تاڭ شەبنىمىنى يۈزىگە قوندۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان گۈللەرنىڭ ئارسىدا ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىپ تۇرغان
قىزىل گۈل غۇنچىسىنى كۆرگەن بۇلبۇل، ئۈستىبىشىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۋىتىپ، گىلىنى قىرغانچە، باشقا گۈللەرنى داۋاملىق ئالداپ كەلگەن نادىر ئاۋزىنى سازلاپ، گۈلنىڭ يىنىغا تەۋەززۇ بىلەن ئۇچۇپ كەلدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈللەر پەرىشتىسى، جان ئالغۇچى يىگانە گۈل!l
مەن قۇشلار ئىلىنىڭ شاھزادىسى بۇلبۇل. ئاۋازىمنىڭ گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇرمەن. مىنىڭ مۇڭلۇق، مۇھەببەتلىك سايرىشىمنى ئاڭلاپ ئىچىلىشنى زارقىپ كۈتۋاتقان گۈللەر كۈرمىڭدۇر. بۈگۈن بۇ يەردىن ئۇچۇپ كىتۋىتىپ، ماۋۇ كۆرۈمسىزلەر ئىچىدىن سىزگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. پىقىرنىڭ تەلىپىنى ھىچقانداق سۆزسىز قوبۇل قىلدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن،،،،،،،،،،،،،،،،
ئەلمىساقتىن تارتىپ
قىزىل گۈللەرنى ئالداپ، يىغلىتىپ، ئىچىلىش ئالدىدا بىخۇتلۇق قىلىپ ئۇخلاپ، ئۆزىنى ياكى ئۆزگىنى مۇھەببەتكە ئىرىشتۈرمەي يۈرگەن ئەخمەق بۇلبۇلنىڭ ھىكايىسىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان
قىزىل ئەترگۈل ماختانچاق بۇلبۇلغا باش كۆتۈرۈپ قاراشنىمۇ خالىمىدى.،،،،،،،،
'
_ قىنى ئەمە، گۈزەل ئۈنۈمنى قويۋىتىپ سايراشقا باشلىدىم،
ناخشامنىڭ سىھرىدە ئاستا_ئاستا ئىچىلغان گۈزەل سىياقىڭىزنى بىر كۆرەي _، دېدى بۇلبۇل .
_ ئەمسە شىخىمغا قونۇپ سايراڭ_، دېدى
قىزىل ئەتىرگۈل مەنسىتمىگەن ھالدا.
_ ياق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يىرى تىكەن، قونۇشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت سۈبھىدىكى ئاشۇ ئىچىلغان گۈزەللىكىڭىزدىن ھۇزۇرلانساملا بولدى، ئۇندىن كىيىن سەپرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭا ئىنتىزار بولغانلارنىڭ يىنىغا بارىمەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
بايلا ئۇنىڭغا ئۆچلىكى كىلىپ تۇرغان
قىزىل ئەتىرگۈل:
_ كۆزۈمدىن يوقال!! سەندەك بىردەملىك گۈزەللىك ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، ،مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن قۇيرۇقىنى خادا قىلىدىغان ۋاپاسىزغا ئىچىلدىغان گۈل يوق. سىنىڭ ئورنۇڭدا ئۆزى سەت، لىكىن ۋاپادار قاغىغا ئىچىلىپ بىرىشكە تەييارمەن _ دېدى غەزەپ بىلەن.
بۇنى ئاڭلىغان بۇلبۇل مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلىپ ، باشقا گۈللەرنى ئىزلەپ كىتىپ قالدى.
شۇ چاغدىلا
قىزىل ئەتىرگۈل بىشىنى مەغرۇرانە كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە ئالقىش نەزىردە قاراپ تۇرغان دوسلىرىغا قاردى.
چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن، كىم ئۈچۈن ئىچىلدىغانلىقىنى بىلەتتى......

مۇشۇ ئىشقى-مۇھەببەت توغرىسىدا ھەممىمىز ئىككى كەلىمىدىن سۈزلەپ باقايلى دوسلار...