ئاساسىي تېما : ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ...(مەن ھايات)ئاۋاتلىقى:117ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:41(سائەت)

 ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ...(مەن ھايات)




مۇش كۈنلەردە قولاشمىدى ئىشلىرىم،
گۆشلەرنىمۇ  چاقالمىدى  چىشلىرىم،
خۇمداندىنمۇ پىشماي چىقتى خىشلىرىم،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.

سەھەرلەردە سايرىمىدى بۇلبۇلۇم،
سېنى ئېلىپ كېلەلمىدى دۇلدۇلۇم،
كۆزۈمگىمۇ كۆرۈنمىدى يۇلتۇزۇم،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.

باھارىممۇ  زىمىستانغا  ئايلاندى،
ئوۋلىرىممۇ  بىراۋلارغا  جايلاندى،
گۈللىرىممۇ سەن بولمىغاچ خارلاندى،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.

مۇھەببەتمۇ ماڭا كۈلۈپ باقمىدى ،
قىلغانلىرىم كۆڭلۈڭگە ھىچ ياقمىدى ،
بىلەلمىدىم يارىڭ مەندىن ئاقمىدى،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.

ئاتقان ئوقۇم نىشانلارغا يەتمىدى،
كۈلپەتلەر ھىچ مېنى ئەگىپ كەتمىدى،
كۈتتۈم لىكىن ئۇچۇرلىرىڭ  كەلمىدى،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.

نىم بولغاندۇ ساڭا زادى بىلمىدىم،
ئۇزۇن بولدى قاقاقلاپ بىر كۈلمىدىم،
ئازاپلاندىم-ئەمما لىكىن  ئۆلمىدىم،
ھايات مەندىن يۈز ئۆرىگەن ئوخشايدۇ.
مەنبە- ئۆزەم
سەمىمى  ئەسكەرتىش
شئېرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز  باشقا  مۇنبەرلەرگە يوللىماڭ ياكى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ!
ھەر بىر پارچە شئېرلىرىمدا نۇرغۇن كەچۈرمىشلىرىم ھەم شىرىن ئەسلىمىلىرىم  بار!
Posted: 2011-03-16 22:41 | [پۈتۈكچى]


ئۈتمۈشنى ئۇنتۇش خىيانەت،بۈگۈننى ئۇنتۇش جىنايەت
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 490
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 490 نوقتا
پۇل : 4900 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:73(سائەت)

 

ئەگەر سەن ھاياتقا كۈلۈپ باقساڭ،
ھاياتمۇ ساڭا كۈلۈپ باقېدۇ،
مەنىلىك دەپ بىلسەڭ ئۈتكەن كۈنۈڭنى،
جۇدۇنلۇق كۈنلەرمۇ ساڭا ياقېدۇ،

دېمەككى،بۆرە قان ئېچسە سۇراق يوق،
بېراق قويغا مە دېمەككە ھوقوق يوق.

Posted: 2011-03-17 02:26 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 884
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 885 نوقتا
پۇل : 8850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:932(سائەت)

 

بۇ ھايات مەندىنمۇ يۈز ئۆرىدىمىكىن  دەپ قالىمەن بەزىدە

سزنى ياخشى كۆرىمەن جېنىم

Posted: 2011-03-17 13:53 | 2 -قەۋەت


ئۇماق  پەرشتە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 599
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 599 نوقتا
پۇل : 5990 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:225(سائەت)

 

مەندىن  يۈز ئۆرىگىنىنى  بىلىپ  بولدۇم  ،  ھايات  نىمە  دىگەن  رەھىمسىز  ....  ھەممە  نىمەمنى مەندىن  تارتىۋالدى  بەزىدە  ئۆمۈتسىزلىنىپ  يىغلاپمۇ  كىتىمەن  ، ھاياتتىن  زېرىكىپمۇ  كىتىمەن  ..... ھەي .....  دەي  دىسەم  گەپ  تولىكەن      بولدى  ئارتۇق  گەپ  قىلماي ....  تېمىڭىزغا  رەھمەت 

ئۆزۈڭنى  قەدىرلە  ئۆزگىنى  ھۆرمەتلە...

Posted: 2011-03-17 14:33 | 3 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 2141
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2147 نوقتا
پۇل : 21470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1354(سائەت)

 

ھاياتلىق شۇنداق رەھىمسز گاھىدا.. 

كۈنلەر ئەلبومىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يىللارغا نەزەر.....

Posted: 2011-03-17 16:06 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1969
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1969 نوقتا
پۇل : 19690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:177(سائەت)

 

ئادەم تۈز يولدا مىڭىۋەرسىمۇ ئىچى سىقىلىپ كىتىدۇ،،،،،

كۆكرەگىم سۈبھى پىراھانىدىن چوكراق،
كىرپىگىم شەبنەم تۆكۈلگەن سەبرەدىن نەمناكراق.

Posted: 2011-03-17 21:31 | 5 -قەۋەت


تۈركىلەر ئىتپاقلىشايلى!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
ھەسرەت چەكمە بولما پەرىشان.
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قوۋناق كۈنلەر كېلىدۇ ھامان.

مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان.
كېتەر ئۆتۇپ ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بولۇر قەدىردان.

پۇشكىننىڭ بۇ شېئېرى بىزنى ھايات ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ.

بىز ھەممىمىز بىر مىللەت تۈركىي مىللەتلەر!

Posted: 2011-03-18 13:31 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation