ئاساسىي تېما : پايدىلىق ھېكمەتلەرئاۋاتلىقى:73ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 213
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 213 نوقتا
پۇل : 2130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:71(سائەت)

 پايدىلىق ھېكمەتلەر


كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش
ھەرقاچان كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلساڭ ، ئۇلارنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىغان بولساڭ ، ئۇلارغا ھەم شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن . چۈنكى ھەدىس –شەرىفتە :« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلار ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمانى مۇكەممەل بولغان بولمايدۇ » ( سەھىھۇلبۇخارى ، سەھىھۇلمۇسلىم ، جامىئۇتتىرمىزىي ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن ) دېيىلگەن .

 قەلب ھەققىدە   

  
ئەي بالام ، مېنىڭ يەنە بىر سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئۇ ھەقتە ئويلان ، چىقىش يولى تاپىسەن . ئەگەر بىراۋ ساڭا كېلەر ھەپتە پادىشاھ سېنى زىيارەت قىلىپ كىلىدۇ ، دەپ خەۋەر قىلسا ، ماڭا مەلۇمكى سەن مۇشۇ مەزگىلدە باشقا ئىشلارنى قۇيۇپ ، شاھنىڭ نەزىرى چۈشىدۇ ، دەپ قارىغان كىيىم-كېچەك ، بەدەن ، ھويلا-ئارام ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىسەن . ئەمدى مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەنگەنسەن . داناغا بىرلا ئېغىز سۆز كۇپايە . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن ئاللا سىلەرنىڭ تاشقى كۈرۈنۈشىڭلارغا قارىمايدۇ ، بەلكى قەلبىڭلارغا قارايدۇ . ( سەھىھۇلبۇخارى ، سەھىھۇلمۇسلىم ، جامىئۇتتىرمىزىي ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن ).
ئەگەر قەلب ئەھۋالىنى بىلەي دېسەڭ مېنىڭ« ئىھيائ » قاتارلىق كىتابلىرىمغا قارا . بۇ پەرز ئەين بولغان ئىلىمدۇر . باشقا ئىلىملار ئاللانىڭ پەرزلىرى ئورۇنلانغۇدەك مىقدارىنى چىقىرىۋەتكەندە پەرز كۇپايە . ئۇ ئىلىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ساڭا مۇۋەپپەق بولغاي . دۇنيالىققا قارىتا ئارزۇيۇڭنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمە . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر قىسىم ھۇجرىلىرىغا تەمىنات تەييارلاپ بېرىپ دېگەن ئىدىكى :« ئى ئاللا ، مۇھەممەت ئائىلىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى دەل يەتكۈدەك قىلغىن »  ( سەھىھۇلبۇخارى ، سەھىھۇلمۇسلىم ، جامىئۇتتىرمىزىي ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن ) .رەسۇلۇللا بۇ تەمىناتنى ھەممە ھۇجرىسىغا ئەمەس ، بەلكى قەلبىدە زەئىپلىك بار دەپ قارىغان ھۇجرا ئىگىسى ئۈچۈن تەيايرلايىتتى . جەزمىيەت ئىگىسى بولغان ئاياللىرىغا بولسا ، بىر ياكى يېرىم كۈنلۈكتىن ئارتۇق نەرسە تەييارلىمايىتتى .

ئەمەلدارلاردىن سوۋغات ئالماسلىق

سەن ھالال دەپ بىلگەن تەقدىردىمۇ ئەمەلدارلارنىڭ سوۋغا –سالاملىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىڭ كېرەك . چۈنكى ئەمەلدارلاردىن ،نەرسە تەمە قىلىش ئېتىقادنى بۇزىدۇ . تەمە تەخسىكەشلىكنى ، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنى ، زوراۋانلىقتا ئۇلار بىلەن بىرسەپتە تۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادتىكى بۇزۇلۇشتۇر . ئۇنىڭ ئەقەللى زىيىنىۇ سەن ئۇلارنىڭ سوۋغا-سالامىنى قۇبۇل قىلىپ ، مال –دۇنياسىدىن مەنپەئەتلەنسەڭ ئۇلارنى ياخشى كۈرىسەن . بىركىمنى ياخشى كۆرگەن ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشى ، شانۇ-شەۋكىتىنىڭ دائىمىي بۇلۇشىنى تىلەيدۇ . زالىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشىنى ياخشى كۈرۈش ، ئاللانىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ۋە دۇنيانىڭ خاراب بۇلۇشىنى ئىرادە قىلغانلىقتۇر . دىن ۋە ئاقىۋەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىن زىيانلىق نەرسە بارمۇ ؟ شەيتاننىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ ئالداپ كېتىشى ياكى بەزىلەرنىڭ ساڭا : ئەڭ ياخشىسى ، ئەڭ مۇۋاپىقى ، ئۇلاردىن پۇل-مال ئېلىپ پېقىر-مىسكىنلەر ئارىسىدا تارقىتىپ بېرىشتۇر ، ئۇلار بۇ پۇلنى گۇناھ –مەئسىيەتكە خەجلەيدۇ . سېنىڭ ئاجىز ئادەملەرگە خەجلىگىنىڭ ئۇلارنىڭ خەجلىگىنىدىن ياخشى دېگەندەك سۆزلەرنىڭ سېنى ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلان .شەيتان مەلئۇن مۇشۇ خىل ۋەسۋەسە بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆز باتىلى ئالدىدا تىزلاندۇرغان .
سەن ئاللا بىلەن بولغان مۇئامىلەڭنى شۇ دەرىجىدە قىلغايسەنكى ، ئەەەر ساڭا قۇلۇڭ شۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولسا ، سەن شۇنىڭغا رازى بۇلىدىغان ، ئىچىڭ سىقىلمايدىغان ، ئاچچىقىڭ كەلمەيدىغان دەرىجىدە بولسۇن . سېنىڭ قۇلۇڭ تەرىپىدىن ساڭا قىلىنىشنى خالىمايدىغان مۇئامىلىنى ھەققى خوجايىنىڭ بولغان ئاللا ئۈچۈن ھەم قىلىشقا رازى بولمىغايسەن .
Posted: 2011-04-21 15:10 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:116(سائەت)

 

راسلا پايدىلىق ھىكىمەتلار ئىكەن .....رەھمەت ...

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يۇقمۇ؟!

Posted: 2011-04-21 17:02 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation