ئاساسىي تېما : يەنە بىر  يۈزدە ئۇيغۇرئاۋاتلىقى:217ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئەسھەدۇللا
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 37
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 37 نوقتا
پۇل : 370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 يەنە بىر  يۈزدە ئۇيغۇر

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلەدىن يۆتكەلدى.(2011-04-12)
يەنە بىر يۈزدە ئۇيغۇر 
يۇنۇس زۇننۇن
 
كۆز قارچۇقىڭدا يىغلايدۇ
يىراق شەھەردە،كېچە قوينىدا
يېتىمسىراپ قالغان نادىرە...
 
ئۈستى يېپىلمىغان قەدىمىي جاڭگال
ئۇندا ھۇۋلىغان چۈش
قىسماققا چۈشكەن كەلگۈسى
تەمتىرەيدۇ بوسۇغاڭدا
كۈچ ماغدۇردىن كەتكەن ئاجىز بىر ئىنسان
تېنىقىدا توڭلايدۇ دۇنيا
لەنەتلەنگەن ئوۋچى...
 
بەھەيۋەت خان سارايلىرى
قىزىل تام بىلەن قورشالغان
چەكسىز پادىشاھلىق
سېرىق قۇملار بىلەن ئورالغان...
ئاڭلىدىڭمۇ زۇلپىيەنىڭ ئاھىنى
قايتىلانغان كۇرمىڭلىغان نازۇكلارنىڭ مۇسىبىتىنى
ئالالىدىڭمۇ قولۇڭغا تۇرۇبكىنى
قەلبىنۇرنىڭ ياردەم تىلەپ ئۇرغان تېلىفۇنىنى
بىچارە سابىر
چاقچىقىدا،مازىقىدا،تەنىسىدە بۇ ھاياتنىڭ
ياكى ئۇ سەكراتتىكى ئانىنىڭ پىچىرلاشلىرىدا...
 
قاپقارا كېچە،قىپقىزىل چىراقلار
تىنىمسىز سۈرئەت،چىرقىرىغان ھاياتلىق
شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدە قۇترىغان لەھزە...
ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە
ئۇيغۇر ياشىماققا
گازىر ساتامدۇ،سەرەڭگىمۇ؟
تەن ساتامدۇ،ۋىجدانمۇ؟
ئۇزاپ كەتتى ۋىجدانلىرىمىز
مەۋجۇدلىقىمىزنى كىشەنلەپ قويۇپ
ھۇشقۇيتىپ ماڭغان پويىزلارنىڭ سۈرئىتىدە
ئاشۇ پويىزدا
رەنا بار،گۈلنىسا بار
گۈلناز بار،ھۇرنىسا بار
بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بار...
 
مەخمۇتنىڭ كۆزىدە ياش
ساناقسىز سۇئاللىرىغا ئېسىلىپ ئۆلدى ئۇ...
ئابباسنىڭ قولى كۆيدى
ئاققا تۇتاشقان بارلىقى كۆيدى
چۈشكۈنلىكنىڭ تۈتەكلىرىدە تۈگەتتى ئۇ ھاياتىنى...
فۇرقەتنىڭ يۈرىكى يوق
چۈنكى ئۇ جۇدالىقتىن كېيىن تۇغۇلغان
ئاجىز بىر كەپىدە تىترەپ چوڭ بولغان...
يۇنۇسنىڭ بېلىقى يوق
سەبىرسىزلىكنىڭ قىززىق چۆلىدە
ئۇنىڭ كېمىسى قۇمغا چۆكۈپ كەتكەن
ئۆزىنى ئەۋلادلىرىغا قانداق ئىپادە قىلىشتا
تەقدىر ئۇنى يۈتۈپ كەتكەن...
 
تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ئۇيغۇر
تىترەر ھامان يوقسۇللۇق؛
رېئاللىقنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ئۇيغۇر
ئوغۇرلانغان رېئاللىق،
مۆكۈنۈپ، ئالدىنىپ ياشاشقا قالدۇرۇلغان ساختىلىق؛
ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ئۇيغۇر
سورار پاناھ رەببىگە دۇئادا
روھىنى ئۇپراتقان ئۇزاق مەزگىللىك ھەرەجلىرىدىن داتلاپ
خانقىزغا بىر ياخشى يەكۈن
كەلگۈسىگە ساغلاملىق
چۈشلىرىگە باتۇرلۇق
قىسمەتتە بۈلۈنگەن يۈزلىرىگە بىر پۈتۈنلۈك.
 
مەنبە:ئۆز ئىجادىيەتلىرىمىدىن

ئۇيغۇر پەقەت بوۋامنىڭ ئىسمى
ئۇيغۇر پەقەت ئەسلى ۋە نەسلى
ئۆتتى شۇنداق مىڭ يىلدىن ئۇزاق
يوقالمىسۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى

Posted: 2011-04-12 00:16 | [پۈتۈكچى]


رەببىم بەرگەن كۈنلىرىڭگە مىڭ شۈكرى، ئەمما.....كەچۈرگىن! ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 161
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 161 نوقتا
پۇل : 1610 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:20(سائەت)

 

ئانچە چۈشنەلمىدىم

بۇ دۇنياغا كەلگىنىڭنى،
بـــلــــپ  يـــــــــاشـــــــــا!!!

Posted: 2011-04-21 18:21 | 1 -قەۋەت


رەببىم بەرگەن كۈنلىرىڭگە مىڭ شۈكرى، ئەمما.....كەچۈرگىن! ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 161
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 161 نوقتا
پۇل : 1610 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:20(سائەت)

 

يەنە ئۇقۇش ئارقىلىق ئاز-پاز  چۈشەنگەندەك قىلمەن

بۇ دۇنياغا كەلگىنىڭنى،
بـــلــــپ  يـــــــــاشـــــــــا!!!

Posted: 2011-04-21 18:23 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation