ۋە ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلارنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقىدىغىنى ئوخشاشلا «ھەممە يوقىلىدۇ» دېگەن سۆزدۇر، خوشە!

فەنا دەيرىدە سائىللىقنى سۇلتانلىقدىن ئارتۇق تۇت،
كى ئۆلمەكلىكدە تەڭدۇرلار ئەگەر سائىل ۋە گەر سۇلتان.

يېشىمى: بۇ تۈگەيدىغان دۇنيادا، تىلەمچىلىكنى پادىشاھلىقتىن ئارتۇق بىل، ئۆلگەندىن كېيىن، تىلەمچىلىمۇ پادىشاھمۇ بەرىبىر تەڭ بولىدۇ.

جەھان ئىچرە كىشىنىڭ چۈن يوقىيۇ بارى يەكساندۇر،
نە فەررۇخ كىمسەدۇر كۆرگەن جەھان بارۇ يوقىن يەكسان.

يېشىمى: دۇنيادا بىر ئىنسان بار بولسىمۇ، يوق بولسىمۇ ئوخشاش. ھالبۇكى جاھاننىڭ بار – يوقىنى ئوخشاش كۆرگەن ئىنسان نېمە دېگەن بەختىيار ئىنسان – ھە!

نەۋائىي، ئۆزنى خۇش تۇتكىم، كىشىگە دەھر ئىشى باردۇر،
ئەگەر مۈشكىل تۇتار، مۇشكىم، ۋەگەر ئاسان تۇتار، ئاسان.
يېشىمى: نەۋائىي، ئۆزۈڭنى خۇش تۇت، دۇنيانىڭ ئىشلىرى دېگەن بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيىتقاندا، مۈشكۈل دېسە مۈشكۈل، ئاسان دېسە ئاسان بولىدىغان گەپ.

تەئەززە

ئەي نەۋ باھارى ئارەزىڭ سۇبھىغا جانپەرۋەر ھەۋا،
ئاندىن گۇلۇ بۇلبۇل تاپىپ يۈز بەرگ بىرلە مىڭ نەۋا.

يېشىمى: ئەي، جامالىڭنىڭ باش باھارى تاڭ سەھەرنى جانلاندۇردى؛ ئۇنىڭدىن گۈل يۈزلەپ ياپراق، بۇلبۇل مىڭلاپ ناۋا تاپتى.

تۇبايۇ شاخى دىدرەدۇر كويۇڭ گىياھى، نەگەكىم،
ئۇششاق ئەشكۇ ئاھىدىن ھەردەم تاپار سۇيۇ ھەۋا.

يېشىمى: كوچاڭدىكى گىياھلار خۇددى جەننەتتىكى تۇبا ۋە سىدرە دەرەخلىرىدەك ياشنىدى. چۈنكى ئۇ ئاشىقلارنىڭ كۆز يېشىدىن سۇ ئىچىپ، ئاھىدىن ھاۋالانغان – دە.

زەھرى فىراقىڭدىن قايۇ ئاشىقكى بولدى تەلخكام،
نۇشى ۋىسالىڭ يەتمەسە ئىيسا ئاڭا تاپماس دەۋا.
يېشىمى: پىراقىڭنىڭ زەھىرى تۈپەيلىدىن قايسىبىر ئاشىق بولمىسۇن ئازابلانسا، ۋىسالىڭ شەربىتى بولمىغىچە، ئۇنى ئىيسا پەيغەمبەرمۇ داۋالىيالمايدۇ.

چۈن قازىيۇل ھاجاتسەن، دەئۋايى مىھرىڭ قىلغالى،
دەردۇ فىراق ئەندۇھىدىن كەلتۈرمىشەم ئىكى گۇۋاھ.

يېشىمى: سەن ھاجەتلەرنى راۋا قىلغۇچىسەن، مەن مېھرىڭ ئۈستىدىن ئەرز – شىكايەت قىلىش ئۈچۈن، دەرد بىلەن پىراق قايغۇسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇۋاھپىنى (گۇۋاھچىلىققا) ئېلىپ كەلدىم.

قىلماي قەبۇل ئىجادنىڭ ئىمكانى يوق، سوڭرا يەنە،
مەقبۇلنى رەد ئەيلەمەك لۇتفۇڭدىن ئولغايمۇ رەۋا.

يېشىمى: قوبۇل قىلماي تۇرۇپ، ئىجاد قىلىش، يارىتىش، مۇمكىن ئەمەس؛ يەنە دېسەك، ياقتۇرغىنىڭنى قوغلىۋېتىش، سېنىڭ ئىلتىپات – مەرھەمەت ئۆلچىمىڭگە توغرا كېلەرمۇ؟

زاھىد، كۆڭۈلنىڭ خىلۋەتىن مەتلۇبى غەيرىدىن ئارىت،
سەن سەير قىلساڭ قىل، كەرەك كۆڭۈلگە بولسا ئاشنا.
يېشىمى: ئەي زاھىت، كۆڭۈل بوشلۇقىنى غەيرى تەلەپلەردىن تازىلا، كۆڭلۈڭ خىلۋەتنى تارتسا، سەيلە قىلغىن.

دەسەڭ، نەۋائىي، جان ئارا مەھبۇب بولغاي جىلۋەگەر،
ئەۋۋەل كۆڭۈل كۆزگۈسىدىن مەھۋ ئەيلە نەقشى ماسىۋا.

يېشىمى: نەۋائىي، سۆيگەن يار جېنىم ئارا جىلۋىلەنسۇن دېسەڭ، ئالدى بىلەن كۆڭۈل ئەينىكىدىن باشقىلارنىڭ سىماسىنى تازىلىۋەتكىن.

رەھم ئەيلەسەڭچۇ دىيۋانەلەرغە،
ئىشقىڭدا بولغان ئەفسانەلەرغە.

يېشىمى: ئىشق – مۇھەببىتىڭ تۈپەيلىدىن سۆز چۆچەككە قالغان مەجنۇنغا رەھىم قىلساڭچۇ.

ئەيلەپ جۇدالىق، ئەي ھەمنىشىنىم،
قىلدىڭ جەفالار ھەمخانەلەرغە.

يېشىمى: ئەي ھەمراھىم، جۇدالىقىڭ دەردىگە سېلىپ، مەندەك دوستۇڭغا جاپا قىلدىڭ.

كۆيدۈرمە جانىم رەشك ئوتى بىرلە،
ئاچىپ يۈزۈڭنى بىگانەلەرغە.
يېشىمى: يۈزۈڭنى ئېچىپ ياتلارغا كۆرسىتىپ، رەشىك ئوتىدا جېنىمنى كۆيدۈرمە.

سەجدە قىلاي دەپ شىرىن بۇتۇمغا،
باردىم سوراغلاپ بۇتخانەلەرغە.

يېشىمى: گۈزەل بۇتۇم (سەنەمىم)غا سەجدە قىلاي دەپ، ئىزدەپ – سوراپ بۇتخانىلارغا باردىم.

مەيگۇن لەبىڭدىن بىر بۇسە بەرگىل،
سىنسۇن خۇمارى، مەستانەلەرغە.

يېشىمى: مەي رەڭلىك لېۋىڭگە بىرنى سۆيدۈرگىن، مەن مەستانەڭنىڭ خۇمارى بېسىلسۇن.

ھەردەم تىلەرمەن ھۇسنى كەمالىڭ،
ئۇرۇپ باشىمنى ئاستانەلەرغە.

يېشىمى: ھەمىشە بوسۇغاڭغا باش ئۇرغان (باغ قويغان) ھالدا، ھۆسىن – جامالىڭنىڭ كامالىتىنى تىلەيمەن.

ياندۇر، كۆيەيىن، خىلۋەت ئىچىندە،
شەمئى جەمالىڭ پەرۋانەلەرغە.

يېشىمى: خىلۋەتتە جامالىڭنىڭ شامىنى ياندۇرغىن، ئۇنىڭدا پەرۋانىلاردەك كۆيەي.

ئىشقىڭنى گەنجى ۋەيران كۆڭۈلدە،
قويساڭ تۇرارمۇ كاشانەلەرغە.

يېشىمى: ئىشقىڭ بايلىقى ۋەيرانە كۆڭلۈمدە ساقىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنى باشقا يەرلەردە قويساڭ تۇرارمىدى؟

ئەي مەيفۇرۇشۇم، بىر كاسە مەي بەر،
كەلدى ھۇۋەيدا مەيخانەلەرغە.
يېشىمى: ھۇۋەيدا مەيخانىغا كەلدى، ئەي مەيپۇرۇشۇم، ئۇنىڭغا بىر كاسا مەي بەرگىن.

فەلەكدىن ياخشىلىق يەتكەي دەبان، كۆڭلۈڭنى شاد ئەتمە.
يامانلىقكىم يەتەر، ھالا ئۇنۇت، ئۆتكەننى ياد ئەتمە.
يېشىمى: «پەلەكتىن ياخشىلىق كېلىدۇ» دەپ كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ ئولتۇرما؛ يامانلىق يەتكەن بولسا، ئۇنى دەرھال ئۇنتۇپ كەت، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمە.

زەمانە ئەھلىدىن گەر يۈز قۇياشچە كۆرۈزۈپسەن مىھر،
ۋەفا زىنھار كىم بىر زەررە چاغلىغ ئىئتىماد ئەتمە.

يېشىمى: ئەگەر زامانە ئەھلىگە يۈز قوياشچىلىك مېھىر – شەپقەت كۆرسەتكەن بولساڭمۇ، ئۇلاردىن بىر زەررە چاغلىق ۋاپا مۇتلەق كۈتمە.

نۇجۇمۇ چەرخ دەپ ئۆكمە گەدانى بەخيالىق شالىن،
تۈتۈننى چەرخ، ئۇچقۇنلارنى ئەنجۇم ئىئتىقاد ئەتمە.

يېشىمى: گاداينىڭ ياماق چاپىنىنى «پەلەك ۋە يۇلتۇز» دەپ ئويلىما، تۈتۈننى «ئاسمان»، ئۇچقۇنلارنى «يۇلتۇز» دەپ ئەقىدە قىلما.

فەنا ئەھلى ئاياغىن تۇفراغى شەرھىن يازار ئولساڭ،
قاراغىمنى ھەل ئەيلە، ئەي رەفىق، ئۆزگە مىداد ئەتمە.

يېشىمى: ئەي دوست، ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار ئەھلىنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى توپىنىڭ شەرھىسىنى يازماقچى بولساڭ، كۆز قارىچۇقۇمنى سىياھ قىل، باشقا سىياھلارنى ئىشلەتمە.

مىداد ئەتكەن قاراغىمنى قىلىبان كىرپىكىم خامە،
كۆزۈمنىڭ پەردەسىندىن ئۆزگە كاغەزگە سەۋاد ئەتمە.

يېشىمى: كۆز قارىچۇقۇمدىن ياسالغان سىياھقا، كىرپىكىمنى قەلەم قىل، كۆزۈمنىڭ پەردىسىدىن باشقا قەغەزگە خەت يازما.

قىلىپ سالىھ ئەمەل كەسبى شىئارىڭنى سەلاھ ئەتكىل،
ۋەلې فاسىد خەيالىڭ بىرلە ھەردەم بىر فەساد ئەتمە.

يېشىمى: ياخشى ئىشلارنى قىل، ياخشى كەسىپكە ئادەتلەنگىن، لېكىن بۇزۇق خىياللار بىلەن ھە دېسە، پىتنە – پاسات قىلما.

چۇ بىلدىڭ رىزق ئەرۈر مەقسۇم، چەكمە دوستىدىن مىھنەت،
قەزادىن خارىج ئەرمەس ئىش، ئەدۇۋغا ئىنقىياد ئەتمە.

يېشىمى: ئۆزەڭگە مەلۇم، رىزىق دېگەن ئەزەلدىن تەقسىملەنگەن بولىدۇ، شۇڭا دوستىنىڭ مېھنىتىنى تارتما، ھەرقانداق ئىش تەقدىردىن تاشقىرى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى دۈشمەندىن كۆرمە.

تىلەرسەن فەقر دەشتىدىن قەتئ قىلغايسەن ئەرەنلەردەك،
باغىر سۇ قىل، يۈرەك پەرگالەسىدىن ئۆزگە زاد ئەتمە.

يېشىمى: «يوقسۇللۇق دەشتىنى ئەركەكلەرچە بېشىپ ئۆتىمەن» دېسەڭ، باغرىڭنى سۇ قىل، يۈرىكىڭ بارچىسىدىن باشقىنى ئۇزۇق قىلما.

تەئەززە چۈشۈرگىسى

نەۋائىي، ئىستەسەڭ ئۇقبا مۇرادىن، نامۇراد ئولغىل،
ئەگەر دۇنيا مۇرادى يوقتۇرۇر، ئۆزنى مۇراد ئەتمە.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئەگەر ئاخىرەتنىڭ مۇرادىنى ئارزۇ قىلساڭ، باشقا ئارزۇلاردىن كەچ؛ ئەگەر سەندە بۇ دۇنيا ئارزۇسى بولمىسا، ئۆزلۈكۈڭدىن (ئۆزۈڭدىن) كەچكىن.

نۇسخە

ئەي جەفا داغى بىلە كۆڭلۈمنى ئەفگار ئەيلەگەن،
گۇل ياڭاقىڭ شەۋقىدۇر يۈزۈمنى گۇلزار ئەيلەگەن.

يېشىمى: ئەي جاپا تېغى بىلەن يۈرىكىمنى مەجرۇھ قىلغان يار، يۈزۈمنى گۈلزارغا ئايلاندۇرغان نەرسە گۈلدەك مەڭزىڭنىڭ ئىشتىياقىدۇر.

جەۋھەرى فەرد ئاغزىڭىزدەك خۇدەبىنلەر زىھنىنە،
سالمادى شىرىن خەيالى، يوقنى ئول بار ئەيلەگەن.

يېشىمى: يوقنى بار قىلغان ئۇ ئاللاھ ئېغىزىڭىزدەك ئاشۇنداق يىگانە جەۋھەرنىڭ شېرىن خيالىنى زېرەك كىشىلەرنىڭ زېھىنىگە سالماپتۇ.

بىر نەفەسىدە ئۆلگەي ئەردىم فۇرقەتىڭنىڭ دەردىدىن،
ۋەسىل ئۇمىدىدۇر ماڭا ئۆلمەكنى دۇشۋار ئەيلەگەن.
يېشىمى: جۇدالىقىڭنىڭ دەردىنى دېسەم، بىر نەپەستىلا ئۆلگەن بولاتتىم، بىراق ۋىسالىڭنىڭ ئۇمىدى ماڭا ئۆلۈمنى مۈشكۈل قىلدى.

ئەقلۇ دىنى بولماسۇن دەدى مەنى بىچارەدە،
ئول قاراقچى كۆزلەرىڭنى مەستۇ ئەييار ئەيلەگەن.

يېشىمى: ئاشۇ قاراقچى كۆزلىرىڭنى مەست (خۇمار كۆز) ۋە ئەييار قىلىپ ياراتقۇچى، مەن بىچارىدە ئەقىل ۋە دىننى بولمىسۇن دەپتىكەن.

مەن فەلەكنىڭ گەردىشىندىن بولمامىشمەن ناتەۋان،
يارنىڭ سۆيمەسلىكىدۇر جانىمە كار ئەيلەگەن.
يېشىمى: مەن پەلەكنىڭ گەردىشى تۈپەيلىدىن ناتىۋان بولغان ئەمەس، جېنىمغا تەسىر قىلغىنى، مېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى يارنىڭ سۆيمەسلىكىدۇر.

جانۇ دىل باردى ئەدەم سارى سەنىڭ ئاغزىڭ ئۈچۈن،
ئول ئاغىز فىكرىدۇر ئەلگە دۇنيانى تار ئەيلەگەن.

يېشىمى: سېنىڭ ئاغزىڭنىڭ دەردىدىن جان ۋە كۆڭۈل يوقىلىش تەرىپىگە قاراپ يۈزلەندى؛ كىشىلەرگە بۇ دۇنيانى تار قىلغان نەرسىمۇ يەنە ئاشۇ ئېغىزىڭنىڭ خىيالىدۇر.

ئۆزگەدىن قىلمام شىكايەتكىم، ئەزىزىم كۆزىدە،
ئوتغا تۈشكۈر بۇ كۆڭۈلدۈر لۇتفىينى خار ئەيلەگەن.
يېشىمى: باشقىسىدىن شىكايەت قىلمايمەن، ئۇ ئەززىمنىڭ كۆزى ئالدىدا مەن لۇتفىينى خار قىلغان نەرسە ئوتقا چۈشكۈر مۇشۇ كۆڭلۈمدۇر.

نۇسخە چۈشۈرگىسى

ئۆزگدىن قىلمام شىكايەتكىم، ئەزىزىم كۆزىدە،
ئوتغا تۈشكۈر بۇ كۆڭۈلدۈر لۇتفىينى خار ئەيلەگەن.

يېشىمى: باشقىسىدىن شىكايەت قىلمايمەن، ئۇ ئەزىزىمنىڭ كۆزى ئالدىدا مەن لۇتفىينى خار قىلغان نەرسە ئوتقا چۈشكۈر مۇشۇ كۆڭلۈمدۇر.

جۇلا

باردى دەيدۇر، ياندى دەيدۇر مەنىڭ يارىمنى،
ئەگىز دابان ئاشتى دەيدۇر بويى تالىمنى.

يېشىمى: مېنىڭ يارىمنى «ماڭدى، كېيىن يېنىپ كەلدى» دەيدۇ، زىلۋا بويلۇقۇمنى «ئېگىز داۋان ئاشتى» دەيدۇ.

ئەگىز دابان ئاشماغۇنچە مەنزىل كۆرۈنمەس،
قارا يورغا مىنمەگۈنچە چۆللەر كەزىلمەس.
يېشىمى: ئېگىز داۋاننى ئاشمىغىچە مەنزىل كۆرۈنمەيدۇ، قارا يورغا مىنىپ ئاتلانمىغىچە چۆللەرنى كېزىپ چىققىلى بولمايدۇ.

باردى دەيدۇر، ياندى دەيدۇر، مەيلىم ئۆزەمنىڭ،
سەكسەن قامچى ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ

يېشىمى: باردى دەيدۇ، ياندى دەيدۇ، مەيلىم ئۆزەمنىڭ، سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ.

سەنەم

لۇتف ئەتەي دەپ ۋەئدە ئول دىلدار قىلمايدۇر ھەنۇز،
غۇنچەدەك قان باغلاغان كۆڭلۈم ئاچىلمايدۇر ھەنۇز.

يېشىمى: يا ئۇ دىلدار مۇشۇ چاغقىچە «مەرھەمەت قىلاي» دەپ ۋەدە قىلمايدۇ، يا غۇنچىدەك قان ئۇيۇپ قالغان كۆڭلۈم تېخىچە ئېچىلمايدۇ.

فاش بولدى ئەلگە ئەھۋالىم، نە تەدبىر ئەيلەيىن،
خەلق بىلدى ھالەتىمنى، يار بىلمەيدۇر ھەنۇز.

يېشىمى: ئەھۋالىم ئەلگە ئاشكارىلىنىپ بولدى، خەلق ئاشىق ھالىتىمنى بىلدى، ئەمما يارىم تېخىچە بىلمەيدۇ، قانداق قىلسام بولار؟

ساقىيا، ئىشرەت مەيىدىن جۇرئەئى لۇتف ئەيلەگىن،
خەستە كۆڭلۈمغە خۇمارىدىن ئايىلمايدۇر ھەنۇز.
يېشىمى: ئەي ساقىي، خەستە كۆڭلۈم ئۇنىڭ خۇمارىدىن تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ، مەرھەمەت قىلىپ ئىشرەت شارابىدىن بىر يۇتۇملا بەرگىن.

تۇبايۇ شەمشاد قەددىن باغ ئارا كۆرمەك نە سۇد،
سەرۋى يەڭلىغ قەددى دىلجويى تاپىلمايدۇر ھەنۇز،

يېشىمى: ئۇ كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلغۇچى سەرۋى قامەتلىك يارنى تېخىچە تاپالمايۋاتسام، باغدىكى تۇبا بىلەن شەمشاد دەرىخىنىڭ قامىتىنى كۆرگىنىمنىڭ نېمە پايدىسى؟

سەبر قىلغىل، ئەي رەشىدىي ئاي يۈزىنىڭ دەۋرىدە،
بەندەگە ئازادلىق خەتتى بىتىلمەيدۇر ھەنۇز.

يېشىمى: ئەي رەشىدىي، سەۋر قىلغىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئاي يۈزىنىڭ سەھپىسىگە «قۇلغا ئازادلىق» خېتى تېخى يېزىلمىدى.

چوڭ سەلىقە

مەنىڭ رازى دىلى زارىم فەراۋاندۇر، بىتىپ بولماس،
كى ئىشق ئەفسانەسىنى دەفتەر ئۈزرە شەرھ ئەتىپ بولماس.

يېشىمى: مېنىڭ نالە – زارلىق كۆڭۈل سىرلىرىم ئاجايىپ كۆپ، ئەمما ئۇنى يازغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىشق دېگەننى يېزىق بىلەن دەپتەرگە يېزىپ، چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.

تىكەنسىز گۇل، سەدەفسىزدۇر، مۇشەققەتسىز ھۇنەر يوقتۇر.
رىيازەت چەكمەگۈنچە يار ۋەسلىگە يەتىپ بولماس.
يېشىمى: تىكەنسىز گۈل، سەدەپسىز گۆھەر، مۇشەققەتسىز ھۈنەر يوق؛ رىيازەت چەكمەي تۇرۇپ، يارنىڭ ۋىسالىغا يەتكىلى بولمايدۇ.

خەدەنگى تىيرى مىژگانىڭ تەگىپ سىينەمغە جاھ بولدى،
كۆڭۈل زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرگە كۆرسەتىپ بولماس.
يېشىمى: كىرپىك ئوقۇڭ تېگىپ، مەيدەمگە ئورناپ قالدى. ۋاھالەنكى يۈرەكنىڭ جاراھىتىنى ئېچىپ، دەدرسىزلەرگە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.

ئۇشۇنداق مۇستەفانى ئۇشبۇ ئالەمدىن فەنا قىلدى،
خۇداغا بۇ سەبەبدىن، ئەي بەرادەر، بەھس ئەتىپ بولماس.
يېشىمى: ئەي بۇرادەر، شۇنداق ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىمۇ بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتتىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن مۇنازىرلەشكىلى بولمايدۇ.

ئۇزاق ئەرمىش ئۇسۇل زىيبا سەنەمنىڭ قەسرى، ئەي مەشرەپ،
ئەگەر مىڭ يىل جەدەل قىلساڭ، ئۇ مەنزىلگە يەتىپ بولماس.

يېشىمى: ئەي مەشرەب، ئۇ سەنەمنىڭ قەسرى ناھايىتى يىراقتىمىش. ئەگەر مىڭ يىل جىدەل قىلساڭمۇ، ئۇ مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ.

بىرىنچى كىچىك سەلىقە

نە چارە، ئەي كۆڭۈل، ھەر گۈن يەتەر دەردۇ بەلا بىزگە،
جەفادىن ئۆزگە ھىچ ئىش يازمادى كىلكى قەزا بىزگە.

يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، ماڭا ھەركۈنى دەردۇ بالا كېلىپ تۇرىدۇ، قارىغاندا، تەقدىر قەلىمى مەن ئۈچۈن، جاپادىن باشقا نەرسە يازماپتۇ، بۇنىڭغا نېمە چارە؟

نەسىب ئەتمىش فەلەك خۇنابەئى ھەسرەتنى غەم بىرلە،
كۆرەرمۇ بادەئى ئىشرەتنى ئول ھەرگىز رەۋا بىزگە.
يېشىمى: پەلەك غەم بىلەن ھەسرەت زەردابىنى نېسۋە قىلىپتۇ، ھالبۇكى ئۇ ئەمدى ماڭا ئىشرەت شارابىنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ.

تەھى پەيمانەدىن ئاۋارە بولدۇڭ دەرسەن، ئەي ناسىھ،
فەنا دەيرىدە قىلغان بىنەۋالىقدۇر نەۋا بىزگە.
يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مېنى قەدەھنىڭ ساقىندىسى ئۈچۈن ئاۋارە بولدۇڭ دەيسەن، بىراق پانىيلىق مەيخانىسىدىكى نامراتلىقنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر خىل ئوزۇقتۇر.

تەماننادۇر خەرابات ئەھلى ئىچرە خاكسار ئولماق،
كەرەكمەس دەھر ئەلىنىڭ بەزمىدە ئىززۇ ئەئلا بىزگە.
يېشىمى: زامان ئەھلى بەزمىسىدىكى ئەزىزلىك ۋە يۇقىرى مەرتىۋىنىڭ كېرىكى يوق، مەيخانە ئەھلى ئىچىدە توپا – تۇپراق بولۇپ كېتىش مېنىڭ ئارزۇيۇمدۇر.

سەنى بىزدەك قىلىپ، بىزنى سەنىڭدەك قىلسا ھەم تاڭ يوق،
خەتا ئەرمىش مەلامەت قىلما، ئەي زاھىدە تولا بىزگە.

يېشىمى: ئەي زاھىت، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئاللاھ سېنى مەندەك قىلىپ، مېنى سېنىڭدەك قىلىپ قويسىمۇ ئەجەب ئەمەسكى، مېنى تولا ئەيىبلىسەڭ، خاتالىشىسەن، جۇمۇ!

بەس ئەردى، ئاھ، ئول دارۇل بەقنىڭ راھەتى بىردەم،
نە قىسمەت ئەردى، بۇ دارۇل فەنادا يۈز جەفا بىزگە.
يېشىمى: ماڭا ئۇ مەڭگۈلۈك ئالەمنىڭ بىردەملىك راھىتى يېتىپ ئاشاتتى، ئاھ، بۇ نېمە قىسمەت ئىكىن – تاڭ؟ بۇ پانىي دۇنيادا يۈز جاپاغا قالدىم.

نە ئەيش ئولغاي ئۆتۈپ گۇل فەسلى، ئەي مەھزۇن، بۇ باغ ئىچرە،
بولۇپدۇر ھەر نەفەس يۈز خارى مىھنەت مۇبتەلا بىزگە.

يېشىمى: ئەي مەھزۇن، بۇ باغدا نېمە راھەت بولسۇنكى، گۈل پەسلى ئۆتۈپ كەتتى، ھەر نەپەستە يۈز مۇشەققەت تىكىنىگە مۇپتىلا بولۇۋاتىسەن.

ئىككىنچى كىچىك سەلىقە

دىلبەرا، مەن زارنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل،
يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل.
يېشىمى: ئەي دىلبەر، مەن خار – زانىڭ كۆڭلىنى سەن خۇشال قىلغىن، مېنى يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولىلا ئازاد قىلغىن.

كۆپ رەقىب تەئنە ئەتىپ خۇنابە يۇتتۇردى ماڭا،
ئادىل ئولساڭ ئۇل ئەدۇۋنى قەتلى جەللاد ئەيلەگىل.

يېشىمى: كۆپلىگەن رەقىبلەر تەنە قىلىپ، ئەيىبلەپ مېنى قان يۇتقۇزدى، ئادىل بولساڭ ئاشۇ دۈشمەنلىرىمنى جاللاتتەك بۇغۇزلىۋەتكىن.

قەتلى ئولسا ئول ئەدۇۋلار سەيرى گۇلشەن ئەيلەلى.
تالى مەجنۇن قامەتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلەگىل.

يېشىمى: دۈشمەنلەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۈلشەنلەرنى سەيلى قىلايلى، مەجنۇن تالدەك قامىتىڭنى باغدا شەمشاد دەرىخىدەك جىلۋىلەندۈرگىن.

گۇلنى كۆرسەم، بىخۇد ئولسام، ئىشق زارىدىن داغى،
ھەم بەرىب لەئلىڭ گۇلابىدىنكى ئىمداد ئەيلەگىل.

يېشىمى: گۈلنى كۆرۈپلا، ئىشقنىڭ كۈچىدىن يەنە ھۇشۇمدىن كېتىپ قالسام، ياقۇت لېۋىڭدىن گۇلاب ئىچۈرۈپ بولسىمۇ، مېنى قۇتقۇزغىن.

ئىكىمىزنى باغدا كۆرسە شۇم رەقىبلەر رەشك ئەتەر،
ئىلتىفات ئەيلەپ ماڭا، دۈشمەننى ناشاد ئەيلەگىل.

يېشىمى: ئىككىمىزنى باغدا كۆرسە، شۇم رەقىبلەر ھەسەت قىلىدۇ؛ ماڭا ئىلتىپات قىلىپ، دۈشمەننى دەردكە قويغىن.

بادە بەرگىل، سىبغارۇ قويماي بىلالى قەترەئى،
ھەم بۇزۇلغان كۆڭلىنى مەي بىرلە ئاباد ئەيلەگىل.
يېشىمى: شاراب بەرگىن، بىلال ئۇنى بىر تامچىمۇ قالدۇرماي سۈمۈرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ۋەيرانە كۆڭلىنى مەي بىلەن ئاۋات قىلغىن.

لەبىڭ ئەكسى گۆزۈم ياشىنى مەيتەك لالەگۇن ئەتدى،
زەنەخدانىڭ مۇرادۇم دەستىگاھىن سەرنىگۇن ئەتدى،

يېشىمى: لېۋىڭنىڭ ئەكسى كۆز يېشىمنى مەيدەك قىزارتىۋەتتى، زىناقلىرىڭ ئارزۇ ئارمانىمنىڭ ئاساسىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى.

ئۆزىن نىسبەت قىلۇردى زۇلفۇڭا زەنجىر ھەر سائەت،
بۇ سەۋدالار ئانى سەر ھەلقەئى ئەھلى جۇنۇن ئەتدى.
يېشىمى: زەنجىر دائىم ئۆزىنى چېچىڭغا سېلىشتۇراتتى، بۇ سەۋدالار ئۇنى مەجنۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئانىڭتەككىم پەرىشانلىق زىياسىن ئارتۇرۇر شەمئىن،
باڭا جەۋرۈڭ زىياد ئولماق، ساڭا مەيلۇم فۇزۇن ئەتدى.
يېشىمى: شام كۆيۈپ يېيىلغانسېرى نۇرى كۈچەيگەندەك، ماڭا قىلىدىغان جەۋرىڭ كۆپەيگەنسېرى، ساڭا بولغان مەيلىم تېخىمۇ ئاشتى.

مىژەڭ خەنجەرلەردىن كۆڭلۈم باسار باغرىنا ۋەھم ئەتمەز،
ئاڭا جادۇ گۆزۈڭ گوياكى تەئلىمى فۇسۇن ئەتدى.
يېشىمى: يۈرىكىم كىرپىكىڭ خەنجەرلىرىنى ۋەھىمە قىلماستىن باغرىغا باسىدۇ؛ ئۇنىڭغا جادۇ كۆزۈڭ بەلكى ئەپسۇن ئوقۇشنى ئۆگەتكەن بولسا كېرەك.

بەقايى سۇرەتى شىرىن ئىچۈن تەۋفىق مىئمارى،
بىنايى ئىشقى فەرھادۇڭ ئەساسىن بىستۇن ئەتدى.

يېشىمى: تەقدىر بىناكارى شىرىن گۈزەللىكىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن، فەرھاد ئىشق بىناسىنىڭ ئاساسىنى بىستۇن (تېغىدەك مۇستەھكەم) قىلدى.

ساڭا ئەكسۈڭ مۇقابىل دۇردىغىچۈن لافى ھۇسن ئەيلەر،
ئانى جام ئىچرە غەيرەت غەرقەئى گىردابى خۇن ئەتدى.

يېشىمى: ئەكسىڭ ساڭا ئۇدۇلمۇ تۇرالىغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەللىكتىن لاپ ئۇرغانىدى، كۈندەشلىك ئۇنى جام ئىچىدە قان گىرادابىغا غەرق قىلۋەتتى.

فۇزۇلىيىدەن سەباتۇ سەبرۇ جەۋرۇ قەھر ئاز ئىستە،
كىم ئول بىچارەنى دەردۇ غەمۇڭ بىھەد زەبۇن ئەتدى.
يېشىمى: فۇزۇلىدىن چىدام، سەۋر – تاقەت، جەۋر ۋە غەزەپنى ئاز ئىستىگىن، چۈنكى ئۇ بىچارىنى دەرد ۋە غېمىڭ بەكمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى.

ئىككىنچى كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى

دىلبەرا، مەن زارنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل،
يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل.

يېشىمى: ئەي دىلبەر، مەن خار – زارنىڭ كۆڭلىنى سەن خۇشال قىلغىن؛ مېنى يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولىلا ئازاد قىلغىن.

تەئكىد

بارچەلەرغە شادلىق يەتتى، ماڭا كەلدى فىراق،
تەھ – بەتەھ كۆڭلۈمنى قان قىلدى مەنىڭ دەردى فىراق.

يېشىمى: ھەممەيلەنگە شادلىق كەلسە، ماڭا پىراق كەلدى؛ جۇدالىق دەردى يۈرىكىمنى قاتمۇ قات قانغا توشتۇردى.

لەھزە – لەھزە ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم مۇدام ئەيلەر فىغان،
نالە ئەيلەر كىم جەرەسىدەك يەتتى بۇ گەردى فىراق.

يېشىمى: جۇدالىق ئازابى دادىغا يەتكەنلىكتىن، كۆڭلۈم دەممۇ دەم ئۆرتىنىپ، ھەمىشە قوڭغۇراقتەك نالە – پىغان چېكىدۇ.

تالىئىمنىڭ يوقلۇغى باشىمغا كەلتۈردى ئەلەم،
بۇ مەنىڭ شورىيىدە بەختىم يەتكۈزۈپ بەردى فىراق.
يېشىمى: تەلىيىمنىڭ يوقلۇقىدىن بېشىمغا دەرد – ئەلەم كەلدى؛ بۇ شورلۇق بەختىم ماڭا پىراق ئازابىنى تېپىپ بەردى.

بارچەغە سۇبھى تۇلۇئ قىلدى، ماڭا ھىجرانى شامى،
شادلىقنى ئۆزگەگە، كۇلفەتنى كەلتۈردى فىراق.

يېشىمى: ھەممىگە تاڭ ئاتسا، مەن ھېجران كېچىسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا قالدىم؛ پىراق ماڭا كۈلپەت ئېلىپ كەلدى، باشقىلارغا بولسا، شادلىق.

بۇ غەرىبنىڭ كۆڭلى ھەرگىز شادلىقنى خوشلاماس،
غۇربەت ئىچرە شادلىق بولغايمۇدۇر، دەردى فىراق.

يېشىمى: بۇ غەرىبىينىڭ كۆڭلى مۇتلەق خۇشال بولاي دېمەيدۇ، پىراق دەردى قاپلىغان غۇربەتچىلىكتە، خوشاللىق بولاتتىمۇ – ھە؟

داستان

بىرىنچى داستان


مەنى سورساڭ پەرىلەرنىڭ خانىمەن،
جايىم شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن.
فەھىم ئەيلەسەڭ جىن شەھرىنىڭ خانىمەن،
خەزانى يوق گۇلىستاندىن كەلۈرمەن.

يېشىمى: مېنى سورىساڭ، پەرىلەرنىڭ خانىمەن، يۇرتۇم شەبىستاندىن شەھرىدىن كېلىۋاتىمەن؛ بىلسەڭ، جىن شەھرىنىڭ خانىمەن، غازاڭ بولمىغان گۇلىستاندىن كېلىمەن.

ئۇزرانىڭ ھەمدەمى دەريادا جايى،
ئالەمنى كۆيدۈردى ۋامىقنىڭ ئاھى،
ئاتىمنى سورساڭ پەرىلەر شاھى،
ياقۇتلۇق، گەۋھەرلىك كاندىن كەلۈرمەن.
يېشىمى: ئۇزرانىڭ ھەمدىمى دەريادا ئاقتى، ۋامىقنىڭ ئاھ – پەريادى ئالەمنى كۆيدۈردى؛ مېنى «پەرىلەر شاھى»دەيدۇ، ياقۇتلۇق، گۆھەرلىك كاندىن كېلىمەن.

ئەگەر ئاشكار ئەيلەسەم سىررى نىھانىم،
بەش يۈزيىللىق يول بولۇر مەنىڭ مەكانىم.
مەنىڭ ئاتىم پەرىدۇر، يوقتۇر مەكانىم.
بىلسەڭ شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن.

يېشىمى: مەخپىيەتلىكىمنى ئاشكارىلىسام، مېنىڭ ماكانىم بەش يۈز يىللىق ئۇزاقتا، ئىسمىم پەرى، تۇرالغۇم يوق، بىلسەڭ، شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن.

شەھرىمىزدە باردۇر ئالتۇن – كۈمۈشلەر،
سەنى ئاشىق، بىزنى مەئشۇق دەمىشلەر،
مەن پەرىمەن، مەندە مەكان نە ئىشلەر،
بىلسەڭ شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن.
يېشىمى: شەھرىمىزدىن ئالتۇن – كۈمۈشلەر چىقىدۇ، كىشىلەر سېنى «ئاشق»، مېنى بولسا، «مەشۇق» دەيدىكەن؛ مەن بىر پەرى تۇرسام، مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم نېمە ئىش قىلسۇن؟ بىلسەڭ، مەن شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن.

شاھرۇخ شاھنىڭ قىزىمەن، ئاتىم بىر گۇلدۇر،
غەممىدىن پەرىلەر شەيدا بۇلبۇلدۇر،
تا ئۆلگۈنچە قىلغان قەرارىم شۇلدۇر.
فەھم ئەيلەسەڭ شەبىستاندىن كەلۈرمەن.

يېشىمى: مەن شاھرۇخ شاھنىڭ قىزىمەن، ئىسمىم بىر گۈلدۇر، مېنىڭ غېمىمدىن پەرىلەر شەيدا بۇلبۇلدەك نالە – پىغان قىلىشىدۇ؛ تا ئۆلگىچە گېپىمدىن يانمايمەن؛ بىلسەڭ، شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن.

ئىككىنچى داستان

ھەسەن ۋەزىر ئۆلدى دەپ، ساڭا سۆيەندىم،
بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
بويۇڭ كۆرۈپ بىر نەچە يىل قۇۋاندىم،
بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

يېشىمى: ھەسەن ۋەزىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ساڭا تاياندىم، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم؛ چوڭ بولغىنىڭنى كۆرۈپ، بىر نەچچە يىل قۇۋاندىم، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

بىر يار ئۈچۈن كۆپتىن قانلار يۇتارسەن،
يات يەرلەرگە مەنى تاشلاپ كەتەرسەن.
غەۋۋاس بولۇپ ئىشق بەھرىغە چۈمەرسەن،
بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم،

يېشىمى: بىر يار ئۈچۈن كۆپتىن بۇيان قان يۇتىۋاتىسەن، مېنى تاشلاپ يات يەرلەرگە كېتىدىغان بولدۇڭ؛ غەۋۋاس بولۇپ ئىشىق دېڭىزىغا چۆمىدىغان بولدۇڭ، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

كۆزۈمنىڭ گەۋھەرى دۇررۇم سەن ئەدىڭ،
فىردەۋسى بىھىشتتە ھۇرۇم سەن ئەدىڭ.
بەختىمنىڭ چىراغى نۇرۇم سەن ئەدىڭ،
بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

يېشىمى: سەن كۆزۈمنىڭ گۆھىرى، دۇردانەم ئېدىڭ، بەختىمنىڭ چىرىغى، نۇرۇم جەننەتتىكى ھۆرۈممۇ سەن ئېدىڭ، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

كەتەر بولدۇڭ ئەمدى يىراق يەرلەرغە،
مۇرۇۋۋەت ئەيلەگىل ئاجىز قۇللەرغا،
سەلام ئايتغىل بىزنى سوراغانلارغا،
بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.
يېشىمى: ئەمدى يىراق يەرلەرگە كېتىدىغان بولدۇڭ، ئاجىز قۇللارغا مەردانىلىق قىلغىن، بىزنى سورىغانلارغا سالام ئېيتقىن. خەير، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم.

ئۈچىنچى داستان

قايغۇ – ھەسرەت بىلەن ئۇمر
ئۆتكەن بارمۇ، بىلگەن بارمۇ؟
بۇ دۇنيادا مىھنەت تارتىپ،
ئۆتكەن بارمۇ، بىلگەن بارمۇ؟

يېشىمى: ئۆمۈر دېگەن مۇشۇنداق قايغۇ – ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن بارمۇ؟ بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ، مۇشۇنداق ئۆتكەن بارمۇ، بۇنى بىلگەن بارمۇ؟

ئۆمرۈم ئۆتتى ھەسرەت بىلەن،
ئىشق يولىدا مىھنەت بىلەن.
يارىم قالدى زۇلمەت بىلەن،
يارنى كۆرمەي ئۆتكەن بارمۇ؟

يېشىمى: ئۆمرۈم ھەسرەت ئىچىدە، ئىشق – مۇھەببەت يولىدا جاپا تارتىش بىلەن ئۆتتى؛ يارىم زۇلمەت ئىچىدە قالدى، يارنى كۆرمەيمۇ ئۆتكەن بارمۇ؟

جۇدالىقنىڭ دەردى يامان،
ھىجران ئوتى قىلدى سامان.
ئاشىقلارنى قىلدى ۋىيران،
مۇرادىغا يەتكەن بارمۇ؟

يېشىمى: جۇدالىقنىڭ دەردى يامان ئىكەن، ھىجران ئوتى چىرايىمنى سامان قىلدى، ئۇ باشقا ئاشىقلارنىمۇ ۋەيران قىلدى، بۇ كويدا زادى مۇرادىغا يەتكەن بارمۇ؟

بۇ دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە،
ھەجر ئوتىغا ئۆزۈڭ ئۇرما.
بىۋەفانىڭ يولىن يۇرمە،
ئۆز يارىغا يەتكەن بارمۇ؟

يېشىمى: بۇ دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، جۇدالىق ئوتىغا ئۆزۈڭنى ئۇرما؛ بىۋاپالىق يولىغا ماڭما، ئىشق – مۇھەببەتتە ئۆز يارىنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن بارمۇ؟

تۆتىنچى داستان

ئەي پەرىزادى زەمانىم، خاتىرىمنى شاد قىل،
بۇ بۇزۇق كۆڭلۈمنى سەن لۇتفۇڭ بىلە ئاباد قىل،

يېشىمى: ئەي زامانىمنىڭ پەرىزاتى، دىلىمنى شاد قىل؛ ۋەيران بولغان كۆڭلۈمنى مەرھىمىتىڭ بىلەن ئاۋات قىل.

دىلبەرىم مەكتەبدەيۇ مەن يول ئارادا مۇنتەزىر،
ئەي مۇئەللىم، بىر زەمان ئول سەرۋنى ئازاد قىل.
يېشىمى: دىلبىرىم مەكتەپتە، مەن ئۇنىڭ يولىدا ئىنتىزار، ئەي مۇئەللىم، ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزىلىمنى بىردەم ئارام ئېلىشقا قويىۋەتكىن.

گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ، ئەي ماھى نا مىھرىبان،
شۇم رەقىبى بەد دىيانەت جانىغە بىيداد قىل.

يېشىمى: ئەي باغرى تاش دىلبەرىم، ئەگەر مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ، بۇ زۇلۇمنى دىيانەتسىز شۇم رەقىبنىڭ جېنىغا سال.

پادىشاھى ھۇسن بولدۇڭ، ئەي ماھى شىرىن زەبان،
ئەمدى سەن لۇتفۇ كەرەم بىرلە مەنى فەرھاد قىل.
يېشىمى: ئەي شېرىن سۆزلۈكۆم، سەن گۈزەللىك پادىشاھى بولدۇڭ، ئەمدى مەرھىمىتىڭ بىلەن مېنى فەرھاد قىلغىن.

ئەيلەدىڭ جەۋرۇ بىيھەد قەلەندەر جانىغا،
ئەمدى سەن رەسمىي مۇھەببەتنى ماڭا ئىرشاد قىل.

يېشىمى: قەلەندەرنىڭ جېنىغا ھېسابسىز جاپا – مۇشەققەتلەرنى سالدىڭ، ئەمدى مېنى ھەقىقىي مۇھەببىتىڭ تەرەپكە يېتەكلە.

مەشرەب

بىرىنچى مەشرەب


كەلمەدى يار، كەلمەدى، نە بولدى ئول يار كەلمەدى.
ئاتىنىڭ ئاياغى سۇندى، بولدى بەھانە، كەلمەدى.

يېشىمى:يارغا نېمە بولدىكىن كەلمىدى، ئېىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكىنى باھانە بولدى بولغاي، كەلمىدى.

ئاتىنىڭ ئاياغى سۇنسا، ئات ئالىپ مىنمەسمەدى،
يار كۆڭلى ياردا بولسا، بىر كەلىپ كۆرمەسمەدى.
يېشىمى: ئېتىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بولسا، باشقا ئات ئېلىپ مىنسە بولمىدىمۇ؟ يارنىڭ ئۆز يارىغا كۆڭلى بولسا، بىر كېلىپ كۆرمەسمىدى؟

يارنى كەلىپتۇر دەسە، يۇگرەپ چىقاي باشىم بىلەن،
يار يۈرگەن كوچالارغا سۇ سەپەي ياشىم بىلەن.
يېشىمى: يارنى «كەپتۇ»دېسە، بېشىم بىلەن يۈگۈرۈپ چىقاي، يار ماڭغان كوچىلارغا كۆز يېشىم بىلەن سۇ سېپەي.

لەبىڭنى لالەدىن دەرلەر، تىشىڭنى ئۈنچەدىن دەرلەر،
قولۇڭنى گەر سالىپ كەلسەڭ، بۇ كىمنىڭ دىلبەرى دەرلەر.

يېشىمى: كىشىلەر سېنىڭ لېۋىڭنى «لالە گۈلى»، چىشىڭنى بولسا، «ئۈنچە» دەيدۇ، قول سېلىپ مېڭىپ كېلىدىغان بولساڭ، «پاھ، بۇ كىمنىڭ دىلبىرى؟» دەيدۇ.

ئەجەبمۇ كەلمەدىڭ يارىم، يولۇڭغا بارغۇدەك بولدۇم،
قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ، يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.

يېشىمى: يارىم، ئەجەبمۇ بىر كەلمىدىڭ، تەقەززا بولغىنىمدىن كېلىدىغان يولۇڭغا بارغىدەك بولدۇم؛ ھەتتا قولۇمغا قوش پىچاق ئېلىپ، يۈرىكىمنى يېرىۋەتكىدەك بولدۇم.

يارنىڭ يۆلەكى ياردىن، يارى بولماسا قايدىن،
خەفچە دەك بويى زىلۋا، شىرىن سۆزلەرى ئاندىن.

يېشىمى: يار دېگەننى يار يۆلەيدۇ، ئىنساننىڭ يارى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ يارنىڭ بويى تالدەك زىلۋا، گەپ – سۆزلىرى ھەممىدىن شېرىن.

يارىمنىڭ بويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا گۈل بار،
شىرىن سۆزلەرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خال بار.
يېشىمى: يارىمنىڭ ىويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا گۈل مىسال بىر گۈزەللىك بار؛ چۈچۈك سۆزلىرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خال بار.

ئايغا ئوخشاتاي يارىم، گۈنگە ئوخشاتاي يارىم،
بويلۇرۇڭ سەنىڭ زىلۋا، كىمگە ئوخشاتاي يارىم.

يېشىمى: يارىم، سېنى ئايغا ئوخشاتسام بولۇرمۇ، كۈنگە ئوخشاتسام بولۇرمۇ؟ سېنىڭ زىلۋا بويلىرىڭنى زادى كىمگە ئوخشاتسام بولۇر؟

ئىككىنچى مەشرەب

قارا – قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مەنى،
قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مەنى.

يېشىمى: قاپقارا قاشلىرىڭغا مېنى قوشىۋەتسەڭچۇ، مېنى قارا قاشلار بازارىغا ئاپىرىپ سېتىۋەتسەڭچۇ.

قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالماسا ئەگەر،
كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مەنى.

يېشىمى: ئەگەر قارا قاشلار بازرىدا بىر كىم مېنى ئالمىسا، كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئېتىۋەتسەڭچۇ.

قايسى بىر ئازارىن ئايتاي جانىمە ئەغيارنىڭ،
قايسى بىر ئاغرىتقانىڭ كۆڭلۈمنى دەي دىلدارنىڭ.

يېشىمى: ياتلارنىڭ جېنىمغا سالغان ئازابلىرىدىن قايسى بىرىنى ئېيتاي؟ دىلدارىمدىن كۆرگەن كۆڭۈل رەنجىشلىرىمدىن قايسى بىرىنى دەي؟

قايسى بىر بىرەھلىغىنى تالىئى گۇمراھنىڭ،
قايسى بىر كەجرەۋالىغىنى چەرخى كەجرەفتارنىڭ.
يېشىمى: ئازغۇن قىسمەتنىڭ قايسى بىر يولسىزلىقلىرىنى ئېيتاي، كاج پەلەكنىڭ قايسى بىر تەتۈرلۈكلىرىنى دەپ تۈگىتەي؟

قايسى ھەسرەت بىرلە ئەرمانىم ۋەفاسىز ۋەسلنىڭ،
قايسى مىھنەت بىرلە رەنجىن فۇرقەتى خۇنخارنىڭ.

يېشىمى: ۋاپا قىلمىغىن ۋىسالنىڭ قايسى بىر ھەسرەت ۋە ئارمانلىرىنى دەي، قانخور پىراقنىڭ قايسى بىر جاپا – مۇشەققەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگىتەي؟

غۇربەت ئىچرە، ئەي كۆڭۈل، ئەلدىن ۋەفا ئىستەرنى قوي،
چۈن ۋەفاسىن كۆرمەدىڭ ھەرگىز دىيارۇ يارنىڭ.
يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، بۇ غۇربەتچىلىكتە ئەلدىن ۋاپا ئىزدەشنى قوي، چۈنكى سەن يا ياردىن ۋەيا دىياردىن مۇتلەق ۋاپا كۆرمىدىڭ ئەمەسمۇ؟

بابۇر، ئول گۇل جەۋر ئەتەر، ئەغياردىن نە ياخشىلىق،
گۇلنىڭ ئازارى بۇ بولسا، ۋاھ، نە بولغاي خارنىڭ.

يېشىمى: ئەي بابۇر، ئۇ گۈل جاپا سالغان يەردە، ياتلاردىن نېمە ياخشىلىق كەلسۇن؟ گۈلنىڭ ئازارى بۇ بولسا، تىكەننىڭ قانداق بولۇپ كېتەر – ھە؟

11– مۇقام مۇشاۋەرەك مۇقامى بولسا، چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، تۆت داستان 62 مىسرا، ئىككى مەشرەب 30 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 254 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقاندۇر.

يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.ئۆز قولۇم بىلەن بىر بىرلەپ ئۇرۇپ چىقان!!! 

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-03 20:57 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 

第三套木卡姆:木夏乌莱克

)穷乃额曼部分(加在“大乃额曼部分”之前,“穷”是维语“更大”的意思

木坎迪满

太孜,太孜迈尔乎里及区秀尔给

怒斯禾,怒斯禾迈尔乎里及区秀尔给

第一克其克赛勒克,第一克其克赛勒克迈尔乎里

第二克其克赛勒克,第一克其克赛勒克迈尔乎里及秀尔给

朱拉

赛乃姆

穷赛勒克

克其克赛勒克,克其克赛勒克迈尔乎里及区秀尔给

太喀特

 

大乃额曼部分

序曲

美丽的月亮燃烧了我心中的爱种
已无力把这熊熊燃烧的情火阻挡

她的丰姿已成为我心目中宝座上的女王
只有她才能使我的心情永远欢畅

吃苦的依然是我,而暴虐者照旧趾高气扬
我已悲伤得,几乎使人世变为死灰一样

有权势的人,收回你们对我的折磨吧
我的躯体到如今已日趋冰凉

就是牺牲也在所不惜,只要得到美丽的月亮
可用我的鲜血给莱丽花染套红装

到那时天也会流着泪为我致哀悲伤
情敌们会高兴得如疯如狂

就这样我完全沉郁于对她的爱恋
请把实情转告给我心中的姑娘

世间的情人们都会日夜彷徨
总盼着心中人很快来到自己的身旁

心中的情火已烧得我焦头烂额
愿情人也是这样,让我们在一起互拆衷肠

)阿·纳扎尔(


太孜

啊,你的美姿使清晨更加生机盎然
催开百花怒放,引来百灵鸟歌舞蹁跹

你路上的芳草萋萋,犹如仙松和莲枝
情人的泪水和叹息是它葳蕤的源泉

离愁别恨的毒液使痴情郎痛苦万千
没你幽会的蜜汁,尔撒圣人也无药可选

我领来忧郁和离愁两个证人向你诉讼
你是万能的主,求你把大恩大德展现

你将拒之门外又把他们驱赶
这怎么符合你那仁慈的天性和本愿

啊,修行者,快清除你心中的杂念
当你感到空虚寂寞就到室外去转转

纳瓦依,想让情人在心中娇媚光艳
首先得清除你心镜中那别人的影幻

爱情已将我的黑发染成了银颜
鹅绒不腐,尽管在枕套内熬煎

)纳瓦依(
 

失恋的悲痛,不幸的命运降在我的头上
悲伤的心已插上双翅飞向蓝天

倘若你能答应我的要求
我愿把自己的头颅奉献

我在不断的祈祷,愿你赐我悯怜
那时我可将舍弃一切把你陪伴

忠实的信徒乞求胡大多多保佑
也降点福给赤贫的人间

将你的美容让追求者看看
去满足那围你飞旋的灯蛾的心愿

哎,难道你是个铁石的心肠
不为在爱情道路上跋涉的人赐点恩典

将你的美容让追求者看看
去满足围你飞旋的灯蛾的心愿

)麦西热甫(


纵然天上掉下来恩赐也不要狂喜
灾难已足够了,千万不要忘记过去

纵然你对世人恩情胜过阳光百倍
且莫求从他那要得到报恩的丁点实际

任凭这世界飞来千灾万祸,也须忍耐
死就死吧,你切莫去别处悲哀哭泣

)纳瓦依(


太孜尾声

做个清廉的官吧,让你的诗篇更加精辟
为了达到这崇高的目的,任何时候都不得偏离实际

)纳瓦依(


怒斯赫

又香又甜的吻才能挨到你的唇边
心身对你喜欢才能见到你的容颜

和田的麝香才算同你的芳香一般
潇洒的赛尔维树也可比拟你的身段

蓓蕾见你微笑也会感到羞惭
玉素甫见了你也会爱慕缠绵

说来不稀罕,聪明人也会有苦衷难言
你的苦只有找到了知心人才能算完

情人啊,你发发慈悲,了却我心灵的宏愿
相思病只有相思医才能治得愈痊

哎,高尚的凯兰代尔,谁能做你的心上人呢
合格的恐怕只有那天上的女仙

又香又甜的吻才能挨到你的唇边
心身对你喜欢才能见到你的容颜

)凯兰代尔(


怒斯赫尾声

我要走进你的花园
情人啊,摇动摇动杏子

我要狠狠地拥抱你
情人啊,听听你的哭声

)维吾尔民歌(


朱拉

哎,美人,我这里燃烧着熊熊爱火
你那里对我千般无情万般折磨
啊,人,你对我千般无情万般折磨

有生以来,我还从未见过这般灾祸
命中注定我四处流浪八方漂泊
啊,情人,我四处流浪八方漂泊

)维吾尔民歌(


赛乃姆

倘若能和情人相互依偎着倾诉衷肠
如醉酒人儿追逐着嬉戏,该有多么惬意

每当夜幕降临时,我若能痛饮爱情杯中的美酒
像牵牛花蔓攀缠着情人如柳的细腰,让人有何等的欢喜

倘若和心上的情人幽会在一起
总是讲不完的甜言密语

)诺比提(


大赛勒克

我心中隐藏着无数的悲痛
心儿的创伤不能给无忧的人提及

哪儿会在无刺的玫瑰和不付出劳动的手艺
不历经痛苦磨难,怎能得到美人的心呢

啊,麦西热甫,你与那丽人离得太远
即使再苦追上百年,也到不了她的宫里

)麦西热甫(


小赛勒克

1

你射来睫羽之箭,我周身镀上金光一片
我没有流泪,诀别的火花将我全身溅满

你用石头砸得我遍体鳞伤赤身裸体
我却只顾留心用什么来怎样包扎遮掩

啊,来吧,酒倌,我是过客,你也非久留之人
世态多炎凉,只有举杯传觞最为合算

世人多行不义,天下哪有什么忠孝情义
想劝他们多行善事,那才真是蠢蛋

纳瓦依,自行其乐吧,莫管别人为甚奔忙
那难易事儿,由着你的意愿自由决断

)纳瓦依(

2

啊,美人,快让我这不幸的人儿心欢气爽
快让我从这重重忧郁中得到解放

情敌对我冷嘲热讽,让我饮泪吞血
你若公道,快派出刽子手去杀那个孽障

将情敌斩尽杀绝,让我们在花丛之中漫步
快挺起你的身躯像仙女一样

那情敌见此情会掉在炉火中焚烧
快这样干吧,让情敌也把那悲痛品尝品尝

为我斟满酒吧,比拉勒要把它一饮而光
玉液琼浆让我那破碎的心得到欢畅

)毛拉·比拉勒(
 

快抓紧知识的纽带,唯有他才最奇神
无知识的人在两世中都活得噩噩浑浑

心灵之鸟展翅在空中自由地翱翔
乌鸦老鸹飞得再高也变不成鹰隼

)甫祖勒(

痴情的百灵鸟最知晓春天的价值
鸟鸦怎会理解鲜花和绿洲的价值

胡威达为爱而忧的价值没人知道
那鼠狗蚊蝇怎知蜜蜂酿蜜的价值

)胡威达(
 

小赛勒克尾声

啊,美人,快让我这不幸的人儿心欢气爽,
快让我从这重重忧郁中得到解放。

)毛拉·比拉勒(


太喀特

在死神未来之前,谁也不知生命的可贵
死神降临,才明白生命多么宝贵

当我死后静卧土中,谁会把我叨念
只有敌人高兴而朋友忧郁寡言

)维吾尔民歌(
 

达斯坦部分

第一达斯坦

请侧过耳来听我诉说
为你忧伤,我每日走向无常
在离火中,我多么悲惨凄凉
为你忧伤,我把鲜血吞入肚肠

我是一支羽箭射向四方
终日向情人的门户张望
为了情人,我被卖往异乡
为了情人,我几乎死亡

我为伟大的园丁增加了辛劳
却不知怎样做才能把目的达到
我拼力在戈壁上四处奔跑
我流浪他乡为的是把你寻找

他乡人把我叫奴隶,叫我艾里甫
他乡里无人知晓我的来处
没有你,我向谁去把苦水倾吐
为你忧伤,我要把心里话向你吐诉

《艾里甫与赛乃姆》


第二达斯坦

艾山宰相虽已逝去,有你让我欣慰
去吧,孩子,我把你交给了真主
这几天看见你的英姿,我乐得心醉
去吧,孩子,我把你交给了真主

你要啜泪饮血,为情人叹息
你要一条命奔向那陌生之地
撇下了我,你只要那古丽加玛丽
去吧,孩子,我把你交给了真主

你是我的眼睛的珠儿、光线
你是我心中的至圣、天仙
你是我幸福的花朵、春天
去吧,孩子,我把你交给了真主

让敌人很快地统统完蛋
你把我已推到苦难的深渊
什么事再也不是我的意愿
去吧,孩子,我把你交给了真主

《艾里甫与赛乃姆》


第三达斯坦

我放飞了猎鹰
到处不见它的踪影
找不到这猎人
我惶惶叹息泪湿衣襟

幸福的鸟儿已经飞走
我春夏秋冬四处寻求
这里没人知她的踪迹
我也不愿在这儿久留

我在寻找,情人必会来到
她会使我忧郁的心儿欢笑
罪恶的敌人一旦阻挠
我不会看着他们胡闹

赛乃姆说:啊,亲爱的
我已将生命全都给了你
没有你这人世上对我犹如地狱
也就没有幸福和甜蜜和奏的明媚

《艾里甫与赛乃姆》


第四达斯坦

只因离开了美人我的心儿备受熬煎
只因离开佳丽我的双眼血泪涟涟

你去花丛中漫步,我的心肝都会焦燎
只因离开了情人,会哭得像泪人儿一般

我的身被离别的火焚燃得够惨
为什么他竟会活生生地把我撇到一边?

啊,朋友,我有着满腔的哀愁恨怨
他为什么无缘无故地与我断绝情缘?

凯兰代尔在为情的悲苦中将会失去生命
他将说:我做了什么,竟会遭受别离的无限磨难

)凯兰代尔(


麦西甫部分

1

我在园中看见你,在街上看见你
你路上留下的足印对我是多么珍贵

你那山花花萼般的弯眉让我欢喜
你那羚羊般渴望的双眸让我欢喜

你想我了么,我好想你哟
你哪儿想我,我心里想你哟

)维吾尔民歌(

2

正因你母是月亮你父是太阳
才生下你这朵十分美丽的红玫瑰
教我这个飘零的奴隶无限把你爱
只因你这百灵似的歌手的情火太厉害

)维吾尔民歌(

3

情人的支柱来自情人
没有情人,哪有精神
先有芳香美丽的花朵
才有感人肺腑的歌声

情人的乌黑秀发
披垂在她的两鬃
夺了别人的情人
会在乱棒下丧命

你是我的情人,我的美人
你是我挂在脖颈上的护身符
在漆黑漆黑的夜晚
你是我的指路明灯

)维吾尔民歌(

4

请把我挂在你黑黑的眉上
请把我投向黛眉的市场
假如那市上没有人要我
就把你的眼睫当做羽箭射入我的胸膛

)维吾尔民歌(

5

我的眼眉在调情,我的睫毛在传情
我那腰里藏着苹果的眼睛闪射着痴情

那花蕾似的红石脸蛋
特意用炽烈的爱火点燃了我的心

经过辛勤的播种,嫩白皮肤会有点发黑
只有度过忧愁的寒冬,幸福和春天才会来临

忧伤的花园里百灵鸟在不停地叹息
这痛苦的制造者就是我那心爱的情人

)毛拉·比拉勒(


  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-03 21:13 | 1 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

مانا  يەنە بىر مۇقام مۇشاۋرەك  مۇقامى.....
                                            رەھمەت نۇرانەھەدە..........

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-03 21:39 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 29
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 29 نوقتا
پۇل : 290 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:14(سائەت)

 

ئاپىرىن ~! ئاپىرىن ،،، ھارمىغايسىز.....~!!!! 
Posted: 2009-02-04 14:49 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئەلنەغمە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation