بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يېقىن بىر دوستۇم توي قىلماقچى ئىدى، ئالىدىغان قىزى بىزنىڭ بىر داڭلىق ناخشىچىمىزغا بەكلا چوقۇنىدىكەن، شۇڭا دوستۇمغا ئامالنىڭ بېرىچە تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۇ چولپانننى تويغا تەكلىپ قىلىشنى، بولسا تويدا بىرنەچچە
ناخشا ئېيتىپ بېرشىنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋاپتۇ. دوستۇم سۆيگەن قىزىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامالسىزلىقتىن بۇ ئىشنى ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تونۇشلۇرۇمنىڭ تونۇشى ئارقىلىق بۇ داڭلىق ناخشىچىمىز بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە مۇددايىمنى ئۇنىڭ ئېنىق قىلىپ ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، ئاز بولسىمۇ تەييارلىغان «مەيدانغا چىقىش ھەققى» نىڭ بارلىغىنىمۇ چۈشەندۈردۈم. ئەسلى دوستۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قولىغا 1000 يۈەن بىرەيلى دېيىشكەن ئىدۇق، لېكىن بۇ ناخشىچىمىزنىڭ قويغان باھاسى بىزگە سەل ئېغىر كەلدى. چولپان ناخشىچىمىز بۇ تويغا بېرىشقا قوشۇلدى، ھەم ئىككى
ناخشا ئېيتىپ بېرىشكىمۇ ماقۇل بولدى، لېكىن 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. «مۈشۈك بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ» دېگەن تەمسىلنى بىزمۇ ئېنىق بىلىمىز، لېكىن بۇ باھا بىزگە ئۈستۈن توختايتتى. ئامال قانچە، دوستۇم بىلەن نەچچە رەت مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى يەنە ئۇ ناخشىچىمىزنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇق.
بۇغۇ مۇشۇنداقلا بىر ئىش، ھازىرقى جەمىئىيەتتە نۇرغۇنلىرىمىزغا نورمال ئەھۋال بىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىشتىن شۇنى بىلىۋالدىمكى، ئاشۇ داڭلىق ناخشىچىمىزغا ئوخشاش، تېلىۋىزورلاردا «مەن خەلقىمنىڭ ناخشىچىسى، خەلقىم ئۈچۈن
ناخشا ئېيتىمەن......» دەپ سۆزلەپلا كېتىدىغان بۇ ناخشىچىللىرىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ «خەلقى» ھەرگۈزمۇ ئادەم ئەمەس، بەلكى پۇل ئىكەن ئەمەسمۇ......