ئاساسىي تېما : 9. بايات مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)ئاۋاتلىقى:302ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 9. بايات مۇقامى (كۈندە بىر مۇقام)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-02-01)

9. بايات مۇقامى

چوڭ نەغمە

مۇقەددىمە

نەچۈك شاد ئولمايىن قىلساڭ نىشانە جانى فىگارىمنى،
سورار يۈز تىل بىلە پەيكانلارىڭ ھالىنىزارىمنى.

يېشىمى: ئەيگا جېنىمنى قارىغا ئالساڭ، نېمىشقا شادلانمايكى، كىرپىك ئوقلىرىڭ رەپرەپ ئەھۋالىمنى يۈز خىل تىل ۋە شەكلى بىلەن سوراپ تۇرىدۇ – غۇ.

ئۆيۈم تىيرە ئەمەس چۈن بىسمىلى تىغى نىگاھىڭمەن،
چەراغان قىلغۇسىدۇر ئاھۇلار كۆزى مەزراىمنى.
يېشىمى: مېنى كۆزۈڭنىڭ تىغى بىلەن قەتلى قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۆيۈم يورۇق. كېيىكلەرنىڭ كۆزى مازىمنى چىراغ بولۇپ يورۇتقاي.

ئاچىلۇر تۇفراغىمدىن تا قىيامەت لالەئى ھەسرەت،
خەزان ئولسا بەھارى ئۇمر كۆرمەي گۇلئۇزارىمنى.

يېشىمى: ئۆمۈر باھارىم گۈل يۈزلۈكۈمنى كۆرمەي خازان بولسا، قەبرەمدىن ئۈنگەن ھەسرەت لالىسى تاكى قىيامەتكىچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

زىبەس ئەشكى فۇرۇغ ئەفشان ساچىپ ھىجران تۈنى كۆرگەچ،
كى دەرلەر ئىكى مەشئەل ئىكى چەشمى ئىنتىزارىمنى.

يېشىمى: ھىجران تۈنىدە تارام – تارام ياش تۆكۈپ يىغلاۋاتقىنىمنى كۆرگەنلەر، يارغا ئىنتىزار بولغان ئىككى كۆزۈمنى «ئىككى مەشئەلمىكىن» دەپ قالىدۇ.

نەچۈك ئارام ئىستەرسىز مەنى ئاۋارەدىن، ئول شوخ،
قاچان قويدى مەنىڭ بىرلەكى ئارامۇ قەرارىمنى.
يېشىمى: ئۇ شوخ تىنچ – ئاراملىقىمنى قويمىغان تۇرسا، مەن سەرگەرداندىن يەنە قانداقمۇ ئاراملىق ئىستەيسىلەر؟

تىكىپدۇرلار ماڭا خەيمە ھەۋا ئۇزرە ھۇباب ئاسا،
كى مەن بىلەمەيدۇرمەن بۇ رەنگ ھەۋا بىرلە تۇرارىمنى.

يېشىمى: كۆك ئۈستىگە مەن ئۈچۈن كۆپۈكتەك لەيلىمە چېدىر تىكىپتۇ، بىراق مەن بۇ خىل ئاتموسفېرادا قانداق تۇرۇشۇمنى بىلمەيمەن.

ئىكى شەھلا كۆزۈڭ نەشئە بەرۈردە ئىكى مەيخانە،
نىگاھى ئىلە مەستانە، ئوشات جامى خۇمارىمنى.
يېشىمى: ئىككى شەھلا كۆزۈڭ ماڭا ئىككى مەيخانىنىڭ ھۇزۇرىنى بېرىدۇ، بىرلا قارىشىڭ بىلەن مەست قىلىپ، قەدەھكە بولغان خۇمارىمنى باسقىن.

ساۋۇر ئۆزنى بۇرۇنراق ئۈز ھەۋادا ئىختىيار ئەيلە،
ساۋۇرسا بىر گۈنى سەلكىن دەمى قويماي غۇبارىمنى.
يېشىمى: ئۆزۈڭنى بورۇنراق سورۇپ، ھاۋادا ئەركىن – ئازات ئۇچ؛ كۈنلەردىن بىر كۈنى سالقىن شامال توزانلىرىمنى قويماي سورىۋەتسە دەيمەن.

ھەياتى جاۋىدان تاپماس كىشى ئابىھەيات ئىچسە،
فەنا زۇلماتىدا كۆر خىزردەك مەشھۇرىي زارىمنى.

يېشىمى: بىچارە مەشھۇرىينى خىزىردەك پانىيلىق قاراڭغۇلۇقىدىن تاپقىن. چۈنكى ئابىھايات ئىچكەن بىلەنمۇ، ئىنسان مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

تەئەززە

بەيرام گۈنى مەجنۇن كۆڭۈل ھەم شاد ھەم گىريان ئەرۈر،
ھالىمغا ئەل گىريان ئەرۇر، ئاندىن ئول ئاي خەندان ئەرۈر.

يېشىمى: بايرام كۈنىدە، مەجنۇن كۆڭلۈم ھەم خۇشال ھەم قايغۇلۇق: ھالىمغا قاراپ، ئەل يىغلاۋاتىدۇ؛ ئۇ ئاي بولسا، خۇشال تۇرىدۇ.

مەن خەستە خەسدەك، تاڭ ئەمەس، بولسام يولىدا پايىمال،
ئول گۇل سەمەندىن سەكرەتىپ جەۋلان ئۈزە جەۋلان ئەرۈر.

يېشىمى: مەن خەستە ئۇنىڭ يولىدا خەستەك دەسسىلىپ قېلىۋاتسام، ئەجەپلىنىش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ گۈل ئېتىنى سەكرىتىپ، جەۋلان ئۈستىگە جەۋلان قىلىۋاتىدۇ.

باشىغا سانچىپ تىترەگۈچ، يۈز ناز ئىلە تارتىپ قىلىچ،
بۇ شەكل ئىلە كۆرگەن زەمان جانۇ كۆڭۈل لەرزان ئەرۈر.

يېشىمى: ئۇنىڭ بېشىغا ئوتۇغات قاداپ، يۈز خىل ناز بىلەن قىلىچ تارتقانلىقىنى كۆرگەن زامان، كۆڭلۈم بىلەن جېنىم لەرزىگە كېلىدۇ.

كىم رەشكىدىن قىلسام نە تاڭ، ئاھىمنى ئوق، قەددىمنى يا،
بىر يانىغا باغلاپ ساداق، بىر يانىدا قىربان ئەرۈر.

يېشىمى: رەشكتىن ئاھىمنى ئوق، قەددىمنى يا قىلسام ئەجەب ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر يېنىغا ساداق باغلاپ، يەنە بىر يېنىغا كامان ئېسىۋاپتۇ.

ئەنجۇم ئەمەستۇر ئول كەچە رەۋشەن كۆرۈنگەن، كىم فەلەك،
ئول شاھسەۋارىمغا قارا يۈز كۆز بىلەن ھەيران ئەرۈر.

يېشىمى: كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنكىنى يۇلتۇزلار ئەمەس، بەلكى چەۋەندازىمنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ ھەيران قالغان پەلەكنىڭ يۈزلىگەن كۆزىدۇر.

دەۋلەتكە مەغرۇر ئولماغىل، ئەي شاھ، گەداغا رەھىم قىل،
ئاتىڭ ئاياغى ئاستىدا جىسمىم ئۆيى ۋىيران ئەرۈر.

يېشىمى: ئەي شاھ، بايلىقىڭغا مەغۇرلانما، ئېتىڭنىڭ ئايىغى ئاستىدا ۋۇجۇدۇم ئۆيى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، مەن گادايغا رەھىم قىلغىن.

بىلگىل بۇ گۇننى مۇغتەنەم، سەندەك نەچە خەيلى ھەشەم،
بىر – بىرلەپ ئۆتتى دەمبەدەم، بۇ دەھر نە پايان ئەرۈر.

يېشىمى: سەندەك قانچىلىغان مەرتىۋىلىكلەر بىر – بىرلەپ ئالەمدىن كېتىشتى، بۇ دۇنيانىڭ پايانى يوق، شۇڭا بۈگۈننى غەنىمەت بىل.

ئەيكىم، خەيال ئەيلەپ شەفەق خۇرشىد تابىدىن دەمە،
گەردۇن يۈزىگە ساچراغان قۇربانلاردىن قان ئەرۈر.

يېشىمى: ئەي، شەپەقنى «قۇياشنىڭ نۇرىدىن پەيدا بولغان قىزىللىق – قۇ» دەپ ئويلاپ قالما، ئۇ قۇربانلارنىڭ پەلەك يۈزىگە چاچرىغان قېنىدۇر.

زەبھىنى ئىسمائىل كەبى قىلغىل قەبۇل رەھم ئەيلەبان،
جانىن فىدا ئەيلەپ ئۇ بۈگۈن مەزۇن ساڭا قۇربان ئەرۈر.
يېشىمى: مەھزۇن بۈگۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، خۇددى ئىسمائىلغا ئوخشاش ساڭا قۇربانلىق بولدى، رەھىم ئەيلەپ، ئۇنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلغىن.

ئەي، تىيرى بارانى غەمىڭ كۆڭلۈمنى پۇرخۇن ئەيلەمىش،
ياشىمنى بەھرەين ئەيلەگەچ رەنگىمى گۇلگۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: غېمىڭنىڭ ئوق يامغۇرى يۈركىمنى قانغا تولدۇردى، كۆزۈمدىن دەريا – دەريا ياش ئاققۇزۇپ، رەڭگىمنى گۈلگۈن قىلدى (يۈزۈمنى قانغا بويىۋەتتى).

بولمىش ئەزەلدە قىسمەتىم زەھرى فىراقىڭدىن نەسىب،
ئىچكەچ كۆڭۈلدە جۇش ئۇرۇپ دەردىڭنى ئەفزۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: ئەزەلدە ماڭا پىراقىڭنىڭ زەھىرى نېسىپ بولغان ئىكەن، ئۇنى ئىچكەچكە دەردىڭ يۈرىكىمدە تېخىمۇ قايناپ تاشتى.

كەلدى نەشاتىم دەردىدىن نەچۈن فەنا تۇفراغىغا،
غەم يامغۇرىنى ياغىزىپ جىسمىمنى مەمۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: «ئۇنىڭ دەردىدىن پانىيلىق تۇپرىقىغا يۈزلىنىش نېمىشقا ماڭا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغاندۇ» دېسەم، ئەسلىدە ئۇ غەم يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، جىسمىمنى مەمنۇن قىلغانىكەن – دە.

ھۇببۇل ۋەتەن دەپ كۆڭلەمە دەردۇ ئەلەم كەلسە نە تاڭ،
غەم لەشكەرى سەردارىغا سىينەمنى مەئمۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: ۋەتەن سۆيگۈسىدىن يۈرىكىمگە دەرد – ئەلەم كەلسە، ھېچ گەپ ئەمەس. چۈنكى غەم لەشكەرلىرىنىڭ سەردارىغا كۆكرىكىمنى پاناھگاھ قىلىپ ياراتقانىكەن.

ئىشقىڭ مەنى بىچارەنى ھەجرىڭدە سەرگەدان قىلىپ،
ۋەسلىڭ تەمانناسى بىلە جانىمنى مەرھۇن مەرھۇن ئەيلەمىش.
يېشىمى: ئىشىق – مۇھەببىتىڭ مەن بىچارىنى ھېجرانىڭدا سەرگەردان قىلىپ، ۋىسال ئارزۇسى بىلەن جېنىمنى گۆرۈگە قويۇشقا مەجبۇرلىدى.

بۇ دەردۇ مىھنەتنى بەسى كۆردۈم بەلائى ئىشق ئارا،
بىر – بىردىن ئارتۇق دەم بەدەم كۆڭلۈمنى مەزۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: ئىشق بالاسىنىڭ دەرد – ئەلىمىنى كۆپ تارتتىم، بۇ دەرد – ئەلەم بارغانسېرى كۈچىيىپ، كۆڭلۈمنى قايغۇغا تولدۇردى.

بۇ تەلبە كۆڭلۈمدۇر زەنەخدانىڭدا ھەبس ئولغان كەبى،
ئانداقكى ھەريان فەرتىدىن مىسىرىدا زۇننۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: ھەممە يەردە ھەددىدىن ئاشقان زۇنۇن مىسرغا قامالغاندەك، تەلۋە كۆڭلۈممۇ زىنىقىڭغا بەنت بولۇپ قالدى.

كۆڭلۈم قۇشى فەرياد ئەتۇر زۇلفۇڭنى كۆرگەچ ناگەھان،
بىر ئەژدەھايى گويىيا مۇرغىغا ئەفسۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: مەن چېچىڭنى تاسادىپ كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان، كۆڭلۈم قۇشى گويا بىر ئەجدىھا تەرىپىدىن دەم تارتىلىۋاتقان قۇشتەك پەرياد چېكىدۇ.

تەئەززە چۈشۈرگىسى

تاڭ يوق زۇھۇرىينى كۆزىنىڭ ئىشۋەسى مەست ئەيلەسە،
بۇ ئىشق سەھراسىدا يۈز مەندەكنى مەجنۇن ئەيلەمىش.

يېشىمى: كۆزىنىڭ ناز – كەرەشمىسى مەن زۇھۇرىينى مەست قىلسا ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىشق چۆلىدە، ئۇ مەندەكتىن يۈزنى مەجنۇن قىلىۋەتكەنىكەن.

نۇسخە

غۇنچەئى خەندان بىلە ھۇسنۇڭ گۇلى خۇررەم بەھار،
خەتتىڭ ئانداق سەبزەكىم بولغاي ئاڭا خۇررەم باھار.

يېشىمى: غۇنچىدەك لېۋىڭ بىلەن ھۆسنۈڭ باھانىڭ شوخ ئېچىلغان گۈلىگە ئوخشايدۇ؛ مىيقىڭ باھار پەسلىدىكى مايسىزارلىقنى ئەسلىتىدۇ.

يۈز ئۈزە تەردىن خەتتىڭ گەر باش چەكەر، ئەي گۇل، نە تاڭ،
سەبزەغە بائىسدۇرۇر چۈن بولدى ئەرسە نەم بەھار.

يېشىمى: ئەي گۈل، يۈزۈڭدىكى تەرنىڭ كۈچىدىن مىيىق مويلاۋىڭ خەت تارتقان بولسا، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى باھارنىڭ نېمى مايسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ – غۇ.

شادلىغىدىن گۇلشەنى ۋەسلىڭغە يىغلاپ چەكسەم ئاھ،
ياپما يۈزكىم گۇلگە بولماس يەل – ياغىندىن غەم بەھار.

يېشىمى: ۋىسالىڭ گۈلشىنىگە ئېرىشىش شادلىقىدىن ئاھ چېكىپ يىغلىسام، يۈزۈڭنى يېپىۋالما، چۈنكى گۈل دېگەننىڭ باھارنىڭ يامغۇرى بىلەن شامىلىدىن ئەندىشىسى بولمايدۇ.

ئارەزىم ئەكسى يۈزۈڭ ئايىنە تۈشكەن تۇرفەدۇر،
كىم كۆرۈپتۇر ھەم خازان بىر ئايدا بولغاي ھەم بەھار.
يېشىمى: يۈزۈمنىڭ سېنىڭ ئاي يۈزۈڭدە ئەكس ئەتكىنى قىزىق ئىشىكى، باھار بىلەن كۈز پەسلىنىڭ بىر ئايدا بولغانلىقىنى كىم كۆرگەن؟

ۋايكىم، بىر گۇل خەزانغا سالدى ئەيشىم گۇلبۇنىن،
ئۇشبۇ فەسل ئىچرەكى تاپمىش جۇملە ئالەم بەھار.

يېشىمى: ۋاي داد! پۈتۈن ئالەمگە باھار كەلگەن مۇشۇ پەسىلدە، ھايات گۈلۈمنى بىر گۈل يۈزلۈك خازان قىلىۋەتتى.

رەئدۇ سېل ئەرمەس فىغانۇ ئەشك ئەرۇر بۇ كىم، بۇ يىل،
گۇل يۈزۈڭ كۆرگەچ تۇتار ئۆز ھالىغا ماتەم بەھار.

يېشىمى: بۇ چاقماق بىلەن سەل ئەمەس، بەلكى پىغان بىلەن كۆز يېشىدۇركى، بۇ يىلقى باھار گۈلدەك يۈزۈڭنى كۆرۈپ ئۆز ھالىغا ماتەم تۇتىۋاتىدۇ.

قەسدى بۇلبۇل كۆڭلى قەيدى بولماسا، نەيۈچۈن سالۇر،
باغ شوخى سۇنبۇلى زۇلفىغا پىچۇ خەم بەھار.

يېشىمى: ئەگەر باھارنىڭ قەستى بۇلبۇلنىڭ كۆڭلىنى باغلىۋېلىش بولمىسا، نېمە ئۈچۈن باغدىكى شوخ سۇنبۇلنىڭ چېچىدىن ھالقا ياسايدۇ.

گۇل ئەمەس، بۇ باغ تاراجىغا ئانىڭ لەئلىدىن،
ئەيلەدى ئاۋىزە مىھرى دەۋرىغە خاتەم بەھار.

يېشىمى: باھار بۇ باغنى تالان – تاراج قىلىش ئۈچۈن، گۈلنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ياقۇت لېۋىنى سۇرۇق قىلىپ، قۇياشنىڭ يۈزىگە تامغا باستى.

نۇسخە چۈشۈرگىسى

ئەي نەۋائىي، چىن بەھار ئەركىن بۇ، يا خۇد كۆرگۈزەر،
باغ خەلقىدىن ئۇلۇسقا داۋەرى ئەئزەم بەھار.

يېشىمى: ئەي نەۋائىي، بۇ ھەقىقىي باھارمىدۇ ياكى ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ باغ ئەھلى ئارقىلىق، خەلققە كۆرسىتىۋاتقان باھارىمىدۇ؟

جۇلا

ھەر قاچان لەئلىڭ تەبەسسۇم قىلسا، شەكەر ساچىلۇر،
چۈن تەكەللۇمدىن دەم ئۇرسا، دۇررۇ گەۋھەر ساچىلۇر.
يېشىمى: ھەر قاچان تەبەسسۇم قىلساڭ، ياقۇت لېۋىڭدىن شېكەر چېچىلىدۇ؛ گەپ قىلساڭ، تىلىڭدىن ئۈنچە – گۆھەر تۆكۈلىدۇ.

غالىبە سەن سۇنبۇلۇڭنى تارىدىڭ، ئەي جان، بۇگۈن،
كىم، نەسىمى سۇبھىدەمدىن ئەنبەرى تەر ساچىلۇر.

يېشىمى: ئەي جان، بۈگۈن سۇنبۇل چېچىڭنى تارىدىڭ بولغاي، تاڭ شامىلىدىن نەمخۇش ئەنبەر ھىدى كېلىۋاتىدۇ.

ئاي يۈزۈڭنىڭ ھەسرەتىندە ھەر كەچە تاڭغا تەگىن.
كۆزلەرىمنىڭ ياشىدىن يەر ئۈزرە ئەختەر ساچىلۇر.

يېشىمى: ئاي يۈزۈڭنىڭ ھەسرىتىدە، ھەر كېچە تاڭ ئاتقىچە يۈر يۈزىگە كۆز يېشىمنىڭ يۇلتۇزلىرى تۆكۈلىدۇ.

غايەتى ئەئلا مەراتىبىدىندۇررۇركىم، ھەر سەھەر،
مەقدەمىڭدە گۈنبەدى ئەفلاكدىن زەر ساچىلۇر.

يېشىمى: مەرتىۋەڭنىڭ غايەت يۇقىرىلىقىدىن، ئاسمان گۇمبىزىدىن ھەر سەھەردە قەدىمىڭگە تىللا چېچىلىدۇ.

بۇ گەدا ھەسرەت بىلە كۆز مەئدەنىدىن دەم – بەدەم،
لەئلىڭ ئۈچۈن ھەر قايان ياقۇتى ئەھمەر ساچىلۇر.

يېشىمى: بۇ گەدائىي لېۋىڭ ئۈچۈن ھەسرەتلىنىپ، كۆز كانىدىن ھەمىشە ھەريانغا قىزىل ياقۇت چېچىپ تۇرىدۇ.

سەنەم

يارسىز ئۆمرۈم مەنىڭ
مىڭ ياشاسام بىرگۈنچە يوق.
ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىد
دەۋزەخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق.
ئىشق ئوتى يامان، دادەي،
چىھرايىم سامان، دادەي،
مەندە تاقەت قىلچە يوق.

يېشىمى: يارسىز مىڭ يىل ياشىساممۇ، بىر كۈنچىلىك ئەھمىيىتى يوق؛ ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىدا، دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنلىكمۇ كەلمەيدۇ؛ ۋاي داد، ئىشق ئوتى يامانىكەن، ۋاي داد، چىرايىم ساماندەك سارغىيىپ كەتتى، مەندە قىلچىلىك تاقەت قالمىدى!

ئاقمۇ ئايدىڭ كەچەلەر،
ئاپئاقمۇ ئايدىڭ كەچەلەر،
گۇل بىلەن رەيھان پۇرايدۇر
يار يۈرگەن كوچەلەر.
ئايدىڭ كەچەلەر دادەي،
قاراڭغۇ كەچەلەر دادەي،
خۇش پۇراقلىق كوچەلەر.

يېشىمى: خۇيمۇ ئاق ئايدىڭ كېچىلەر، ئاپئاق ئايدىڭ كېچىلەر؛ يار يۈرگەن كوچىلار رەيھان گۈلى پۇرايدۇ؛ ئايدىڭ كېچىلەر، دادەي، قاراڭغۇ كېچىلەر، دادەي، خۇشپۇراقلىق كوچىلار.

يار يۈرگەن كوچەلەرنى
سۈپۈرەي ساچىم بىلەن.
ئوڭ قولۇمغا جام ئالىپ،
سۇلار سەپەي ياشىم بىلەن.
ھەسرەت چەكەرمەن دادەي،
يىغلاپ ئۆتۈرمەن دادەي،
سۇ سەپىپ ياشىم بىلەن.
يېشىمى: يار يۈرگەن كوچىلارنى چېچىم بىلەن سۈپۈرەي، ئوڭ قولۇمغا جام ئېلىپ، يېشىم بىلەن سۇلار سېپەي؛ يېشىمدىن سۇ سېپىپ ھەسرەت چېكىۋاتىمەن، يىغلاپلا ئۆتىۋاتىمەن، ۋاي داد.

چوڭ سەلىقە

سىنايمۇكىن، سىلايمۇكىن بويى تالىمنى،
بويى تالىم بىلەمدۇركىن مەنىڭ ھالىمنى.

يېشىمى: تالدەك زىلۋا بويلۇق يارىمنى سىنايمىكىم، يا سىلايمىكىن، زىلۋا بويلۇقۇم، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلەمدىغاندۇ؟

بىلسە بىلسۇن ۋەفادارىم مەنىڭ ھالىمنى،
بىر ئۆزىگە ئەرز ئەتەرمەن ئاھۇ زارىمنى.
يېشىمى: ۋاپادارىم مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلسۇن – بىلمىسۇن، ئاھۇ زارىمنى بىر ئۆزىگىلا ئېيتىمەن.

شۇندىن شۇنغا كەلمىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر،
جەۋرۇ جەفا چەكمىشىم دىيدار ئۈچۈندۇر.

يېشىمى: ئاشۇ يەردىن مۇشۇ يەرگە كېلىشىم سەن يار ئۈچۈن، جەبىر – جاپا چېكىشىم بولسا، دىدار كۆرۈشۈش ئۈچۈندۇر.

گۇلىستاندا فەرياد ئۇرۇپ سايرايدۇر بۇلبۇل،
شۇ بۇلبۇلنىڭ سايراماقى گۇلزار ئۈچۈندۇر.

يېشىمى: گۇلىستاندا بۇلبۇل پەرياد ئۇرۇپ سايرايدۇ، شۇ بۇلبۇلنىڭ سايرىشى گۈلزار ئۈچۈندۇر.

كىچىك سەلىقە

كەزەرمەن ۋەسلىڭ ئىزدەپ يىللار ئولمىش دەربەدەر ھەريان،
جۇنۇن سەھراسىدىن مەجنۇن مەسەللىك بىخەبەر ھەريان.

يېشىمى: ئۇزاق يىللاردىن بېرى ۋەسلىڭنى ئىزدەپ، ئىشىكمۇ ئىشىك كېزىپ يۈرىمەن؛ جۇنۇنلۇق چۆلىدە، مەجنۇنغا ئوخشاش بىھۇشمەن.

يۈزۈڭنى ياد ئەتىپ فۇرقەت تۈنىدە ئوتلۇغ ئاھىمدىن،
ئەمەس ئەنجۇم، فەلەك تاقىدا بەند ئولمىش شەرەر ھەريان.

يېشىمى: جۇدالىق تۈنىدە، يۈزۈڭنى ئەسلەپ چەككەن ئوتلۇق ئاھلىرىم ئۇچقۇنلىرى پەلەك گۈمبىزىنىڭ ھەريان، ھەر تەرىپىگە ئورناپ قالدىكى، ئۇلارنى يۇلتۇزلارمىكىن دەپ قالما.

يۇگۇرماقدىن تالىقدىمكى نەچە سىيمابدەك سەير ئاب،
نەدىنكىم جىلۋە ئەيلەپ ئات ئۈزە ئول سىيمبەر ھەريان.
يېشىمى: ئۇ كۈمۈش تەنلىك گۈزەل ھەر تەرەپكە ئات سېلىپ جىلۋە قىلسا، مەن كەينىدىن خۇددىي سىماپ ئاققاندەك يۈگۈرۈپ يۈرۈشتىن ھالسىرىدىم.

سارىغ چىھرەم بىلە قانلىغ ياشىمغا كۈلمە، ئەي زاھىد،
نىگارىم باشىدىن ھەردەم ساچارمەن لەئلۇ زەر ھەريان.

يېشىمى: ئەي زاھىت، سېرىق يۈزۈم بىلەن قانلىق يېشىمغا قاراپ كۈلمە، مەن نىگرىمنىڭ بېشىدىن دائىم قىزىل ياقۇت بىلەن سېرىق ئالتۇن چاچىمەن.

لەبىڭ سەرچەشمەسىدىن غافىل ئەردى تەشنەلەپ كۆڭلۈم،
نىشان بەلگۈردى خەتتڭدىنكى فەۋتى نىلۇفەر ھەريان.

يېشىمى: تەشنا كۆڭلۈم لېۋىڭ بۇلىقىدىن تېخى غاپىل ئىدى، مىيقىڭدىكى نىلۇپەر مويلاۋلىرىڭ جىددى بەلگە بېرىپ، مېنى ئويغاتتى.

شەفەق ئەرمەس فەلەك ئۈزرە، قۇياشىم پەردەگە كىرگەچ،
چەكەر ئاھىم يەلى كۆز يولىدىن جۇنى جىگەر ھەريان.

يېشىمى: كۆكتىكى قىزىللىق شەپەق ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇياشىم پەردە ئىچىگە كىرىپ كەتكەچە، ئاھىم شامىلى كۆز چانىقىمدىن ئۇچۇرتۇپ چاچقان جىگەر قېنىمدۇر.

نە گۈن ئول ئەردىكىم قاشىڭدا چىن كۆردۈم نە بۇ گۈندۈز،
تەبەسسۇم مەۋجى ئەردى لەبلەرىڭدە سەربەسەر ھەريان.
يېشىمى: قايسىبىر كۈنى، لەۋلىرىڭدىن پۈتۈنلەي تەبەسسۇم جىلۋىسى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم – دە، بۇ كۈندۈزمۇ ياكى كېچىمۇ، خۇدۇمنى بىلمەيلا قالدىم.

مىژەڭنىڭ ناۋەكىن كۆز ئاتتى، لەئلىڭ كەلتۈرۈپ بىسمىل،
ماڭا مىيلى مەزار ئورنىدا بىتكەن نەيشەكەر ھەريان.

يېشىمى: كۆزۈڭ كىرپىك ئوقىنى ئاتتى، لېۋىڭ ئۆلتۈردى، مازىمنىڭ قەبرە تاختىسى ئورنىدا، شېكەر قومۇشلىرى ئۈنۈپ چىقتى.

يۈرەكنى چاك ئەتىپ سانسىز تىكەن باغرىمغا سانچىلغان،
مەنىڭ ھالىمغا باقماي كۆزلەرىڭ قىلغاچ نەزەر ھەريان.
يېشىمى: كۆزلىرىڭ ئەھۋالىمغا قاراپ قويماي، باشقا جايلارغا نەزەر تاشلىغاچقا، باغرىمغا سانسىز تىكەنلەر سانچىلىپ، يۈرىكىم پارە – پارە بولدى.

جەمالىڭ تالىئىكىم تاپمادى ھەرگىز خەبەر ئاندىن،
خەيال ئەلچىسىدىن گەرچە ئىبەردم كۆپ خەبەر ھەريان.

يېشىمى: گەرچە خىيالىمنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن خەۋەر ئەۋەتكەن بولساممۇ، جامالىڭ ئامىتى ئۇنىڭدىن مۇتلەق خەۋەر تاپالمىدى.

ئۇيالىپ قۇمرىيۇ سەرۋى چەمەن گۇلبەرگىدەك تىترەر،
چەمەندە سەرۋى ئازادىمنى كۆرگەچ جىلۋەگەر ھەريان.
يېشىمى: چىمەنلىكتە، خۇش قامەت گۈزىلىمنىڭ ھەريان جىلۋە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن پاختەك بىلەن سەرۋى دەرىخى ھەسەتتىن، گۈلزارلىقتىكى گۈلنىڭ يوپۇرمىقىدەك تىترەپ كېتىشىدۇ.

كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى

فۇتۇھى قۇلغا، ئەي شاھ، گاھى – گاھى ئىلتىفات ئەتكىل،
ساچىپ تۇتى كەبى كۆڭلۈمگە لەفزىڭدىن شەكەر ھەريان.
يېشىمى: ئەي شاھ، تۇتىدەك كۆڭلۈمگە تىلىڭدىن ھەر دەم شېكەر چېچىپ، مەن فۇتۇھىي قۇلغا پات – پات ئىلتىپات قىلغىن.

تەئكىد

ئافتابدەك ئاي يۇزۇڭگە كۆپدۈر ئەرمانىم مەنىڭ،
ھەر زەمان يادىمغا كىرسەڭ ئۆرتەنۈر جانىم مەنىڭ.

يېشىمى: قۇياشتەك نۇرلۇق ئاي يۈزۈڭنى كۆپ ئارزۇ قىلىمەن؛ ھەمىشە يادىمغا كەلسەڭلا، جېنىم ئۆرتىنىدۇ.

بىر نىكاھى قىلدىڭۇ كۆڭلۈمدىن ئالدىڭ سەبرۇھۇش،
ئەمدى ھەجرىڭدە كۆيەرمەن، قالمادى جانىم مەنىڭ.
يېشىمى: بىر كۆز تاشلاش بىلەنلا سەۋر – تاقەت، ئەس ھۇشۇمنى ئالدىڭ؛ شۇ تۇرۇقى مەندە جان دېگەن نەرسە قالمادى، ئەمدى جۇدالىقىڭدا كۆيۈپ تۈگىشىدىغان بولدۇم.

مەن سەنىڭ يادىڭدا ھەر دەم يىغلادىم شامۇ سەھەر،
ئەرشكە يەتتى مەگەر فەريادۇ ئەفغانىم مەنىڭ.

يېشىمى: مەن سېنى ياد ئېتىپ، تۈندىن تاڭغىچە توختىماي يىغلىدىم، پەرياد – پىغانىم ئەرشكە يەتتىغۇ دەيمەن.

كۆرمەسەم جانىم كۆيەدۇر، بارغالى يوق تاقەتتىم،
يەتكەلى دىيدارىڭ ھىچ يوقتۇر بۇ ئىمكانىم مەنىڭ.

يېشىمى: دىدارىڭنى كۆرمىسەم، جېنىم كۆيىدۇ، قېشىڭغا بارغىلى مادارىم يوق، ۋىسالىڭغا يېتىشكە بۇ كۈنلەردە ھېچبىر ئىمكانىم يوق.

يىغلادىم شامۇ سەھەرلەردە ساڭا فەرياد ئەتىپ،
يەتمەدى ھەرگىز قۇلاقىڭغا بۇ ئەففانىم مەنىڭ.

يېشىمى: سېنى دەپ تۈندىن تاڭغىچە پەرياد ئۇرۇپ يىغلىدىم؛ بۇ ئەپغانىم قۇلىقىڭغا مۇتلەق يەتمىدى.

لۇتف ئەتىپ مىسكىن رىزائىي ھالىغا رەھم ئەيلەگىل،
بىر نەزەر قىلساڭ ماڭا ھىچ يوقتۇر ئەرمانىم مېنىڭ.

يېشىمى: مەرھەممەت قىلىپ، بىچارە ئەھۋالدىكى رىزائىيغا رەھىم قىلغىن؛ ماڭا بىر نەزەر قىلساڭ، ھېچبىر ئارمىنىم قالماس ئىدى.

داستان

بىرىنچى داستان

چاھغا تۈشتۈم كەلىپ ئۇشۇل شەھرى كەنئاندىن،
داغى ھىجران ئەزدى مەنى ئىبنى يەمىنجان.
مەن كۆرمەگەن جەبرۇ جەفا، مىھنەت قالمادى،
زارۇ ھەيران قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.

يېشىمى: ئىبنى يەمىنجان، ئاشۇ كەنئان شەھرىدىن كېلىپ، قۇدۇققا تاشلىنىپ قالدىم، مېنى جۇدالىقنىڭ تېغى ئەزدى؛ مەن كۆرمىگەن جەبىر – جاپا، مۇشەققەتلەر قالمىدى، بۇلار مېنى خار – زار ۋە ھەيران – ھەس قىلدى، ئىبنى يەمىنجان.

ئاغالارىم كۆينەكىمنى تارتىپ ئالدىلار،
تۆرت تەرەفدىن كەلىپ ماڭا خەنجەر ئۇردىلار.
ئاخىر مەنى تۇتۇپ كەلىپ، چاھقا سالدىلار،
بەندى زىندان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.

يېشىمى: ئاكىلىرىم كۆينىكىمنى تارتىلىۋالدى، تۆت تەرەپتىن قورشاپ كېلىپ ماڭا خەنجەر ئۇردى، ئاخىرى تۇتۇپ كېلىپ، قۇدۇققا تاشلىدى – دە، زىندان بەندىسى قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.

قىزىلگۇلدەك تەنىم شۇندا قانغا بويالدى،
ئەل كۆزىدىن يىراق تاشلاپ ئۆچىنى ئالدى،
ئۆلتۈرۈشكە قەسد قىلدىيۇ لەكىن ئۇيالدى،
ئاھ، باغرى قان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.

يېشىمى: شۇنداق قىلىپ، قىزىلگۈلدەك تېنىم قانغا بويالدى؛ ئەل كۆزىدىن يىراق قىلىپ، ئۆچىنى ئالدى؛ ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلدى – يۇ، لېكىن ئۇيالدى؛ ئاھ، مېنى مۇشۇنداق باغرى قان قىلدى، ئىبنى يەمىنجان.

ئاغالارىم دۈشمەنلىكىن رەۋشەن بىلدۈرۈپ،
كۆزلەرىمنى تۇفراق بىلە قويدى تىندۇرۇپ،
ياش گۇلۇمنى جەفا تىغى كەستى سىندۇرۇپ،
بەرگى خەزان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.

يېشىمى: ئاكىلىرىم دۈشمەنلىكىنى روشەن بىلدۈرۈپ، كۆزلىرىمنى توپا بىلەن تىندۇرىۋەتتى؛ ياش گۈلۈمنى جاپاتىغى كېسىپ – سۇندۇرۇپ، بەرگىخازان (ياپراق تۆكۈمى) قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.

ئۇردى – سوقتى چاغقا تاشلاپ، كەلمەي قاشىمغا،
قىيامەتنىڭ گۈنى تۈشتى ئەزىز باشىمغا.
كەنا فەلەك ئوغا سالدى يەگەن ئاشىمغا،
ئەجەپ سەرسان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.
يېشىمى: قېشىمغا يوقلاپ كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، قۇدۇققا تاشلاپ ئۇردى – سوقتى؛ ئەزىز بېشىمغا قىيامەتنىڭ كۈنى چۈشتى؛ قوپال پەلەك يېگەن ئېشىمغا ئوغا سالدى ۋە مېنى ئەجەپ سەرسان قىلىۋەتتى، ئىبنى يەمىنجان.

يۇسۇف ئايتۇر: ئوتتا يانىپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم،
جۇدالىقتا، سەرسانلىقتا سولغان گۇل بولدۇم،
ئۇلار ساتتى مىسر ئەلىگە شۇندا قۇل بولدۇم،
ئاللاھ سۇلتان قىلدى مەنى، ئىبنى يەمىنجان.

يېشىمى: يۇسۇف ئېيتىدۇ: مۇشەققەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولدۇم؛ جۇدالىقتا، سەرسانلىقتا، سولغان گۈل بولدۇم؛ ئۇلار ساتتى مىسىر ئېلىگە شۇندا قۇل بولدۇم؛ ئاللاھ مېنى سۇلتان قىلدى، ئىبنى يەمىنجان.

ئىككىنچى داستان

مەجنۇن بولۇپ، بەياباننى گەشت ئەتىپ،
ئۆز – ئۆزۈمدىن بىر سەۋداغا يەتۈشتۈم.
بىر پەرىنىڭ ھەسرەتىدە قان يۇتۇپ،
باغۇ بوسان خۇش ھەۋاغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: مەجنۇن بولۇپ، باياۋاننى كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز – ئۆزۈمدىن بىر سەۋداغا قالدىم؛ بىر پەرىنىڭ ھەسرىتىدە قان يۇتۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى باغۇ بوستان خۇش ھاۋاغا ئېرىشتىم.

فەسلى زىمىستانىم، بولۇپدۇر يازە،
گۇلشەنى بەھارىم ياتىپدۇر تازە،
بارچەسى سۈرتۈپتۇر يۈزىگە غازە،
بىر ئەجايىپ تاماشاغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: زېمىستان پەسلىم يازغا ئۆزگىرىپتۇ، باھار گۈلشىنىم پاك – ئېسىل تۇرۇپتۇ، ھەممىسى يۈزىگە ئۇپا – ئەڭلىك سۈرۈپتۇ، ئاجايىپ بىر تاماشاغا مۇيەسسەر بولدۇم.

ئەقلىمنى لال ئەتتى ئاغزى خەيالى،
شەكەردىن شىرىندۇر لەئلىنىڭ بالى،
بىر پەرىدۇر ھۇسنى ھۇرى مىسالى،
ئاھۇ كۆزلۈك دىلرەباغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: ئاغىزىنىڭ خىيالى ئەقلىمنى لال قىلدى، ياقۇت لېۋىنىڭ قەنتى شېكەردىن شېرىن، ئۆزى بىر پەرىكى ھۆسىن – جامالدا ھۆرلەرنى سۇندۇرىدۇ، مەن مۇشۇنداق گۈزەل، ئاھۇ كۆزلۈك بىر دىلرەبانىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىم.

چەمەن ئىچرە ياتمىش سەف – سەف بۇلبۇللەر،
رەنگ بە رەنگ ئاچىلمىش قىرمىزى گۇللەر،
تازە نەۋجەۋانلار – گۇل يۈزلى دىلبەر،
سىياھ كۆزلۈك سەمەننىساغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: گۈلزارلىقتا بۇلبۇللار سەپ – سەپ ئولتۇرغان، قىزىل گۈللەر رەڭمۇرەڭ ئېچىلغان، ياش يىگىتلار، گۈل يۈزلۈك دىلبەرلەر سەير قىلىپ يۈرگەن مۇشۇنداق باغدا، قارا كۆزلۈك گۈزەل بىر قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىم.

بىرسى مەلەكدۇر، بىرسى رىزۋان،
گوياكى جەننەتدە ھۇر ئىلە غىلمان،
ھويلايۇ ئايۋانلار، باغ ئىلە بوستان،
تۇرفە باغى مۇسەففاغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: بىرسى پەرىشتە، يەنە بىرسى ھۆر، گوياكى جەننەتتىكى ھۆر غىلمانلاردەك يۈرگەن، ھويلا – ئاراملار باغ – بوستان بىلەن پۈركۈنگەن، مۇشۇنداق ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرلىك بىر باغقا ئېرىشتىم.

تەخت ئۈستىدە ياتمىش ئەجەب بىر دىلبەر،
زۇلفىغا بەركىتىمىش بەھاسىز گەۋھەر،
شاھى خۇرشىد ئوغلى – ئاتىم سەنەۋبەر،
بىر ئەجايىپ مەھلىقاغا يەتۈشتۈم.

يېشىمى: تەخت ئۈستىدە، چېچىغا بىباھا گۆھەر قىسىۋالغان ئاجايىپ گۈزەل بىر دىلبەر ياتاتتى؛ ئىسمىم سەنەۋبەر، شاھ خۇرشىدنىڭ ئوغلى بولىمەن، مەن ئاجايىپ گۈزەل بىر ئايجامالنىڭ ۋىسالىغا يەتتىم.

ئۈچىنچى داستان

نەتەي مەن ھىچ ئىلاجىم يوق،
گويا پەرۋانەدەك كۆڭلۈم.
بۇ چۆللەردە ياراغىم يوق،
بولۇپ مەستانەدەك كۆڭلۈم.

ئاشىقلارنىڭ دەۋاسى يوق،
بۇ چۆللەرنىڭ قاراسى يوق.
بۇ دۇنيانىڭ ۋەفاسى يوق،
گويا ۋىيرانەدەك كۆڭلۈم.

يېشىمى: ئاشىقلارنىڭ داۋاسى يوق، بۇ چۆللەرنىڭ پايانى يوق، بۇ دۇنيانىڭ ۋاپاسى يوق، كۆڭلۈم ۋانرانىلىققا ئوخشايدۇ.

ئادەم كۆيگەن ئول ھەۋۋاغا،
تاھىر ئاشىقتۇر زۇھراغا.
يۇسۇف بىلەن زىلەيخاغا،
گوياكى خانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: ئادەم ئەلەيھىسالام ئۇ ھاۋا ئانىغا كۆيگەن، تاھىر زۇھراغا ئاشىق ئىدى، شۇ تاپتا، كۆڭلۈم گوياكى يۇسۇف – زىلەيخالارنىڭ كۆڭلى بىلەن ئوپئوخشاش دېگۈدەك.

ھەمراھلارىم دەريادا زار،
غەرق ئەيلەدى بەھرى خۇنخار.
غەرىپلارغا مۇنداق گۈن بار،
ئەرۈر پەيمانەدەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: ھەمراھلىرىم دەريادا زار، قانخور دېڭىز ئۇلارنى غەرق قىلدى، غېرىپ – مۇساپىرلارغا مۇشۇنداق ئاقىبەت بار، مېنىڭ كۆڭلۈم سەۋرىسى تولغان پەيمانىدەك بولۇپ قالدى.

تۈشۈپ چۆللەرگە شاھزاد،
ھەقدىن ئەرۈر بۇ ئىرادە.
يارىم، قويما بۇئارادە،
بولۇپ ھەيراندەك كۆڭلۈم.
يېشىمى: بىر شاھزادىنىڭ چۆللەردە يۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئىردادىسى بىلەن بولىدۇ؛ يارىم، مېنى بۇ ئارىدا – بۇ ئەھۋالدا قويمىغىن، كۆڭلۈم ھەيران – ھەسلىككە چۆمۈلدى.

گۇلرۇخ يۈرەكنىڭ دەۋاسى،
كۆڭلۈمدە ئىشقنىڭ ياراسى.
ئاقتى كۆزۈمنىڭ قاراسى،
گويا دىيۋانەدەك كۆڭلۈم.

يېشىمى: خەستە يۈرىكىمنىڭ داۋاسى گۇلرۇختۇر، يۈرىكىمدە پەۋەس ئىشق – مۇھەببەتنىڭ يارىسى بار، تولا يىغلاپ كۆزۈمنىڭ قارىسى ئېقىپ كەتتى، كۆڭلۈم مەجنۇننىڭكىدەك بولۇپ قالدى.

مەشرەب

بىرىنچى مەشرەب

مەچە گۈندۇركى خەبەر تاپمامىشەم سىيمبەرىمدىن،
نە ئەسەردۇر خەبەرىمدىن، نە خەبەردۇر ئەسەرىمدىن.
يېشىمى: نەچچە كۈن بولدى، ئۇ كۈمۈش بەدەننىڭ ھېچقانداق بىر خەۋىرىنى ئالالمىدىم.

نەزەرىم ئالىدا ئايسىز كەچەدىن تىيرەراق ئولدى،
ھەجر گۈندۈزلەرى تا باردى قۇياشىم نەزەرىمدىن.

يېشىمى: قۇياشىم كۆرۈنمىگەچكە، جۇدالىق كۈندۈزلىرى كۆزۈمگە ئايسىز كېچىدىنمۇ قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈندى.

زەخمى قاتىل ئەكەنىن دەرگە ئەرۈر ھەر بىرى بىر تىل،
تىغى ھەجرى قايۇ پەرگالەكى تىلدى جىگەرىمدىن.

يېشىمى: ھىجران خەنجىرى تىلغان جىگىرىمنىڭ ھەبىر پارچىسى ئۇ قاتىلنىڭ زەخمەتلىرىنى شىكايەت قىلغۇچى بىر تىلدۇر.
كەلۈرەم ئاھ ئىلە رۇسۋالىغ ئوتى ھەر سارى ساچىپ،
ئافىيەت ئەھلى سەلامەت قوپۇڭۇز رەھگۇزەرىمدىن.

يېشىمى: ئاھ ئۇرۇپ، رەسۋالىق ئوتىنى ھەريان چېچىپ كېلىۋاتىمەن، ئەي ساق – ساغلام كىشىلەر، ئۆتەر يولۇمدىن سالامەت كېتىۋېلىڭلار.

بۆيلەكىم ئول كۆزى ئافەت يانار ئوت جانىما ئۇردى،
بەرقى ئافەت چاقىلۇر ئالەم ئارا ھەر شەرەرىمدىن.
يېشىمى: ئۇ كۆزى ئاپەت جېنىمغا شۇنداق يانات ئوت بىلەن ئۇردىكى، ئۇنىڭدىن چاچرىغان ھەبىر ئۇچقۇن ئالەمگە ئاپەت چاقمىقى بولۇپ چىقىلىدۇ.

ئول سىفەت ئىشقۇ جۇنۇن تاغ ئىلە دەشتى ئارا يىتتىم،
كى نە فەرھاد نىشان تاپتى، نە مەجنۇن خەبەرىمدىن.

يېشىمى: ئىشق ۋە جۇنۇنلۇق تاغۇ دەشتىدە شۇنداق يىتىپ كەتتىمكى، يا پەرھاد ئىز – دېرىكىمنى، يا مەجنۇن ئۇچۇر – خەۋىرىمنى ئالالمىدى.

دەھر باغىدا ۋەفا نەخلى ئەكىپ بەردى جەفا بەر،
باغبانا، دەكى نە بەر يەگەمەن بۇ سەمەرىمدىن.

يېشىمى: دۇنيا بېغىغا ۋاپا كۆچىتىنى تىكسەم، بەرگەن مېۋىسى جاپا بولدى؛ ئەي باغۋەن، ئېيتقىنا، بۇنداق مېۋىدىن نېمە بەھرە ئالىمەن؟

ناسىھا، ئىشقۇ جۇنۇندۇر ھۇنەرىم، تەركى بۇيۇرما،
ساڭا ئار ئولسا، ماڭا فەخردۇرۇر بۇ ھۈنەرىمدىن.

يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مېنىڭ ھۈنىرىم ئاشىقلىق بىلەن مەجنۇنلۇق، «ئۇنى تاشلا» دېمە؛ بۇ ھۈنەر سەن ئۈچۈن نومۇش بولسا، ماڭا ئىپتىخار.

ئەي نەۋائىي، بارىبان يار، فەنا دەشتىغە تۈشتۈم،
مەگەر ئەۋۋەل قايتسا ئول، مەن قايتقامەن بۇ سەفەرىمدىن.

يېشىمى: ئەي نەۋائىي، يار كەتكەچكە، مەنمۇ پانىيلىق چۆلىگە ماڭدىم، ئەگەر ئۇ ئالدى بىلەن قايتىدىغانلا بولسا، مەنمۇ بۇ سەپىرىمدىن قايتقايمەن.

ئىككىنچى مەشرەب

نازەنىنلەر يۈرۈڭ ئەمدى ئالدىغا،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر،
ئىكىسىگە جانىم بولسۇن سەدىقە،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.

يېشىمى: گۈزەللەر ئەمدى ئالغا قاراپ مېڭىڭلار، ئاكام كېلىدۇ، قىزلار، سوۋغات ئېلىڭلار؛ ئىكككىسىگە جېنىم تەسەددۇق، ئاكام كېلىدۇ، قىزلار سوۋغات ئېلىڭلار.

قىلىپ ھەمراھ نەچە ياخشى يىگىتلەرنى،
قەددى شەمشادۇ ھۇسنى تازە گۇللەرنى،
شىكار ئەيلەپ مەرغىزارلىق چۆللەرنى،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.
يېشىمى: ئاكام بىر مۇنچە ياخشى يىگىتلەرنى ۋە يېڭى ئېچىلغان گۈلدەك گۈزەللەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، يايلاق ۋە چۆللەردە ئوۋ ئوۋلاپ كېلىۋاتىدۇ، قىزلار سوۋغات ئېلىڭلار.

مەنىڭ ئاكام يىگىتلەرنىڭدۇر ئاغاسى،
ئاڭا تەگدى ئەلۇ يۇرتنىڭكى دۇئاسى.
كۆرۈنۈر بىزگە جىلۋە بىرلە قاراسى،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.

يېشىمى: مېنىڭ ئاكام يىگىتلەرنىڭ كاتتىۋېشى، ئۇنىڭغا ئەل – يۇرتنىڭ دۇئاسى يەتكەن؛ ئەنە، جىلۋىلىك قارىسى بىزگە كۆرۈنىۋاتىدۇ، قىزلار سوۋغات ئېلىڭلار، ئاكام كېلىۋاتىدۇ.

بىرى بۇلبۇل ئەرۈر، بىرسى غەزەلخان،
بىرى قاپلان ئەرۈر، بىرسى ئارسلان،
بىرى روھى رەۋاندۇر، بىرى تەندە جان،
سەۋغات ئالىڭ، ئەي قىزلار، ئاكام كەلدۇر.

يېشىمى: بىرسى بۇلبۇل، بىرسى ناخشىچى، بىر قاپلان، يەنە بىرسى ئارسلان، بىرسى جانلىق روھ، يەنە بىرسى تەندىكى جان، ئاكام كېلىۋاتىدۇ، ئى قىزلار، سوۋغات ئېلىڭلار.

قالدىرغاچ دەر: سىزلەر مەنىڭ يولداشىم،
كەچەلەر ھەمدەمىم، گۈندۈز سىرداشىم،
يۇسۇف، ئەھمەد ئەرۇر ئىكى قارىنداشىم،
سەۋغات ئالىڭ، ئاي قىزلار، ئاكام كەلەدۇر.

يېشىمى: قالىغاچ ئېيتىدۇ: سىلەر مېنىڭ كېچىلەردە ھەمنەپەس، كۈندۈزلەردە سىرداشلىرىم؛ يۇسۇف، ئەھمەد مېنىڭ ئىككى قېرىندىشىم؛ ئەي قىزلار، ئاكام كېلىۋاتىدۇ، سوۋغات ئېلىڭلار.

ئاڭلاپ سەنىڭ شول مۇبارەك نامىڭنى،
كۆڭلۈم ئەجەپ خۇشھال بولدى نىگارىم.
بىر كۆرۈشكە تەشنا بولدۇم يۈزۈڭنى،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگەي ئول خۇدايىم.
يېشىمى: نىگارىم، سېنىڭ شۇ مۇبارەك نامىڭنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بەكمۇ خۇشال بولدى، چىرايىڭنى بىر كۆرۈشكە تەقەززا بولدۇم، خۇدايىم مېنى ۋىسالىڭغا يەتكۈزگەي.

ھەر كىشىنىڭ يارى بولسا يىراقتا،
سامان كەبى سارغارۇرمۇ فىراقتا.
كىشى بۇ خىل دەرد چەكمەسۇن دۇنيادا،
يوللارىڭغا قاراپ قالدىم نىگارىم.
يېشىمى: ھەرقانداق ئىنساننىڭ يارى يىراقتا بولسا، چىرايى پىراق دەردىدە ماڭا ئوخشاش ساماندەك سارغىيىپ كېتەمدىغاندۇ؟ ئىنسان دۇنيادا مۇنداق دەردنى تارتمىسۇنكى، نىگارىم، يولۇڭغا قاراپ قالدىم.

ئارقامىزدا شۇ رەقىبلەر تولادۇر،
جۇدالىقتىن مەنىڭ دىلىم يارادۇر.
تەشنا كۆڭلۈم ساڭا قاچان قانادۇر،
سەنسىز مەنىڭ يوقدۇر كۆڭۈل ئارامىم.

يېشىمى: ئارقىمىزدا شۇم رەقىبلەر تولا، جۇدالىق دەردىدە يۈرىكىم يارا؛ تەشنا كۆڭلۈم ساڭا قاچانمۇ قانار – ھە؟! سەن بولمىساڭ، ماڭا كۆڭۈل ئاراملىقى يوقتۇر.

قىسمەتلەرىم شولدۇر مەنىڭ ئەي جانان،
مەن قۇلۇڭمەن، كۆڭۈل ئىچرە سەن سۇلتان.
سەن نەلەردە قالدىڭ، ئايا مىھرىبان،
پۈتتى ئەنىڭ بارچە سەبرۇ چىدامىم.

يېشىمى: ئەي جانان، مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ: سەن كۆڭلۈمدىكى پادىشاھسەن، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن؛ ئى مېھرىبانىم، سەن قەيەلەردە قالدىڭ؟ مېنىڭ پۈتكۈل سەۋر – تاقىتىم تۈگىدى.

9– مۇقام بايات مۇقامى چوڭ نەغمە قىسمى 147 مىسرا، ئۈچ داستان 72 مىسرا، ئىككى مەشرەپ 54 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 273 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان.

يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.ئۆز كولۇم بىلەن بىر بىرلەپ ئۇرۇپ چىقان!!!

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-01 16:23 | [پۈتۈكچى]


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 833
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1386(سائەت)

 

  مۇقام.....كۇندە بىر مۇقام......
                                                     
                                          ھارمىغايىسز  نۇرانە ھەدە..

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-02-01 16:57 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 34

پۈتۈك سانى: 1372
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1440 نوقتا
پۇل : 14400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5590(سائەت)

 

第九套木卡姆:巴雅提


大乃额曼部分

序曲

一睹你的黛眉能不躬腰?心灵的圣殿我无限崇敬
面对您脚跟怎不俯首,庄严的祭坛我膜拜不赢

你的朱唇是生命圣水的源泉,对它我怎不能将生命奉赠
我怎能不凝望您的面庞,它似皎洁明月照亮我的心

我呻吟中迸射出的火星,时时刻刻萦绕在我的头顶
它轻巧地将金色桂冠,戴在我这清贫王国君主的头顶

您脸上的痣原非痣,而是难熬离愁落入火中的麝香
也或是我那乌黑的眸子粘在您的面上,要不怎会那样晶莹

那不是您油光闪亮的青丝,而是我呻吟叹出的雾霭
它像浮云般保护着您的美容来躲开陌生人的眼睛

您娉婷的玉体,为什么不能栽在心灵的花坛里
只因为真主让您的芳姿如修竹玉立在我的心灵

草坪上的花哟不是花,而是我嗟叹苦愁殷红的心儿
天空的星哟不是星,而是我四处寻找的您那明亮的眼睛

您的青睐会给我带来享受,从而消除对情敌之忧
您的睫毛是我的勇兵,痛击起来他们会绝不留情

我的神魂业已丢失,怀疑是您悄悄偷去
您那至圣至宝的笑靥,就是最有力的证明

(古木纳姆)


太孜

当我没有看见你时,我的心已被你牵去
我的生命就像爱上了莱丽一样痴情

我遨游在天堂里在众仙女中将你寻觅
然而使我失望,却没有找到似你的美女

我像痴情汉帕尔哈迪,为爱情愁云满怀
在深山峻岭中往返奔波,为的是找到你

倘若你要在世上鉴别真心爱你的人,请看看我这颗鲜红的心
说实在话,对你的追求使我沉醉似泥

虽然我如此不幸,但我还是个欢乐的人
人世间在哪有我艾尔西这样的痴情人呢

(艾尔西)


哎,不幸的人啊,在这世界里我没有找到心上的人
没有找到一个能一见就缠住我这颗心的人

我这个不幸的失恋者,爱情时时给他送来了愁云
失恋的病魔缠着我的身,却没有找到一个医治的人

难道我的命运就是这样注定,还是我没有爱的本能
我踏遍了所有堆满珍珠的场所,却没发现一颗明珠能称我心

我像百灵鸟在天堂,在四季如春的鲜花丛中穿来穿去
歌唱得那么美,却没得到任何使我安慰的回音

倘若你看到了无边的彩虹,艾尔西你也只能记在心里
在爱情的道路上,再不能找到像你这样不幸的人

(艾尔西)


我这不幸的人,命运使我得不到情人的顾盼
我心上的人儿总是把月亮般的脸庞对我遮掩

倘若她瞟我一眼,我的心会像被利箭射穿
而她却不愿用樱唇吻一吻,使它平复如前

她那乌黑的双眸点缀得脸庞更加俊美
但她却像花朵隐藏在叶丛,使我难以赏观

爱情的烈火日日夜夜在烧毁着我的生命
我的身体已经如此虚弱,而她却对我不问不管

唉,穆斯林们,我如何是好,让我如何对待这狠心的人
我对她无比爱慕,而她总是对我那样冰冷傲慢

她存心每日里三番五次地把我折磨不断
她那媚人的眼睛如欲射的利箭总是不见离弦

诺比提苦苦地思恋情人,模样实在可怜
可那美人却无情无义,总不愿见我一面

(诺比提)


太孜尾声

诺比提为心上人如此熬煎
却没有哪一朵花儿向人露出笑颜

(诺比提)


怒斯赫

离开花丛的百灵,还有什么心思歌唱
离开蔗林的鹦鹉还有什么心思模仿人的语言

我在她太阳般灿烂的光芒中呻吟
我担心自己叹息的烈火会烧毁得更惨

莫说我在哀叹中不停地忍受折磨吧
失去生命的躯体,该是何等可怜

爱的熬煎比死还难忍,哎,今后我也难摆脱
离开她吧,双脚钉在地上不动,不去想她吧,心儿又悲痛

哎,爱魔,你可以夺去我一千次生命
只求你别让我离开心上的美丽婵娟

灯蛾甘愿在火舌中丧生,因为它知道
黎明会将它从烛光怀里推向九天

没有恋人的纳瓦依像没有主人的野狗
哎,安拉,请不要让他离开他心上的苏丹

(纳瓦依)


怒斯赫尾声

离开花丛的百灵,还有什么心思歌唱
离开蔗林的鹦鹉还有什么心思模仿人的语言

(纳瓦依)


朱拉

我远远地看见了情人
情人是否也看见了我
我身上燃起了一团火
情人是否也感觉到了

听说我的情人来到了
我就会没命地奔出门
在情人走过的街道上
我会用泪水把地浇洒

那是月光皎洁的夜晚
那是冰盘高悬的夜晚
我情人走过的街道上
奇花异草在喷香吐艳

我的情人多娉婷
一双黑眸水灵灵
柔声软语如冰糖
让我心动魂儿惊

那灯火总在燃烧
那分离让人心焦
不来找你的情人
对你不会把心掏

(维吾尔民歌)


赛乃姆

你想我了吗
我好想你哟
你哪儿想我
我心里想你哟
哎呀呀,我白天想你
啊呀呀,我夜里梦你
我心里想你哟

你那一对眸子
仿佛两泓清泉
当我瞧见你的秀容
便坠入离别的火焰
哎呀呀,我只看你一眼
啊呀呀,浑身烈火点燃
便坠入离别的火焰

你从哪里来
那双眼睛美丽又明亮
莫让别人伤着你
快把护身符戴在脖上
哎呀呀,那勾魂的双眼
啊呀呀,那甜美的语言
快把护身符戴在脖上

(维吾尔民歌)


大赛勒克

哎,情人,别往高处攀
人们说你去幽会
啊情人,别把柳腰弯
人们说你在亲嘴

其实她登山攀高
并非去幽会
其实她弯曲柳腰
也非为亲嘴

在高高的山巅上
我看到了一轮满月
那不是满月,她是美人
我看到了她微笑的嘴角

在高高的山巅上
有片绿松林
一对情人相恋时
喜悦的是心

(维吾尔民歌)


小赛勒克

那美人就像冲破晓雾的黎明走出殿堂
又像一轮朝阳冉冉升起喷薄万丈光芒

那优美的语言包罗万象如大海般深邃
我独自一人无法将它的内涵叙述尽详

我的诗篇是那戈壁荒漠上擂响的战鼓
它就是斩除心中杂念的利剑举世无双

啊,苦行僧光靠祈祷坐禅怎能修得正果
不摒弃傲态骄气,谁又能移一步向前方

今天,痴情的花园中没有百灵鸟来哀鸣
只有一朵孤寂的花儿在掩面黯然悲伤

(则利勒)


像只无翅无尾的空中乱飞的凤凰
我弃世而走却孤零零地四处流浪

我不乞求那统治天地的皇冠王位
只愿为贫苦人谋利由我独自徜徉
任苦难的荒漠千险万阻,切莫回头
像只孤傲的雄狮,勇敢地冲向前方

忠于爱情的晨风追寻花儿的芳香
可怜的百灵鸟在清晨里孤鸣哀伤

则利勒倘若来到情人居住的地方
他绝不和别人一起走进她的殿堂

(则利勒)


小赛勒克尾声

倘若则利勒来到情人居住的地方
他绝不和别人一起走进她的殿堂

(则利勒)


太喀特

在情人怀中死去者是我的福气
在爱中憔悴才让我感到心旷神怡

没有情人,帕尔东大帝的富贵有何用
和情人在一起,贫穷也对我珍贵无比

啊,苏菲,不要讥讽我没有一官半职
成为相爱的情人就是我命运的意志

比拉勒知晓他再努力也见不到情人
只求寻到她脚下的尘土便满心欢喜

(毛拉·比拉勒)


达斯坦部分

第一达斯坦

啊,你是世上人们膜拜的方向
你像那无所不能的神仙一样
啊呀呀,你像神仙一样

你是射向我眼睛的子弹箭羽
你才是这世上唯一的真善美
啊呀呀,唯一的真善美

莫成了强盗吧,情人的眸子
啊呀呀,情人的眸子
为什么我总和你同呼吸
啊呀呀,和你同呼吸

因为鲁菲提要得到你的拥抱
啊呀呀,你的拥抱
你曾让谁陷入他一般的焦燎
啊呀呀,一般的焦燎

(鲁菲提)


倘若我身边没有你伴随,活着有什么意思
死去的人叫喊声再大也不会清醒

每当夜间世上的美都汇集在你的眼眉上
(我要尽情的跳,世上的美都汇集在你的眉间)
你给我带来了光明,再不需要灯光
(哎,达坦,我再不需要灯光)

你的身姿俊美,眼睛像泉水,面容像玫瑰
当我来到你的身边,花园对我有何用

愿你将这些当作礼品献给阿塔依
(我要尽情的跳,愿你当作礼品来献)
花丛中不需要牲畜装点
(哎,达坦,不需要牲畜装点)

(阿塔依)


第二达斯坦

爱情的熬煎会夺去我的生命
爱情的烈焰会将我烧得焦干

从你那匀姿上吹来的馨香
使我沉醉在这香海中间

哎,爱的折磨,爱的火焰
总有一天,会将我生命的丝线砍断

尼亚孜啊,只要你情苦连天
你的那位仙女会对你顾恋

(尼亚孜)


我的目光总是落在你的身上
然而你是那么冷淡,心像石头一样

爱情的熬煎我都在忍受
只希望你的馨香给我力量

你的睫毛像排排的参天杨
我被你关进了爱情的牢房

倘若你答应我爱的要求
我愿将生命给胡达献上

我爱你的心急着要跳出铁笼
一心要为彩虹似的少女作个伴当

我想出门散散心,以便解除爱的不幸
因尼亚孜把生命交给了心上的红太阳

(尼亚孜)


第三达斯坦

你的容光落进我的酒盅里化为灯光
盅为灯、酒为油把我的黑屋照得通亮

像精明的人儿在暗中把钱财越聚越多
我爱火焦灼的心中,更是增添重重悲伤

要想治愈我,就让我闻闻你那苹果脸儿
我痴迷你的秀发,渴盼那四溢的芳香

你眼若百合面如花,身姿如柳发如瀑
思念使我枯萎的心田变成花园一样

渴盼希琳的芳唇,我的心变成帕尔哈提
你的睫毛是他的铁錾,爱情是峰峦叠嶂

那泪花溅成星斗照亮纳瓦依的黑夜
这些星斗就是他夜空的灯盏多么明亮

(纳瓦依)


麦西热甫部分

1

我翻找我的心儿在那美人的花坛
心儿随美人远去,难怪我寻觅不见

啊,那心儿已去,空留躯壳教我怎么办
这世上还有谁如我一样遗恨万端

离愁别恨的剑峰刺得我遍体鳞伤
我用眼泪将身上的血迹洗净擦干

我的心儿已吊在你的金钗玉簪上
像发疯的鸟儿哀鸣悲啼急切渴盼

(阿·纳扎尔)

2

啊,真主何时创造了你这黑眼睛
你弯眉如弓,根根睫毛都是箭翎

啊,你的每一瞥都似万箭穿我心
谁像我这般心灵破碎凄苦伶仃

我醉倒在爱的原野,浑身赤条条
除了爱情,哪有什么衣袍身上蒙

(古木纳姆)

3

哎,心上人,有你才有好日子
没有你,绿草坪成了荒地
没有你啊,红玫瑰变成一根刺
哎呀呀,刺进我心里

没有你啊,在那欢聚的时刻
我听不见琴师乐在唱歌
只看见那夜莺变成乌鸦
哎呀呀,变成乌鸦

当你容光闪耀,地狱变成天堂
啊,见不到你玉容的地方
天堂我也不留恋
哎呀呀,天堂也不留恋

有了你,荒滩的石头都是珍宝玉石
没有你,阿丹珍珠都成了瓦砾碎石
哎呀呀,都是瓦砾碎石

(古木纳姆)


啊,你是我来到人世间
苦苦寻觅的恩爱伴侣
你是我的眼珠,我欢乐的源泉
啊呀呀,我欢乐的源泉

啊,请不要把我驱逐
因为我是你奴仆的奴仆
你是为我普降甘霖的君主
啊呀呀,普降甘霖的君主

你的殷唇是指引迷津的仙露
是我起死回生的精神支柱
啊呀呀,我的精神支柱

妖人儿说:快向美人万般乞求
她是向我劝谕的铮言良友
啊呀呀,我的铮言良友

(毛拉·比拉勒)

  ھەر قانداق كىسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
   يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم.

Posted: 2009-02-01 17:11 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مۇقام ، مەشرەپ ۋە ئەلنەغمە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation