ئاساسىي تېما : تۆكۈلگەن خازانئاۋاتلىقى:214ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



سەن ھىجىران يېشىمۇ ياكى ۋىسال؟...
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 1690
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1698 نوقتا
پۇل : 16980 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:563(سائەت)

 تۆكۈلگەن خازان


تۆكۈلگەن خازان
     خازانلار ھۈركىگەن قۇشلاردەك شاخلاردىن ئاجراپ ئۇچتى. ئۇنى شاماللار ئويناتتى، نۇرلار سۆيدى. شۇ تاپتا ئۇلار چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە پەرۋاز قىلىپ، يۈرۈكىمدىن ناخشا ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ تاپتا قۇشلارنىڭ توزىغان پەرلىرىدەك يەر كۆكسىگە باغرىنى يېقىۋاتىدۇ.  مەنمۇ شۇ خازان كەبى  شاماللار قوينىدا زېمىننىڭ قوۋزاقلىرىدەك ئېقىشنى ئارزۇ قىلمەن، ئىزلارغا كۆمۈلۈشنى ئۈمۈد قىلىپ ئاياغلارغا يىقىلۋاتىمەن. ئاھ، ياشلىق! قەلبىمدە ياشلىقىمغا ئاتالغان ناخشام قايناۋاتىدۇ. ئەجىبا ئۇنى ئەمدى تىلەشنىڭ ھاجتى بارمۇ!
    مەن قاقشال قالغان خازان، مەن بۇلۇت ياپراقلىرنىڭ ھاياتتىن تېزرەك جۇدا قىلىشنى كۈتىۋاتىمەن. مەن شاخلاردا ئۇزۇقسىز سارغايغان ياپراقمەن. تىلەمچىدەك ھەممىدىن ئۇزۇقلۇق ۋە ئۇسسۇزلۇق تىلەۋاتقان قوللىرىمنى ئوتلۇق قۇياشنىڭ كۆيۈمچان قوللىرى پەپىلەۋاتاتتى.
    مەن- تولغۇنۇپ ئىڭرىغان،ئاچچىق نىدا قىلغان، چاقماقتەك غەزەپلىك خورسىنغان ھالدا ياش تۆكمەكتىمەن. بۇ يىغا ئۆزەمدەك قورۇلغان، تىتىرگەن يۈرۈگىمدىن ئېتىلىپ چىققان. ئارزۇلىرىم زېمىنگە قونالمىغان، تاغلارغا ھاپاش بولالمىغان، دەريالارغا سىڭىپ كېتەلمىگەن.
مەن زېممىنى خازانلار قاپلىغان كەچقۇرۇنلۇقى كوچىنى ئايلاندىم. ئالدىمىدا بىر جۈپ قىز-يىگىت خازانلارنى دەسسەپ سەيلە قىلىشۋاتىدۇ. كۆز ئالدىمدا سارغايغان كۆرۈنۈش. لىكىن بۇ ئاشقلارنىڭ قەلبىدە تاتلىق سېزىم، شېرىن ئارزۇ. ئەنە بىر قىز دەرىزىدىن يىراقلارغا بېقىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇمۇ مەندەك سۇلغان، ئاھسىرغان، مۇڭلانغان...
    مەن سارغىيىپ كەتكەن يۇپۇرماق، مەن يېشل ھاياتىمنى ئىزدىدىم. يېشللىق سەكرات ئۈستىدىكىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بىشارىتى ئىدى. ئۇ جۇدالىق ئازابى ھەم شىرىن كۈنلەرنىڭ لەززىتى بىلەن تولغان ئەسلىمىلەرنى ئىنسان قەلبىگە باشقدىن بېغىشلىغۇچى ئىدى. ئەسلىمىلەر،تاتلىق ئەسلىمىلەر، ئاشۇ تاتلىق ئەسلىمىلەر ئىنسان ھاياتىنى ئۇزارتىدۇ، ئۇ ئىنسان قەلبىدە ھاياتقا نىسپەتەن مۇھاببەت ئويغىتىدۇ. مەن ئەنە شۇ يېشللىقنى كۈتتۈم. شامال ئالدىمغا بىر تال يېشىل ياپراقنى ئۇچۇرۇپ كەلدى، مەن دەرھال قۇلۇمنى سۇندۇم، بىراق قۇلۇم بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى، ئۇ سۈپۈرۈلدى، باشقا بىر ئىنسان تەرىپىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاندى، مەن ھەيران بۇلۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
«مەيلى» دەيتىم ئىچىمىدە، چۈنكى ئىنسانلار ئىنسانلارنىڭ خازانلىرى...
    كۈنلەرنىڭ بىردە كىشلەر بىر تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى. ئۇ مەن، تۈكۈلگەن خازان ئىدىم.
    بىر كۈنلەردە كىشلەر بىرتاۋۇتنى كۆتۈرۈپ چىقشتى، ئۇ مەن-سارغايغان خازان ئىدىم.

مەن بارالمىدىم «قۇياش» دەپ سېنى،
سەن كېلەلمىدىڭ «ئاي» دەپ مېنى.

Posted: 2011-03-22 16:08 | [پۈتۈكچى]


خىيالىمدا پەقەت بىر ئاللاھ، ئۇندىن قالسا پەقەت سەن بى ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 529
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 529 نوقتا
پۇل : 5290 RMB

تۆھپە قىممىتى: 17 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:941(سائەت)

 

باھارنىڭ بولىدۇ جۇدۇنى قىشى،
تۈكۈلسە ياپراقلار بۇ كۈزنىڭ ئىشى.
سەن دىگەن بۇ گەپنى ماڭا بىر چاغدا،
باش ئەگمەي ياشايدۇ ئۈمۈدۋار كىشى.
Posted: 2011-03-22 17:38 | 1 -قەۋەت


مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 898
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 920 نوقتا
پۇل : 9200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1787(سائەت)

 

ھېس چەشمىلىرىڭىزدىن چاچرىغان لىرىك تۇيغۇلار توختاپ قالمىغاي.ياخشى يىزىپسىز

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2011-03-25 02:18 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation