ئاساسىي تېما : 10. نەۋا مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)ئاۋاتلىقى:197ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 10. نەۋا مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-02)

10. نەۋا مۇقامى

چوڭ نەغمە

مۇقەددىمە


بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مەنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ھەر زەمان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.

يېشىمى: بالايىئاپەت دەشتىدە مەجنۇنمۇ مېنىڭدەك دەۋران سۈرۈپ باققان ئەمەس، بۇ ۋادىدا ھەمىشە قۇيۇندەك پىرقىراپ يۈرگەن مەندەك سەرگەرداننىمۇ كۆرگەن ئەمەس.

نە ئەندەھۇ مەلالىمغا بەلىييەت دەشتىدەك غايەت،
نە سەۋدايۇ جۇنۇنۇمغا مەلامەت بەھرىدەك پايان.
يېشىمى: قايغۇ ۋە بىئاراملىقىم بالا – قازا دەشتىدەك چەكسىز، سەۋدايىلىقىم ۋە ساراڭلىقىمغا تاپا – تەنىلەر دېڭىزدەك پايانسىز.

تۈنۈم دەيجۇر، ئۆزۈم رەنجۇر، ئىچىم غەمناكۇ باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ تەنىم بىيھال، ئىشىم ئەفغان، سىردىشىم قان.

يېشىمى: كېچەم قاپقاراڭغۇ، ئۆزەم خەستە، ئىچىم غەملىك، باغرىم چاك، تىلىم تۇتۇق، جىسمىم ئاجىز، ئىشىم ئاھ – زار، كۆز يېشىم قاندۇر.

زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەھىفۇ مىھنەت ئەندىشە،
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان قەتىيلى خەنجەرى ھىجران.
يېشىمى: زەئىپلىك، دەرد – ئەلەم ھۈنىرىم، ئاجىزلىق، مۇشەققەت مېنىڭ ئەندىشەم؛ ھىجران خەنجىرى بىلەن ئۆلتۈرگەن، ھېچكىمى، ھېچنېمىسى يوق بىر خارۇ زارمەن.

فىغانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىرىشكىمدىن جەھان رەنگىن،
نە دەردىم ئوتىغا تەسكىن، نە ھەجرىم دەردىغۇ دەرمان.

يېشىمى: پىغانىمدىن پەلەك غەمگە چۆكىدۇ، كۆز يېشىمدىن جاھان قىزىرىپ كېتىدۇ، يا دەردىم ئوتىغا تەسكىن – تەسەللى يوق، ياكى جۇدالىق دەردىمگە دورا تىپىلمايدۇ.

باشىم غەم تاشىدىن پارە، تەنىم ھەجر ئوقىدىن يارە،
كۆڭۈل بۇ يارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان.

يېشىمى: بېشىم غەم تېشىنىڭ زەربىسىدىن پارە – پارە بولدى، تېنىم ھىجران ئوقى تېگىپ يارىلاندى، كۆڭلۈم بۇ يارا – جاراھەتنى داۋالاشنىڭ چارىسىنى تاپالماي ئاۋارە.

كۆزۈم نەملىق، بويۇم خەملىق، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىق،
نە ھەمدەملىق، نە مەھرەملىق تاپىپ بۇ مىھنەتى پىنھان.
يېشىمى: كۆزۈم ياشتىن نەملەنگەن؛ قەددىم پۈكۈلگەن، ئىچىم ماتەم قايغۇسىغا تولغان، بۇ يوشۇرۇن دەردىمگە ھەمدەم ۋە سىرداش نەدە؟

ماڭا نە يارۇ نە ھەمدەم، ماڭا نە دوستۇ نە مەھرەم،
ماڭا نە چارە نە مەرھەم، ماڭا نە سەبرۇنە ئەمان.

يېشىمى: مېنىڭ يا يار – ھەمدىمىم، يا سىرداش دوستۇم يوق؛ يا چارەم يا دورام يوق، يا سەۋر – تاقىتىم يوق ياكى تىنچ – ئاراملىقىم يوق.

ھەم ئەھۋالى تەباھىمدىن ھەم ئاھى سۇبھىگاھىمدىن،
ھەم ئوتلۇغ دۇدى ئاھىمدىن قارارىپ كۇلبەئى ئەھزان.
يېشىمى: خاراب ھالىمدىن، سەھەردە چەككەن ئاھۇ زارىمدىن، ئوتلۇق ئاھىمنىڭ تۈتۈنىدىن غەمكىن ھۇجرام قارىيىپ كەتتى.

فەلەك رەھزەن، زەمان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن ئۈزە رەۋزەن،
قالىپ جان ھەسرەتىدىن تەن، چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان،

يېشىمى: پەلەك قاراقچى، زامان دۈشمەن، بەدەن ئۆتمۈ تۆشۈك؛ تەن جان ھەسرىتىدىن قالدى، جان تەن يۇرتىدىن چىقىپ كەتتى.

نەۋائىي بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ،
نەچە بولسا سوئۇبەت كۆپ بولۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان.
يېشىمى: نەۋائىي، مۇشەققەت كۆپ بولسا، شادلىق شارابىنى جىق ئىچىپ باق، قىينچىلىق قانچە كۆپ بولسا، ۋەھدەت شارابىنى ئىچىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

تەئەززە

ۋاھكى بولدۇم ئىشق ئارا بىر بىۋەفاغا مۇبتەلا،
بولماسۇن ئەھلى ۋەفا مۇنداق بەلاغا مۇبتەلاغە.

يېشىمى: ئاھ، مەن ئىشق – مۇھەببەت ئارا شۇنداق بىر ۋاپاسىزغا گىرىپتا بولدۇمكى، ۋاپا ئەھلى مۇنداق بالاغا مۇپتىلا بولمىسۇن.

ئاڭلاغاي مەجنۇنلۇغۇ بىدىللىغىمنى ھەر كىشى،
كىم بولۇپتۇر بىر پەرىۋەش دىرەباغا مۇبتەلا.
يېشىمى: مېنىڭ مەجنۇنلۇق ۋە غەمكىنلىكىمنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم: «بۇ بىر پەرى سۈپەت دىلرەبانىڭ مۇھەببەت بالاسىغا گىرىپتار بولۇپتۇ» دەپ قالىدۇ.

زاھىدا، رۇسۋالىغىم تەئن ئەيلەدىڭ، جەھد ئەيلەكىم،
بولغاغايسەن ئول كۆزۈ قاشى قاراغا مۇبتەلا.

يېشىمى: ئەي زاھىت، رەسۋالىقىمنى تەنە قىلىشنىغۇ قىلدىڭ، ئەمما سەن ئۆزۈك ئاشۇنداق قارا كۆز، قارا قاشقا مۇپتىلا بولغاندا، رەسۋا بولماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ باققىنا – قېنى!

بولمايىن بىگانە يارۇ ئاشنادىن چارە يوق،
خاھ بول بىگانەغە خاھ ئاشناغە مۇبتەلا.

يېشىمى: خاھى يات، خاھى يېقىنلارنىڭ مۇھەببەت بالاسىغا مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، يار – دوستلاردىن يىراقلاشماي، باشقا ئامال يوق.

پادىشاھ بىرلە گەدا ھالىغا كۈلسە نە ئەجەپ،
بولسە مەن يەڭلىغ گەدايى پادىشاھغا مۇبتەلا.
يېشىمى: مەندەك بىر گاداي گۈزەللىك پادىشاھىنىڭ مۇھەببىتىگە مۇپتىلا بولۇپ قالسا، پادىشاھمۇ گادايمۇ ئۇنىڭ ھالىغا كۈلۈپ كەتسە، ئەجەبلىنىش كەتمەيدۇ – دە!

بولمىش ئول كافىر غەمى دىۋانە كۆڭلۈمدىن مەلۇل،
ھېچ كافىر بولماسۇن مەن مۇبتەلاغا مۇبتەلا.
يېشىمى: مېنىڭ سەۋدا كۆڭلۈمنىڭ غېمى دەردىدىن ئۇ كاپىر بولۇپ كېتىپتۇكى، مەن مۇپتىلا بولغان ئىشقا ھېچبىر كاپىر گىرىپتار بولۇپ قالمىسۇن.

ساقىيا، مەي تۇتكى دەردنىڭ ئىلاجى بادەدۇر،
ھەجرەدىن كىم بولسا دەردى بىدەۋاغا مۇبتەلا.

يېشىمى: كىم جۇدالىق دەردىگە مۇپتىلا بولغان بولسا، داۋاسىز دەردكە قالغان بولىدۇ، ھالبۇكى دەردنى پەقەت قەدەھ داۋالايدۇ، ئى ساقىي، مەي تۇتقىن!

كىر خەرابات ئىچرە – يۇ بول رىندالەر ۋابەستەسى،
خانەقاھدا بولغاچە ئەھلى رىياغە مۇبتەلا.

يېشىمى: خانىقادا ساختىپەز – رىياكارلار بىلەن بولغىچە، مەيخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئىچەرمەنلەرگە قوشۇلۇپ كەت.

ئەي نەۋائىي، يانا ئول بەد ئەھددىن بولسام خەلاس،
ئەھ قىلدىمكىم، يانا بولماي ياناغا مۇبتەلا.
يېشىمى: ئەي نەۋائىي، «ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغاندىن قوتۇلسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىگە مۇپتىلا بولۇپ قالماي – جۇمۇ» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم.

تەئەززە چۈشۈرگىسى

ئەي نەۋائىي، يانا ئول بەد ئەھددىن بولسام خەلاس،
ئەھد قىلدىمكىم، يانا بولماي ياناغا مۇبتەلائ

يېشىمى: ئەي نەۋائىي، «ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغاندىن قوتۇلسام يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىگە مۇپتىلا بولۇپ قالماي – جۇمۇ» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم.

نۇسخە

دىرەبا، ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بىنەۋا بولدۇم نەتەي،
بۇ كۆڭۈل ئاخىر فىراقىڭدا گەدا بولدۇم نەتەي.
يېشىمى: دىرەبا، قانداق قىلارمەن، ۋەسلىڭنى ئىزدەپ يوقسۇل بولدۇم؛ بۇ كۆڭۈلنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، پىراقىڭدا گاداي بولدۇم.

ئاھكىم، ھىجران ئوتى ئاخىر مەنى قىلدى كەباب،
ھەجرۇ فۇرقەتدە كۆيۈپ ئەمدى ئەدا بولدۇم نەتەي.

يېشىمى: ئاھ، ھىجران ئوتى ئاخىر مېنى كاۋاپ قىلدى، ئايرىلىق ۋە جۇدارلىق ئوتىدا ئوتىدا كۆيۈپ، ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇم، قانداق قىلارمەن؟

گۇلدىن ئايرىلغان كەبى بۇلبۇل مەسەللىك ئۈن چەكىپ،
ۋا دەرىغ، مەن يار ۋەسلىدىن جۇدا بولدۇم نەتەي.
يېشىمى: گۈلدىن ئايرىلغان بۇلبۇلدەك پىغان چېكىپلا يۈرىمەن، ۋاي ئېسىت، مەن يار ۋەسلىدىن جۇدا بولدۇم، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟

مەن فەقىر دىلخەستەگە رەھم ئەيلە ئەي شاھى جەھان،
كۆرگەلى ۋەسلىڭنى زارۇ بىقەرار بولدۇم نەتەي.

يېشىمى: ئەي جاھاننىڭ شاھى، ۋەسلىڭگە بەكمۇ ئىنتىزار بولدۇم، نېمە ئامال، مەن دىلى سۇنۇق پېقىرغا رەھىم قىلغىن.

ھەرگۈنى مەندىن ۋەفا، ئاندىن جەفا ئۈزرە جەفا،
مەن فەقىر ئول بىۋەفاغە مۇبتەلا بولدۇم نەتەي.
يېشىمى: مەن ھەمىشە ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق قىلىمەن، ئەمما ئۇ ماڭا دائىم جاپا ئۈستىگە جاپا قىلىدۇ. مەن مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىزغا مۇپتىلا بولۇپتىمەن، ئەمدى قانداق قىلاي.

ئول پەرى رۇخسارىغا بولسۇن ئەگەر يۈز جان فىدا،
جانىما بىردۇر ئەگەر، يۈز جان فىدا بولدۇم نەتەي.

يېشىمى: ئۇ پەرىنىڭ رۇخسارىغا بىر ئەمەس، يۈز جان بولسىمۇ، پىدا بولسۇن! گەرچە مېنىڭ بىرلا جېنىم بولسىمۇ، يۈز جانلىق پىداكارلىق كۆرسەتتىم، ئەمدى يەنە قانداق قىلسام بولاتتى؟

نۇسخە چۈشۈرگىسى

سالىھىي گۇلچېھرەنىڭ كويىدا بولمىش بىنەۋا،
دەردى ھىجرانغا گىرىفتارى بەلا بولدۇم نەتەي.

يېشىمى: مەن سالىھىي، ئۇ گۈل يۈزلۈكنىڭ كوچىسىدا يوقسۇل بولدۇم، ئۇنىڭ بالادەك ھىجران دەردىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، قانداق قىلارمەن.

جۇلا

نەمەنگاندىن كەتەر بولسام مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غەرىبلىق شەھرىدە ئولسام مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

يېشىمى: نەمەنگاندىن كەتكۈدەك بولسام، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ، غېرىپلىق شەھرىدە يۈرسەم، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ؟

قەنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولدىشىم.
كۆزۈمدىن ئاقىزىپ ياشىم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

يېشىمى: قېنى، مېنىڭ قوۋم – قېرىندىشىم، بۇ يولدا ماڭا ھەمراھ بولسا بولاتتىغۇ؟ كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپلا يۈرىمەن، مېنى يوقلايدىغان ئادىمىم بارمۇ؟

مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،
بۇ فانىي دۇنيادىن كەچتىم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
يېشىمى: مۇھەببەت شارابىدىن ئىچتىم، قازاندەك قاينىدىم، تاشتىم، بۇ پانىي دۇنيادىن كەچتىم، مېنى يوقلايدىغان كىشىم بارمۇ؟

تۇرارغا تاقەتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر،
يۈرەكتە ئىشق ئوتى ھوقدۇر، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
يېشىمى: توختاپ تۇرۇشقا تاقىتىم يوق، ماڭغۇدەك ئەھۋالىم يوق، يۈرىكىمدە ئىشق ئوتى ئۇلغىيىپ كەتتى، مېنى يوقلايدىغان كىشىم بارمۇ؟

قەرارىم يوق تۇراي دەسەم، نەمەنگاندا يۈرەي دەسەم،
جەھاننى سەير ئەتىپ كەزسەم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

يېشىمى: نەمەنگاندا تۇرىۋېرەي دېسەم، تۇرالغۇ جايىم يوق، جاھان كېزىپ چىقىپ كەتسەم، مېنىڭ يوقلىغۇچۇم بارمۇ؟

بۇ مىسكىن زار مەشرەبنى كىشى ھالىنى بىلمەيدۇر،
بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم، مەنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

يېشىمى: بۇ خارۇ زار، بىچارە مەشرەبنىڭ ئەھۋالىنى بىر كىشى بىلمەيدۇ، بۇ يەردىن بېشىمنى ئېلىپل چىقىپ كەتسەم، مېنى يوقلايدىغان ئادىمىم بارمۇ؟

سەنەم

مەن بارايمۇكىن ئاندا، ياركەلەمدۇركىن بۇندا،
يارغا يار كەرەك بولسا، قول سالىپ كەلەر مۇندا.
يېشىمى: مەن ئۇ يەرگە بارايمىكىن، ياكى يار بۇ يەرگە كېلەمدىكىن؟ يارغا يار كېرەك بولسا، قول سېلىپ مېڭىپ، بۇ يەرگە كېلەر.

ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى، يارنىڭ بارمۇكىن مەيلى،
بولسا – بولماسا مەيلى، مەن يارنىڭ قەلەندەرى.
يېشىمى: ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى، يارنىڭ بارمىكىن مەيلى. يارنىڭ مەيلى بولسا – بولمىسا، چاتاق يوق، مەن ھامان يارنىڭ قەلەندىرى.

يار دەيمەن – يانا دەيمەن، ئۆلمەسە كەلەر دەيمەن،
مەنىڭ تارتقان دەردىمنى كۆڭلىدە بىلەر دەيمەن.
يېشىمى: «يارىم، يارىم» دەپلا يۈرىمەن، ئۆلۈپ كەتمىسە، كېلەر دەيمەن؛ مېنىڭ تارتقان دەردىمنى كۆڭلىدە بىلىدىغاندۇ دەيمەن.

يارىم كەلەر قول سالىپ، توغرا – توغرا يول ئالىپ،
قايەردىن چىقىپ كەللە، يۈرەكىمگە ئوت سالىپ.

يېشىمى: يارىم قول سېلىپ مېڭىپ، توپتوغرا ماڭا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئامرىقىم، يۈرىكىمگە ئوت سېلىپ، قەيەردىن چىقىپ كەلدىلە؟

چوڭ سەلىقە

ئۇ مەھەللەدىن بۇ مەھەللەگە ئويناي دەپ كەلدىم،
ياخشى دەمسىز، يامان دەمسىز، سىناي دەپ كەلدىم.

يېشىمى: ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە ئويناي دەپ كەلدىم، ياخشى دەمسىز، يامان دەمسىز، سىناي دەپ كەلدىم.

ئۇ مەھەللەدىن بۇ مەھەللەگە يولى بارمۇكىن،
يار ئاغرىقى بولۇپ قالدىم، دارى بارمۇكىن.
يېشىمى: ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە بېرىپ –كېلىدىغان يول بارمىكىن؛ يار ئاغرىقى بولۇپ قالدىم، دورا بارمىكىن.

تال چىبىقتەك بويلارىڭغا زەۋقۇم كەلەدۇر،
ئەرتە – ئاقشام باراي دەسەم قورققۇم كەلەدۇر.

يېشىمى: تال چىۋىقتەك بويلىرىڭغا زوقۇم كېلىدۇ؛ ئەتە – ئاخشام باراي دېسەم، قورققۇم كېلىدۇ.

يۈرەكىمنىڭ ياراسى كۆپ دەرمانىم يوقتۇر،
شول يارىمنى كۆرۈپ ئالسام، ئەرمانىم يوقتۇر.

يېشىمى: يۈرىكىمنىڭ يارىسى كۆپ، ئەمما دورام يوق. شۇ يارىمنى كۆرۈۋالسام ئارمانىم يوق.

كىچىك سەلىقە

بەھار ئولدىيۇ ئاچىلدى يۈزۈڭدىن پەردە گۇلزارىڭ،
يەتىشدى غۇنچەنىڭ دەۋرى، زەمانى قالمادى خارىڭ.

يېشىمى: باھار كەلدى – يۇ، يۈزۈڭ گۈلزارىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى؛ ئەمدى تىكەننىڭ ۋاقتى ئۆتتى، غۇنچىنىڭ دەۋرى يېتىپ كەلدى.

گۈلىستان تۇرى قۇدىس ئولدى، بەھارنىڭ نۇرى نارىندىن،
كەل، ئەي مۇسا، كۆر ئاسارىن شۇكرەدە نۇر ئىلە نارىڭ.

يېشىمى: باھارنىڭ ئوتلۇق ئاپتىپى شاراپىتىدىن گۈلىستان مۇقەددەس تۇر تېغىغا ئايلاندى. ئەي مۇسا، كەل، ئوت بىلەن نۇرنىڭ ئىز – ئەسەرلىرىنى تەشەككۇر بىلەن كۆرۈۋال.

فەرەھدىن غۇنچەنىڭ گۇلگۇن ياناغى كۈلدى، ئاچىلدى،
كى مەنزۇرى يەنە گۇلدۇر چەمەندە بۇلبۇلى زارىڭ.

يېشىمى: خۇشاللىقتىن غۇنچىنىڭ رەڭدار ياڭىقى كۈلۈپ ئېچىلدىكى، چىمەنلىكتە بىچارە بۇلبۇلغا ياقىدىغىنى يەنىلا گۈلدۇر.

چەچەكلەر مۇختەلىف ئەلۋان، نە مەئنادۇر ئانى بىلىكىم،
بۇياقچى بەرمەمىش چۈنكىم بۇ ئەنۋارىڭ، بۇ ئەزھارىڭ.

يېشىمى: چېچەكلەرنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەردە ئېچىلىشىنىڭ نېمە مەنە ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى بۇ نۇرلار ۋە بۇ گۈللەر بوياقچىنىڭ رەڭ بېرىشى بىلەن شۇنداق رەڭدار بولغان ئەمەس.

ئەبىيرىندىن چەمەن، كۆركىم، نە دەپ ئىفاقە كەلتۈرمىش،
كىم ئولمىش بۇيى ئەترىندىن مەشامى تازە ئەتتارىڭ.

يېشىمى: قارىغىنا، چىمەنزالىقتىكى خۇشبۇيلۇق نېمىشقا ئىنساننى روھلاندۇرىدۇ؟ بۇ ئەتتارىڭنىڭ دىللارنى جانلاندۇرغۇچ ساپ ئەتىرى ھىدىدىن بولغان.

بۇ ئەنبەردۇر تۈتەن، يا رەب، شەقايىق مىجمەرىندىنكىم،
كى بۇيىندىن ئانىڭ قەدرى ساچىلمىش مۇشكى تاتارىڭ.

يېشىمى: يا پەرۋەردىگار، ئادراسمان ئىسرىقدىنىدا تۈتەۋاتقان قانداق ئەنبەركى، ئۇنىڭدىن ئەڭ خۇش بۇي ئىپارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چېچىلىۋاتىدۇ.

كەل، ئەي سىيمىن بەدەن ساقىي، ماڭا سۇن قامى سەھبايى،
كى كەلدى رەۋنەقى گۇلگۇن دەمەي گۇلرەنگى خەممارىڭ.
يېشىمى: كەل، ئەي كۈمۈش بەدەن ساقىي، ماڭ قىزىل مەيگە تولغان جامنى سۇنغىنكى، «قىزىلنىڭ خېرىدارى بارمۇ؟» دېمەيلا، روناق قىزىلگۈل پەسلى كېلىپ قالدى.

ئەگەرچە سۇنبۇلۇ نەرگىس بەيانى «كۇنتۇ كەنز» ئەيلەر،
قاچان «بەل ھەم ئەزەل» بىلسۇن ئىشاراتىن بۇ ئەسرارىڭ.
يېشىمى: گەرچە سۇنبۇل بىلەن نەرگىس «مەن خەزىنە ئىدىم» دېگەن ھەدىسنى بايان قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ «شۇنداقلا، ئەزەلدىن بېرى» دېگەن ئۇقۇمغا ئىشارەت قىلىدىغان بىر سىر ئىكەنلىكىنى كىم چۈشەنگەن؟

بۇ گۈن گەر ئالىمۇل غەيبىنىڭ ۋۇجۇدىن كۆرمەك ئىستەرسەن،
رەياھىن ئۇش بەيان ئەيلەر زۇھۇرىن چەرخى سەييارىڭ.
يېشىمى: ئەگەر بۈگۈن غايىباتلار ئالىمىنىڭ ۋۇجۇدىنى كۆرمەكچى بولساڭ، ئاشۇ گۈللەرمۇ كۆكتىكى سەييارەلرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ.

بۇ مۇسىقادىن ئەي سامئ، ساڭا گەر نەرسە كەشف ئولدى،
مەقامىڭ بەيان ئەيلە، ئۇسۇلىن كۆرسەت ئەدۋارىڭ.

يېشىمى: ئەي ئاڭلىغۇچى، ساڭا بۇ مۇزىكىدىن بىرەر نەرسە ھاسىل بولغان بولسا، مۇقامىڭنى بايان قىل، پەدە – نوتىلىرىڭنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسەت.

ئەگەر سەۋسەن كۈبى ئەبكەم ئەمەسسەن، نۇتقا كەل، سۆيلە
بۇ ھەرفۇ نوقتە تەركىبى نە يەردىندۇر بۇ گۇفتارىڭ.

يېشىمى: ئەگەر سەۋسەندەك تىلسىز بولمىساڭ، زۇۋانغا كېلىپ سۆزلەپ باق، قېنى: گەپ قەيەردىن چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەرپ – چېكىتلىرى نېمىلەردىن تەركىب تاپقان؟

تەئكىد

جەھان جەنناتى ئەدن ئولمىش، ئانىڭ سەھنىندە ھۇرىلەر
بەزەنمىش ھۇللەدىن بوستان، كۆزى ئاچىلمىش ئەشجارىڭ.

يېشىمى: جاھان گويا جەننەتلەر كەبى بولدى، ئەنە ئۇنىڭ سەھنىسىدە ھۆرلەر يۈرىدۇ، بوستانلار نەپىس كىيىملەر بىلەن بېزەندى، دەرەخلەر چېچەكلەپ، يوپۇرماق چىقاردى.

بۇ گۈن بازار ئەتەر گۇلشەن سەمەندىن، لالەيۇ گۇلدىن،
غەنىمەت گۆركى، بەش گۈندۇر تەماشاسى بۇ بازارىڭ.

يېشىمى: بۈگۈن گۈلشەنلەر لالە ۋە ياسىمەن گۈللىرى بىلەن بازاردەك ئاۋاتلاشتى، بۇ بازارنىڭ تاماشاسى پەقەت بەش كۈنلۈكتۈر، ئۇنى غەنىمەت بىل.

نەسىيمىينىڭ سۆزى گەرچە دەمى ئىيسادۇر، ئەي مۇنكىر،
ساڭا كار ئەيلەمەس نەچۈن كى، يوقدۇر ھەققە ئىقرارىڭ.
يېشىمى: ئەي ئىنكار قىلغۇچى، نەسىيمىينىڭ سۆزى گەرچە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ دەم – نەپىسىدەك ھاياتبەخش بولسىمۇ، ساڭا كار قىلمايدۇ، چۈنكى سەن ھەقنى تونۇمايسەن – دە.

داستان

بىرىنچى داستان


دادۇ فەرياد شۇم فەلەكنىڭ دەستىدىن،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.
ئىلاجىم يوق قاراقچىلار قەسدىدىن،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.

يېشىمى: شۇم پەلەكنىڭ زۇلمى دەستىدىن داد – پەرياد! يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن؛ قاراقچىلارنىڭ قەستىگە ئامال قىلالمىدىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

مەن نەيلەيىن نازۇك قولۇم باغلاندى،
ھەجر ئوتىدا يۈرەك – باغرىم داغلاندى.
قاراقچىلار ئۆلتۈرگەلى چاغلاندى،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.
يېشىمى: مەن قانداق قىلارمەن، نازۇك قولۇم باغلاندى، ھىجران ئوتىدا يۈرەك – باغرىم داغلاندى، قاراقچىلار مېنى ئۆلتۈرگىلى تەييارلىنىۋاتىدۇ، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

بۇ جانىمغا قەسد قىلدى قاراقچى ئافەت،
مەنىڭ مۇندىن قۇتۇلماغىم يوقتۇر سەلامەت.
گويا بۇ گۈن بولدى ماڭا روزى قىيامەت،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلەي ئوخشايمن.

يېشىمى: بۇ جېنىمغا قاراقچى ئاپەت قەست قىلدى، بۇنىڭدىن سالامەت قۇتۇلالمىغىدەكمەن، بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بولدى، يارنىڭ جامالىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

مەن يارىمدىن جۇدا بولدۇم نەيلەيىن،
ئىشق يولىندا ئەدا بولدۇم نەيلەيىن.
ئاچىلماغان گۇلدەك سولدۇم نەيلەيىن،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.
يېشىمى: قانداق قىلارمەن، مەن يارىمدىن جۇدا بولدۇم، ئىشق – مۇھەببەت يولىدا تۈگەشتىم، ئېچىلماي تۇرۇپلا سولغان گۈلدەك بولدۇم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

ئاشىق بولۇپ مۇرادىمغا يەتمەدىم،
بۇلبۇل بولۇپ گۇلىستانىڭ كەزمەدىم.
باغبان بولۇپ ئالما – ئانارىڭ ئۈزمەدىم،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.

يېشىمى: ئاشىق بولۇپ مۇرادىمغا يېتەلمىدىم، بۇلبۇل بولۇپ گۈلىستانىڭنى كېزىپ باقمىدىم، باغۋەن بولۇپ ئالما – ئانىرىڭنى ئۈزمىدىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

ياقامنى چاك ئەتىپ ئەيلەسەم فەرياد،
بۇزۇلسۇن، يىقىلسۇن بۇ چەرخى ناشاد.
قاراقچىلار قولىدا بولغايمەن بەرباد،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.

يېشىمى: ياقامنى يىرتىپ تۇرۇپ پەرياد ئەيلىسەم، بۇ خاپىغان پەلەك كۆمتۈرۈلۈپ چۈشسۇن، ۋەيران بولسۇن؛ قاراقچىلارنىڭ قولىدا بەربات بولۇپ كەتتىم، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

غەرىبجاننىڭ پىرى جۇنەيد باغدادىي،
ئانىڭ ئۈچۈن ساڭا قىلدىم فەريادى.
قاراقچىلار ئىلكىدە قىلغىل ئازادىي،
يار جەمالىن كۆرمەي ئۆلۈر ئوخشايمەن.
يېشىمى: ئى، جۇنەيد باغدادىي، سەن مەن غەرىبقاننىڭ پىرى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا نالە – پەرياد قىلۋاتىمەن، مېنى قاراقچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغىن. بولمىسا، يارنىڭ جامالىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.

ئىككىنچى داستان

بۇلبۇلى بىيچارەسەن، گۇل ئىشقىدا فەرياد قىل،
ئاشىقى سەرگەشتە بولساڭ، ئۇيقۇنى بىيدار قىل،
تىنمايىن شامۇ سەھەرلەر يارنى سەن ياد قىل.
بۇ بۇزۇلغان دىل ئۆيىنى سەن كەلىپ ئاباد قىل،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل.

يېشىمى: بىچارە بۇلبۇلسەن، گۈل ئىشقىدا نەلە – پەرياد قىل؛ سەرگەردان ئاشىق بولساڭ، ئۇيقۇنى تاشلا، كېچە – كۈندۈز يارنى ياد قىل؛ بۇ بۇزۇلغان كۆڭۈل ئۆيىنى سەن كېلىپ ئاۋات قىل؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

ھەركىشى مۇنداغ بەلالار بىرلە بولسا بىشۇمار،
قالماغايلار تەندە دەرمان، زەررە ياڭلىغ ئىختىيار،
تىترەشۈر روھى سىمابدەك تەندە جانى بىقەرار،
يار ئۇ يەردە زار يىغلار، مەن بۇ يەردە ئىنتىزار،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازا قىل.

يېشىمى: ھەرقانداق ئادەم مۇشۇنداق سان – ساناقسىز دەرد – بالاغا قالسا، تېنىدا جان، ئۆزىدە ئازراقمۇ ئىختيارلىق قالمايدۇ، جېنى ئىزتىراپلىقتا تىترەيدۇ؛ يارىم ئۇيەردە زار – زار يىغلايدۇ، مەن بۇ يەردە ئىنتىزار بولىۋاتىمەن؛ جېىنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

قويمادى ئۆز ھالىمە، گەردۇنى بىگەردانمەن،
ھەجر دەشتىدە قۇيۇندەك زارۇ سەرگەردانمەن،
جانىم ئالدى بۇ تەنىمدىن قىلدى بىدەرمانمەن،
ئاشىقى شەيدا بولۇبان بىسەرۇ سامانمەن،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل.
يېشىمى: چۆگىلەپ تۇرىدىغان پەلەك مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قويمىدى، جۇدالىق چۆلىدە قۇيۇن تازدەك سەرگەردان بولۇپ يۈرىمەن؛ ھىجرانلىق گويا جېنىمنى ئالدى، پۇت – قولدا جان قالمىدى؛ مەپتۇن ئاشىق بولۇپ، ئېغىر ئازابقا قالدىم؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

تىغى بىدادى فەلەك يەرگە ئاقۇزدى قانىمى،
بىلەمدىم ھىجران غەمىدە سۇد بىلە نۇقسانىمى،
يىغلاشۇر كۆكتە مەلەكلەر ئىشىتىپ ئەفغانمى،
جانىم چىقماستىن بۇرۇن بارىب كۆرەي سول يارىمى،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل.

يېشىمى: پەلەكنىڭ رەھىمسىز تىغى قېنىمنى يەرگە ئاققۇزدى؛ جۇدالىق غېمىدە توغرا – خاتالىقىمنى بىلمەيلا قالدىم؛ ئاسماندىكى پەرىشتىلەر نالە – پىغانىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كېتىۋاتىدۇ؛ جېنىم چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن، شۇ يارىمنى بىر كۆرىۋالاي؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

ئەۋۋەلا مەكتەپ ئۆيىگە كىرمەس ئەردىم كاشكى،
مىھرنى ۋىيران كۆڭۈلگە بەرمەس ئەردىم كاشكى،
شەرت ئەتىپ ئول بۇ سەلەرنى ئالماس ئەردىم كاشكى،
ئىشق ئوتىغا مەن ئۆزۈمنى سالماس ئەردىم كاشكى،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل.

يېشىمى: بىلگەن بولسام كاشكى، باشتىلا مەكتەپكە كىرمىسەم بوپتىكەن، بۇ ھالدا، دىل مېھرىمنى ۋەيران كۆڭۈلگە بەرمەستىم؛ ئۇ سۆيۈكلەرنى شەرت بىلەن قوبۇل قىلماستىم؛ مۇھەببەت ئوتىغا ئۆزەمنى سالماستىم؛ جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

بىر مۇئەللىمسەن زەمانە شۇھرەتىدىن باكەرەم،
دەرگاھىڭغا باش قويۇپ، يارىم ۋىسالىن ئىستەرەم،
مەي ئورنىدا ماڭا مىڭ ئاغۇ ئىچۈردى دەردۇ غەم،
تەلمۈرۈپ دائىم گەدادەك يارنى ئىستەر شاھ سەنەم،
جانىم موللام، بىر زەمان گۇل يارنى ئازاد قىل.

يېشىمى: زامانىمىزدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بىر مۇئەللىمسەنكى، بوسۇغاڭغا باش قويۇپ، يارىمنىڭ ۋىسالىنى تىلەيمەن؛ دەرد ۋە غەملەر ماڭا مەي ئورنىدا زەھەر ئىچۈردى؛ مەن شاھسەنەم ھەمىشە تىلەمچىدەك تەلمۈرۈپ يارنى ئىزدەيمەنكى، جېنىم موللام، گۈزەل يارنى بىر مەھەل ئازاد قىلغىن.

ئۈچىنچى داستان

دۇئا يەتكۈر، سەبا يارىمغا سەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە،
سەھەر سەير ئەيلەسەڭ سۇيى چەمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.

يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، ئەتىگەندە چىمەن تەرەپكە سەيلە قىلىشقا بارساڭ، يارىمغا تىلىكىمنى يەتكۈزگىن، ئەلۋەتتە.

شەھىدى گەر بەرىنى ئىشقدۇرمەن داغ ئىلكىدىن،
چۇ لالە يافراغىدىن قىل كەفەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.
يېشىمى: ئىشق جاراھەتلىرى تۈپەيلىدىن ئالىي شېھىت مەرتىۋىسىگە يەتتىم، شۇڭا مېنىڭ كېپىنىمنى لالە ياپرىقىدىن قىلغىن، ئەلۋەتتە.

كۆزۈم ياشى گاھى گۇلگۇنۇ گاھى قىرمىزى ئەيلەر،
تەماشا ئەيلەسۇن ئول سىيمتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.

يېشىمى: كۆز ياشلىرىم بەزىدە گۈلرەڭ، بەزىدە قىپقىزىل بولۇپ ئاقىدۇ، ئۇ كۈمۈش تەنلىك گۇزىلىم ئەلۋەتتە كېلىپ بىر تاماشا قىلىپ باقسۇن.

خەتە سەھراسىدىن سۇنبۇلنى ھەرگىز بىزگە كەلتۈرمەڭ،
يىبەرگىل ئاھۇيى مۇشكى خوتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.
يېشىمى: ماڭا ھەرگىز خەتا (تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگراداش بىر رايونى) سەھراسىدىكى سۇنبۇلنى ئەمەس، بەلكى خوتەن كېيىكىنىڭ ئىپارىنى ئەۋەتكىن، ئەلۋەتتە.

پەرىشاندۇر كۆڭۈل تا كاكۇلۇڭ تارىدىن ئايرىلدى،
دەماغ ئاشۇفتە بولغاي بىۋەتەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.
يېشىمى: چېچىڭنىڭ تېلىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بېرى، كۆڭلۈم پەرىشان، دېمىسىمۇ، ۋەتەنسىزلىك دېگەن ئادەمنى ئېسەنكىرىتىپ ئالىجوقا قىلىۋېتىدۇ.

بەھارى ئارەزىڭ تاپتى تەراۋەت ئەمدى خەت چىقسۇن،
بە رەنگى ئەرغەۋانۇ ياسەمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.
يېشىمى: ھۆسنۈڭنىڭ نەۋ باھارى كەلدى، ئەمدى ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەرغىۋان ۋە ياسۇمەن گۈللىرى رەڭگىدىكى مىيىق (ئەمدىلا خەت تارتقان مويلاۋ) چىقسۇن.

جۇنۇن تۇغيانىدىن دىۋانەمەن زەنجىر كەلتۈرگەي،
مۇرۇۋۋەتدىن چۇ زۇلفى پۇرشىكەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.

يېشىمى: سەۋدايىلىقى ھەددىدىن ئاشقان مەجنۇنمەن، مەرتلىك قىلىپ، تولغام – تولغام چاچلىرى بىلەن مېنى زەنجىرلەپ قويسۇن، ئەلۋەتتە.

قارا بەختىم بىلەن كەچە چەندان گۇفتىگۇ قىلدىم،
يارۇتۇڭلار چىراغى ئەنجۇمەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.

يېشىمى: قارا بەختىم بىلەن بۇ كېچە ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىۋالدىم، ئەمدى ئولتۇرۇشنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويۇڭلار، ئەلۋەتتە.

زەلىلىيىگە شەفائەت ئەيلەگەي دەپ كۆپ ئۇمىدىم بار،
كۇلاھۇ خىرقەئى ۋەيسى قىرەن، ئەلبەتتە – ئەلبەتتە.

يېشىمى: ئەلۋەتتە، مەن زەلىلىيگە ۋەيسى قىرەن (خەلىفە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر زامانىلىرىدا ياشىغان بۈيۈك زات)نىڭ كۇلا – جەندىسى شاپائەت قىلار، دېگەن ئۈمىدىم بار.

تۆتىنچى داستان

ئاقچى ئانا، غەمسىز باشىم،
غەمخانە بولدى نەيلەيىن.
بىر سۆز بىرلە ئاشنا يارىم،
بىيگانە بولدى نەيلەيىن.
يېشىمى: ئاقچى ئانا، غەمسىز بېشىم غەم ئۆيى بولۇپ قالدى، قانداق قىلارمەن؛ ئاشنا يارىم بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا بىگانە بولۇپ كەتتى، قانداق قىلارمەن؟

مەن كەلدىم يارنى سوراقلاپ،
يار قاچتى مەندىن يىراقلاپ.
يۈرەكىمنى ئوتقا داغلاپ،
پىنھانە بولدى نەيلەيىن.

يېشىمى: مەن يارنى يوقلاپ كەلسەم، ئۇ مەندىن قېچىۋالدى؛ يۈرىكىمنى ئىشق ئوتىدا داغلاپ، يوشۇرۇنىۋالدى، قانداق قىلاي؟

تاتلىغدۇر ئاغزىنىڭ بالى،
تەگدى يىراقلىق شامالى.
يارنىڭ باردۇر بىر خەيالى،
گۇمانە بولدى نەيلەيىن.

يېشىمى: ئەڭ تاتلىقى ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ ھەسىلى ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا يىراقلىق شامىلى تەگدى؛ كۆڭلۈمگە «يارنىڭ باشقا بىرەر خىيالى بارمۇ نېمە» دېگەن گۇمان چۈشتى، قانداق قىلارمەن؟

يار ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
ئەزەلدە شۇنداق يازىلدى.
ئەمدى ئۇمىدىم ئۈزۈلدى،
پەيمانە تولدى نەيلەيىن.

يېشىمى: يار ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلدى، كىم بىلىر، پىشانەمگە ئەزەلدە شۇنداق يېزىلغان بولغىيدى؛ ئەمدى ئۈمىدىم ئۈزۈلدى، سەۋرى – تاقەت قاچام تولدى، قانداق قىلاي؟

سەنەم يىغلار ئۇشبۇ سائەت،
كۆڭلۈمدە قالمادى تاقەت.
مىھنەتدە سالغان ئىمارەت،
ۋىيرانە بولدى نەيلەيىن.
يېشىمى: سەنەم :«شۇ تاپتا كۆڭلۈمدە تاقەت قالمىدى، جاپا – مۇشەققەتتە سالغان مۇھەببەت ئىمارىتى ۋەيران بولدى، قانداق قىلارمەن» دەپ يىغلايدۇ.

شاھ سەنەم قىز يارنى ئىزدەر،
ھەمكىم ئۆزى يارغا كۆيەر.
يارنىڭ كۆڭلى باشقانى دەر،
سەرسانە بولدى نەيلەيىن.
يېشىمى: شاھ سەنەم قىز يارنى ئىزدەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز يارىغا كۆيىدۇ. يارنىڭ كۆڭلى باشقىنى دېگەچ، سەرسان بولدى، قانداق قىلاي؟

مەشرەب

بىرىنچى مەشرەب


كۆرمەسەم بىردەم جەمالىڭنى جەھاننى نەيلەيىن،
بولماسا يادىڭ كۆڭۈلدە جىسمۇ جاننى نەيلەيىن.
يېشىمى: جامالىڭنى بىردەم كۆرمىسەم، جاھاننى نېمە قىلاي؛ كۆڭلۈمدە خىيالىڭ بولمىسا، تەن بىلەن جاننى نېمە قىلاي؟

تا ئاچىپ زۇلفۇڭنى سۇنبۇلدەك پەرىشان ئەيلەدىڭ،
بىقەرار دىۋانەئىيدۇرمەن، مەكاننى نەيلەيىن.

يېشىمى: سۇنبۇلدەك چېچىڭنى شۇنداق يېيىۋېدىڭ، مەن بىر تاقەتسىز مەجنۇنغا ئايلىنىپ قالدىم، ئەمدى ماكاننى نېمە قىلاي؟

لەئلى سىيرابىڭنى ئەيلەپ ئارزۇ، گەر چىقسا جان،
خىزر سۇيىدىن ھەياتى جاۋىداننى نەيلەيىن.

يېشىمى: ئەگەر تاتلىق لېۋىڭنىڭ ئارزۇسىدا جېنىم چىقىپ كەتسە، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرگۈۈچى خىزىر سۈيىنىڭ نېمە ئەھميىتى قالىدۇ؟

گۇشەئى ۋىيرانەنى تۇتتۇم ۋىسالىڭ يادىدا،
ئەمدىكىم جەننەتتە باغۇ بوستاننى نەيلەيىن.
يېشىمى: ۋىسالىڭ ئارزۇسىدا، ۋەيرانىلىقنىڭ بىر بۇرجىكىنى ماكان قىلدىم، ئەمدى جەننەتنىڭ باغۇ بوستانىنى نېمە قىلاي؟

كىرفىكىم بىرلە سۈپۈرەي كۆز ياشىمدىن سۇ سەپىپ،
چىقساڭ، ئەي، گۇلباغ تەماشاغا گاۋجاننى نەيلەيىن.

يېشىمى: ئەي گۈزەل، ئەگەر تاماشا قىلغىلى چىقساڭ، بۇ ئەرزىمەس جېنىمنى سەندىن ئاياپ نېمە قىلىمەن؟ كۆز يېشىمنى سۇ قىلىپ سېپىپ، كىرپىكىم بىلەن يولۇڭنى سۈپۈرەي.

تولدى قان بىرلە كۆڭۈل جامى خۇمارىم رەنجىدىن،
ساقىيا، مەي بەرمەسەڭ، يۇتماي بۇ قاننى نەيلەيىن.

يېشىمى: خۇمارىم زەخمىتىدىن كۆڭۈل جامى قانغا تولدى، ئەي ساقىي ئەگەر مەي بەرمىسەڭ، ئەمدى شۇ قاننى يۇتماي قانداق قىلىمەن؟

دەرگاھىڭدىن سۈرمە مەھزۇننى يىراق، رەھىم ئەيلەبان،
ئاندا بىرئىتدۇرمەن، ئۆزگە ئاستاننى نەيلەيىن.
يېشىمى: رەھىم قىلىپ، مەھزۇننى دەرگاھىڭدىن يىراققا قوغلىما، مەن ئۇ يەردە بىر ئىتمەنكى، باشقا بوسۇغىنى خاھلىمايمەن.

يارمەنى يامان دەيدۇر، بىلەيمەن يامانلىقنى،
كەچ ياتىپ سەھەر قوپۇپ تىلەيمەن ئەمانلىقنى.

يېشىمى: يار مېنى «يامان» دەيدۇ، ئەمما مەن يامانلىق قىلىشنى بىلمەيمەن؛ كەچ يېتىپ سەھەر قوپۇپ، تىنچ – ئامانلىقنى تىلەيمەن.

ئاتام مەنى، ئانام مەنى جەفا ئەمگەك بىلەن باققان،
ئەزىز باشىمنى ياد ئەيلەپ مەزارلارغا چىراغ ياققان.

يېشىمى: ئاتا – ئانام مېنى جاپا – مۇشەققەتتە باققان، ئەزىز بېشىمنىڭ ئامانلىقىغا ئاتاپ، مازارلارغا چىراغ ياققان.

ئىككىنچى مەشرەپ

بىرىنچى ئاھاڭ


فەسلى نەۋباھارىدا گۇل كەبى ئاچىلغان قىز،
مىسلى كاكۇلى سۇنبۇل ھەر تەرەف ساچىلغان قىز.

يېشىمى: باھار پەسلىدە گۈلدەك ئېچىلغان، سۇنبۇلدەك چاچلىرى ھەر تەرەپكە چېچلىپ تۇرغان قىز.

بادە ئىچتىم زەۋقىدە مەيدە ئەكسىنى كۆردۈم،
ھۆسىن باغىدا تەنھا ئولتۇرۇر خىرمان قىز.
يېشىمى: ئۇنىڭ زوقىدا مەي ئىچتىم، مەيدە شولىسىنى كۆردۈم، ئۇ قىز ھۆسىن بېغىدا يالغۇز ۋە بىخىرامان ئولتۇرىدۇ.

شۇم رەقىبلەر جىھەتىدىن بولمادى يۈزىن كۆرمەك،
بۇلۇت ئىچرە ئاي مۇزمەر، زۇلفى ئىچرە پىنھان قىز.
يېشىمى: شۇم رەقىبلەرنىڭ توسقۇنلىقىدىن يۈزىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى، ئاي بۇلۇت ئىچىگە يوشۇرۇنغاندەك، ئۇ قىزمۇ چاچلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنۇپتۇ.

كۆز ئۇچى بىلە باقتى، تەگدى تىيرى مىژگانى،
سىينەم ئۈزرە پەيكانى رەخنە قىلدى ۋىيران قىز.

يېشىمى: ئۇ قىز كۆز ئۇچى بىلەن بېقىۋىدى، كىرپىك ئوقى يۈرىكىمگە تېگىپ، تېشىپ ئۆتتى – دە، ۋەيران قىلدى.

مەن دەدىم: ئايا دىلبەر، لەيلەرىڭ گۇلى ئەھمەر،
سەدەقەئى جەمالىڭدىن غۇنچە ئەيلە ئىھسان قىز.
يېشىمى: مەم ئۇ قىزغا: «ئەي دىلبەر، لېۋىڭ قىزىلگۈلگە ئوخشايدىكەن، جامالىڭنى سەدىقىسى ئۈچۈن، بىر تال غۇنچە مەرھەمەت قىلساڭ» دېدىم.

جىفچەئى نىھالىدا ئىكى مىيۋەنى كۆردۈم،
ياكى سانگۇلاچ ياكى ئىكى رۇممان قىز.
يېشىمى: ئۇ قىزنىڭ يۇمران نوتىدەك گەۋدىسىدە، ئىككى مېۋىنى كۆردۈم، ئۇلار ياكى ساڭگىلاپ تۇرغان ئالما، ياكى ئىككى دانە ئانار.

نافەئى بەدەندۇر خۇب، قىز ئەرۈر بەسى مەرغۇب،
بولسا قىز بىلە ۋاسىل، دەردىغەكى دەرمان قىز.

يېشىمى: ئۇ ۋۇجۇدىدىن ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن يېقىملىق قىز؛ دەردكە دەرمان بولىدىغان شۇنداق قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش نېسىپ بولسا.

رەھىم ئەيلە، ئەي مەھۋەش، تۈشتى جانىمە ئاتەش،
نەۋبەتىي نىھالىڭغا بولدى ئەشقەئى بىجان قىز.
يېشىمى: ئەي ئاي يۈزلۈك قىز، جېنىمغا ئىشق ئوتى چۈشۈپ، يۇمران كۆچەت تېنىڭگە ھەشقپىچەكتەك چىرمىشىپ قالدىم، نەۋبەتىيگە رەھىم قىلغىن.

ئىككىنچى ئاھاڭ

سۇغا سالسا سۇ كۆتەرمەس مىسقال تەمۈرنى،
ئالتۇن بەرىپ ئالىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.
يېشىمى: مىسقالچىلىك تۆمۈرنى سۇغا سالسا، سۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، تۆمۈر چۆكۈپ كېتىدۇ؛ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىرسىدىن كۆڭلى قالسا، ئالتۇن بېرىپمۇ، ئۇنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

مەن ئاتىمنى باغدا دەسەم، تۇرۇپتۇر سايدا،
بىر ئاتادىن يەتى ئەدۇق، بىرسىمىز قايدا.

يېشىمى: مەن ئېتىمنى «باغدا» دەپ ئويلىسام، سايدا تۇرۇپتۇ؛ بىز بىر ئاتىدىن ئەسلىدە يەتتە بالا ئىدۇق، ئالتىمىز تۇرىمىز، يەنە بىرسىمىز نەدە؟

ئارفا – بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇر،
ئۇرۇق تۇغقان قارىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇر.
يېشىمى: ئارپا – بۇغداي سامىنىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئۇرۇق – تۇغقان قېرىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇ.

10– مۇقام نەۋا مۇقامىنىڭ تېكىستلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 110 مىسرا، تۆرت داستان 94 مىسرا، ئىككى مەشرەب 40 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 244 مىسرا شېئىردىن تەشكىل تاپقان.
يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. ئۆز قولۇم بىلەن بىر بىرلەپ ئۇرۇپ چىقان!!!

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-02 21:07 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 

第十套木卡姆:纳瓦

大乃额曼部分

序曲

麦吉侬不曾像我在苦难的荒野中熬煎
世上没见过我这样的飘零人浪回风旋

我的哀怨凄愁如苦难的荒野无边无际
世人对我痴情和癫狂的讥讽像海一般

在那漫漫默认中,我疾病缠身悲戚痛苦
忧郁哑言虚脱无力,哀汉泣号血涌双眼

我日趋赢弱清瘦,终日里唯有饮苦啜悲
天下没有人像我哀恸,伤我的是离别之剑

我的悲哀让天也泣,我的血泪染红大地
谁来慰藉我的离别之苦,那苦火正炽燃

忧郁之石击碎我头,离别之箭射伤我身
我的心哟,对这粉身碎骨又无良策施展

我常躬身泪流,心中充满着哀悼的忧伤
对我这心中隐苦,谁是命运与共的同伴

我那穷困潦倒,彻夜到王码电脑哀泣的烟云
把我这忧郁悲苦的草棚陋屋遮黑一片

啊,纳尔依,痛芏越多,你越要将美酒畅饮
独斟孤饮的琼浆能化解你所有的苦难

(纳尔依)

太孜

看见穷人,狗会围上狂吠
看见痛苦,情人乐得陶醉

看见花儿上荡漾着晨风
百灵鸟在黎明悲啼萦回

看见烛光中闪现诱惑
飞蛾扑身而上焚燃成灰

看见与自己幽会的美人
纳瓦依那一刻百事乃遂

(纳尔依)

啊呀呀,爱情的途中我碰上冤家一个
愿那有情有义的人莫把这祸灾招惹

那些目睹我在狂爱中痛苦挣扎的人
都说我遇见了貌若天仙的美姑秀娥

不论是碰上陌生人或者是亲朋好友
负义薄情只会使你和他们疏远相隔

那些被离愁别恨击伤的人无药可救
哎,酾客,唯有斟酒把盏才能治这沉疴

啊,纳瓦依,我要摆脱这失信的岁负心人
我发誓今生今世再不把“别人”去招惹

(纳尔依)

太孜尾声

哎呀呀,情人,为你痛苦是多么揪心

(太尔米兰)

怒斯赫

我那美人儿杀人的眉弓不同别样
它是神奇药膏贴敷我心中的创伤

纵然面对千难万险,我也无怨无悔
情侣们不知为她受苦是多么心畅

我命乘时蹇,像生活在漫漫黑夜中
她那黑眼睛对我顾盼让人魂丧

斑鸠和百灵鸟在花丛中婉转歌喉
我美人儿的百灵鸟唱得格外情长

她把你苦折磨又向你把恩爱显现
她的折磨和恩爱一样都让你激昂

治愈病人的药物和疗法因人而异
治疗精痴痛苦的营养更不同凡响

(古木纳姆)

 

怒斯赫尾声

我的目光须臾离不开美人的足印
那足印是我明目的宝药令人神往

(古木纳姆)


朱拉

离开我自己的家园,会有人来看望我么
我孤独地浪迹他乡,会有人来看望我么

我畅饮了爱的露汁,全身像沸腾的锅汤
我舍弃了红尘凡间,会有人来看望我么

痴情降在我头顶上,那就是喧闹的癫狂
她已让我意乱神迷,会有人来看望我么

人们不知可怜的麦西热甫在哀泣呻吟
如果孓然离开这儿,会有人来看望我么

(麦西热甫)

赛乃姆

无际的海洋,那是我的热泪
双双若海鸥盘旋在海洋

你那一双迷人的眼睛
像无边出现的彩虹一样

你慢慢地走向了很远很远的地方
搜寻着你的姿影,我那痴情的目光

你完全带去了我的心神魂魄
我心中涌出来无限的惆怅

在那漫长的爱恋路上
想你的心忍受着极大悲伤

从天上降下来阵阵红雨
那是我双眼中流出的血浆

我出门去远方流浪
落进了爱的枯井把我摔伤

还是你领着我走下去吧
不论进地狱还是到天堂

你百般的耍着少女的娇气
找了不少藉口,耍了很多花样

又不停地变动着你落脚的住房
我只好一个人孤独的留在家彷徨

(维吾尔民歌)


大赛勒克

哎,情人,我要到你的村子里来玩
让我尽享你那心儿的缝绻缠绵

我要和你欢笑,漫游在花丛之间
要和你永世相守,哪怕天崩地陷

为了你,我出生入死心甘情愿
为了你,我泪流不止把肝肠愁断

为了你哟为了你,我为你才叹息万端
过去无觅处,而今总算实现了心愿

(维吾尔民歌)


小赛勒克

你花似的艳容点燃了我的情火
将我的躯体像烤肉一样的烧烙

我刚从情的深涧中爬出又掉进爱的海洋
这爱情的羁绊叫我如何摆脱

你射出的情矢洞穿了我的心房
你美目传来的秋波存在我的心窝

想起你,我便像花枝的百灵倾唱衷情
听到你蜜般的话语我便醉酡

几年来我尝尽了离别的苦痛
想思的绳索把我的脖颈紧缚

我原是在晴空自由飞翔的小鸟
可如今我却掉进爱情的深壑

怎么办啊,我生命之树已被情人烧枯
世上还有谁像我这样在戈壁上流落

为了爱情我才落得这般可怜
爱情给我插上双翅,我要飞往天国

像伽兰的尤素甫的容光照亮了枯井
情人的艳容照亮了我昏暗的心窝

爱情的丝线紧拴着我的心灵
心中的鲜血已凝成花儿的骨朵

(阿·纳扎尔)


小赛勒克尾声

爱情的丝线紧拴着我的心灵
心中的鲜血已凝成花儿的骨朵

(阿·纳扎尔)


太喀特

倘若我和情人离开,就像灵魂离开了我的躯体
头脑昏昏沉沉,双手又不知去做什么

当我看到你的眼眉时,像看到了无边无际的革原
我心中的愁云即消散,心房广阔得像青青的蓝天

爱情的熬煎已不知去向,又是欢乐的人间
像打开窗子的心房,爽风早已将它吹得起舞翩翩

(胡西哈里·艾尔比)


达斯坦部分

第一达斯坦

美人,奈何我双手已把枷锁戴
见不到情人的面,我将会死去
强盗们凶残狠毒欲将我杀害
见不到情人的面,我将会死去

这强盗密谋将我的生命摧残
我无可解救,看来再不得平安
难道那末日已经来到我面前
见不到情人的面,我将会死去

当我撕扯衣领放声悲恸哀号
那些彪形儿郎乐得手舞足蹈
快把这世界毁灭,它没有欢笑
见不到情人的面,我将会死去

巴格达的朱乃迪力是我师祖
除了你,艾里甫向谁倾诉疾苦
那有情人何时才会终成眷属
见不到情人的面,我将会死去

《艾里甫与赛乃姆》


第二达斯坦

你是不幸的百灵,快为花的爱恋哭泣
若你沉湎那飘忽的爱情,快驱逐睡意
快日日夜夜放声悲恸哀泣,切莫中止
我为情人筑殿堂,你快铺平爱的路基
啊,毛拉,快让世上的有情人心旷神怡

倘若人人都伴着那无穷无尽的灾难
愿他们都心满意足,莫空留纹丝遗憾
我面孔颤抖变苍白,神魂颠倒无主见
情人在学校里哭泣,我在这儿苦渴盼
啊,毛拉,快让世上的有情人心旷神怡

没有伊人,这辉煌的御花园谁会需要
我守望你的宫殿,把相会的机会寻找
我把毒汁当做蜂蜜饮,不断痛苦哀号
我像乞求的穷人,把情人赛乃姆寻找
啊,毛拉,快让世上的有情人心旷神怡

《艾里甫与赛乃姆》


第三达斯坦

哎,乡亲们,为什么不见我的情人到来
我的生命在爱的火焰里熬煎,情人啊,你在哪里

你答应要来我这里,约定的时间已过,还不见你
夜幕已降临大地,情人啊,你在哪里

我时刻想见到你花似的容貌,我和你形影相随
我回忆着以往的欢乐,情人啊,你在哪里

我的心已碎,世上有没有缝好我心的良法
可怜的我,流着相思的热泪,情人啊,你在哪里

《艾里甫与赛乃姆》


第四达斯坦

啊,大姐,你瞧我已满脑忧愁,该怎么办
只因情人一句话,同她成路人,该怎么办

我找情人想要细问,伊却避我远远循去
我的心被火焦燎变得好孤独,该怎么办

风儿将我的倾诉吹落,到不了情人跟前
我不知情人怎么想,变得犹豫,该怎么办

我一刻也坐不住,心中的忍耐不复存在
汗水筑起的殿堂竟毁于一旦,该怎么办

《艾里甫与赛乃姆》


麦西热甫部分

1

我多么盼你的樱唇,像一个鲜红的火球
它是火球中的火球,情火的苦衷

不讲不明,一讲会更加腾空
保也难保,讲也讲不清楚

它使别人感到奇怪,只使我内心疼痛
它使情人不亲,非情人更加轻松

爱情的道路上,我是灯蛾又是无畏的英雄
哎,我的情人,我的情人,情人啊……

我用生命宣誓,艾尔西一心爱上了你
我要吻你的眼睛和樱唇,哎,我的爱情的火种

(艾尔西)

在这人世间,再难找像你这样知情的人
倘若在世上我身边没有你,谁来关心我呢
花园中怒放着百花,哪一朵能比上你的美呢

(诺比提)

2

我衷心的祝愿能得到情人的心
胡达,万万不能使她得不到爱她的人

(诺比提)

爱情要如愿,只要一颗灸热的心
祈祷吧,千恩能得一爱就行

(诺比提)

3

百花已经盛开了
丝绒铺在了地上
地上虫闹天上鸟叫
我们尽情地唱吧,跳吧

让年轻的小伙子们都来
树上摘来果实
山中猎来野牛、山鹿
我们尽情地唱吧,跳吧

让我们到森林里去
和野兽搏斗
打死那狐狸和野猪
我们尽情地唱吧,跳吧

冰化雪融了
夜空的月亮和星星都出来
真是天晴地丽
我们尽情地唱吧,跳吧

(穆合默德·喀什噶尔)

4

你那黛眉如柳叶,两梢入云鬃
鬃两梢似箭矢,射中我的心
啊呀,情人,哎呀呀,情人
哦,射中我的心

倘若你不信,可去问问天上星
星儿可证明我多么暗淡朦胧
啊呀,情人,哎呀呀,情人
哦,多么暗淡朦胧

你为一人,我为一人陷入烦恼
那双黑眼睛哟,让我心疼如绞
啊呀,情人,哎呀呀,情人
哦,让我心疼如绞

(维吾尔民歌)


  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-02 21:15 | 1 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

كۇندە  بىر مۇقام........
                                      رەھمەت نۇرانە ھەدە..ھارمىغايىسز
مۇقام يازغان ئاشۇ قۇلىرىىڭىز ھەرگىز تالمىسۇن......

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-02 21:38 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى づARMANづ نىڭ 2009-02-02 21:38 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
كۇندە  بىر مۇقام........
                                      رەھمەت نۇرانە ھەدە..ھارمىغايىسز
مۇقام يازغان ئاشۇ قۇلىرىىڭىز ھەرگىز تالمىسۇن......

رەھمەت ئۇكام!!سىزنىڭمۇ چاي قۇيغان گۈل تۇتقان قولىرىڭىزغا ئاللاھ ئىگەم دەرت بەرمىسۇن!! شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!! بەخت ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن ئۇماق ئۇكام!!

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-02 22:00 | 3 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

رەھمەت سىزگە نۇرانە ھەدە.....شۇنداق  خۇشال بۇلدۇم....

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-02 22:21 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئەلنەغمە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation