ئاساسىي تېما : نىگارغا...ئاۋاتلىقى:154ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يېڭى بىر كۈن......
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 2539
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2545 نوقتا
پۇل : 25450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1374(سائەت)

 نىگارغا...

پىراقىڭ يامغۇرى ياغدى تاراسلاپ،
چوغلاندى ۋۇجۇدۇم ئىشقىڭ بەرقىدە.
نىگاھىڭ ئوقىدا كۆكسۈم قاراسلاپ،
قانىغان يۈرىكىم تۆكتى قەسىدە.

ئەركىمنى ئىلكىڭگە باغلىدىڭ رەنا،
پۈكۈلدى تاغلاردەك بەستىم-قامىتىم.
پارلىدىڭ روھىمدا قۇياشتەك بەرنا،
يېشىندى سۆيگۈڭدە بەختىم -ئامىتىم.

ئاداققى كۈلكەمنىڭ ئاراشلىرىدىن،
توزىدى ئارامىم پەي-قاناتلىرى.
تاقەتنىڭ قەلبىمنى تاراشلىرىدىن،
نۇرلاندى ۋۇجۇدۇم تەكتى-قاتلىرى.

سىماھىڭ قەلبىمگە چەكتى نەقىش-ئىز،
سەزگۈلەر باغرىدا چېقلدى ئۇپۇق.
ئارمىنىم پەسلىدە چاقناپ گۈزەل قىز،
تەنھالىق ئۈستىگە ياپساڭچۇ يوپۇق.

ئايلاندىم يۇلتۇزغا،شامالغا،نۇرغا،
كەچلەردە ھىلالدىن چېھىرىڭنى تونۇپ.
ئۆزگەرسە ئۇزلىقىڭ شېئىرغا -قۇرغا،
كېتىمەن روھىمدىن ئۇزاپ،يۇلقۇنىپ!...

ئاپتور:غەنىزات ئۇيغۇر

سۇنغان ئەينەكنى چاپلىغان بىلەن،بەرىبىر ئىز قالىدۇ.

Posted: 2011-03-22 12:50 | [پۈتۈكچى]


ئەجەل كەلگەندە ئويغانغاننىڭ پايدىسى يوق .
دەرىجىسى:پەخرى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 3042
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3051 نوقتا
پۇل : 30510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1695(سائەت)

 

گۈل كۈچىتىدىن گۈل ئۈزگەن ئەر ئەلۋەتتە تىكەننىڭ ئاچچىقىغا چىدايدۇ .

Posted: 2011-03-22 13:08 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation