ئاساسىي تېما : ئاياللار ئىشخانىدا ئالتە ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەكئاۋاتلىقى:433ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەللىكنى قەلبىمدىن ئىزدە!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 677
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 677 نوقتا
پۇل : 6770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1022(سائەت)

 ئاياللار ئىشخانىدا ئالتە ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەك

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن تۇرمۇش مەسلىھەتچىسىدىن يۆتكەلدى.(2011-03-22)
ئادەتتە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار مۇنداق ئالتە ئىشتىن ساقلىنىشى كېرەك:
1. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش.
ئايال خىزمەتچىلەر ھەمىشە ئىشقا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، تاپاننىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، دۇققا يوغىناش، تاپان ئولتۇرۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئىشخانىغا ئامال بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شارائىت يار بەرسە، ئىشخانىغا پاكار پاشنىلىق ئاياغتىن بىرنى قويۇپ قويۇپ، ئىشخانىغا بېرىپلا ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، پاكار پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغىنى ياخشىراق.
2. يانفوننى مەيدىسىگە ئېسىۋېلىش.
بەزىلەر تېلىفون سۆزلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، يانفونىنى مەيدىسىگە ئېسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يانفون تارقاتقان رادىياتسىيە مەيدە، كۆكرەك، قورساققا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا يانفوننى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇش ياكى تارتمىغا سېلىپ قويۇش، سىرتقا ماڭغاندا سومكىغا سېلىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك.
3. گىرىم ئۈستىگە گىرىم قىلىش.
گىرىم ئۈستىگە گىرىم قىلسا، تېرە غىدىقلىنىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە كوللىكتىپ ئىشخانىلارنىڭ مۇھىتى باشقا مۇھىتقا قارىغاندا، بىرقەدەر بۇلغانغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ئىشخانىلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلگەچكە، ھاۋانىڭ ساپلىقى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئىشخانىدا گىرىم قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك. گىرىم قىلىش زۆرۈر بولسا، كونا گىرىمىنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا گىرىم قىلىش كېرەك.
4. قەھۋە قېنىق چاي ئىچىپ، قايناق سۇ ئىچىشكە سەل قاراش.
قايناق سۇ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، بىراق بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى 1200 مىللىلېتىر قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش، باشقا ئىچىملىكلەرنى، بولۇپمۇ كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5. توختىماي تېلىفونلىشىش.
باشقىلار خىزمەت قىلىۋاتقاندا، توختىماي تېلىفونلىشىش ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. توختىماي تېلىفونلاشسا باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداشلار ئارا كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
6. خىزمەت ۋاقتىدا قۇلاققا تىڭشىغۇچ تاقىۋېلىش.
بەزىلەر خىزمەت ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالىدۇ. ئەمما تىڭشىغۇچنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقىۋالغاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار تىڭشىغۇچنى ئاز ئىشلىتىش، ئىشلىتىش توغرا كەلسە، ئاۋازنى تۆۋەن تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك.
 

تەبىئى ،ئاددىلىقىمنىڭ ئۆزى بىر مودا.!

Posted: 2011-03-22 16:45 | [پۈتۈكچى]


يېڭى بىر كۈن......
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 2539
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2545 نوقتا
پۇل : 25450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1374(سائەت)

 

ھەي ساناپ كەلسەك بۇنۇڭدىنمۇ جىقمىكى دەيمەن!!!

سۇنغان ئەينەكنى چاپلىغان بىلەن،بەرىبىر ئىز قالىدۇ.

Posted: 2011-03-22 17:08 | 1 -قەۋەت


ئۇزۇڭنى ئەرزانغا ساتمىغايسەن ، باھايىڭ جەزمەن ئۇستۇن
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 734
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 734 نوقتا
پۇل : 7340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:203(سائەت)

 

تىڭشىغۇچ دىگەن ئارجى شۇممۇ مەن دائىم تاقىۋالمەن ئۇنى 

يۇم  كۇزۇڭنى، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۇل،

Posted: 2011-03-22 17:11 | 2 -قەۋەت


قىممەت ئىزلەيمەن
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 951
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 953 نوقتا
پۇل : 9530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1588(سائەت)

 

دىققەت قىلساق بولغىدەك.قەخۋەنى ئاز ئىچىشقا تىرىشىۋاتىمەن.

پوش پوش پوش ....جىن-شەيتانلار نېرىكەت~!

Posted: 2011-03-23 01:27 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تۇرمۇش بىلىملىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation