ئاساسىي تېما : نورۇزنامەئاۋاتلىقى:196ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 580
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 582 نوقتا
پۇل : 5820 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:70(سائەت)

 نورۇزنامە

نورۇزنامە
 
«نورۇز» پارىسچىدىن ئۆزلەشكەن ئاتالغۇ بولۇپ، «يېڭى كۈن،  تۇنجى باھار كۈنى»  دەيدىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىپ، قىشتىن ساق ئۆتۈپ، ئىللىق باھار پەسلىگە ئۇلاشقانلىقىنى مۆجىزە دەپ تونۇغانلىقتىن، ئۇنى ناھايىتى زور داغدۇغا بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۇپ كەلگەن.نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپلا قالماستىن،يەنە قازاق،قىزغىز،ئۆزبەك،تۈرۈك،تاتار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرىنداش مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى.نورۇز بايرىمى - يېڭى يىل بايرىمىمىز بولۇشى بىلەن تەڭ يەنە ئۇ تەبىئەت بايرىمى، گۈزەللىك بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، مەدەنىيەت بايرىمى، ئىناقلىق– شادلىق بايرىمىدۇر.

 

سانسىز تۇرنا ئۇچۇپ ئۆتتى بولۇپ رەت،
نورۇز  كېلىپ ئويغانغاندا تەبىئەت.
كۆكلەپ دىلدا ئارزۇ- ئارمان، تىلەكلەر،
ئۇرغۇپ تۇرار ھەر كىشىدە جاسارەت.
 
نۇر چاچىدۇ ئالتۇن قۇياش ئاسماندا،
ئەگىز سۈيى ئوينار ئېرىق، ئېتىزدا.
مول ھۇسۇلنى قىلىپ ئارمان دېھقىنىم،
ئۇرۇق چاچتى مۇنبەت تۇپراق،ئېتىزغا.
 
مەيىن شامال سېپاپ ئۆتسە يۈزلەرنى،
دېماقلارغا ئۇرۇلىدۇ گۈل-چېچەك.
ھويلا ئارام تازىلاندى چىنىدەك،
سەھەر تۇرۇپ ئەجىر قىلغاچ كېلىنچەك.
 
نورۇزدا بار شۇنچە نۇرغۇن خاسىيەت.
يېڭى يىلدىن ئېچىلىدۇ يېڭى بەت.
پورەكلەيدۇ ئىناقلىقنىڭ گۈللىرى
يۇيىلىدۇ ئەل ئىچىدىن ئاداۋەت.
 
پىشىپ قالدى بېدە كۆكتىن نورۇز ئاش،
ئوسما قويۇپ بوپتۇ قىزلار قەلەم قاش.
نورۇز بايرام تەنتەنىسى يۈرەكتە،
ساما سالۇر شاتلىقىدا قېرى-ياش.
 
نورۇز بۈگۈن ــــ تەبىئەتنىڭ بايرىمى،
بورۇز بۈگۈن ــــ ئىناقلىقنىڭ بايرىمى.
نورۇز كۈيى ياڭراپ تۇرسا يىلمۇ-يىل
ئۈزۈلمەيدۇ ئەجدات ئىزى،ئارمىنى.
 

Posted: 2011-03-21 21:31 | [پۈتۈكچى]


ئادەم دۇنياغا ياشىغىلى كەلمەيدۇ ، ياراتىقىلى كىلىدۇ.
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 231
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 231 نوقتا
پۇل : 2310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:163(سائەت)

 

نۇرۇز بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخنى بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار؟

نامراتلىق ئىقتىدارسىزلىق ،ئىقتىدارسىزلىق- گۇناھ

Posted: 2011-03-21 22:33 | 1 -قەۋەت


بۈگۈن ماڭمىساڭ ئەتە يۈگۈرەيسەن ...
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 6042
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 6049 نوقتا
پۇل : 60490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:564(سائەت)

 

ئاينۇرى ئۇستاز بار ئىكەنسىز ھە ؟


كەلدى ئۇ نازلىنىپ پەرى مىسالى ،
تەبىئەت ئانىنىڭ تاراپ چېچىنى .
خۇش ھىدى تارىتىپ سېخيلىق بىلەن ،
ئۆملۈكتە پىشۇرۇپ نورۇز ئېشىنى .

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتىۋالىمەن ...

Posted: 2011-03-21 23:39 | 2 -قەۋەت


تۇپراقتىن ئېلىنىپ تۇپراققا قايتتىم
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 940
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 940 نوقتا
پۇل : 9400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:246(سائەت)

 

ئۆملۈكتە پۇشۇرۇپ نۇرۇز ئېشىنى
يەتتە خىل خۇرۇچتا مىھنەتنى قۇشۇپ
قارلارنى پوشپوشلاپ باھارنى چىللاپ
ئەل-ئارا كۆڭۈلگە كۈلكىنى توشۇپ

نوتا

Posted: 2011-03-22 01:39 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 580
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 582 نوقتا
پۇل : 5820 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:70(سائەت)

 

[quote]2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2011-03-21 23:39 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئاينۇرى ئۇستاز بار ئىكەنسىز ھە ؟

شۇنداق مەن بار مۇسلىمە قىز.يېقىندىن خىزمەت ئالدىرازچىلىقى بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم.
Posted: 2011-03-22 12:12 | 4 -قەۋەت


مۇساپىدىن مەنزىلگە
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 745
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 779 نوقتا
پۇل : 7790 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4026(سائەت)

 

ياخشى يېزىپسىز .دېگىنىڭىز توغرا .نورۇز بايرىمى دىنىي بايرام ئەمەس ،مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭمۇ بايرىمى ئەمەس ،پەقەت ئىران ، تۇران مىللەتلىرىنىڭلا ،يەنى پارسىي خەلقلەر بىلەن تۈركى خەلقلەرنىڭلا بايرىمى .

ياخشى ئادەمنىڭ يېشىنى سورىما ، ياخشى ئاتنىڭ چىشىنى سانىما .

Posted: 2011-03-22 16:18 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation