كەچ سائەت 11-دىن ئالتە مىنۇت...
ئىلىكتىر لامىپىسى بىلەن كۈندۈزدەك يورىتىلغان ياتاق بىناسى بىردىنلا جاھالەتكە مەھكۇم بولدى. نۇر، جاھالەت بۇ ئىككى ئاتالغۇ بەلكىم كىشىلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ئىنىق ئىزاھاتقا ئىرىشىەلمەي ئۆتۈپ كىتىشى مۆمكىن.
دەرەخ شاخلىرىسدا تاقلاپ ئويناۋاتقان ھىلال ئاي خياللىرىمغا جور بولماقتا ئىدى.
_ خې يىبىي با(بىر رومكا ئىچىپ قويمامسەن)
_ ۋو بۇخى( مەن ئىچمەيمەن)
_ ۋىي شىنما( نىمىشقا)
_ مۇسىلىن رېن بۇخىجىيۇ( مۇسۇلمان ھاراق ئىچمەيدۇ)
ئۇلار ھەيران قالدى، نىمە ئۈچۈن دەمسىز؟
_ سىلەر ھاراق ئىچمەمسىلەر دەپ سورىدى ياتاق داشلىرىم.
_ مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن مەسقىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانىلىق بولغان ھەرقانداق ئىچىملك ھارام قىلىنغان دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇنداقتا بىز بورۇن كۆرگەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچەتتى، تاماكا چىكەتتى ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدۇ، لىكىن تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس دەپ جاۋاپ بەردىم. چۈنكى ئاشۇ ھاراق خۇمار قىرىنداشلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دىيشىكە مەندە ئاساس يوق ئىدى. ئۇلارنى ھاراق ئىچىش بىلەن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاپ ئۇلارنى يىتىم قالدۇرۇش ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ قىرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەپ توغرا يولغا قايتۇرۇپ كىلىش مىنىڭ باشتىن ئاخىر تۇتۇپ كىلىۋاتقان يولىم ئىدى.
مانا شۇنىڭدىن كىيىن ياتاقداشلىرىممۇ ماڭا ھاراق، تاماكا تەڭلىمەيدىغان ھەمدە بەزى ئىشلاردا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. لىكىن بۇ قىتىمقى قىسىغىنا دىئالۇگ مىنى ھەردائىم خىياللار قوينىغا باشلاپ كىتەتتى. بۈگۈنمۇ ماتىريال ئىزدەۋىتىپ قولۇمغا يۇرتۇمدىن ئالغاچ كەلگەن << قۇتادغۇبىلىك>>نىڭ خەنزۇچىسى چىقىپ قالىدى، مۇقاۋدىكى يۈسۈپ بوۋام ماڭا قاراۋاتقاندەك، مەندىن قانداقتۇرسۇئاللارنى سوراماقچىدەك قىلاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىردىن بىرخىل ئەپسۇسلىشى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭغا يەنە قاراۋىرىشىتىن خىجىل بولۇپ قالدىم.
كۈزىتىش، بىلىش، تەھلىل قىلىش، يەكۈن چىقىرىش تەپەككۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى بولۇپ، بلىكىم بۈگۈن نەچچە ۋاقتتىن بىرى ئويلىغانلىرىم، تەھلىلاتلىرىم، يەكۈنلىرىمنى جەمىلەيدىغان كۈندۇ. ئادەم مىڭىسى ئاللاھنىڭ پۈتكۈل كائىناتقابەرگەن ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مۈكەممەل بولغان نىئىمىتىدۇ.
ئالىدىمدا تۇرغۇنى ئاپئاق ساقاللىق، ئاپئات تون كىيگەن، ئاپئاق سەللىسىنى يارشىملىق ئورىۋالغان، نۇرانە سىمالىق بۇ بوۋاي؟؟؟ ھە مەن تونىۋالدىم بۇ بۇۋام يۈسۈپ ئىدى.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈسۈپ بوۋا دەپ چوقۇرئىھتىرام بىلدۇردۈم . لىكىن سالىمىم جاۋاپسىز قالدى، بوۋام يۈسۈپ مەندىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى، مەن ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ يەنە يۈزىنى ئۆرۋالدى، ئۈچ نەۋبەت مۇشۇنداق تەكرارلاندى، ئاقىبەت بوۋام يۈسۈپتىن سورىدىم .
_ ئى يۈسۈپ بوۋا نەسەۋەب مەندىن يۈزىڭىزنى ئىلىپ قاچىسىز؟
_ سەندىن جاھالەتنىڭ مودھىشلىرىنى كۆردۈم، شۇڭلاشقا سەندىن يۈزۈمنى ئۆرىدىم.
_ نىمە؟ بۇۋا مەن 21- ئەسىردىكى
ئۇچۇر دەۋىرىدە، ئىلىم - پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بىر ئىرادا، يەنە تېخى جۇڭگۇنىڭ مەدەنىيەت بۆشىكى بولغان بىيجىڭ شەھرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋات زىيالىمەن، قانداقسىگە مەندىن جاھالەت مۇدھىشى كەلسۇن؟
_ ئۇنداقتا ئىيتىپ باق جاھالەت دىگەن نىمە؟
_ مەرىپەتسىزلىك، ئىلىمسىزلىك، نادانلىق دەپ جاۋاپ بەرددىم.
بوۋام يۈسۈپ قولۇمنى تۇتۇپ؛ خاتالاشتىڭ ئوغلۇم . جاھالەت دىمەك ھەقىقەتسىزلىك . ئىبلىسقا قارا ، ئۇ پۈتكۈل پەرىشتىلەرگە مۇددەرسى بولغان، ئىلىم مەرىپەتتە ئۇنىڭ ئىلىمى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى، ئۇ ئاشۇ بىلىمىگە تەمەننە قويۇپ ھەقتىن يۈز ئۆرىدى، شۇنداقلا جاھالەتكە يولىنى تاللدى. ئەگەر ئىنساندىكى ئىلىم ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، سەندىكى ئۇ ئىلىم ھەرگىزمۇ سىنى جاھالەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكىسچە سىنى جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقۇزىۋىتىدۇ.
بوۋام يۈسۈپ مەندىن يەنە سورىدى.
_ سەن ئۆزۈڭنى 21- ئەسىردىكى
ئۇچۇر دەۋىردىكى زىيالي دەپ تەرىپلىدىڭ، ئۇنداقتا ئىيتىپ باق زىيالى ئوقۇمىنى قانداق چۈشۈنەرمىز، ئۇنىڭ جەمىيەتتە توتقان ئورنى قانداق بولىدۇ، ھەمدە رولىچۇ؟
- زىيالى دىمەك ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەك، ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئادەتتىكى ئاممدىن يۇقىرى بولۇپ ئاممىغا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىسى ئۆز دائىرسىدىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخش جارى قىلدۇرۇش دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇنداقتا سەن زىيالىلارىنىڭ ۋەزىپىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بايان ئەيلە؟
_ مەن سەل ئىكىلىنىپ قالدىم، چۈنكى مەن بۇتوغۇرلۇق ئويلانغان بولساممۇ ھازىرقى جەمىيەتتى زىيالى قاتلىمى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھىلىقى ۋەزىپىنى ئۆتەش ئوقىمىدىن خىلى يىراقتا ئىدى، بوۋام يۈسۈپكە قارىدىم، ھەمدە ئى بوۋا يول كۆرسەتكەيسز دىدىم - مەن.
_ زىيالىي دىمەك ئالدى بىلەن ھەقىقەت ئەھلىلىرى بولۇشى كىرەك،( بۇ دەۋىردە تېخىمۇ شۇنداق) ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مول بىلىمگە، ئىلىم - مەرىپەتكە،
ئۇچۇرلىشىش دەۋىردە تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىددىيسىگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەكتۇر . ئۇلارنىڭ مىللەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئۆممەتكە باش بولۇش، ئۇلارنى يىتەكلەش، توغرا يولغا باشلاش ، جاھالەت قوينىدىن تارتىپ چېقىرىش. ئۆممەتنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدەش، ھەمدە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بويچە داۋالاش ، شۇنداقلا نادانلىق، خوراپاتلىق، بىدئەت كۆز قاراشلاردىن قۇتۇلۇش ، ھەمدە مىللەتنى شۇ قاراشلاردىن قۇتقۇزۇش. قىسقىسى مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن ئالىم، پەيلاسوپلار، يازغۇچى، شائىرلار، جەميىەتشوناسلار، مائىرىپ شوناسلار، كارخانچىلار چىقىتى، بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلىققە باش بولۇپ ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋائىزدىمەكتە يوق، جاھالەتكە باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ باردۇ، ياكى ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كىتىپ بارىدۇ.
_ نىمە ئارىمىزدىكى شۈنچە دوكتۇر، ئالىملىرىمىز جاھالەت ئىچىدىمۇ؟
_ دوكتۇر دىمەك پەقەت ئوقوشۇڭقا بىرىلگەن دەرىجە ئۈنۋانى، سىنىڭ مەلۇم ساھەدە خىلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقىڭنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ، ھەرگىزمۇ سىنىڭ ھەقىقەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ.
_ ئۇنداقتا ئالىمنىڭ دىگەن نىمە؟ دەپ سورىدى بوۋام يۈسۈپ.
_ ئالىم دىمەكلىك مەلۇم ساھادە پىشىپ يىتىلگەن ، شۇ كەسسپتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىلىم ئەھلىلىرى.
_ خاتالاشتىڭ ئوغلۇم، ئالىم دىمەك بىلگەن ھەربىر ھەققەتكە ئەمەل قىلماغلىق.
ماڭا چۈشەندۇردى: ھازىر ئەتراپڭغا نەزەر سال، ئانا يۇرتۇڭنى كۈزەت سەن زىيالي دىگەن شۇ بىر تۈركۈم ئۆممەتنىڭ ھالىغا قارا! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ ئۆز ھەركىتى، تۇرمۇشى، ئىش پائالىيەتلىرى، تەتقىقاتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىرىمۇ خىلى بار، لىكىن ئومومىيلىققتا يەنىلا ناھايىتى ئازسالماقىنى ئىگەللەيدۇ. قالغان ئاشۇ بىر تۈركۈم ئۆممەت ھەرخىل سورۇنلاردا، ئۆز تەتقىقاتلىرىدا، دەرىس مۇنبەرلىرىدە بىزنىڭ ئارىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئولۇغ مۇتەپەككۇر، ئالىم چىققان دەپ پەخىلىنىدۇ. ھەتتا كىتابىم << قۇتادغۇبىلىك>> تىن نەقىللەر كەلتۈرشىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ ئىچىدە زادى قانداق مەزمۇننىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يىزىلغانلىقىنى بىلەيدۇ، ھەم ئۇ توغرىسىدا ئۇيلانمايدۇ. ئې ئوغلۇم مەن ئۇشبۇ كىتابىنى سىلەرنىڭ ماختىنىشڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشۇڭلاردا ئەمەل قىلىشڭىلار ئۈچۈن قالدۇرغان ئىدىم.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا :ھەقتىن يىراقلىشىش، ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى، ئىنسان بىلەن جەمىيەت، ئىنسان بىلەن كائىنات ئوتتورسىدىكى مۇناسىۋەتتە چىرىكلىشىش، ئۇلاردا ئىغىر دەرىجدىكى ئەخلاقى بوزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھازى يۈز بىرىۋاتقان ئاشۇ كىرزىسلارنىڭ تۈپ سەۋەبىياتى دەل مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقڭلاردا ، ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەتلەر بەلگىلەنگەن ھەق يولدىن چەتنىگەنلىكىدە.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا: ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش، ئەيشى - ئىشرەتكە بىرلىش، ناخسا - ئۇسۇلغا مەستۇ مۇغەررەق بولۇش، مال دۇنيانى دوسىت تۇتۇش، ئەمەل مەنسەپكە بىرلىش قاتارلىق چۈشكۈن ئىددىيەلەر ئۇلار ئارسىدا كەڭ ئالقىشقا ئىرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى بوخىل چىركىندىلەرگە قارشى توردىغانلىقى، مىللەتنىڭ بوخىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش كىرەكلىكىنى تونوپ يەتسىمۇ ، لىكىن قانداق قۇتۇلشنڭ يولىنى تاپالمىدى، ياكى قۇتۇلۇشنى ھەق يولدىن ئىزلىمدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈنۈمسىز قالدى. ياكى كىشىلەرنىڭ ئۇخىل چۈشكۈن روھىغا ھىچ تەسىرسىتىپ ھەركەتكە ئايلاندۇرالمدى. ئۇلار بەزىلىرى مىنىڭ كىتاۋىم ئارقىلىق قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەشكە ئۇرۇندى، لىكىن ئۇلارمىنىڭ ئۇكىتاپنى قانداق ئۇسلۇپتا، نىمە مەقسەتتە ، نىمە ئاساسىدا يازغانلىقىمنى چۈشەنمىگەنلىكى، ياكى چۈشەنگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەخسەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرماقىچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمدى.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا: ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ مىنىڭ كىتابىم ھەققىدە ماخىنىشىدۇ، بىزمنىڭ مىللەتتىن مۇنداق ئالىم چىققانھەي دەپ ئۆزلىرىچە مىنىڭ ئۇشبۇ كىتاۋىنى تاردائىردە چەكلەپ قويىشىدۇ. مەن ئۇكىتاپنى قانداقتۇر مەلۇم مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەق يولغا توغرائەگىشىشى ئۈچۈن يازغان ئىدىم. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرى كۆككە كۆتۈرگەن مىنىڭ كىتاۋىم < قۇتادغۇبىلىك> ككىمۇ ھەققى ئەمەل قىلمايدۇ. چۈنكى مەن كىتاۋىمدا ھاراقنى مىڭخىل گۇناھنىڭ ئانىسى دەپ يازغان ئىدىم، ھەمدە بۇ ئىشتىن چەكىلىگەن ئىدىم. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟
ئۇلارنىڭ ھالىغا قارا: نۇرغۇن يازغۇچى، پەيلاسوپلار، ئالىملىرىڭلار ھەققىەتنىڭ نىمىلكىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە سىلەرنىڭ بىر كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ قەيىتقىلدى. سىلەردىكى ئالىي مەكتەپە ئوقوغۇچىلاردىن تاكى جەمىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىلىرىڭلارغىچە مىللەت توغرىسىدا بەسبەستە مۇنىزلەر قىلىشىسىلەر، مىللەتنىڭ كىيىنلىكى ھەققىدە ئىچىڭلارنى ئاچچىق قىلىسىلەر، ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئىللەتلەرنى تارتىپ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى ھەققىدە تەلقىنلەرنى قىلىسلەر، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ كىرزىسىتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ كۈنلەپ تەلقىنلەرنى قىلغىنىڭلاردىن ئۆزىڭدىكى ئەڭ كىچىك بىركەمچىللىكىنى، مىللىتىنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈردىغان ھەرقاندق بىر كىچىك ئىشنى تەرىك ئىتىشىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىدى.
ئەي ئوغلۇم نەسىيھىتىمگە قولاق سال! مەن ساڭا ھەق يولنى كۆرسىتەي ، سەن كىتاۋىم << قۇتادغۇبىلىك>> نى ھەققى چۈشەن، ئۇنى تەتقىق قىلىپلا قالماي ئۇنىغا ئەمەل قىل! ئۇنىدا سىلەر ماڭماقچى بولغان يول بار. سىلەرنڭ ، مىنڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەتچىسىگە، بۇۋاڭلار سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئەگەشكەن، بوۋاڭلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەگەشكەن، بۇۋاڭلار مەھمۇد قەشقىرى ئەگەشكەن، بوۋاڭلار ئابدۇقادىر داموللا ئەگەشكەن، ئەجدادىڭلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتىئىلى ئەپەندى ئەگەشكەن يولغا مىڭىڭلار شۇندا يولۇڭلاردىن ئازمايسىلەر. بو يول سىلەرنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىڭلار!
ئي ئوغلۇم بۇ يول شۇنداق بىر يول. بۇ سىلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چىقىش يولى، ئەمىنلىك يولى. بۇ يولدا مىڭىش ئۈنچىلىك ئاسان ئەمەس، ھەقىقەت بەئەينى لاۋىلداپ تۇرغان ۋولقان، يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت. پەقەت ئۇنى كۆيۈشتىن قورىقمىغانلارلا تۇتالايدۇ، سەن بۇئارقىلىق ئۆز روھىنى پاكلىغىن، روھىڭ ناباب ھالەتتە 100 مىڭ پارچە كىتاپ يازغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋەزىپەڭ ھەرگىزمۇ قەغەز يۈزىدە يىزىپ قويۇش بىلەن كامالەت تاپمايدۇ، ئۆزىڭدىن باشلاپ تۈزەت ، ئۆزىڭنى ھەقىقەتكە ماسلاشتۇر، ئەگەر ھەققەت ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇنسا ئىدى، دۇنيا پىتى - پاساتقا توشۇپ كەتكەن بولاتتى. ئى ئوغلۇم سەن قەۋمىڭدىكى ئاشۇ زىيالىلىرىغا ئېيىت ئەمدى ئۇلار ئۆز نەپسىنى ( ھوقوق - مەنپەت، نام -ئابروي، يىمە -ئىچمەك ، ئەيشى- ئىشرەت) تۈزەتسۇن، بىدئەت، خوراپىلىقنى تاشلىسۇن، جاھالەت بىلەن خوشلاسسۇن، يىزىش، سۆزلەش ، بەس مۇنازلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايستىن ئۆزى، ئۆز ئائىلىسى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، يارۇ دوس بۇرادەرلىرىنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق تۈزەتسۇن. ئەگەر كىتاپ ئارقىلىق ئىنسان تۈزىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، سىلەر يولدىن ئازمىغان بولاتتىڭلار، بۇ كىرزىسقا مۇپتىلا بولمىغان بولاتتىڭلار. چۈنكى سىلەرگە مىڭ يىللار ئىلگىرى ھەق يول كۆرسىتىلگەن كىتاپ بىرىلگەن ئىدى. ئەگەر كىتاپ ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزگىرىىدىغان بولسا ئىدى دىيارىمىزدىكى يازغۇچىلار، پەيلاسوپلار، ئەدىبلەر يازغان كىتاپ ئارقىلق سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قەۋىملەردىن بولار ئىدىڭلار. ئەگەر ھەقىقەت قەغەز يۈزىدىلا ئىيتىلىپ قەلىپتىن ئۇرۇن ئالمىسا، ئىنسان ھەركىتىگە تەسىر كۆرسەتمىسە ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداقمۇ ھەققىەت ھەقدارلىرى دىيەلەيمىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قەلىبىڭلار، تىلىڭلار، ئەمەلىي ھەركىتىڭلار ئارقىلىق ھەققەتنىڭ ھەققى ھەقدارلىرى، سەمەرلىردىن بولۇڭلار. ئەگەر مۇشۇ ئۈچتىن بىرى كەم بولىدىكەن سىلەر بۇ كىرزىسىتىن مەڭگۈ، مەڭگۈ، مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇشىڭلاردىكى بىردىن بىر يول.
ئىي ئوغلۇم بار قەۋىڭغا ئىيت، بۇلارنى قەۋىڭغا يەتكۈز! ئەگەر سەن بۇلارنى قەۋىمىڭگە يەتكۈزمەيدىكەنسەن سەن بىر نابان ئىنسانسەن. قەۋىڭغا ئىيت ئۇلار ھەر بىر ئىشنى ئۆزىدىن ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن ، ئەتراپىدىكىلەردىن باشلىسۇن! بۇيولدا چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىل چىلىكمۇ ( قىلنىڭ ئىغىرلىقىدا) ئىغرچىلىق، جاپا يوق. سىلەر دەل شۇ ۋاقىتتا يولاشچىمىزغا، بوۋاڭلار سۇلتان سۇتۇققا، مەن بولمىش يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، مەھمۇد قەشقىرىگە، ئابدۇقادىر داموللىغا، مۇھەممەدئىلى ئەپەندىكگە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا يۈزكىلەلەيسىلەر.
بار ئوغلۇم بولارنى قەۋىمڭغا يەتكۈز، ئەگەر بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىكەنسەن سەن بىر نابان ئىسانسەن. بار ئوغلۇم بار، قەۋىڭغا يەتكۇز! !!بارئوغلۇم قەۋىڭغا يەتكۈز، بار ئوغلۇم بار قەۋىڭغايەتكۈز !!بار ئوغلۇم بار قەۋىڭغا يەتكۈز !!! بوۋام يۈسۈپنىڭ ئاۋازى ئاستا ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى، جۇلالىنىپ تۇرغان سىماسىمۇ ئاستا سوسلىماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى، سىماسىمۇ ئاستا - ئاستا يوقدى.
چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم يىنىمىدا ئاخشامكى قۇتادغۇبىلىك تۇراتتى. دەرەخ شاخلىرىدا خەندان ئۇرىۋاتقان قوشلارنىڭ يىقىملىق ساراشلىرى قاراغغۇ زۇلمەتتىن ئايرىلىپ چىققان تاڭ سۈبھىسىدىن دالالەت بىرىۋاتاتتى. بوۋام يۈسۈپ ئەمدىلىكتە ماڭ كۆلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان زور ئىشەنچنى كۆرگەنتىم.
_ خاتىرجەم بولۇڭ بوۋا مەن چوقۇم يەتكۈزىمەن ، دىدىم ئۆز ئۆزۈمگە. ھەمدە كارۋاتتىن ئاستا چۈشۈپ چۈگۈننى قولۇمغا ئالدىم....