ئاساسىي تېما : ھايات ھەققىدەئاۋاتلىقى:69ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ھەقىقەت  ئىگلەر  لېكىن  سۇنماس،،
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1291
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1291 نوقتا
پۇل : 12910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:276(سائەت)

 ھايات ھەققىدە

بۇدۇنيادا ئىنسانغا پەقەت بىر قىتىملا كىلىدۇ، ئۇنداقتا ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش كىرەك؟

ھاياتلىق - دۇلقۇنلاپ تۇرغان دىڭىز.

ھاياتلىق - داۋانلىق يول

ھاياتلىق - ئازغانلار بىلەن تولغان دالا.

ھاياتلىق - مۇھەببەتكە چۈمگەن شىرىن چۈش.

ھاياتلىق - غايىگە يىتىشتىكى بالداق.

ھاياتلىق - ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىق.

ھاياتلىق - ئىمتىھان.

بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى خاتا ئەمەس، ئۇنداقتا مىنىڭ ھاياتىم نىمە ئۈچۈن؟

دۇنياغا كۆز ئىچىپ ئەقلىمنى بىلگەن چىغىمدا ئۆزىمنىڭ مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق مۇسۇلمان ئائىلىسدە تورغانلىقىمنى بايقىدىم. ئاللاھنىڭ ھىدايىتى شۇنداقلا ئاتا - ئانامنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام ئىچىدە چوڭ بولدۇم، ئىشقىلىپ ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى، ھايات مۇساپەمنى مۇشۇ يول ئۈستىدە تاماملىنىشى كىرەك ئىكەنلىكىمنى ھىسقىلغان ئىدىم.

تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت قايناق شەھەرگە ئوقۇشقا باردىم، بۇقايناق شەھەرنىڭ دۇنقۇنلىرى ئارىسدا ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن  ئىمانىمنى ئاران دىگەندە ساقلاپ ئوقۇشنى تاماملىۋالدىم. ھەمدە مەخسۇس كورۇسىنى تولۇقلاپ ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىردىم، بۇجەرياندا ئۆزلىكىمدىن ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئىسلامغا بولغان چۈشەنچەمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردۈم ۋە ئىتقادىمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدىم. ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ جەمىيەتكە چىقتىم، جەمىيەت ئالىي مەكتەپكە ئوخشىمايدىغان ئايرىم بىر دۇنيا ئىدى، جەميەتتە تىجارەت قىلىش، كىيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى مىللەت  مەن بۇرۇن ئويلىغاندىمۇ چوڭقۇر بىر تەكتى يوق ھاڭنىڭ لىۋىدە تۇرىۋاتقانتى. ئەگەر مۇشۇ بىر ئەۋلاد بىر قەدەمنى خاتا باسىدىكەنمىز ئۆممەتنىڭ تەقدىرى تەكتى يوق ھاڭغا غۇلايتتى. قانداق قىلىش كىرەك؟ سەن بۇ ئاڭغا غۇلىماي دەيدىكەنسەن چوقۇمكى باشقىلارغا تايانمايدىغان مۇستەقىل ئادەم بولۇشۇڭ كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭدىكى ئازغىنىە ئاقچىدىن ۋەزكەچ، ھىچ بولمىغاندا بۇخىل ھالاكەتتىن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى قۇتقاز دەپ ئۆزۈمگە پىچىرلايتتىم، ئاخىر قەتئىي نىيەتكە كىلىپ خىزمەتنى تاشلىدىم. ئانا دىياردىن ئايرىلىپ بۇ ياقا يۇرتقا كەلگەندىن كىيىن ئۆز ھاياتىمدىن قايتىدىن ھىساب ئالدىم. ھاياتىمدىكى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىدىم، كىينكى ھاياتىم ھەققىدە ئويلاندىم. ئۆتكەن ھاياتىمدا ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان خاتا يوللارنى مىڭىپتىمەن، ئىسلامنىڭ ئاساسى تۈۋرىكى بولغان ئىمان كەلىمىسىنىمۇ تولۇقى بىلەن چۈشەنمەپتىمەن. كۈندە بەشۋاخ ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆزۈمنىڭ مۈكەممەل مۇسۇلمان بولالمايدىغانلىقىمنى چوڭقۇ ھىس قىلدىم. 

مىنىڭ ھاياتىم زادى نىمە ئۈچۈن؟

ئانامدىن توغۇلۇپ 24- يىلدىن كىيىن ئۆزۈمدىن بۇسۇئالنى قايتىدىن سورىدىم. مەن شۈنچە ئويلاندىم، مىنىڭ شۈنچە ئوقۇشلىرىم، ئىگىلىگەن بىلىملىرىم، شۇنچە يوللارنى بىسشلىرى، مۇساپىرلىق ھاياتىم زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەلىكىم ئىلگىركى ھاياتىمدا ئاتا - ئانامنى رازى قىلىش، مىللىتىمنىڭ روناق تىپىشى، ھىچ بولمىغاندا كىيىنچە ياخشىراق تورمۇشۇم ئۈچۈن بولغاندۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىم نىمە ئۈچۈن؟ مەن ئاخىر سۇئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم. مەن ئاخىر ئىسلامنىڭ تۈۋرىكى بولغان <<لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ >> نىڭ مەنىسىنى ھەققى چۈشەنگەن ئىدىم. ئاللاھ ئاخىر ماڭا ئىسلامنىڭ ھەققى نۇرىنى ئاتا قىلغانتى. بۇ ئىمان كەلىمىسى مۇسۇلمان بىلەن ئاللاھ ئوتتورسىدىكى ئەھدە بولۇپ، مۇسۇلمان بۇ ئىمان كەلىمىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىخرار قىلاتتى، ھەمدە پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىبادەت قىلىشقا ئەڭ لايىق زات ئىكەنلىكىنى ۋە قۇرقۇشنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھتىن قۇرقۇش ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق - توسۇقلىرىغا قەتئىي بوسۇنىدانلىقىغا، ئىبادىتىنىڭڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاقا بولىدىغانلىقىغا، ھەر بىر ئىش ھەركىتىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھننڭ رازىلىقى ئۈچۈن  بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بىرىش، شۇنداقلا مۇھەممەد سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشنىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ۋەدە بىرىش بولۇپ پۈتۈن ھاياتىمنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلقى ئۈچۈن بولۇشى كىرەك ئىدى.

مىنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىم ۋە ئارىمىزدىكى نۇرغۇن قىرىنداشلارنىڭ ھاياتلىرىدا بەش ۋاخ نامازنى تەرىك قىلماي ئوقىۋاتقان بولىسمۇ لىكىن ئىماننىڭ تۈۋىرىكى بولغان بۇمەسىلىگە قارتا قارىشى تېخى ئىنىق ئەمەس ئىدى. ئوقۇشى، خىزمىتى، سودىسى قاتارلىقلار ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلىش، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش، ۋە ياكى كىينكى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بولۇپ، بۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىڭ ئۆسىتىگە قۇيۇلغانتى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاللاھقا شىرىكلىككە يىتىپ ئاشاتتى. چۈنكى بىز ئۆز ئارزۇلىرىمىزنى، ئاتا - ئانا رازىلىقىنى، مىللەت روناق تىپىشىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ھەربىر ئىشلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت ۋەدىمىزگە خلاپلىق قىلىپ ئاتا - ئانىمىزنىڭ، مىللەتنىڭ ئارزۇسىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا شىرىك قىلغان ئىدۇق. بۇ قانداقتۇر ئۆز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق، ياكى ئاتا - ئانىڭىزنى رازى قىلماسلىق، مىللەتنىڭ ئۆمدىكى ئاقلىماسلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئاللاھ سىزنى ئاشۇ سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزنى بالىسى قىلدى، ئاللاھ سىزنى ئۇيغۇر دىن ئىبارەت مىللەتىن قىلىدى، بۇلاردا سىزنىڭ ياكى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ھىچقانداق تاللىشىنى كۆرەلمەيسىز. شۇنداق بولغان ئىكەن سىز ئالدى بىلەن سىزنى ئاشۇ ئاتا - ئانىدىن ياراتقان زات سىزگە ئاتا - ئانىغا ياخشلىق قىلىش، ئاتا - ئانىنىڭ ئۆمۈدىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت يۈكسەك ۋەزىپىنى سىزگە پەرھىز قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز يەنى ئاللاھنىڭ سىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىڭىزنى رازى قىدىكىز مانا بۇ ھەققى ئىسلامدىكى ئاتا - ئانىنى رازى قىلىش . مىللەتنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلاشمۇ ئوخشاشلا چۈنكى سىزنى ئاللاھ مۇشۇ مىللەتتىن قىىلپ ياراتتى ھەمدە مۇشۇ مىللەت شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسلام ئۆممىتىگە كۈچىڭىزنىڭ يىتىشچە ، ئۈگۈنۈش، خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئالىي نەتىجىلىرىڭىز بىلەن  شانشەرەپ كەلتۈردىڭىز، چۈنكى ئاللاھ سىزگە بۇنداق قىلىشنى بويرىغان ئىدى. سىز ئاللاھنى رازىقى قىلىش ئۈچۈن بۇ مىللەتنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلىدىڭىز. مانا بۇ ئىسلامدىكى مىللەتنىڭ ئۆمدىنى ئاقلاش قارشى.

ئاللاھقا مىڭ قەدرى شۈكىرى! مانا ھازىر بۇرۇنقىدەك ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ ياشاۋاتقان ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يىڭى ھاياتقا قەدەم باستىم. ئاخىر ھەربىر ئىشىمنى ئاللاھنڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان بىر يىڭى ھاياتقا ئىرىشتىم. ئاللاھ ئاخىرى قەلبىمگە ئىسلام نۇرىنى پارلاتتى، ئاللاھ ھىدايەت دەپ قولكۆتۈرگەن ، ھىدايەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن بەندىسىنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق قول قايتۇرمايدىكەن ھەم قۇرۇق قول قايتۇرمايتتى. مەن بارا - بارا ئۆزۈمنىڭ ئۆزگۈرۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئۈگۈنىۋاتقان دەرىسلىرىمنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكى ھەققىدە ئويلاندىم، مەن شۇنى بىلدىمكى ھاياتىم پەقەت ئىسلام ئارقىلىقلار مەنىگە ئىگە بولاتتى. دەرىسلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ھىچقانداق مەزىسى قالمىغاندەك بىلىندى، چۈنكى ھەقىقەت، سىنىڭ ئىتقادىڭ ، سىنڭ روھىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ئۆزۈمنىڭ خاتىرجەم دەرىس ئاڭلىيالمايدىغانلىقىم، دەرىسلەرنى ئۈگۈنەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئىمتىھان يىقىنلاپ قالدى، ئەممە مەن ئۈچۈن بۇ ئىمتىھان ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى ئالدىدا ھىچنەرسە ئەمەس ئىدى.  ئاخىر قەلەمنى قولۇمغا ئىلىپ ئىچىمدە بۇغۇنلاپ تۇرغان پىكىر دولقۇنلىرىمنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈشكە باشلىدىم. بۇ تېخى باشلىنىش ئىدى، مىنىڭ ھاياتىم ئىسلام بىلەنلا ئارام تاپاتتى،  مىنىڭ ھاياتىم ئىسلام بىلەنلا مەنىگە ئىگە بولاتتى، مىنىڭ يۈرۈكۈم پەقەت ئىسلام دەپ سوققاندىلا ئەمىنلىك ھىسقىلاتتى، مىڭەممۇ پەقەت ئىسلام ئۈچۈن تەپپەككۇرقىلغاندىلا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇراتتى، مەن ھىس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن مىنىڭ ھەربىر ھۈجەيرەممۇ پەقەت ئىسلام ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلغاندىلا ، ھىچ بولمىغاندا قىرىنداشلارنىڭ يازمىلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت بولسىمۇ ئوقىغاندا، ھەدىسلەردىن بىرەر جۈملىمۇ بولسا ئوقىغاندا راھەت ھىس قىلاتتى، مەن ئاخىر تونۇپ يەتتىم مىنىڭ ھاياتىم پەقەت ئىسلام بىلەن ھايات ئىدى، ئەگەر مىنىڭ ھاياتىم ئىسلامدىن ئايرىلىدىكەن ھاياتىمنىڭ قەدرى يوق ئىدى. 

ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ ئەگەر ھاياتىم ئىسلامدىن ئايرىلىماقچى بولسا ، ھاياتىم ئىسلامدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى مىنى قەبزى روھ قىلغىن، مەن ھەقىقەتەن سنىڭ توزكور بەندەك بولۇپ قىلىشتىن قورقىمەن. ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ ئەگەر مەندە ئىسلامدىن ئىغىش ئىددىيسى پەيدا بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولسا ، ئاشۇ ئىددىيە كالمغا كىلىشىتن ئىلگىرى مىنى دەرگاھىڭغا ئىلىپ كەتكەيسەن! ئھ ئۇلۇغ ئاللاھ قەدەملىرىم ئىسلامدىن يىلىشپ كىتىشتىن بۇرۇن مىنى ئۆزدەرگاھىڭىغا ئىلىپ كەتكەيسەن! مەن ھەقىقەتەن سىنىڭ لەنەتگەر بەندەڭ بولۇشتىن قوقىمەن. ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ سەن قەلبىمىنى ئىسلام نۇرى بىلەن تېخىمۇ نۇرلاندۇرغايسەن، ئىمانىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلغايسەن، 24 - يىلدىن بىرى ئەخلەت ئىددىيە، چىرىندى كۆزقارشلار بىلەن تولۇپ، قىتىپ كەتكەن قەلبىمنى يومشاتقايسەن، ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ قىرىنداشلارىمنى شۇنداقلا مىنى جەننتى فىردەۋىسنىڭ ئىگىلىرىندىن قىلغايسەن! ( ئامىن)

تىرىش  يەنە  تىرىش،،،

Posted: 2011-04-11 21:09 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 37
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 37 نوقتا
پۇل : 370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

   
ياخشىكەن!!!!!!!!
   

مۇھەببەت نۇر،نەپرەت سايە،ھايات نۇر بىلەن سايىنىڭ يۇغۇرلىشىدۇر

Posted: 2011-04-11 21:58 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation