ئاساسىي تېما : شېرىن ئەسلىمەئاۋاتلىقى:230ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



بېشىڭغا قايغۇ چۈشكەندە ئەتراپڭغا قاراپ ئۈزۈڭنى باس....
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 528
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 528 نوقتا
پۇل : 5280 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1508(سائەت)

 شېرىن ئەسلىمە

                                        
                          بولسىمۇ ئۇ گەر ماڭا،مۇھاببەتكە بىسادىق،
                          ئۆچەكىشىپ ئۇنىڭغا سانجىمايمەن نەشتىرىم.
                          ئېچىنىساممۇ قەلبىمنىڭ كەتكىنىگە ئۆزگۈرۈپ،
                          ئۇنىڭ ئىسىل خۇلقىغا بار ھىلىمۇ رەھمىتىم.


                          ئۇچرىشاتتۇق بەخىتلىك ئاشۇ چاغلار دائىما،
                          لىكىن ئۇ چاغ مەڭگۈللۈك كەتتى قايتىپ كەلمەسكە.
                          ئەپسۇسلىنىپ گەرچە دىل ئۆرتەلسىمۇ مىڭ مەرتە،
                          ئاشۇ ئىسىل چاغلاردىن سۈيىنىمەن تېخىچە.


بىر قىزنىڭ قەلبىدە شىرىن تۇيغۇللارنى ئويغاتقان ئادەم قىز نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ سۈيۈملۈك ھىساپلىنىدۇئەمەسمۇ؟
كىشلىك دۇنيادىكى تاسادىبىيلىقىلار شۇ قەدەر قۇدىرەتكە ئىگەكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارشى ۋە تۇرمۇش يولىنى بىردىنللا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
شۇنداق ئىككىمىز مانا مۇشۇنداق تاسادىبىي تۇنۇشقان، مۇشۇنداق تاسادىبىيلىقلار تۇپەيلىدىن بەخىتلىكلەر شور پىشانە، بەخىتسىزلەر بەخىتلىك بولۇپ قالدىغان، شۇنداق ئىجىل ئۆتكەنلەر بىر-بىرىنى كۆرە كۆزى يوق، رەقىپ خورازدەك خىرىس قىلىپ يۈرۈشكەنلەر ئايرىلىماسلاردىن بولۇپ قالدىغان ئىشلار داۋاملىق بولۇپ تۇردىكەن. كىشلىك ھاياتىكى بۇ تاسادىبىيلىقلارنى ھىچىكىم ئالدىن بىلەلىگەن، ئۆزمۇھاببىتىگە چاك كىتىشىنى ھەرگىزمۇ خىيالغا كەلتۈرمىگەن ھەم كەلتۈرەلمەيدۇ.
ياخشى كۆرگەن كىشىنى كۆڭۈلدىن چىقىرۋىتىش تەس ھەتتا بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقىرۋەتكىلى بولماس. ئەگەر سىزنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنىڭ بېرڭۋاتقان قۇربانلىرىڭىزنى ھېساپقا ئالمىسا، ئۇ سىزنى بەخىتلىك قىلالامدۇ؟ ناتايىن...
مەن سەن بىلەن تۇنۇشقاندىن بېرى شۇنى تولۇق چۈشەندىمكى؛ھاياتىنىڭ ئەڭ زور قايغۇللرىغا تولغان چاغدا، ئۆز شان-شۆھرىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، قەلبى پەسكەشلىككە تولغان كىشىلەرنىڭ نۇمۇسىز گەپلەرنى تارقىتىشىدىن ۋە بارلىق توسقۇنلاردىن قورقىماي قەلبىنى، مىھرىنى، ئىشىقىنى، بەختىنى سىزگە بېغىشلاپ يار يۆلەك بولغان قىز سۆيگۈنىڭ بۈيۈك مەشئىلىدۇر.ئەمما سەن بۇنىڭغا ئەرزىمسەن؟؟
Posted: 2011-04-21 17:24 | [پۈتۈكچى]


ئاھ !!!ياققىن يامغۇر....
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 49
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 49 نوقتا
پۇل : 490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

         سەن بىلەن تونۇشقان شۇ چاغلارنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالىمەن،ئەسلىمەسلىككە چارىسىزمەن..............  سەندىن ئېرىشكىنىم ئۇنچە جىق بولىسىمۇ مەن گۆدەكلەرچە كۈلۈپ كەلدىم. ھېچقانداق تاماسىز ياشاپ كەلدىم. سېنىڭ بىر ئېغىز سۆزىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللى ئىدى، ئەپسۇس .............

       كۈلۈپ تونۇشۇپ يىغلاپ ئايرىلىدىغان ئىش ئىكەن.سەن بىلەن تونۇشقىنىمغا قىلچىمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. سەندىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىمەن. سېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ ئۆتىمەن(گەرچە ساڭا ئېرىشەلمىسەممۇ) ...... سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە شۇ گۈزەل چاغلار مەڭگۈلۈك شېرىن ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى.............

      ئېسىڭدىمۇ،يامغۇر ياققان شۇ كېچە!!!!!

سۇنغان ئەينەكنى چاپلىغان بىلەن،بەرىبىر ئىز قالىدۇ...
قەلبىمدىكى ئاخىرقى بىر تال چېكىتنى ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم.

Posted: 2011-04-21 17:54 | 1 -قەۋەت


ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى  ئۆزىنى       بىلىشتە  ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 144
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 144 نوقتا
پۇل : 1440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:91(سائەت)

 

بىزلەر ئىدۇق ئەسلى ناتۇنۇش ،
مەيلى ئەمدى يەنە ئىزدىمە .
ئەسلىمىدىن يۇقالسۇن تامام ،
بىزنىڭ ئاشۇ شىرىن ئەسلىمە .
Posted: 2011-04-21 17:55 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 491
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 491 نوقتا
پۇل : 4910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:324(سائەت)

 

بىزنىڭ ئاشۇ شىرىن ئەسلىمە ،
سەنسىز كۈنگە بولىدۇ چىراق.
بۇ ھاياتقا گۈزەللىك بەرگەن،
ئىككىمىزدە يانغان شۇ پىراق.

سەن باردەك سەن يېنىمدا باردەكلا ،سېنى ئۆزىڭنى كۆرمىسەممۇ ،ئەتراپىمدا سېنىڭ ھىدىڭ ،سېنىڭ ئىنكاسىڭ سېنىڭ تەپەككۇرىڭ ،سېنىڭ ماڭا لازىملىق ئۇچۇرىڭ شۇنچىلىك كېچىكمەي كېلىدۇ .مەن بىلىپ قالدىم سەنمۇ مېنى ساقلىتىشنى خالىمىدىڭ ،ئەقىدەم بىلەن سېنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلىسەن!
باھاردا چىچەك بىلەن يازدا گۈللەر بىلەن يوللىرىڭغا پايانداز سېلىۋاتىمەن .سېنىڭ ئاشۇ گۈللەرگىلا لايىق ئەمەس  مېنىڭ پۈتۈن ئۆمرىم بىلەن خىزمەت قىلىشقا لايىق ئىكەنلىگىڭ ماڭا ئېنىق !!!!!
Posted: 2011-04-22 00:55 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 217
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 219 نوقتا
پۇل : 2190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:316(سائەت)

 

ئىككىمىزدىن  يانغان  ئەشۇ  پىراق،
 ۋۇجۇدۇمدىن زادىلا كەتمىدى بىراق.
قالغۇسى رىشتىمىزدە شىرىن ئەسلىمە،
قىلىپ  دىللارنى  غەپلەتتىن  يىراق .
Posted: 2011-04-22 01:24 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation