مەن 12 ياشقا، ئاچام 23 ياشقا كىرگەن يىلى، يەنى 1995 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى بىلەن، بىزنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلىۋاتقان بىردىن - بىر يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئاتا - ئانىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرۇلدۇق. ئاتا - ئانام بىلەن بىرگە كەتكەن يەنە مەن ئاكا...ئاكا دەپ چاقىرىپلا ئەكىلەپ يۈرۈيدىغان 17 - ياشلىق ئاكاممۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. بۇ ئىشلار ئاچام بىلەن ئىككەيلەننى ئېغىر ھەسرەتكە تاشلىغان ئىدى. تېخى ئىككى ئاي بۇرۇن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خوشاللىققا چۆمۈپ، ئاچامنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى --- تويىنى قىلغان ئىدۇق. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىكى خوشاللىق بولسۇن، ياكى ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى دەرد - ئەلەملەر بولسۇن شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىزنىڭ ئائىلىگە كەلگەن بۇ كىلىشمەسلىكلەر ئېسىمگە كەلسىلا ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۆزلۈرۈمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلىدۇ.
ئاتا - ئانامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاچام ماڭا ھەم ئانا، ھەم دادا بولدى. ئاچام توي قىلغاندا ئۆي بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئاتا - ئانىمىزدىن قالغان ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن، ئاچام ۋە ئاچامنىڭ يولدىشى ھەسرىتمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، شۇنداق ئىناقلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلۇدۇق. بىر يىلدىن كېيىن ئاچامنىڭ ئوماق ئوغلى تۇغۇلدى، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشۇمىزغا كۆپلىگەن خوشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ تۇرمۇشىمىز 2001 - يىلغا كەلگۈچە شۇنداق كۆڭۈللۈك ۋە ئوڭۇشلۇق كەلگەن ئىدى. ئۇ يىلى مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردىم ۋە يامان ئەمەس نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم، ئەسلى بۇ تولىمۇ خۇشاللىق بىر ئىش ئىدى، لېكىن «يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەككۈچە بۇرنى مۇشتقا تېگىپتۇ» دېگەندەك، ئاچام ئىشلەيدىغان زاۋۇت تاقىلىپ كېتىپ، ئاچام خىزمەتسىز قالدى. ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭمۇ خىزمىتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇم ئۇلارغا تولىمۇ ئېغىر بېسىم بولغان ئىدى. مەن نەچچە قېتىم ئۇلار ئىككىدسىنىڭ مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن جىدەللىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. مەن ئاچامغا ئوقۇماسلىق توغرۇلۇق بىرنەچچە قېتىم خىيالىمنى دېگەن بولساممۇ، ئۇ قەتتىي قوشۇلمىدى. 2002 - يىلى 6 - ئايدا، ئاچام بىلەن يولدىشى بىرگە ئەپ ئۆتۈپ بولالماي ئاجرىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلىشىغا مەنمۇ سەۋەپچى بولدۇم، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشى بولمىغان بولسا ئۇلارمۇ ياخشى ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى، دەپ ئۆزەمنى ئەيىپلەپ يۈرەتتىم.
ئاچام ئوغلىنى بېقىش ۋە مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىن بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ كىيىم تىجارىتى قىلىشقا باشلىدى، مەنمۇ مەكتەپتە دەرستىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ ياردەمدە بولىدىغان بولدۇم. ھەر ئايدا تاپقان پۇلدىن بىر قىسمىنى بانكىغا مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇم ئۈچۈن قوياتتۇق، قالغان قىسمى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزغا ۋە ئاچامنىڭ ئوغلىنىڭ يەسلى پۇلى، ئوقۇش خىراجىتىگە ئارانلا يىتەتتى، ئۆيدە ھەممەيلەن شۇنداق تىجەشلىك ئىدۇق، مەنمۇ ئايلاپ يىللاپ بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كەيمەيتىم. بەزىدە ئاچام ھېيت - بايراملىق دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي يېڭى كىيىم ئېلىپ بىرەتتى. 2006 - يىلى مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئاچام بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىختىساتچانلىق بىلەن توپلىغان پۇلىنى دەسمىي قىلىپ، خەلقئارلىق چوڭ بازارنىڭ 2 - قەۋىتىدىن بىر دۇكان ئىجارىگە ئالدى ۋە دۇكانغا سالغان ماللارنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگەچ بىر تەرەپتىن ئاچامنىڭ دۇكىنىغا قارىشىپ بەردىم. كۈندىلىك سودىمىز يامان ئامەس ئىدى، تۇرمۇشىمىزمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. مەن كۈندۈزدە دۇكاندا ئاچامغا ياردەملەشسەم، كەچتە ئولتۇرۇپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلاتتىم. ئاچامنىڭ كۈنىگە تاتىۋاتقان جاپالىرى مېنى بەكلا قىينايتى ۋە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلاتتى.
بىزنىڭ دۇكاندىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردە، ئاتۇشلۇق ئەكبەر دېگەن بىر بالىنىڭ قاتار كەتكەن ئۈچ دۇكىنى بار ئىدى، چۈنكى بەزى ماللىرىمىز ئوخشاپ قالغاچقا، بەزىدە خېرىدارلارنىڭ سېتىۋالىدىغان سانى كۆپرەك بولۇپ قالسا، ئۆز - ئارا مال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشاتتۇق. 2007 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاچامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن دۇكاننىڭ ھەممە ئىشى مەن بىر ئادەمگە قالدى. مەن دۇكاندا خېلى ئىشلەپ باققان بىلەن، مال كىرگۈزۈش، باھا بېكىتىش دېگەندەك ئىشلاردىن
خەۋەرسىز ئىدىم. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ تۇرغان كۈنلەردە، ھېلىقى ئەكبەرجان ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى، كەچلەردە دۇكاننى يۇغۇشتۇرۇپ بېرىشەتتى. ئاچام دوختۇرخانىدىكى ۋاقتىدا ئۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى، مەن ئۇنىڭ بۇ خالىسانە ياردىمىدىن شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم.
ئەكبەر بۇ يىل 26 - ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇشۇ دۆڭكۆۋرۈك ئەترەپىدا سودا - سېتىق قىلىۋاتقىلى 6 يىل بولاي دەپتۇ. ھازىر ئۆزى ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆي سېتىۋاپتۇ، يەنە بىر ماشىنىمۇ سېتىۋاپتۇ. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى دۇكاننى تاقىغاندىن كېيىن مەن بىلەن بىرگە مەكتەپكە بېرىپ ئاچامنىڭ بالىسىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قوياتتى. بەزىدە مېنى دوىتۇرخانا ئالدىدا بىرنەچچە سائەت ساقلايتى، بەزىدە مەن بىلەن بىرگە سوغاتلارنى ئېلىپ ئاچامنى يوقلاپ كىرەتتى. ئاچام بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرۈپ مەندىن كۆپ خاتىرجەم بولغانلىقىنى نەچچە رەت ئېيتتى. مېنىڭ ئەكبەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىممۇ تېز
سۈرەتتە تەرەققىي قىلدى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. شۇنداقلا مەن ئەكبەردەك بىر يۆلەنچۈككە مۇھتاج ئىدىم.
ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاچاممۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەكبەر بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىممۇ كۆپۈيۈشكە باشلىدى. بىز ئىككەيلەن ياشلىقتىكى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىدۇق. ئۇنىڭ بىزگە ئۆيگە بارىدىغان سانىمۇ كۆپۈيۈشكە باشلىدى. بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئىككەيلەن تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرساق ئاچام تاماق قىلىپ بىرەتتى، مەن ياردەملىشىپ بىرەي دىسەممۇ ئۇنىمايتى. بەزى كۈنلىرى بىز دۇكاننى تاقاپ قويۇپ ئەكبەرنىڭ ماشىنىسى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئارام ئېلىپ كىلەتتۇق، ئىشقىلىپ ئەكبەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىدى. لېكىن يېرىم ئاي بۇرۇنقى بىر ئىش، مېنىڭ بۇ شىرىن چۈشلۈرۈمنى بەربات قىلدى.
ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىر كۈنى، مەن دۇكاننى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم. سورۇندا بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن مىجەزىم بولماي بىئاراملىق ھېس قىلىپ، دوستۇمغا ئۆزراخالىق ئېيتقاندىن كېيىن ئۆيگە قايتتىم. ئۆيگە يېتىپ كىلىپ ئىشىكنى ئاچقىنىمنى بىلىمەن، كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە قاراپ ھەممە يەر قاراڭغۇلۇققا قاپلانغاندەك بولدى، پۈتۈن ئۆي پىقىراۋاتقاندەك ئىدى. مېھمانخانىدىكى سافادا ئاچام كەچلىك ئۇخلاش كىيىمى بىلەن، ئەكبەر بولسا ئۈستى يالىڭاچ كۆينەكسىز ھالدا گىرەلىشىپ ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۋېتىپتۇ. مېنىڭ پۇت - قولۇمدا كۈچ قالمىغان ئىدى، بۇ ئەھۋالغا قاراپ نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەيتىم، كاللام زىڭىلداپ ئاغرىپ قۇپ - قۇرۇقلا بولۇپ قالغان ئىدى. مەن سەل دەلدەڭشىگەن ھالدا ئۆزەمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم ۋە ئۆزەمنى كارۋاتقا تاشلىغىنىمچە بوقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئۆزەمنى توختۇتىۋېلىشقا شۇنداق كۈچىسەممۇ، توختىماي ئېسەدەپ توختىيالمايتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئاچام قېشىمغا كىردى. «مەن سىنىڭ بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن سىڭلىم، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار. سەندىن قانچىلىك ئەپۇ سورىساممۇ بۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ، ھەم ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن. بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ يۈرشۈمنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. ئەسلى كېيىنچە بىر ۋاقىت تېپىپ، ئەكبەر بىلەن ياخشىراق مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، سەن بىلەن پاراڭلىشايلى دېگەن، لېكىن بۈگۈن سەن كۆرگۈلۈكنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ. ئەكبەر بىلەن ئىككەيلەن يېقىندا توي قىلماقچى بولىۋاتىمىز. ساڭا نەچچە يۈزلەپ مېنى كەچۈرگىن دىگۈم بار، لېكىن سېنىڭ مېنى كەچۈرمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن» دېدى ئاچام.
مەن نېمە دېيىشنى بىلمەيتىم، چۈنكى بۇنداق بولارىنى مەن قەتتىي ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى. ئاچام بۇ يىل 36 ياشقا كىردى، ئوغلىمۇ 12 ياشتىن ئاشتى. ئەكبەر بولسا ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن بالا، بۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ زادى مېنىڭ چۈشۈممۇ ئوڭاممۇ؟ مەن ئۆزەمنى چىمداپ باقتىم، ئەينەككە قاراپ باقتىم، سۇ ئىچىپ باقتىم.......... بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ ئوڭامدا يۈر بېرىۋاتقان ئىش ئىدى. ئاچام مېنى 12 ياشتىن باشلاپ بېقىپ چوڭ قىلىۋاتقىلى 13 يىل بولدى، مېنى دەپ ئۇ نۇرغۇن جاپالارنى تارتتى. مەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن، مېنىڭ جېنىمنى لازىم قىلىدىغان ئىشى بولسىمۇ ئۇنىڭغا بېرىشكە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسەمنى قۇربان قىلىشقا رازىمەن. ئەمما بۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىش مېنى چەكسىز ئازاپقا سالغان ئىدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ دۇكانغا بارمىدىم، ئۆيدىن سىرتقىمۇ چىقمىدىم، ئاچامغىمۇ بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىدىم. ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇم يوق ئەمەس، نۇرغۇن گەپلەرنى دىگۈم بار، لېكىن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق، مەن ئۇنىڭغا نېمىمۇ دىيەلەيمەن؟ ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە قانچىلىك سۆزلىسەممۇ بىكار ئەمەسمۇ؟!
بۈگۈن ئەتىگەن ئاچام دۇكانغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ماڭا قاراپ خېلى ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن شۇنداق تەسلىكتە ماڭا «ئەكبەر بىلەن ئىككەيلەن 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توي قىلىدىغان بولدۇق............» دېدى.