سېغىنىش
مۇتەللىپ قۇرباننىياز
بىر خىل سېغىنىش، ئەسلەش مېنى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ئاساستا تەسىرلەندۈرۈپ، كۆز چاناقلىرىمنى نەمدەيدۇ. بىرخىل مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش مېنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ.
سېغىنىش ئەمەلىيەتتە قەلبنى تەسىرلەندۈرۈپ، پەرۋاز قىلدۇرىدىغان لىرىك شېئىر. ھېچقانداق بىر قارشىلىق كۈچ سېغىنىشنىڭ پەرۋاز قىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغان تاغلار، ھەيۋەت بىلەن ئېقىۋاتقان دەريالار، تاغ-داۋانلاردىن ئاشقان سېغىنىش ھېچقاچان توختاپ قالمايدۇ.
بىزنى لەرزان پەرۋاز قىلدۇرۇۋاتقان سېغىنىش، ئەمەلىيەتتە پارلاپ تۇرغان نۇر. ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئانىنىڭ چەكسىز مېھرىبانلىقى ۋە كۆيۈنۈشى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى قوغداپ تۇرىدۇ. ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان سېغىنىشىدىن ئانا سۆيگۈسىنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بىزگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. سېغىنىش ئىچىدە بىز سېغىنىشنى ئۆگىنىمىز. سېغىنىش ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئىللىق سۆيگۈدۇر. سىزنىڭ بىركىمنى سېغىنغان ۋاقتىڭىز، قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ ھاياجانلانغان، ھاياتلىق ئەڭ مەنىگە ئىگە بولغان ۋاقتىدۇر، سېغىنىشنىڭ قىممىتى بىزگە تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
سېغىنىش ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئىللىق سېزىم بولۇپ، بىز سېغىنغان كىشىلەر ھەمىشە بىزنى قاقاقلاپ كۈلدۈرەلەيدىغان ھەم يىغلىتالايدىغان ئادەملەردۇر، مۇھەببىتى ئارقىلىق قار-بورانلاردىن بىزنى دالدىغا ئالالايدىغان، پارلاق قۇياشنى بىللە كۈتۈۋالالايدىغان ئادەملەردۇر. ئۆمۈرلۈك مۇھەببىتىمىزنى تەقدىم قىلساقمۇ پۇشايمان قىلمايدىغان كىشىلىرىمىزدۇر.
بىر ئادەمنى سېغىنىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمىزدا، مەنىسىز تۇرمۇش كۈنسېرى گۈزەللىشىدۇ، باشقا بىر يۈرەكنىڭ ئوخشاشلا بىزنى سېغىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىمىزدا، بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.
مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 2011-يىل 14-يانۋار سانىدىن ئېلىندى .
[ مەزكۇر پۈتۈك راتنا تەرىپىدىن 2011-04-11 23:06 دە تەھرېرلەندى. ]