ئاساسىي تېما : دولانلارنىڭ داڭلىق تائامى _ كۆجەئاۋاتلىقى:477ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ۋەتەن ئانامدۇر،بايراق ئاتام.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 97
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 97 نوقتا
پۇل : 970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:82(سائەت)

 دولانلارنىڭ داڭلىق تائامى _ كۆجە

دولانلارنىڭ داڭلىق تائامى _ كۆجە


تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
كۆجە _ دولانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تائام بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر – مېھنەت سىڭدۈرۈلىدۇ. كۆجە كۈز پەسلىدىلا ئىچىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى كۆكباش بولغاچقا، كۆممىقوناق چۈرۈش بولىدىغان كۈز پەسلىدىن باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ ئاشۇ ئاساسلىق خۇرۇچىنى تېپىش قىيىن (تېپىلغان تەقدىردىمۇ كۈز پەسلىدىكىدەك تەبىئىي تەملىك بولمايدۇ).
كۆجىنىڭ قاچان، قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەجدادلىرىمىز كۆممىقوناق تېرىشقا باشلىغاندىلا پەيدا بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى ئەڭ ئاۋۋال گۆشنى خام يېيىشكە باشلىغانغا ئوخشاش، كۆممىقوناق تېرىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلگەن دېھقانلارمۇ ئاۋۋال ئۇنىڭ خام ھالەتتىكى سۈتىدىن پايدىلانغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ۋەھالەنكى، دولانلاردا ‹‹چۈرۈش قوناقنىڭ سۈتى ئادەمگە پايدا قىلىدۇ›› دەپ كۆكباشنى خام يەيدىغانلار ھازىرمۇ بار.
كۆجە تەملىك، سىڭىشلىك بولۇپ، ئاشقازان ۋە باشقا كېسەللىك تۈپەيلى پەرھىز تۇتقۇچىلارغىمۇ زىيان قىلمايدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كۆجە ئىشتىھانى ئېچىپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ، قەۋزىيەتنى تۈگىتىپ، ئۈچەينى تازىلايدۇ.
كۆجە مۇنداق تەييارلىنىدۇ: ئاۋۋال يېتەرلىك مىقداردا كۆكباش تەييارلىنىپ، دېنى قىرىپ چۈشۈرۈلىدۇ. تەييارلانغان كۆكباش دېنى كاساڭدا سوقۇلسىمۇ ياكى ياغۇنچاقتا ئېزىلسىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى ئۇسۇلدا ئامال بار ئۇزاقراق سوقۇپ، دېنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇمشاقراق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، كېيىنكىسىدە دان ياغۇنچاقتىن بىرلا قېتىم ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
دان يۇمشىتىلغاندىن كېيىن، ئازراق سۇ قوشۇلۇپ، قولدا سىقىپ، كۆكباشنىڭ سۈتى چىقىرىلىدۇ. دان بىلەن دان سۈتى ئايرىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىلغان قازانغا ئاۋۋال دان سېلىنىدۇ. بىر – ئىككى قېتىم قاينىتىلغاندىن كېيىن، دان سۈتى قازانغا ئاز – ئازدىن قۇيۇلۇپ، ئىلەشتۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر دان سۈتى بىراقلا قۇيۇۋېتىلسە ياكى ئىلەشتۈرۈشكە سەل قارالسا، سۈت بىلەن دان ياخشى ئارىلاشماي كۆجە بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دان سۈتىنى قۇيغاندا، بىر چۆمۈچ قۇيۇپ بىردەم ئىلەشتۈرۈش، يەنە بىر چۆمۈچ قويۇپ يەنە بىردەم ئىلەشتۈرۈش كېرەك. دان سۈتى دانغا ئارىلىشىپ تولۇق قويۇلغاندىن كېيىن تۆت –بەش مىنۇت قاينىتىلسا كۆجە تەييار بولىدۇ. كۆجە ئېتىشتە، سوقۇپ ياكى ياغۇنچاقتا ئېزىپ تەييار قىلىنغان كۆكباش دېنىنى قازانغا سېلىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا گۆش، چامغۇر، يۇمغاقسۈت سېلىۋەتسە، كۆجىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
كۆجىنى قورۇپ ئېتىشكىمۇ بولىدۇ. قورۇپ ئېتىلىدىغان كۆجىنىڭ قورۇمىسى ئادەتتىكى قورۇمىلارغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، قورۇما تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە سۇ قويۇپ، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئەتسە بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-07-16)
Posted: 2011-04-16 11:31 | [پۈتۈكچى]


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5791
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5820 نوقتا
پۇل : 58200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1489(سائەت)

 

كۇجا دەيدىكەن بىزنىڭ  يۇرتتا  .. قارىغاندا دىيىشكە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق  دىيىشسە كىرەك .  پەيزى تاماق بۇ مەنمۇ بەك ئامراق ،  

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-16 11:52 | 1 -قەۋەت


ۋەتەن ئانامدۇر،بايراق ئاتام.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 97
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 97 نوقتا
پۇل : 970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:82(سائەت)

 

يۇرتىڭىز دولاندىنما؟
Posted: 2011-04-16 12:13 | 2 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5791
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5820 نوقتا
پۇل : 58200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1489(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى رۇمى نىڭ 2011-04-16 12:13 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
يۇرتىڭىز دولاندىنما؟

يۇرتۇمنى  مەكىت دەپ ئاتايمىز

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-16 12:21 | 3 -قەۋەت


كىم ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىيەلىسۈن ؟
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 161
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 161 نوقتا
پۇل : 1610 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:323(سائەت)

 

دۇلانلىق

زۇرەپشان دەرياسى ئۇ قەدىمى بىر دەريا

Posted: 2011-04-16 12:24 | 4 -قەۋەت


ۋەتەن ئانامدۇر،بايراق ئاتام.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 97
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 97 نوقتا
پۇل : 970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:82(سائەت)

 

كەچۈرۈڭ ...          شۇ تائام ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتامدۇ؟
Posted: 2011-04-16 12:24 | 5 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5791
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5820 نوقتا
پۇل : 58200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1489(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى رۇمى نىڭ 2011-04-16 12:24 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
كەچۈرۈڭ ...           شۇ تائام ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتامدۇ؟

  ئەلۋەتتە قۇناق  يىڭى دان  تۇتىقاندا  سۈتلۈك چاغدا ئىتىدۇ  ئۆي ئۆيلەردە ..........  ئا~~~~  دەۋىرىپ قۇرسۇقۇم  ئىچىپ كەتتى مانا

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-16 12:35 | 6 -قەۋەت


چۈشەندۇرۇش مەڭگۈ ئارتۇقچە!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1492
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1494 نوقتا
پۇل : 14940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:683(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئىسىل نىڭ 2011-04-16 11:52 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
كۇجا دەيدىكەن بىزنىڭ   يۇرتتا  .. قارىغاندا دىيىشكە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق  دىيىشسە كىرەك .   پەيزى تاماق بۇ مەنمۇ بەك ئامراق ،  



سىزمۇ ئىتىشنى بىلسىز ھە ،ئىسل . كۆكۋاش چىققاندا...................

سىنى چۈشەنگەنلەرگە چۈشەندۇرشىڭ ھاجەتسىز. چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۇرشىڭ تىخىمۇ ھاجەتسىز!

Posted: 2011-04-16 12:36 | 7 -قەۋەت


ۋەتەن ئانامدۇر،بايراق ئاتام.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 97
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 97 نوقتا
پۇل : 970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:82(سائەت)

 

خا.....خا.....خا...  شۇ قوسقىڭىزنى ئاچۇراي دەپ يوللىغانتىم بۇ تېمىنى.............   

داۋاملىشىپ كەۋاتقان بولسا چوقۇم بىر يەپ كۆرۈش كېرەككەن ئەمسە............
Posted: 2011-04-16 12:43 | 8 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 5791
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5820 نوقتا
پۇل : 58200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1489(سائەت)

 7 - قەۋەتتىكى پۈتۈكچى (قاراقچى01) گە ئىنكاس

مىنىڭ بىر ئادىتىم  مەيلى ئاش تاماق بولسۇن مەيلى تومۇشتىكى  ئوششاق ئىشلار بولسۇن ياخشى  كۆردىغان ئىشىمنى ئۈگىنۋالماي قويمايمەن   

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .




ھەر قانداق ياخشلىق سەرۋىر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ .


مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .



دۈشمىنىڭ  ئاتقان  تاشتىن ، دوستۇڭ ئاتقان پاختا قاتتىق تېگىدۇ.


تۇرمۇش بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى ئىنىق ئايرىش كىرەك ، بولمىسا  بار ئازاپ ئۈزۈڭگە بۇلىدۇ .

Posted: 2011-04-16 23:21 | 9 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يېمەك -ئىچمەك

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation