ئاساسىي تېما : ماڭا تىگەمسىز ياكى دۇنياغىمۇئاۋاتلىقى:307ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:نۇر ئەلچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 4599
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 4602 نوقتا
پۇل : 46020 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:545(سائەت)

 ماڭا تىگەمسىز ياكى دۇنياغىمۇ

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن مىللەت ۋە ئىللەتدىن يۆتكەلدى.(2011-03-16)
[attachment=60319]
رەسىم:

توي تەييارلىقى ئالدىراشچىلىقى بىلەن بۇ كۇنلەر بەك تېزلا ئۇتۇپ كەتتى،توۋا مەن بۇگۇن <قىزىل قەغەز گە >بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن،مەن ئايگۇلگە دەرھال تېلىفۇن قىلاي .ئۇ بەلكىم مىنى يەتكۈچە تىللاۋاتقاندۇ؟-مەن شۇنداق تېزلىكتە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم.ئاپلا!ماۋۇ قېيىشقاندەك تېلفۇنۇم توختاپ قاپتۇ يا!
نەدە ماگزىن باردۇ؟ئەمدى مەن ماشىنىغا دەرھال ئولتۇرۇپ ئايگۈلنىڭ يىنىغا ماڭاي.تاكسي..ھەي تاكسي...
مەن ئالدىمغا قاراپ يۈگۈردۈم.مانا ئەمدى بىرى چىقتى تاكسىدىن.مەن ماشىنىغا چىقىپ ئۇدۇل ،قىزىل قەغەز كىسىش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم.ئىچىمدە مۇنۇلارنى ئويلاپ بىرخىل بوپ قالدىم.ئەمدى خەتنى ئالسام ،بىراقلا چوڭلا ئادەم بوپ قالغۇدەكمەن،ئايگۈل بىلەن سوغۇقلاردا كۆرۇشۈپ بىر-بىرىمىزگە تويماي خوشلۇشۇپ كىرىپ كىتىدىغان كۈنگە خاتىمە بىرىلىدىغان بولدى.بولدىلا خىيال قىلماي،مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى نىكاھقا تۇتىشىدىغان گەپكەن.مەن شۇ خىيال بىلەن ئۇ يەرگىمۇ كەپ قالدىم.تاكسي شوپۇرنىڭ پۇلىنى بېرىۋىتىپ ،ئۇيەرگە كىردىم.
ھۇي ،ئايگۇل مەندىن بۇرۇن كىلىپ بۇلىشى كېرەكتىغۇ؟نەگە كەتكەندۇ؟مەن قىزىل قەغەز كېسىش ئورنىدىكى ئايالدىن سورىدىم.
-ھەدە بايام بىر قىز كەلگەنمىتى؟مەن سەل ھايال بوپ قاپتىمەن.ماۋۇ سۆرەتتىكى قىزچاق-دەپ قۇلۇمدىكى قەغەزگە چاپلايدىغان ئايگۈلنىڭ رەسىمىنى ئۇ ئايالغا سۇندۇم.

-ياق،بۇنداق قىز كەلمىدى.كەلگەنلەرمۇ كۆپ ئەمەس،سىز تېلفۇن قىلىپ بىقىڭ.بىزمۇ يەنە بىرسائەتتىن كىيىن ئىشتىن چۇشىمىز ئۇكام.-دەپ ماڭا ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلىفۇننى ئىتتىرىپ بەردى.مەن رەھمەت ئېيتىپ ئايگۈلگە تېلفۇن قىلدىم.ئەمما تېلفۇننى ئۇ ئەمەس ،باشقا بىر ئايال ئالدى.

-ۋەي،كىمنى ئىزلەيسىز؟

-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مەن ئايگۈلنى ئىزلەيتىم-چاقىرىپ قۇيارسىزمۇ؟

-بۇلىدۇ،ئايگۈل.....ھۇي ئايگۈل.....بۇلىڭە خان، سىزنىڭ تېلفۇنىڭىز ئىكەن.بىر يىگىتتىن كەپتۇ.<ئۇنىڭ چاقىرىشىدىن يەڭگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. >

-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!ئايگۈل -بۇ ،مەن. نىمىشقا دىيىشكەن جايغا بارمىدىڭىز؟

-بارمىدىم،سىز مىنى شۇنداق ئالداي دىگەنما؟-ئۇنىڭ بۇگەپلىرىدىن رەنجىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

-نىمە بولدى؟سىزنى قانداق ئالدايمەن.مەن مۇشۇ يەردە سىزنى ساقلاۋاتىمەنغۇ.تېز كىلىڭ!

-ياق .بارمايمەن،سىز مىنىڭ گۈدەكلىگىمدىن پايدىلىنىپ، خەتنى بالدۇر ئالايلى دەپ ئويلاپتىكەنسىز.مەنچۇ تويلۇقنى كۆرۇپ بۇلۇپ ئالساممۇ ئۈلگۈرىمەن.قىز بالا تويلۇق مىلى بىلەن كىشلەر ئالدىدا ئابرويلۇق ئۇيىدىن چىقىدۇ،سىز مىنى سەھرالىق دەپ ياراتماپسىزدە؟سەھرالىق بولساممۇ ،مىنىڭ بىر كىشلىك شەھەردە مۇقۇم خىزمىتىم بار، خىلى تەربىيە كۆرگەن قىزمەن.ئانام-داداملارمۇ،يېزا كادىرلىرى .باشتا تويلۇقنى كۆرەي ئاندىن ئالايلى.خوش.-ئۇ شۇنداق دەپلا تېلفۇننى بىسىۋەتتى.

مەن ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم،ئارقىدىن ئۇلاپ ئۇراي دىسەم ئۆزۇمنىڭ تېلفۇنى بولمىغاچقا ئامالسىز قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن سالپىيىپ قايتىپ چىقتىم.ئۇ يەردىكى ئايالمۇ چۈشەندى بولغاي بىرئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى.
مەن بىردەسسەپ ئىككى دەسسەپ،مۇشۇ ئورۇن ئەتىراپىدىكى،ئاممىۋى تېلىفۇنخانىگە كەلدىم.ئۇ يەردىن يانفۇنۇمغا پۇل قاچىلاپ بۇلۇپ خالىيراق جاينى تاپتىم-دە يەنە تېلفۇن قىلدىم.


-ۋەي ،يەنە ئىش بارمۇ؟بەك چاققانكەنسىز ھە؟بىردەمدىلا ئىچىپسىز يانفۇنىڭىزنى...

-ھەئە،ئايگۈل ئەتىراپىڭىزدا ئادەم بارمۇ؟بولمىسا خالىيراق جايغا ئۈتۈڭە،گىپىم بار سىزگە.

-ۋاي قىشىمدا ھىچكىم يوق.دەۋىرىڭ قۇلقۇم سىزدە،-ئايگۈل ھىچقاچان بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلمايتى.

-ئەمسە ياخىشى،دىدىم-نىمانداق گەپ قىلىسىز؟سىزنى كىم ئالداپتۇ؟تويلۇق دىگەننى چايدا ئاپىرىپ كۆرسىتەمىز.سىزگە بەرگەن 15000يۈەن يەتمەمدۇ؟شۇنىڭ ئىچىدە ھەممە جابدۇقلارنى ئالىمەن دىگەنتىڭىز،چوڭلارنىڭكىنى چايدا ئاپارمامدۇ؟نىمانداق قىلىسىز بۈگۈن!-بەك ئاچچىغىمدا سۆزلەپ كەتتىم.

-قەيسەر ئۇنداق دەپ كەتمەڭ،ھەممە يەردە بار قائىدە ئۇ!شۇ پۇلغا ماڭا تىگىدۇ دىگەنما؟ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسى قانچە بىلەمسىز؟سىز بىلەن ياخشى يۈرگەننىڭ يۈزىنى قىلمىسام يۈزۈڭىزگە ئىتىپلا بىرەتتىم.

-نىمە؟نىم دەيسىز!يۈزۈمگە ئاتقۇدەك بوپ كەتتىڭىزمۇ؟مەن نىمە قىلغان سىزگە!توينىڭ ئىشىنى ئۆزىڭىز ئالدىراتقان،ئەمدى ماڭا نىمىشقا بۇنچە قاتتىقلىق قىلىسز؟ياخشى گەپ قىلدىڭىز ئايگۈل.ئەمدىچۇ بىرىپ زۇڭتۇڭنىڭ ئوغلىغا تىگىڭ!

-قەيسەر تۇلا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ!زۇڭتۇڭنىڭ ئوغلىغا تەككۈچىلىگىم بار،گەپ قىلمىسام نىمە دەيدۇ ماۋۇ!

ئايگۈل شۇگەپنى قىلىپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى،مىنىڭ مىڭەم زىڭىلداپلا كەتتى.بىرھازا تاماكىنى بۇلىشىغا زورلاپ شوراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.ھەي..نىمە قىلارمەن توي قىلىمەن دەپ!ئەمدى ئۆيدىكىلەرگە نىمە دەرمەن؟كىچىك چاينى ئەكىرىپ بولغان تۇرساق.ئايگۈلنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ياخشى ئەمەسمىدۇ-يا؟
يەنە بىر ئۇرۇپ باقايچۇ؟ئۇغۇل بالا بولغان گۇنامۇ نىمە؟قىزلارنىڭ رايىغا بىقىپ يالۋۇرۇپ .توۋا!
بۇ قىتىم ئايگۈل تېلفۇننى بەك تەستە ئالدى.

-ۋەي،يەنە نىمە گەپ!مىنىچۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئوغلىغا تەگ دەۋاتقانغۇ؟

-ئايگۈل تەتۈرلۈك قىلماڭ!سىز ماڭا تىگەمسىز ياكى دۇنياغىمۇ؟دەڭە شۇنى..

-مەنچۇ سىزگىمۇ دۇنياغىمۇ تىگىمەن،ھازىر پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن.

مەن بۇگەپنىڭ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم.بوپتۇ، دۇنياغا تويغۇزۇپ قۇياي.تويدىن كىيىن مىنىڭ بۇلارسەن -خەپ!دەپ،ئىچىمدە ئېغىر تىنىۋەتتىم.

-ئايگۈل ،ئەمسە بايامقى گەپلەردىن رەنجىمەڭ!مەندىن ئۆتتى...چوڭ چايدىن كىيىن قەغەزنى ئالايلى...

-بۇلىدۇ،چاي كىرىپ بولغاندا دىيىشەيلى،خوش ئەمسە.

مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەقەت كۈتۈرەلمىسەممۇ،ئامالىم قانچە؟بىردەمدىلا قىزغىن مۈھەببىتىم ،نەپىرەتكە ئايلانغاندەك بولدى.

ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ئانام مىنىڭ پەرىشان ھالىمنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا يىنىمغا كەلدى.

-ئوغلۇم نىمە بولدى؟نەگە باردىڭ؟ھەراس خەت ئالدىڭلارمۇ؟مەن ئۇ خانغا ئۈزۈك تەييارلاپ قويغانتىم.خەتكە ئۈزۈك سالىسەن ئەمەسمۇ بالام.

-ئانا بولدى،گەپ قىلماڭ.چايدىن كىيىن ئالىدىغان بولدۇم.
ئاناممۇ چۈشەندىمۇ ياكى كەيپىياتىمنىڭ، ناچارلىقىنى بىلىپ قالدىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.مەن ھۇجىرامغا كىرىپ كەتتىم.كارۋىتىمغا ئولتۇرۇپ ئويلاندىم،توۋا !ئايگۈل ھەجەب ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ يا-بىرنەچچە كۈن كۆرمىسەم.ئۇنىڭغا بىرەر توي قىلغان دوسلىرى بىرنىمە دىدىمۇ-يا؟مەن شۇ خىيال بىلەن ئولتۇرغاندا دوستۇم كامىل كىرىپ كەلدى.ئۇ ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى.

-ئاداش مۇبارەك بولسۇن!خەت ئالدىڭمۇ؟بۈگۈن ئولتۇرامىز-ھە؟
-ياق ئالمىدىم.چايدىن كىيىن ئالىدىغان بولدۇق.
-نىمە؟نىمىشقا ئەمدى،تۆنۈگۈن دەۋاتقانتىڭغۇ؟

مەن ئۇنىڭغا بىرەر قۇرسۆزلەپ بەردىم،ئۇ ھەيرانلا قالدى. مەنمۇ ئارتۇق سۆزلىمەي گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دىدىم.

-ئاداش ،بوپتۇ چايدىن كىيىن ئالغىن.قاچان ئالساڭ ئوخشاشقۇ؟ئەمسە ،مەن چىقاي ئارام ئالغىن-ئۇ شۇنداق دەپ كەيپىياتىمنى توغرا چۈشەنگەندەك چىقىپ كەتتى.


مانا بىر ھەپتە ئۆتتى،ئۇمۇ تېلفۇن قىلمىدى-مەنمۇ ئۇرمىدىم.بۇرۇن مەن ئۇرمىساممۇ ئۇ ماڭا نەچچەرەت ئۇرۇپ بۇلاتتى. بۇ قىتىم ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپتۇ.
ئانام ماڭا ئەتە چاي ئاپىرىدىغانلىقمىزنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى تاپىلىدى.مەن مىڭ تەستە ئۆزەمگە تەسەللىي بىرىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم.

-ئايگۈلمۇ؟ئۆيدىكىلەر ئەتە چاي ئىلىپ كىرىدىغان بوپتىكەنغۇ؟شۇنى دەپ قۇياي دىگەنتىم،ئۆزىڭىز ياخىشى تۇرغانسىز؟ئۇزۇن بوپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا پاراڭلاشمىغىلى.

-ھە.ئومدان تۇردۇم.بىزمۇ بىلەتتۇق ،ئۈيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئەتە كىرىدىغىنىنى.كىچىك چايدا پۈتۈشۈپتىكەن.
مەنمۇ ئالدىراش بوپ كەتتىم،تويلارنىڭ كۆپلىگىدە.بۇلىدۇ-ئەمسە،ئەتە كەچتە پاراڭلىشارمىز،خوش.

مەن تىلىفۇننى تۇتۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ بۇ گىپىگە قاراپ ئاچچىغىمدا ،بولدىلا دەپ چاينى قايتۇرۋالايلىمكىن دەپ ئويلىدىم -دە،ئانامنىڭ يىنىغا چىقتىم.
قارىسام يىراقتىكى تۇققانلار جەم بۇلۇپ داستىخان رەتلەۋىتىپتۇ.ئۇلارنىڭ قېزغىنلىقىغا قاراپ كۆڭلۈم لەسسىدە بولدى

مانا چايمۇ تۈگەپ،ئۆيدىكىلەر قاپاقلىرى تۈرۈلگەن پىتى قايتىپ كەلدى.مەن ئۇلارنىڭ بۇ تۇرۇقلىرىنى كۆرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قاراپ قالدىم.ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ئانامنىڭ سىڭلىسى بۇزدى.

-بالام قەيسەرجان،سەن شۇنچىلىك قىز تاپالماي قالغانمۇ؟ھەجەپ بىر ئائىلىنىڭ قىزىنى ئالىمەن دەپ قاپسەن!

-نىمە بولدى كىچىك ئاپا؟گەپنى ئۇچۇق دەڭە.

-نىمە بۇلاتتى،بىچارە تۇل ئاناڭنىڭ تاۋىقى قۇدىلارغا يارىمىدى.كام يەرلىرىنى تۇلۇقلاپ ئەتە ئاپىرىپ بىرىدىغان بۇلۇپ قايتىپ كەلدۇق.

-ھە!نىمە دەيسىلەر،بولدى بۇ توينى قىلمايمەن!بۇنداق توينىڭ ئاقىۋىتى قانچىلىك بولماقچىتى.

مەن شۇگەپنى قىلدىم يۇ ،ئانامنىڭ يالۋۇرۇشىغا قارىماي،تالاغا يۈگۈرۈپ چىقتىم.ئەمدى ئايگۈلگە تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرسام،ئۇنىڭدىن ماڭا كەلدى.

-ۋەي،تىچلىقمۇ؟

-بەك تىچلىق!ئەكەلگەن تاۋاق شۇمىتى؟مەنچۇ سىزگە ئالدانغىلى تاسلا قاپتىمەن!خەتنى ئالمىغىنىم ياخشى بوپتىكەن،ئەتە تاۋاقنى ياخشى تۇلۇقلاپ ئەكەلسۇن.

-نىمە دەيسز؟مەنچۇ سىزگە تاۋاق توغۇرلۇق مەسلىھەتىم يوق.بۇ توينى قىلمايمەن!خەتنىمۇ ئالمايمەن.ئەمدى كىمگە تەگسىڭىز تىگىڭ!مەن ئانامنى قېيناش بەدىلىگە ئېرىشكەن ،سىزنىڭ ساختا مۇھەببىتىڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن.مەنمۇ تۇلۇق چۈشەندىم سىزنى،
بىز ئايرىلىپ كىتەيلى!ئاپارغان تاۋاق قالسۇن،پۇلنى ياندۇرۋىتىڭ.
ئەمدى دۇنياسى كۆپ بايغا تەككىن.ساڭا بەخىت يار بولسۇن!

-نىمە دەۋاتىسىز قەيسەر؟ماڭا مۇنداق قىلماڭ،بولدى مەن دىمىگەن بۇلاي-بۇلامدۇ؟
ئۇ مىنىڭ ئەلپازىمدىن چۈچۈدىمۇ ياكى پۇشايمان قىلدىمۇ؟ئىشقىلىپ ماڭا يالۋۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
بىراق مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۈھەببەت ئەمەس نەپىرەتلا قالدى.

مەن ئۇنىڭ يىغلاشلىرىغا ،ئانامنىڭ-دوسلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي ،بۇ رەھمسىز مۇھەببەتنى يۇلىغا سىلىپ قويدۇم. كىيىن ئاڭلىسام ،ئۇ بىر ئەمەلدارنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلىغا تىگىپتۇ.

تۇگىدى مەنبە:كۆڭۈل.

ئاياللار ھايالىقى بىلەن گۈزەل،سەۋرچانلىقى،قانائەتچانلىقى بىلەن بەخىتلىكتۇر

Posted: 2011-03-16 21:43 | [پۈتۈكچى]


ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە مىللەت ئۆزگەرمەس !
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 174 نوقتا
پۇل : 1740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

بۇرۇن  « سىز » گە  تىگەتتى ، لېكىن    راستىمنى  ئېيتسام  ھازىر  بىرنىمە  دىيەلمەيمەن ....

ھەقىقىي ئۇيغۇردەك بولغىن !

Posted: 2011-03-17 01:03 | 1 -قەۋەت


چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 50
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 50 نوقتا
پۇل : 500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:9(سائەت)

 

ھەي توۋا... ماۋۇ قىزنىڭ قىلىغىنى....

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-03-17 01:21 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 11
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 11 نوقتا
پۇل : 110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6(سائەت)

 

چوشقا               
Posted: 2011-03-17 03:14 | 3 -قەۋەت


بەخىتلىك بولاي دەيمەن ئەمما تەغدىرىم يول قويمايدۇ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 913
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 915 نوقتا
پۇل : 9150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:736(سائەت)

 

ئۇقانداق ئائىلىنىڭ قىزىبولغىيتى توۋا ،مەن يىگىتىمنىڭ مال دۇنياسىنى،
تەلەپ قىلمايمەن بەلكىم  ئۇنىڭ ئىمانى، ئىتقادى، ھەم ماڭابولغان چىن سۆيگۈسىنى تەلەپقىلىمەن .

شۈكرى ئاللاھ  سەن ھەرۋاقىت مىنىڭ يىنىمدا................................

Posted: 2011-03-17 11:52 | 4 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 817
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 817 نوقتا
پۇل : 8170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:623(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى كەپسېز قېز نىڭ 2011-03-17 11:52 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئۇقانداق ئائىلىنىڭ قىزىبولغىيتى توۋا ،مەن يىگىتىمنىڭ مال دۇنياسىنى،
تەلەپ قىلمايمەن بەلكىم  ئۇنىڭ ئىمانى، ئىتقادى، ھەم ماڭابولغان چىن سۆيگۈسىنى تەلەپقىلىمەن .

قىزلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولغان بولسا دۇنيا نىمە دىگەن گۈزەل بولغان بولاتتى ھە!!!!!!

ئۇ دىدى:تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم:شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار.

Posted: 2011-03-17 12:30 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1969
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1969 نوقتا
پۇل : 19690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:177(سائەت)

 

يەنە شۇ ئالتۇننىڭ گېپى،،،،ھەي،،ئالتۇن،،ھەي ئالتۇن،،،،.

كۆكرەگىم سۈبھى پىراھانىدىن چوكراق،
كىرپىگىم شەبنەم تۆكۈلگەن سەبرەدىن نەمناكراق.

Posted: 2011-03-17 21:54 | 6 -قەۋەت


چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 50
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 50 نوقتا
پۇل : 500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:9(سائەت)

 

كەپسىز قىز! گېپىڭىز راستما؟

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-03-23 19:20 | 7 -قەۋەت


سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ ،خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ .
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:15(سائەت)

 

ھەممە  قىزلار  ئاشۇ  كەپسىز  قىزدەك  ئويلىسا    نىمىدىگەن  ياخشى  بولاتتى

دۇنيادا ھىچقانداق ئادەم سىنىڭ كۆز يېشى قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ، ئەرزىيدىغان ئادەم سىنى ياش تۆككۈزمەيدۇ.

Posted: 2011-03-23 19:48 | 8 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation