ھېزى بول
سەن شاتلانساڭ قاپاقنى تۈرگەنلەردىن ھېزى بول،
ئازاپلانساڭ ، قايغۇرساڭ كۈلگەنلەردىن ھېزى بول.
ئادەم دىگەن مۈرەككەپ ، ئىچىدىدۇر ئالىسى ،
كۈچۈكلىنىپ ئالدىڭدا يۈرگەنلەردىن ھېزى بول.
دوست سياقتا كۆرۈنەر دۈشمەن دىگەن ھېلىگەر ،
مۈكۈۋالغان پنھانغا«مەرگەن »لەردىن ھېزى بول .
ئالار چاغدا يېنڭدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ ،
بىرەر چاغدا كۆزىڭدىن يۈتكەنلەردىن ھېزى بول .
رەقىبڭنى دوست كۆرۈپ ئورون بېرىپ تۆرىدىن،
دوستىلىرىڭنى ئۇلارغا سۆككەنلەردىن ھېزى بول.
چېقىمچى
قىچا چېچىپ ئارىغا تىنىم تاپماي شاپاشلاپ،
ياخشىلارنى يىغلىتىپ ئۆزى كۈلگەن چېقىمچى.
ھەقتىن كىچىپ پۇلنى دەپ دادىسىنى چاپۇتلاپ،
سۈزۈك سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتقان چېقىمچى.
ھەريان چېپىپ قۇتراپ لالما ئىتتەك سوكۇلداپ،
شۆھرەت ئۈچۈن،نەپ ئۈچۈن ۋىجدان ساتقان چېقىمچى.
سېلىپ قويۇپ جىدەلگە ئويۇن كۆرۈپ بىر چەتتە،
ئەل رايىدىن ئايرىلغان ئىچى قوتۇر چېقىمچى.
قان-قېرىداش،دوستلارنى ئايلاندۇرۇپ رەقىپكە،
خىدەللەشسە مۇشتلاشسا خۇشال كۈلگەن چېقىمچى.
ئەجداتلارنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ شادلىنىپ،
پاكىز غۇنى سېسىتقان لەشكە ئوخشاش چېقىمچى.
بىر بىرگە چاقمىغىن ئەي چېقىمچى ەپ تۇشۇپ،
قىچا چاچما ئارىغا پايدا-مەنپەت قوغلۇشۇپ.
زىرىكتىم
ھۆل قىش تىزىپ پۇتۇمغا قول تۇتقاندىن زىرىكتىم،
يامانلارغا ھەمنەپەس بولغانلاردىن زىرىكتىم.
خەندەك قېزىپ يوللارغا،بۇزۇپ تاشلاپ كۆۋرۈكنى،
ئوڭ-سولۇمدىن،ئارقامدىن تاش ئاتقاندىن زىرىكتىم.
چاكاتلىسا رەقىبى جىم تۇرغاندىن زىرىكيىم،
ھەسەت قىلىپ بەختىمگە ئاھ ئۇرغاندىن زىرىكتىم.
بولىۋېلىپ يالغاندىن دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى،
تۇيدۇرماستىن ئارقامدىن ئوق ئاتقاندىن زىرىكيىم.
قورقۇپ مۈشكۈل-جاپادىن قاچقانلاردىن زىرىكتىم،
ئاشنى يەپلا تاۋاقنى چاققانلاردىن زىرىكتىم.
باغدىن قوغلاپ بۇلبۇلنى،قۇزغۇنلارنى ئۇلۇغلاپ،
مەنپەت ئۈچۈن دوستىنى ساتقانلاردىن زىرىكتىم.
ۋىجدانىنى بۇلغىغان ئازغۇنلاردىن زىرىكتىم،
ئەجدادىنى ئۇنۇتقان مەلئۇنلاردىن زىرىكتىم.
زامان بۇ
بىلىمسىزنى، ناداننى شاللايدىغان زامان بۇ ،
بىلىملىكنى ئەزىزلەپ تاللايدىغان زامان بۇ .
بىلىملىككە باغرىنى ئېچىپ بېرىپ كەڭ –كەڭرى ،
بىلىمسىزنى بىرچەتكە قاقىدىغان زامان بۇ .
بىلىملىكلەر ئەتىۋار ،بىلىمسىزلەر خارى-زار ،
ئەقىلىقنى ، دانانى قوللايدىغان زامان بۇ .
بىلىمسىزلەر يۈك- سۆرەم ۋەتەن ،خەلق ،مىللەتكە ،
بىلىملىكنى ئەتىۋار بىلدىغان زامان بۇ.
پۇلغا بىلىم كەلمەيدۇ ئۈگەن تۇرغۇن ئورنىڭدىن ،
بىلىملىككە ئايىماي بېرىدىغان زامان بۇ .
زېمىن بۇ
شاتلىق قايغۇ ، ئۆمىدلەر قۇچاقلاشقان زېمىن بۇ ،
مىسكىنلەرگە باغرىنى كەڭرى ئاچقان زېمىن بۇ .
باتۇرلارنى ئۇلۇغلاپ ، ئەركەكلەرنى ئېزىزلاپ ،
يۈرەكلەرگە جەسۇرلۇق ئوتى ياققان زېمىن بۇ .
قوينى ئىللىق مېھرىبان ئادەملەرگە ھەرقاچان ،
ئىشقى ئاتەش دىللاردا مېھرى پونتان زېمىن بۇ .
بۇ مۇقەددەت زىمىنغا ئاتا تۇرغۇن بارىڭنى ،
ئويغاق ئانا زېمىن بۇ ، باغىرى گۈلخان زېمىن بۇ .
بىركۈنى
(1)
بايلىق دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس ئىكەن ئەسلىدە ،
بىركۈلكىدە مىڭ قايغۇ بولار ئىكەن ئەسلىدە ،
بەخت ئامەت ئىنساننى سىنايدىكەن ئەسلىدە ،
لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ ئۆچىدىكەن بىركۈنى .
راستىچلىقتىن ، پاكلىقتىن چەتنىگەنلەر نا ئەھلى ،
ئەدەپ –ئەخلاق باغىنى چەيلىگەنلەر نا ئەھلى ،
ئىلىم –پەننى ، غورۇرنى سۆيمىگەنلەر نا ئەھلى ،
قان قۇسۇدۇ ئۇنداقلار جانۇ –ۋەيران بىر كۈنى.
يۇۋىمۋالساڭ كۆزۈڭنى ھەق – ئادالەت ئالدىدا ،
شەھەر ئېلىپ ئاغىزىڭدا ئات چاپتۇرساڭ باراڭدا ،
چوڭ سۆزلىسەڭ ھەمنەپەس بولۇۋېلىپ يامانغا ،
«قىممىتىڭمۇ ، يۈزۈڭمۇ قالمايدىكەن بىر كۈنى. »
ھوزۇلىنىپ ئامەتتىن خىيال سۈرۈپ ياتقانلار ،
ئۇيغۇسۇغا غەپلەتنىڭ مەھكۈم بولۇپ ياتقانلار ،
يامانلارغا يان بېسىپ چاپىنىنى ياپقانلار ،
پۇشايماندىن ئۆرتىنپ قان –قان يىغلار بىركۈنى .
(2)
قەددىمىزمۇ چىنارمۇ سۇنىدىكەن بىركۈنى ،
بەخت –ئامەت ئادەمدىن كېتىدىكەن بىركۈنى ،
ئاجىزلارمۇ قۇۋۋەتكە كېلدىكەن بىر كۈنى ،
دەرتمەنلەرمۇ قاقاقلاپ كۈلدىكەن بىركۈنى ،
بىغەم دىلمۇ ھەسىرەتكە تولىدىكەن بىركۈنى .
ياشايدىكەن باغلىنىپ سەتەڭلەرنىڭ نازىغا ،
يەتمەيدىكەن غېرىپنىڭ پەريادىغا، ھالىغا ،
ئۇنتۇيدىكەن قىشنى ،ئېرىشپلا باھارغا ،
ھايات چاغدا ئەزىرائىل كىرمەيدىكەن يادىغا ،
مەن مەن دىگەن شاھلارمۇ ئۆلدىكەن بىركۈنى .
ياخشلارنى قاخشىتىپ ئۆزىن خۇشال ئەتكەننىڭ ،
ئازىراقلا نەپنى دەپ ئەجدادىن كەچكەننىڭ ،
يۈرىكدىن ئېتىقاد ،ئەخلاق نۇرى ئۆچكەننىڭ ،
ئەل – يۇرتىغا ياخشلىق قىلماي ئۆلۈپ كەتكەننىڭ ،
قەبىرىسدىن يانتاقلار ئۈنۈدىكەن بىركۈنى .
توغرا بولسۇن مۇددىئايىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتا ،
ئىرىش ئىلىم ئۈگۈنىپ تالمايدىغان قاناتقا ،
تۇزكورلۇقتىن ، پەسلىكتىن قاچقىن قاچ – قاچ يىراققا ،
خۇددى قىزىل گۈل بولۇپ ، خۇشپۇراق چاچ ئەتىراپقا ،
ئازغان بولساڭ ئاۋام ، خەلق يۆلەيدىكەن بىركۈنى .
ئاجىزلارنىڭ ھالىغا يېتىپ خەۋەر ئالغاننىڭ ،
رەقىبلەرنىڭ گۆرىنى چوڭقۇر قازغاننىڭ ،
ھەقىقەتنىڭ يولىدا دادىل چامداپ ماڭغاننىڭ ،
ئەل –ئاۋامنىڭ ئىشقىدا ئاتەش بولۇپ يانغاننىڭ ،
بەخت قۇشى بېىشغا قۇنىدىكەن بىر كۈنى .
(3)
ياشىمىساڭ ھەق-يوللۇق بەختىڭ تۇزار بىر كۈنى،
تېيىپ كەتسەڭ ھەق يولدىن تەختىڭ غۇلار بىر كۈنى.
كۈچلۈكلەرگە ئىگىلسەڭ،ئاجىزلارغا گۈلەيسەڭ،
مىسكلەرنىڭ كۆز يېشى سېنى يۇيتار بىر كۈنى.
يامانلارغا يانتاياق، مەلئۇنلارغا قول چۇماق
بولساڭ روھى ئەجداتنىڭ سېنى ئۇرار بىر كۈنى.
ناكەسلەرگە بولۇشساڭ،ئېغىز بۇرۇن يالاشساڭ،
‹‹ئەل قىساسى مىنەل ھەق››سېنى تۇتار بىر كۈنى.
يىتىش ئۈچۈن مەخسەتكە ۋىجدانىڭنى بۇلغىساڭ،
ئەجداتلارنىڭ پاك روھى سېنى بۇغار بىر كۈنى.
نەيرەڭ بىلەن ياشىساڭ،ئەل رايىغا باقمىساڭ،
يۇۋاشلارنى قاخشاتساڭ ئاھى يۇتار بىر كۈنى.
[ مەزكۇر پۈتۈك يۇلغۇن1 تەرىپىدىن 2011-04-12 09:48 دە تەھرېرلەندى. ]