[attachment=60356]
كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى
(سۆھبەت خاتىرىسى)
مۇھەممەد شاۋۇدۇن، پولات ئاماننۇرى
ئىلاۋە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش مەركىزى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 2010-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە «2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى، ئەدىب، كومپوزىتور، ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ھەمدە كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي، بەدىئىي قىممىتى، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان شەخسلەر ھەققىدىكى تەتقىقات مەزمۇن قىلىنغان 37 پارچە ئىلمىي ماقالە چوڭ يىغىن ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىغا قاتناشتۇرۇلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى شائىر، ئالىي مۇھەررىرى، تەتقىقاتچى مۇھەممەد شاۋۇدۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
پولات ئاماننۇرى: سىز تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرى ھەم ئۇزۇندىن بۇيان مەدەنىيەت بولۇپمۇ كۇچا مۇزىكىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدىڭىز. ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: كۇچاشۇناسلىق ئىلمى بىزگە ناتونۇش ئەمەس. بۇ ئىلىمنىڭ ئېلىمىزدە ئېتىراپ قىلىنغىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. بۇ ئىلىم كۇچا تارىخ-مەدەنىيىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. كۇچا مەدەنىيىتى، جۈملىدىن كۇچا خەلق ناخشىلىرى بۇ ئىلىمنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى.
غەربىي يۇرتتىكى تۆت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كۇچا مەدەنىيىتى مىلادىيە 2-، 3-ئەسىرلەردىلا ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، كۇچا غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. كۇچا مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، گۈزەل-سەنئەت، سېرىك، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق قاتارلىق سەنئەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يۈكسەك تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. «مايتىر سىمىت» تەك تىياتىر كۇچادا كەڭ ئومۇملىشىپ، تىياتىرنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان.
بۇ دەۋرلەردە بولۇپمۇ كۇچا مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولغان. كۇچا مۇزىكىلىرى شۇ چاغلاردىكى ئاجايىپ زور مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن غەربىي يۇرت مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. تەرەققىي قىلىپ تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە ياڭراق، يېقىملىق، سېھرىي كامالەتكە ئىگە كۇچا مۇزىكىلىرى ئەل-ئاۋام ئىچىدە قىزغىن ئالقىشلىنىپ، زور داغدۇغا قوزغاپلا قالماي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردىلىرىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئورۇندىلىپ، ئوردىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەندىكىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تاڭ دەۋرىنىڭ شائىرى يۈەن جىن «ليەنچاڭ قەسىرى نەزمىسى» دېگەن شېئىرىدا بۇ ئەھۋاللارنى مۇنداق ئەكس ئەتتۈرگەن:
كەزدى چۈنشۈن بەگ جېمى لياڭجۇ قۇچاقىنى تامام،
قىلدى زەپ ياڭراق كۇچا كۈي-نەغمىسى تىنماي داۋام.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەھەللە، كوچا-كوي، يېزا-قىشلاقلىرىدا كۇچا مۇزىكىلىرى كەڭ تارقىلىپ ئەۋج ئالغان. بۈگۈنكى كۇچا مۇزىكىلىرى جۈملىدىن مۇزىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئەنە شۇ گۈللەنگەن ئىلغار كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. ئەجدادلىرىمىز بۇ ناخشىلارغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى بىيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى يۈكسەك تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلدى. بىز بۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرنىڭ قىممىتىنى ئىلمىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تولۇق تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تېخىمۇ توغرا باھا بېرىشىمىز كېرەك.
پولات ئاماننۇرى: سىزنىڭچە، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى نېمىلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: بۇنى ياخشى سورىدىڭىز. كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە. مەدەنىيەت قىممىتى ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مۇئەييەن مەدەنىيەت شەكلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خاسلىق يەنى بەلگە-ئالامەتلەر. ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزى مەدەنىيەت قىممىتى، بەلكى ئەڭ ماھىيەتلىك مەدەنىيەت قىممىتى ھېسابلىنىدۇ. بىز كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت شەكلىدىكى خاسلىقى، ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەت قىممىتى ئايان بولىدۇ.
ئېلىمىز ئالىملىرى كۇچا مۇزىكىلىرى مىلادى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، كۇچا مۇزىكىلىرى غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى بولغان سۇلى (قەشقەر) مۇزىكىلىرىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن، قوچو مۇزىكىلىرىدىن ئاز كەم ئۈچ ئەسىر بۇرۇن، ياپيان مۇزىكىلىرىدىن ئىككى ئەسر بۇرۇن، ئېۋىرغول مۇزىكىلىرىدىن بەش ئەسر بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان بولىدۇ. «يىپەك يولى ۋە كۇچا تارىخىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى، پروفېسسور سۇ بىخەي مۇنداق بىر يېڭى پاكىتنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا سۇڭ دەۋرىدە ئۆتكەن شىن لياۋ «كۇچا ئۇسسۇلى» دېگەن شېئىرىدا: «كۇچا ئۇسسۇلى خەن دەۋرىدىن باشلاپ نەغمە-ناۋا مەھكىمىسىگە كىردى» دېيىلگەن. ئەگەر بۇ پاكىت پۇت دەسسەپ تۇرالىسا، ئۇ چاغدا كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان ۋاقتى تۆت-بەش ئەسىر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ بويىچە بولغاندا، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان ۋاقتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇزىرايدۇ. يېقىملىق ۋە ياڭراق، باي ۋە گۈزەل كۇچا مۇزىكىلىرى بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتكەن. كۇچا
ناخشا-غەزەللىرى كەڭ تارقىلىپ، قىزغىن ئالقىشلىنىپ، ئەل سۆيگەن يېڭى بىر سەنئەت شەكلىگە ئايلانغان. ھەتتا كۇچا ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىمۇ كۇچا تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. «سۈينامە. مۇزىكا تەزكىرىسى» دە كۇچا ناخشىلىرىدىن «سەن-سەن مېنى سەن»، «سۇلۇۋيىرى» قاتارلىق تۆت
ناخشا تىلغا ئېلىنغان. بەزى مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرى «سەن-سەن مېنى سەن» ھازىرمۇ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «سەن-سەن مېنى سەن، خارابى قىلدىڭ مېنى سەن» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارايدۇ. بۇ ناخشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان ۋاقتى مىلادى 581-681 يىللارغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ھازىرقىدىن 1500 يىل بۇرۇن دېگەن گەپ. تارىخىي كىتابلاردا بۇددا دىنى تۈسى كۈچلۈك دىنى ناخشىلار ۋە باشقا ناخشىلاردىن 100 گە يېقىن
ناخشا خاتىرىلەنگەنلىكىنى بايقىدىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە خاتىرىلەنگەن ناخشىلارمۇ بار. «بېتىڭىز»، «كۆڭۈل سوراڭ پەدىسى»، «كۆڭلىڭىز»، «ياشا يىرى»، «يۆلەن يىرى»، «باتۇر»، «سۇلۇۋ يىرى» قاتارلىق ناخشىلار ئەنە شۇ جۈملىدىن. بۇلار قانداق مەزمۇندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەدىمكى كۇچا خەلق ناخشىلىرى بايلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.
پولات ئاماننۇرى: كۇچا مىڭئۆي رەسىملىرىدە سەنئەت ھەققىدە قانداق ئىزنالار بار؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: كۇچا مىڭئۆيلىرى قەدىمكى كۇچا تارىخي-مەدەنىيەت سارىيى، شۇنداقلا ئۆچمەس تارىخ-مەدەنىيەت ئامبىرى. ئۇنىڭغا تارىخ-مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەسۋىرى ھۆججەت، مەلۇماتلار ئەينەن ساقلانغان. كۇچا مىڭئۆي-رەسىملىرىدە بۇددىزىم دەۋرىدە كۇچالىقلار ئېتىقاد قىلغان كۈن تەڭرى، ئاي تەڭرى، ئوت تەڭرى قاتارلىق سەككىز ئىلاھنىڭ سىرلىق ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كىننارا دېگەن نەغمە-ناۋا ئىلاھىمۇ بولغان. بۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇمات بار: «كىننارا نەغمە-ناۋا ئىلاھى بولۇپ، كۇچا مىڭئۆيلىردىكى كىننارا ئايال ئوبرازىدا سۈرەتلەنگەن. ئۇ چىراي-تۇرقى كېلىشكەن، تامامەن ئادەم سىياقىدا بولۇپ، ئىككى كۆكسى دىڭگىيىپ تۇرىدۇ. ئىككى قولىغا لىنتا ئالغان بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىياپەتنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا، ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ
ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. كۇچا مىڭئۆيلىرىدىكى تەڭرى رەسىملىرىدە كىننارانىڭ ئوبرازى پانى دۇنياغا خاس ئەڭ رومانتىك تۈس ئالغان».
كۇچالىقلار مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ، 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئون نەچچە ئەسىر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان. كۇچا بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. كۇچالىقلار ئېتىقاد قىلغان سەككىز ئىلاھنىڭ قاتارىدا كىننارا دېگەن نەغمە-ناۋا ئىلاھنىڭ بولۇشى كۇچالىقلارنىڭ نەزىرىدە نەغمە-ناۋانىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى مۇقەددەس ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئون نەچچە ئەسىر بۇددا دىنى ۋە بۇددىز مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ، نەغمە-ناۋا ئىلاھى كىنناراغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خەلقنىڭ ئېتىقادى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، ھېچقانداق ئىزناسى قالماي پاك-پاكىزە يوقىلىپ كەتكەن ئەمەس. نەغمە-ناۋانى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس-ئەقىدە قىلىش كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسى، مەدەنىيەت روھى ھالىتىگە تارىخىي ئاڭنىڭ ئۆچمەس تامغىسىنى بېسىپ، قان-قېنىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقان ئۆرپ-ئادىتىگە، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇنىڭ بىراقلا ئۆزگىرىپ ياكى يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يېڭى مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماسلىشىپ، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىللە ئەۋلادمۇ ئەۋلادمۇ داۋاملاشقان، راۋاجلانغان. بۇنى كۇچالىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنىڭ ناخشىغا ھېرىسمەن،
ناخشا-خۇمار،
ناخشا ۋە نەغمە-ناۋانى، سەنئەتكارنى ئۇلۇغلايدىغان، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگىدەك دەرىجىدە ئەتىۋارلايدىغان،
ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىگە ماھىر ئالاھىدىلىكلىرى، روھىي-ھالىتى، مىجەز-خاراكتېرىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. كۇچالىقلار
ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ھاياتلىقنىڭ بىر نىشانىسى، كۆڭۈلنىڭ جۈپتى دەپ ھېسابلايدۇ. كۇچادا سازەندە، ناخشىچى يوق بىرەر بۇلۇڭ-پۇشقاق يوق دېيەرلىك.
كۇچادا ناخشىنى مۇقەددەس بىلىپ ئۇلۇغلايدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار. ئاپام كىچىك ۋاقتىمدە ئېيتىپ بەرگەن بىر گۈزەل رىۋايەت زادى ئىسىمدىن چىقايدۇ. ئۇ رىۋايەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ناخشىنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئەمەس، پەرىشتىلەر يارىتىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە
ناخشا پەرىشتىلەر يارىتىدىغان غايىۋى نەرسە، شۇڭا ئۇ ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. بۇلار مېنىڭچە، كۇچادا
ناخشا-مۇزىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇنى كۇچانىڭ ئەۋزەل مەدەنىيەت بوشلۇقى يەنى مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كۇچانىڭ ئىنتايىن مۇنبەت مەدەنىيەت تۇپرىقى، باي مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى، سەنئەتكارلار ۋە ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى قاتارلىقلار كۇچانى ئىنتايىن كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىغا ئىگە قىلغان. مەدەنىيەت بوشلۇقىنىڭ بىر جاينىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولى چوڭ. بۇلار مېنىڭچە، كۇچادا
ناخشا-مۇزىكا، خەلق ناخشىلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلىشى، خەلق ناخشىلىرى بايلىقىنىڭ ھېچ يەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە ۋە ئىنتايىن مول بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
كۇچا مىڭئۆي رەسىملىرىدە نەغمە-ناۋا،
ناخشا-ئۇسسۇل تەسۋىرلەنگەن ئوبرازلىق كۆرۈنۈشلەر، مەلۇماتلارنىڭ كۆپ بولۇشى يۇقارقى قارىشىمنى تېخىمۇ دەلىللەيدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يۇقىرىقى رەسىملەردىن باشقا بۇددا دىنىگە ئالاقىدار پائالىيەت سورۇنلىرى تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردىمۇ ئاجايىپ سەنئەت داغدۇغىسى ئىپادىلەنگەن. بۇلاردىن باشقا، بەزى داڭلىق كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يۇقارقى پىكرىمىزنى تېخىمۇ دەلىللەيدۇ. ھەممىمىز ئوبدان بىلىدىغان «مىراجىخان» دېگەن بىر كلاسسىك
ناخشا بار. مېنىڭ تەتقىقاتىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناخشىنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 500 يىلدىن ئاشقان. «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ؟» دېگەن
ناخشا ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ
ناخشا يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىغا تارقالغان.
پولات ئاماننۇرى: سىزچە كۇچا خەلق ناخشىلىرى قانداق ئىستېتىك قىممەت ۋە بەدىئىي گۈزەللىككە ئىگە؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: ئىستېتىك قىممەتنىڭ ئادەمنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتى بويىچە ياراتقان بارلىق ئىجادىي ئەمگىكىنى ئوبيېكت قىلىدىغانلىقى بىزگە ئايان. ھەر خىل سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەر خىل ئىستېتىك قىممەت ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىستېتىك قىممەتنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىدىكى غايەت زور رولىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، كىشىلەرنى روھلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئالىيجاناپ ھېسسىياتىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىجادىي تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ. ھاياتلىق پوزىتسىيەسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. قىسقىسى، كىشىنى زوقلاندۇرۇپ، قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.
كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلغار مۇزىكا ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. بۇ نۇقتا ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر 12 مۇقامى تەتقىقاتى توغرىسىدا يېزىلغان ئۇيغۇر، خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىدە بۇ نۇقتا بىردەك ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 1992-يىلى 16-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقاملىرى پائالىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا قىلغان «مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى!» دېگەن مۇھىم سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، تەنتەنە بىلەن مۇنداق دېگەن: «كۇچا مۇزىكىسى ۋەكىللىكىدىكى غەربىي يۇرت مۇزىكىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەڭ تارقالغان ھەم ياپونىيە، چاۋشيەن، ھەتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا، غەربىي ئاسىيا مۇزىكىسىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن»، «تاڭ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى بەك ئەتىۋارلانغان. كۇچا مۇزىكىسى ۋەكىللىكىدىكى غەربىي يۇرت مۇزىكىسى تارىختا شانلىق سەھىپە قالدۇرغان». تەتقىقاتچى جۇ جىڭباۋ: «كۇچا نەغمىلىرى غەربىي يۇرت نەغمىلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان» دېگەن. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا چىن مۇھەببەت باغلاپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەرھۇم سەنئەتكار، مۇقامشۇناس جۇجى ئەپەندى كۇچا مۇزىكىلىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن «كۇچا مۇزىكا مەدەنىيىت ى پۈتكۈل غەربىي يۇرتنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلانغان» دېگەن.
تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر سەيياھ، تاڭ سۇلالىسى راھىبى تاڭ شۈەنزاڭ كۇچادا 60 نەچچە كۈن تۇرغان. 19 يىل جاھان كېزىپ، يۈز نەچچە دۆلەت ۋە ماكاندا ساياھەتتە بولغان بۇ زات شۇ دۆلەتلەر ۋە جايلاردىكى ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئۇسلۇبى بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشاشمايدىغان باي ۋە خىلمۇ خىل مۇزىكا، ئۇسۇللىرىغا كۇچا مۇزىكىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت» دېگەن ئەسىرىدە كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قايىللىق بىلەن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «كۇچا پۈۋلىمە، تارىلىق چالغۇلارنى چېلىشتا باشقا ئەللەردىن ئالاھىدە ئىكەن» دېگەن خۇلاسىغا كەلگەن. بۇلاردىن بىز كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئۇنىڭغا قاراش ۋە باھا بېرىشتە قەدىمدىن ھازىرغىچە بىردەكلىك بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ شۇ قەدەر يۇقىرى باھاغا ئىگە بولۇپ كېلىشى ئۇنىڭ تەرەققىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلغار ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئىلغارلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
1) كۇچا مۇزىكىلىرى شۇ زاماندىلا مۇكەممەل كۈي شەكلى نەزەرىيەسىگە ئىگە بولغان. تاڭ دەۋرىدىلا ئۇنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيەۋى ئاساسىي بولغان. كۇچا مۇزىكىسىنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى چاچما ئۇدارلىق ئاھاڭ ۋە چوڭ نەغمە دېگەن ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. چاچما ئۇدارلىق ئاھاڭ
ناخشا ئاھاڭلىرى، چالغۇ مۇزىكىسى، ئۇسسۇل ئاھاڭلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ناخشا ئاھاڭلىرى ناخشىچىلار بىلەن سازەندىلەرنىڭ ناخشىلىق مۇزىكىسى بولۇپ، مۇستەقىل بىر بۆلەكنى يەنى چاچما ئۇدارلىق ئاھاڭلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
2) كۇچا مۇزىكىلىرى ئەينى ۋاقىتتىلا ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىگە كۆتۈرۈلگەن. كۇچا مۇزىكىلىرىدا چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ سەپلىنىشى يەنى تارىلىق، پۈۋلىمە، سوقما چالغۇلارنىڭ سەپلىنىشى كۈي قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. «سۈينامە. مۇزىكا تەزكىرىسى» دە «كۇچا سازەندىلىرى 20 كىشى بىر ئانسامبىل بولۇپ، 15 خىل ساز چالىدۇ. قەشقەر سازەندىلىرى 12 ئىككى كىشى بىر ئانسامبىل بولۇپ، ئون خىل ساز چالىدۇ. سەنئەتكارلار كىيىنىش جەھەتتە ئاياللار چېكىسىگە
قىزىل يىپەك ياغلىق چىگىپ، گۈللۈك دوپپا كىيىپ، زىننەت بۇيۇملىرى تاقايدۇ. ھەسەن-ھەنسەن رەڭلىك كىيىم-كىچەك كىيىدۇ» دېيىلگەن. كۇچا مۇزىكىلىرىدىكى بۇ ئەۋزەل ئىلغارلىق يەنى ئىستېتىك قىممەتنىڭ يۇقىرىلىقى كۇچالىق مۇزىكا پىرى سۇجىۋانىڭ مۇزىكا نەزەرىيەسىگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۇچا مۇزىكا نەزەرىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئېلىمىزنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. سۇجىۋانىڭ مۇزىكا نەزەرىيەسى 100 يىلغا يېقىن تارقىلىپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئاجايىپ كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئېلىمىزنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
3) كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىغا پەۋقۇلئاددە بايلىقى كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ ئاجايىپ تەرەققىي قىلىپ، زاماننىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مۇھىم ئامىلى. بۇ 28 خىل چالغۇ ئەسۋابى ئىچىدە پەنجىتار، بالىمان، ئۈچ تارلىق بەربەت، رۇۋەنشيەن، نەي، كېشچە دۇمباق، چوڭ دۇمباق، تال دۇمباق، بەل دۇمباق، مىس بۇرغا، سۇنايدىن ئىبارەت 12 خىل چالغۇ ئەسۋابى ئەسلىدە كۇچانىڭ ئۆزىدە كەشپ قىلىنغان بولسا، بەربەت (پىپا)، ئۇرەغوڭقا، سۇمۇرۇغ باشلىق غۇڭقا، گۇجىڭ، شىڭ، قوڭغۇراق، مىس جاڭ، ئۇدار تاختىسى، توكۇلاڭ، داپ، تىزنامەي، بەربەت (ئەگرى دەستىلىك) قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن، بەزىلىرى غەربتىكى ئەللەردىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇلۇپ، كۇچانىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى تېخىمۇ بېيىتىلغان ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، كۇچا مۇزىكا مەدەنىيەتىنىڭ گۈللەپ ياشناپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇلغان.
يۇقارقى ئۈچ ئەۋزەللىك كۇچا مۇزىكىلىرىنى يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينغىان. شۇ سەۋەبتىن كۇچا مۇزىكىلىرى غەربىي يۇرتنىڭ باشقا مۇزىكىلىرىدا يوق ئۆزگىچىلىك، ئەۋزەللىك، يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بولغان. بۇ، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ كىشى قەلبىنى ئىختىيارسىز ئەسىر قىلىپ، ئىنتايىن زوقلاندۇرىدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، ھاياجانلاندۇرۇپ قانلىرىنى ئوينىتىۋېتىدىغان تەسىرى كۈچكە، سېھرىي كارامەتكە ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ يۈكسەك ئىستېتىك قىممىتى بىلەن بىردەك يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئويناق، شوخ، يېقىملىق، گۈزەل ھەم مۇڭلۇق، مەردانە، ئىختىيارسىز كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى ئوت ئالدۇرىدىغان ئاھاڭلىرىدىن قانچە سۆيۈنسەك، ئۇنىڭ تېكىستلىرىدىنمۇ شۇنچە سۆيىنىمىز. بۇنداق بولۇشىنىڭ سىرى نەدە؟ تېكىستلەرنىڭ يۈكسەك بەدىئىي گۈزەللىككە ئىگە بولۇشىدا.
پولات ئاماننۇرى: كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى قانچە تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن؟ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: مېنىڭچە، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۈچ تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. يەنى ئاممىباب ناخشىلار، مەشرەپ ناخشىلىرى، كۇچا سەنىمى ناخشىلىرى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاممىباب
ناخشا ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇنى كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، 1) تارىخىي ئۇزۇن. 2) تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، ئەل ئىچىدە ئومۇملاشقان. 3) كۆپ شاللىنىش، تاللىنىشتىن، ئەل ئاۋامنىڭ، تارىخنىڭ كۆپ خىل سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى بەدىئىي قىممىتىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇڭا، كۇچا خەلق ناخشىلىرى دېگەندە ئالدى بىلەن مۇشۇ خىلدىكى ناخشىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكى مۇشۇ ناخشىلارغا مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭدىنكى بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ ئىپادىلىرى نەدە؟ بىزگە مەلۇم، بەدىئىي گۈزەللىك سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇشنى ئادەتتىكىچە كۈزىتىشى ئەمەس، سەنئەتكارغا خاس نەزەر بىلەن تۇرمۇشنى ئىستېتىك كۈزىتىشى، ئىستېتىك تونۇشى بىلەن تۇرمۇش گۈزەللىكىنىڭ بەدىئىي ئوبرازدا بىرلىككە كېلىشى. بەدىئىي گۈزەللىك رېئال گۈزەللىكتىن تېخىمۇ ئۈستۈن، تېخىمۇ يىغىنچاق، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ تىپىك ۋە غايىۋى بولىدۇ. رېئال گۈزەللىك سەنئەتكارنىڭ توغرا ئىستېتىك يىغىنچاقلىشى ئارقىلىق بەدىئىي گۈزەللىككە ئايلىنىدۇ. بەدىئىي گۈزەللىك بەدىئىي ئەسەرنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل گۈزەللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، تىپىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. بەدىئىي گۈزەللىك چىنلىق، ياخشىلىق بىلەن بىردەك. بەدىئىي گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك تەلىپىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئاپتاپتەك ئاي يۈزۈڭگە،
تال چىۋىقتەك بويلارىڭگە،
شايى رومالىڭ بولاي.
بۇ ئادەتتىكىچە نەزەر بىلەن يارنى كۈزىتىش ئەمەس، سەنئەتكارغا خاس نەزەر بىلەن ئىستېتىك كۈزىتىش، ئىستېتىك تونۇشنىڭ تۇرمۇش گۈزەللىكى بىلەن يىمىرىلىپ بەدىئىي ئوبرازغا ئايلىنىشى.
ئاسمىنىڭدا ئاي بولۇپ،
جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم.
پىيالەڭدە چاي بولۇپ،
لەۋلەرىڭنى كۆيدۈرسەم.
يۈرەكىم چاڭ-چاڭ بولدى،
لىۋىڭدىن سۇ ئىچەي يارىم.
ئۆتەر يولۇڭغا باش قويۇپ،
ئەجەل يەتسە ئۆلەي، يارىم.
بۇنىڭدىكى ئاجايىپ بەدىئىي گۈزەللىك كىشىنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،
باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
جاپانى چەكمىگەن ئاشىق،
ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.
بۇ بىزگە پەلسەپىۋى پىكىر قىلىشقا ماھىر بىر دانىشمەن مۇتەپپەككۇرنىڭ تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك، تەسىرلىك ھېكمەتلىرىدە بىلىنىدۇ. كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكى چوڭقۇر تەتقىقات تېمىسى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۇچا مۇزىكا-ناخشىلىرى يۈكسەك مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىلغارلىقى بىلەن دەۋر، يۇرت ماكان، مىللەت دائىرىسىنىڭ ھالقىپ كەتكەن.
كۇچا خەلق ناخشىلىرى ھەقىقەتەن مەدەنىيەت خەزىنىمىزنىڭ بىباھا گۆھىرى، كۇچالىقلارنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ئۇ بىزنىڭ تەۋەرۈك بايلىقىمىز، بايرىقىمىز، كۇچا مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تىپىك ماركىسى.
2010-يىلى 6-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى؛
مەنبەسى:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى.