20
«تۈنۈگۈن ئالىم خۇشال كەلدى.ئۇ دەرسنى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، نەتىجىسىنىڭ ئىككى -ئۈچ كۈندىن كىيىن ،يەنى بارلىق قاتناشقۇچىلار تولۇق دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن چىقىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دەرسنى ياخشى سۆزلىشىدە مېنىڭ چوڭ تۆھپەم بارلىقىنى، مەن ئىشلەپ چىققان مەسىلىگە كەلگەندە، خۇددى ماڭا ئوخشاش چۈشەندۈرۈپ،ناھايتتى تىزلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭمۇ قايىل بولغانلىقىنى دىدى. بۇنىڭدىن مەن بەك خۇشال بولدۇم.ئۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشسە، ئۇ ئوتۇق قازانسا ماڭىمۇ پايدىسى بولاتتى. چۈشتىن كىيىن ئۇ يەنە ئۆيدە بولدى.
مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم.ئەلۋەتتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرۈپ، ئائىلىگە قايىتقىنىمنى، ئۆيدە بىكار تۇرغىنمنى دىدىم. ئۇمۇ دىگەنلىرىمگە ئىشەندى ۋە مەندەك بىر ئەقىللىق
قىزىنى ئوقۇتمىغان ئاتا-ئانامنى ئەيىپلىدى.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئەگەر مېنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتقان بولسا،مەن كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالايدىكەنمەن. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانامنى ئەسلەپ قالدىم. راسىت ئاتا-ئانام ماڭا كەلگەندە، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ،يىراقنى كۆرەلمىدى،مېنىڭ ئىستىقبالىمىدىن ئۇرۇق-تۇققانچىلىقنى مۇھىم بىلىشتى ئۆزىنىلا ئويلاشتى . ئەمما ئۇلارنى ئەيىپلىگىلىمۇ بولمايدۇ.
مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا دادام،ئانامنى سىغىنىغىنىمنى ئىتىراپ قىلىمەن. بىلەمسەن، ئادالەت، مەن ئۇلارنى بەك سىغىندىم. ئۆيدىن ئايرىلغىلى بىر يىل بولاي دەپ قالدى. ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۈم.مەن قىچىپ چىقىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئانام ۋە ئىنىمنى، ھەپتە بۇرۇن دادام بىلەن ئىككى ئاكامنى كۆرگەن ئىدىم.مەن قىچىپ چىققاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشى،ئىزدىشى ئىنىق ئىدى. ئاتا-ئانا ئۈچۈن پەرزەنت ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ سۆيۈملۈك ،ئەڭ قىممەتلىك،ئادەتتە ئىت-مۇشۇكى يۇقاپ كەتسىمۇ ئىزدەيدىغۇ كىشى. مەن چوڭلا بىر بالا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئامراق
قىزى.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق قەلبىدىكى ئۇرنۇم ماڭا ئايان. مەنمۇ ئۇلارغا ئامراق ئىدىم.گەرچە نادانلىق،ئەخمەقلىق قىلىپ، ئاچچىققا ۋە خۇرلۇققا چىدىماي، قىچىپ چىققان بولساممۇ، ھەممە سەۋەنلىك ئۇلاردا ئەمەس، ھىچقانداق ئاتا-ئانا بالىسىغا زىيانلىق ئىش قىلمايدۇ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىنى تىلەيدۇ.مېنىڭ ئاتا-ئاناممۇ شۇنداق.ئەمما ئىشلار ئۇلارنىڭ ئۇيلىغىنىچە بولمىدى.مەن ئۆچ ئىلىش كويىدىكى قىيىنئانام تۈپەيلى ئامالسىز قىچىپ چىقتىم.بەلكىم قىلغىنىم خاتادۇ ،لىكىن بۇنداق قىلمىسام بىر ئۆمۈر قىيىنئانام ۋە دىلشاتنىڭ قىيناشلىرى، خۇرلاشلىرىدىن قۇتۇلالماسلىقىم كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئاجرىشالمايتتىم. ئانام بىلەن قىيىنئاتامنىڭ ئاكا-سىڭىللىق مۇناسىبىتى مېنىڭ ئاجرىشىش يولۇمنى ئېتىۋەتكەن ئىدى. يەنە كىلىپ مەندە ئاجرىشىش سەۋەبىگە ئائىت پاكىت يوق ئىدى. چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئىشلىرى يۇشۇرۇن ئىدى.مەن ھەر قانچە قىلساممۇ، دادامنى، ئانامنى ۋە قىيىنئاتامنى ئىشەندۈرەلمەيتتىم.شۇڭا قىچىشنى ئەڭ ياخشى ئامال دەپ بىلگەن ئىدىم.ئەمما ئۇلارنى پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈشتەك ئازاپقا دۇچار قىلىشنى شۇ چاغدا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.مەن مەلۇم ۋاقىت قىچىپ كەتسەم دىلشات مېنى خوتۇن قىلمايدۇ،ئاسانلا ئاجرىشىمەن، كۆپ بولسا ،دادام بىلەن ئانام ئورۇپ تىللار.ئەمما مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئاچچىقى يىنىپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.مانا يۇرتتىن چىققىلى بىر يىلچە بولاي دىدى. ئارىلىقىمىز نەچچە يۈز كىلۇمىتىر بولسىمۇ،ئۇلار بىلەن كۆرىشەلمەي، ئۇلارغا ئۆزەم ھەققىدە
ئۇچۇر بەرمەي كىلىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدىشى ئىنىق ئىدى. بەلكىم ئۇلار مېنىڭ بۇنداق كىشىنىڭ نەزەرى چۈشمەيدىغان يەردە تۇرۇشىمنى ئويلىماي،چوڭ شەھەرلەرنى ئىزدىشى مۇمكىن. بەلكىم مېنىڭ سەۋەبىمىدىن نۇرغۇن ئىشلار كىلىپ چىققان بولىشىمۇ، ئالدىنقى قىتىمقىدىنمۇ ئىغىر ئىشلار يۈز بەرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن.نىمىلا دەي، ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى.ھەر قانچە قىلىپمۇ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. لىكىن مەن ئاتا-ئانامغا يۈز كىلەلمەيمەن. ئۆزۈمنى قۇيۇۋەتسەملا ، يىغلاپ تاشلىشىم ئىنىق،ئەمما چىداپ تۇرىۋاتىمەن. سەنمۇ ئوقۇشقا بارغان دەسلەپكى ئايدىلا ئاتا-ئاناڭنى ۋە دۇستلىرىڭنى سىغىنغانلىقىڭنى دەپ خەت يازغان ئىدىڭ. سىغىنىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى دىمىسەممۇ،سەن چۈشىنىسەن، بىلىسەن، ھىس قىلالايسەن.مەن ئانامدىنمۇ بەك دادامنى بەك سىغىندىم. ئۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى، مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم.كونىلار ‹قىزلار دادىسىغا، ئوغۇللار ئانىسىغا ئامراق بولىدۇ› دەيدىكەن. بۇ ھەقىقەت ئىكەن.مەن دادامغا بەكلا ئامراق ئىدىم.ئومۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ ئاكلىرىمغا ۋە ئۇكامغا ۋارقىرىسىمۇ، ئۇلارنى ئۇرسىمۇ،ماڭا قاپاق ئالايتمايتتى.قوپال تەگمەيتتى. ‹جىنىم قېزىم،خان
قىزىم ، ئوبدان
قىزىم،ئەقىللىق
قىزىم›دەپ تۇراتتى.تېخى بەزىدە ‹ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بۇلساڭچۇ›دەپ ئاكىلىرىم ۋە ئىنىم ئالدىدا مېنى چوڭ كۆرۈپ كىتەتتى، دىگىنىمنى قىلىپ بىرەتتى.مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئىنسان دادام ئىدى.ئەمما مەن ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ئىلىپ كىلەلمىدىم.ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەندىن كىيىن باشلانغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى خۇشال قىلالمىدىم.بەلكىم دادام مەن ئۈچۈن قايغۇرىۋاتقان، مەندىن ئەنسىرەۋاتقان بولىشى،مېنىڭ ئىشىم تۈپەيلى باشقىلار ئالدىدا تىلى قىسىقا بولۇپ،مەندىن خاپا بولىۋاتقان بولىشى، مېنى ئىزدەپ نۇرغۇن يەرلەرگە بارغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇنىڭغا يىقىن يەردە تۇرۇپ، ئۆز ئەھۋالىمنى دىيىشكە ،ئۇنىڭ قىشىغا بىرىشقىمۇ يارىماي تۇرىۋاتىمەن. يۇرتتىن چىققاندىن كىيىن ،ئۇ چۈشۈمگە كۆپ كىردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ:
-جىنىم دادا،سەن مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ قىممەتلىك ئىنسانسەن. مەن ساڭا خۇشاللىق،خاتىرجەملىك بىرەلمىدىم.سېنى ئازاپتا ، خىجالەتچىلىكتە قويدۇم.مېنى كەچۈر،مەندەك ۋاپاسىز،ئەقىلسىز
قىزىڭنى كەچۈر. بىر كۈنلەردە سېنىڭ ئالدىڭغا بېرىپ سەندىن ئەپۇ سۇرايمەن ۋە سېنىڭ ھەر قانداق جازا-تەنبىھلىرىڭنى قوبۇل قىلىمەن.لىكىن ھازىر ساڭا ئۆزەم ھەققىدە خەۋەر بىرەلمەيمەن.دادا،جىنىم داد،شۇنى بىلگىنكى،مەن سىنى سىغىندىم، مەن ساڭا ئامراق.
2005-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى،جۈمە»