ئاساسىي تېما : خاتىرەمدىنئاۋاتلىقى:91ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ھەقىقەت  ئىگلەر  لېكىن  سۇنماس،،
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1291
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1291 نوقتا
پۇل : 12910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:276(سائەت)

 خاتىرەمدىن


ھايات دىگەن ئاجايىپ نىمە . ئاققان سۇدەك ئۆتىدۇ ھايات دىگەندىن باشقا ئوخشىتىشلاردىن باشقا تەسۋىر يىتىشمەي قالىدۇ . ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتىدۇ بەزىدە ھىس قىلىمىز بەزىدە ھىس قىلالمايمىز . بەزىدە ئۇزۇمنى كىچىكلا بالىدەك ھىس قىلىمەن . لىكىن بۇرۇن مىنى ئۇكا دەپ گەپ قىلدىغانلارنى كوچىلاردا ئۇچراتماق تەس بوپ كەتتى . بالام دەپ گەپ قىلدىغانلارنىڭ كۇپىنى ئاپىرىپ كۇمۇپ قويدۇق . كوچىلاردا ماڭا ئۇچرايدىغىنى ئاكا دەيدىغانلارغا ئالماشتى . ھەي چوڭ بوپتۇق جۇمۇ دەپ تۇرساڭ ھارماڭ دادا دەپ بىر بالا ئالدىمىزغا كىلىدۇ . كىم سىز كىمنىڭ بالىسى دەپ سورىساق ئالدىنقى يىللىرى تويغا ناخشا سازلارنى چىلىپ توينى قىلىپ قويغان بۇرادەرىلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ بالىسى بۇلۇپ چىقىدۇ . ھەي كاساپەت يىللار مانا نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇھەببەتنىڭ ھەسرىتىنى چىكىپ بىز سۇيگەن ۋە دەردىنى تارتىپ يۇرگەن قىزلارنى تاڭ ئاتقىچە ئەسلەشتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ئۇ قىرىپ كەتكەن ۋە ھارغىن ھالەت بىلەن تۆت بالسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئالدىمىزدىن ئۆتۇپ قالىدۇ . چاچلىرىمىز چۇشۇپ ئاقىرىپ كىتىۋاتىسمۇ ھېسيات يەنە ياش . يۇرەك ئون سەككىزدە جالاقلاپ سوققىنى سوققان . ھىچ بولمىسا يۇرەكنىڭ سوقىدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالاي دىگەندە ئالدىمىزدىن بىر چىرايلىق قىز ئۇتۇپ قالسا ئايالىمىزغا خىيانەتلىك ھىسيات ئىچىدە ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىشلىرىمىز بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى يەنە ئون بەش ياشقا ئاپىرىپ قويىدۇ . ھەي كىم مىنى چوڭ ئادەم دەيدۇ دەپ تۇرساق ئوتتۇز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇن ئۇچۇن ئايالىمىز ياشانغانلار كىيدىغان پەلتۇ بازىردا بىزنى چۇرگىلىتپ يۇرۇپ ساراڭ قىلىپ قويىدۇ . ھەي مەن دىگەن تىخى دەپ ئارقىمىزغا قاراپ باقساق قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق راس شۇ ياشقا كىرىپ قالغان . ياشلىقتا چىكىدىغان ھەسرەتلەرنى بالىمىزغا ئۆتكۇزۇپ بەرمەي تۇرۇپ قىرىلىق ، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى بىزگە خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان . پات پات مىجەزىمىز يوق بۇلۇپ يىتىپ قالساق بىزنى يوقلاپ كىرگەن خوشنىلار ئادەت بويىچە ئادەم ياشانغاندا ئۇششاق چۇششەك كىسەلدىن يىراق تۇرغىلى بولمايدۇ سەۋرى قىلىڭ دەپ تەسەللى بىرۋاتقان . ھەي مەن تۇنۇگۇن تىخى قىيغىتىپ يۇرگەن بىر بالا ئىدىمغۇ دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرساق ساۋاغداشلار نەۋرەم دەپ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن نەۋرىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ ئۆيگە كىرۋاتقان . مانا ھايات دىگەن مۇشۇنداق تىز ئۆتىدۇ . لىكىن يالغۇزلۇقنىڭ ھەسرىتى يۇرەكنى ئەزگەندە .ئامالسز دوستلار بىلەن كەچلىك بازارلاردا تىنەپ يۇرگەن ئىشلار . ئۇرۇش جىدەل ۋاقىراش جارقىراشلار ئىچىدە ئۆتكەن ھايات . قايسىدۇر بىر قىزلارنىڭ چىرايلىقلىغى ھەققىدە پاراڭ قىلشىپ گىلىمىزغا قاپلشىپ قالغان شۇلگەيلىرىمىزنى يۇتۇشقا ئۇلگۇرمەيلا قىزلىرىمىز چوڭ بۇلۇپ قىلۋاتقان . بىز سۇيگەن قىزلارنىڭ خۇددى بىز ئەڭ ئەرزىمەس ئادەمدەك تاشلاپ كىتىپ يۇرەكنى قان قىلغانلرىنى شېئىرلارغا قوشۇپ ئەمدى ئۇنىڭ موزىكسىنى ئىشلەپ ناخشا قىلىپ بولغىچە ئۇلارنىڭ چىشى چۇشۇپ ماكاشلاپ قالغان . باللىق چاغدىكى ۋە ياشلىق ھىسياتلىرىمىزىنىڭ تىخى ئەستىن كۇتۇرۇلمىگەن ھەسرەتلىرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئەستىن چىقماي تۇرۇپلا يەنە يىڭى بىر يىلنى كۇتىۋىلىۋاتقان . زىرىكىشلىك ھايات . ئاستىدەكلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ئەركىشنى خوتۇن كىشى . ئايالنى ئەر قىلىۋىتىدىغان ئەزمە ۋاقىت ھەممىزنىڭ ۋۇجۇدىنى مانا مۇشۇنداق كۇرۇنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاپ كونىرىتىپ بىزنى قىرىشقا . ئۇلۇمگە قاراپ ھەيدەپ كىتىۋاتقان ئىشلارنى قۇبۇل قىلماي دىسە تىخى قۇبۇل قىلاي دىسە تىخى . ئىنساننىڭ بىر ئۆمىرى مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن پالاقلاپ ئۆتۇپ كتىدىكەن . لىكىن ئەركىشى ھىس قىلمامدۇ ياكى ئايالمۇ شۇنداقمۇ بىلمدىم ئىش قىلىپ ھايات ناھايىتى تىز ناھايىتى .   
بەزىدە سىرىتلاردا يول يۇرۇپ قالسام كوچىلار ساپلا بىز تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كىتىدۇ . قىزلار ئەمدى ئانسىنىڭ ئەمچىگىدىن ئايرىلغان تايدەك جۇشقۇن روھ بىلەن يۇرەككە دەسسەپ دىگەندەك كتىۋاتقان ھالتىنى كۇرگەندە كۆزلەر قايتا باشتىن رۇشەنلىشىپ بىر چىرايلىق قىزلارنى كىملەرگىدۇ ئوخشىتىش ئىچىدە دوختۇرخانىغا ماڭغىنمىز ماڭغان . مانا ئۆمۇر مۇشۇنداق ئۇتۇپ دۇنيا مۇشۇنداق تۇگەپ كىتىدۇ . يەكەندە باي ئۆتكەن بىر ئادەم بۇلىدىغان . ئۇ ماڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بىرەتتى . ئۇ چاغدا مەن كىچك ئىدىم راستىنلا كىچىك ئىدىم . ئۇ ماڭا ئۇكام قىزلارنى يەر يۇتۇپ كتەمدىكىن دەيمەن . شۇنداق چىرايلىق قىزلار شەھەرنىڭ كوچىلىرىغا لىق كىلىپ بىر نەچچە يىل دەۋىر سۇرۋالغاندىن كىين تۇيۇقسزلار يوقاپ كتىدۇ . ئۇلارنى ئەرگە تەگىدىمىكىن دىسەك يەنە بىر ئولتۇرۇشلاردا ئۇچراپ قالىدۇ . ئۆلدىمىكىن دىسەك ھاياتتەك . تىرىكمىكىن دىسەك دىرەك يوق . ھاياتلىقتىن نىشان يوق . مۇشۇ تەڭ ئۆسكەن قىزلارنىڭ كوچىلاردىن يوقاپ كىتىشى ئادەمنىڭ روھىنى چۇشۇرۋىتىدۇ دەپ بىرەتتى . راس مەن يۇرىتتىن ئايرىلىپ نەچچە يىلدىن كىين كەلسەم مەندىن ئون ياش كىچىك باللارمۇ بىردىن بالىنىڭ دادىسى بۇلۇپ بوپتۇ . قىزلار ئەرگە تىگىپ تۇگەپتۇ . ئىشلار پۇتۇنلەي قالايمىقان بۇلۇپ كەتكەندەك كۇرۇنگەن ئىدى . كيىن ئۇرۇمچىگە كىلىپ خىزمەتكە چۇشتۇم . بىر توپ ئاياللارنىڭ قاتارغا كىرىپ قالدىم . ئۇلار شۇنچىلىك ياش ھەم چىرايلىق لىكىن روھسىز چۇشكۇن ئىدى . ئىچەتتى . ئىچىپ مەس بۇلۇپ ئەتىرنى باشتى تۇكۇپلا چىققان تۇرقى بىلەن تولغان كۇكسىنى مەيدەمگە چىڭ يىقىپ تۇرۇپ ھارغىچە يىغلايتتى . ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۇچۇن يىغلىغانلىغىنى بىلمەيۋاتسا مەن ئۇلارنىڭ نىمە ئۇچۇن يىغلغانلىغىنى نەدىن بىلەي ؟ مەن چىرايلىق ئاياللارنىڭ ئۇزاق يىغلشىنى يىغىلغاندىمۇ قىقىلىپ يىغلىشىنى ياخشى كۇرىمەن . چۇنكى ئۇلار يىلغاندا ئەڭ سەممى ھالىتىنى تىپىۋالىدۇ . ئاياللار يىغلىسا ئىچ ئاغىرتىش گۇدەك يىگىتلەرنىڭ تۇنجى سۇيگۇسىدىلا بۇلىدۇ . شۇڭا ئايالىمنىڭ مەندىن نارازى بۇلۇپ يىغلىشىنى مەن توسىمغاچقا ئۇ مەندىن بەك رازى .چۇنكى مەن ئۇنىڭ يىغلاش ھوقۇقىنىمۇ تارىتىۋىلىپ ۋاي نىمە بولدىڭىز دەپ كىرىشۋالسام ئۇنىڭ ئىچى تىخىمۇ پۇشۇپ تىخىمۇ يىغلاپ كىتىشى مۇمكىن . چۇنكى يىغلاش ئازاپتىن بەكرەك كۇنۇش ۋە پىسخكا مەسىلىسى . بىر ئايال ئەڭ قىممەتلىك ئادىمدىن . سۇيگەن ئادىمدىن ئايرىلىپ يەنە ئەرگە تىگىپ ياكى پاھىشە بۇلۇپ كىتپ چىدىسىمۇ لىكىن يىغلىماي ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا ئاياللارنى يىغلىغىلى قويۇش كىرەك چۇنكى ھايات بەك تىز . ئايال ئوقتەك ھاياتتا تىز تىز يىغلاپ ياشتىن ئىبارەت ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىۋىتىدىغان زەھەرنى بەدىندىن چىقىرۋەتمسە ئاخىردا بىز بەختسىز بۇلۇپ قالىمىز . شۇڭا ئاياللارنىڭ ئۆمىرى ئۇزاق بۇلىدۇ . ئاياللار كاللسىنىڭ سۇينى ياش بىلەن چىقىرىۋىتەرمىش شۇڭا خاتىرجەم ياشاش ھەم ئاياللارنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى قۇرۇق تىلەك بىلەن تىلىمەي ئۇلارنى قانغىدەك يىغلىغىلى قويۇشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى جىنىدىن بەك ياخشى كۇرۇشنىڭ ئىپادىسى . __ D2e-b 
تۇرۇپ ئەسلەپ قالىمەن . ھايات مۇشۇنداق تىز ئۆتىۋاتىدۇ . لىكىن بىز يەنىلا بىخۇتلۇق بىلەن ياشايمىز . ھىچ ئىش قولدىن كەلمەيدىغان ئەزىزلەرنىڭ قولىدىن باشقا جىنىسقا بولغان قىززىقىشمۇ بولسا كىلىدۇ . يامانلرىنىڭ قولىدىن خىيانەت كىلىدۇ . بىز تىرىشتۇق .بار كۇچمىز بىلەن تىرىشتۇق . لىكىن تىرشىپ تاپقىمىز نىمە ؟ ئارمان قاپاقىلرىمىز ھىلھەم قەلەندەرنىڭ خورجۇندىەك بوش تۇرۇپتۇ . لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بوشاپ قالمىدۇق . ئۆمۇردىن ئۇزاق ئۆمىت ھامان بىزنى بەزلەپ كەلدى . لىكىن تىرىشىپ تاپقان دۇنيا . تاپقان نام شۇھرەت تايىنلىق . يەنىلا مائاشنى قاچان بىردىكەن دىگەن سۇئال كاللىمىزدا موھىم ئىشلارنىڭ تەركىۋىدە سۇرۇلۇپ يۇرىيدۇ . ئەرلەر ئەزەلدىن ئايالنىڭ ئالىدىدا بىر بالا . چوڭ ئادەمنىڭ سالاپىتى . بىلمىى تۇرقى كاستىيۇملىرى چوڭ يولدا قالىدۇ . پىنھاندىكى يەتمىش ياشلىق بىر ئەركەك ئون يەتتىگە كىرگەن بىر قىزنىڭ ئالدىدا قۇل ھەم تىخى گۇدەك بىر بالا . لىكىن قىزلار قىنى دىگەن بىر سۇئال بىلەن مەن كۇتكەن باللىق چىغىمىدا خىيال قىلغان مۇھەببەت ۋە مەن تىرىشىپ ياراتماقچى بولغان دۇنيا قىنى؟ دىگەن بىر سۇئال قەلبىمنى ئاچچىق قىلىپ قويىدۇ . بەزىدە تاماكا تاشلايمەن بەزىدە ھاراق . لىكىن ھىچ نەرىسنىڭ بىر بىشىنى . نەتىجىسنى كۇرسەتمەيدىغان ھاياتنىڭ ئەرزىمەس يوللىرى بىزنى قىرىتىشىن باشقا بىزگە ھىچ نەرسە بەرمەيدۇ . ئاخىرى بىز سۇيگەن قىزلارنىڭ ۋاپاسىزلىقلىرى بەدىلىگە يەنە برى ئايال جىنسىنى نىكاھىمىزغا ئىلىپ پىشانەمگە پۇتكىنى مۇشۇ ئىكەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياشايمىز . باللىق بۇلىمىز . باللىرىمىزنىڭ غىمى بىزنى ئاستا ئاستا قىرىتىپ بىر يەرگە ئاپىرىدۇ . ياشلىق ھىسياتىلىرى پات ئىسىمىزگە كەلگەندە جوھىت بوپ كەتسەممۇ بىر ئىچەي دەپ چىلاشقىچە ئىچىپ بارلىق ئازاپتىن قۇتۇلماقچى بۇلمىز . لىكىن ئازاپ ئۆز پىتى باش ئاغىرىنى ئاغىرىغان . شۇنىڭ بىلەن ھاراقنىڭ چىشلىۋالغان سىېسىق چىشنى چاقىمىز دەپ بىر كۇننى ئۆتكۇزىمىز . ئەتىسى بىلىم ئالاي جۇمۇ دەپ كىتاپقا قاراپ باقىمىز . كىتاپ يەنە ئۆز پىتى تۇرغان . بىزدە بىلىم ۋە ئىقتىدار بەك كۇپ بولمسىمۇ ھەر ھالدا بار . لىكىن ئۇنى ئىشلىتىپ پۇلغا ئايلاندۇرغىدەك جاھان ۋە شارائىت يوق .شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۆلپەتلەر بىر يەرگە كىلىپ قالمىز دۇتتار قولغا چىقىدۇ . قىزلارنىڭ پارىڭى ئىغىزغا چىقىدۇ . قەسەملەر . ۋەدىلەر باشلىنىدۇ . يەنە بىر كۇن ئۇتۇپ كىتىدۇ . نەزىرىمىزىدە بىز ياش. بىز سۇيگەن قىزلار بىر كۇنلەردە پۇشايمان قىلىپ ئالدىمىزغا يۇكۇنۇپ يىغلايدىغاندەك ھىسيات ئىچىدە ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىمىز. لىكىن بىزنى قىرىتىپ كىلۋاتقان ھايات بەختىسىز باللىرىمىزنى ئاشىغلىق يولىغا سالىدۇ . ھايات دىگەن نىمە دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ بىرىسمىزئەيدىز بۇلىمىز بىرسمىز راك . شۇنىڭ بىلەن ئارزۇ ئارمانلرىمىزىنى تاشلاپ قويۇپ كېسەل ئازابىدا تولغانغىنمىز تولغانغان . شۇنىڭ بىلەن بىزگە ھىچ نەرسە بەرمىگەن دۇنيا كۆلكە كەتمەيدىغان چىرايىمىزنى تىخىمۇ سارغايتىپ تىرىك ھالەتتە نەچچە قىتىم قەتلى قىلىدۇ . شۇ چاغدا ھاياتنىڭ ئازاپ ۋە دەرىت كۇلپەتتىن باشقا ھىچ نەرسە ئەمەسلىگىنى ئەسكە ئىلىپ بىلىم ئىلىپ ياخشى ئادەم بۇلۇش مەخسەتلىرىمىز ھەققىدە پات پات ئويلىنىپ قالىمىز . دۆم يىتىپ دۈم قوپوپ ئۆگەنگەنلىرىمىز ئۇچۇن ئازاپ بۇلاقلىرىدىن قانغىدەك بىرىپ قالغىننى ئۇ دۇنياغا ئامانەت قىلىپ قويىدۇ . ئاندىن بىزنىڭ تەڭتۇشىلىرىمىز دۇنيادىن ئۇزاشقا باشلايدۇ . ئارقىدىن بىز جاننىڭ غەلىۋىسى ۋە تەشىۋىشى بىلەن مەڭگۇلۇك سەپەرگە ماڭدىغانغا تەييارلىق قىلمىز . ئاخىرىقى ھاياتتا ئەسلىسەك ھىچ نەرىسنىڭ ئاقمايدىغانلىغىنى ھەم ئاقمىغانلىغىنى ھىس قىلمىز . بىز بىلەن تەڭ تۇغۇلغان لىكىن تەلەيلىك ئادەملەرنىڭ نەچچە يۇز مىڭ سومغا يۇرەك جىگەر ئۆپكە ئالماشتۇرۇپ يەنە مەغرۇر ياشاۋاتقانلغى بىزنىڭ ھەسىتىمىزنى كەلتۇرىدۇ . پۇل تاپالمىغان . زىيالىيلىغىمىز شۇ پىتى ئۆزى بىلەن كىتىدۇ . ئەنە شۇ چاغدا بالزاكنىڭ دۇنيادا ئازاپتەك مۇكەممەل نەرسە يوق دىگەن سۇزى ئسىمىزگە كىلىدۇ . لىكىن قان سوۋىغان . تەن زەئىپلەشكەن . جەڭگىۋارلىق ئۆمىتسزلىك ئىچىدە تۇگەشكەن . ئارمانلار ئۆلگەن . جاسارەت بىزدىن ۋاز كەچكەن ئاشۇ يىللارنىڭ قوينىدا ئەزرائىل جاننى ئىلىپ بولغىچە بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن بۇلىمىز شۇنىڭ بىلەن دۇنيامۇ تۇگەيدۇ قىزلارمۇ ئۆزىمىزمۇ ھەم . .
مەنبەسى : تۇر مۇنبىرى 

تىرىش  يەنە  تىرىش،،،

Posted: 2011-04-11 21:16 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 211
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 211 نوقتا
پۇل : 2110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:69(سائەت)

 

نىمە دىگەن ياخشى يېزىلغان. رىئاللىق ھەققى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ھايات ھەقىقەتەن ئاشۇنداق ئۆتۈپ كىتىدىكەن.  
Posted: 2011-04-11 23:29 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation